• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » نېمە ئۈچۈن تۆمۈر ئېلېمېنتى تۇرغۇن يۇلتۇزنى ۋەيران قىلالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۆمۈر ئېلېمېنتى تۇرغۇن يۇلتۇزنى ۋەيران قىلالايدۇ؟

تەرجىمىدە زەفەرجان

ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى بىر نەچچە مىنۇتتا، ئالەم ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە زىچلىققا ئىگە بولۇپ، ھىدروگېن بىلەن گېلىي ئېلېمېنتى مۇشۇ مەزگىلىدە زور مىقداردا ھاسىل بولغان. ھالبۇكى، بوشلۇق تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ئالەمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە زىچلىقى تېز تۆۋەنلىگەن، دەسلەپكى يادرونىڭ بىرىكىشى زور مىقداردىكى ھىدروگېن، گېلىي ھەمدە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى لىتىي ۋە بېرىللىينى ھاسىل قىلغان، لېكىن باشقا تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنتلارنى ھاسىل قىلالمىغان.
بەدىنىمىزدە نۇرغۇن ئېغىر ئېلېمېنتلار بار، مەسىلەن، كاربون، ئوكسىگېن، تۆمۈر ھەمدە تۆمۈردىنمۇ ئېغىر مىس، يود قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. ئۇنداقتا، بۇ ئېلېمېنتلار قانداق پەيدا بولغان؟

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بەختكە يارىشا تۇرغۇن يۇلتۇز بار بولغاچقا، بولۇپمۇ چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇز بار بولغاچقا يەر شارى ھاياتلىققا ئىگە بولغان. ئالەملىك چوڭ پارتلاشتا زور مىقداردا ھىدروگېن ۋە گېلىي گازى تۇمانلىقى پەيدا بولغان، ئالەم يېتەرلىك سوۋۇغاندىن كېيىن، ئۇلار تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تارىيىپ تۇرغۇن يۇلتۇزنى شەكىللەندۈرگەن. ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز قىسىشى بىلەن، يادرولۇق رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى ئۆرلەپ، ھىدروگېن ئاتوم يادروسى يېتەرلىك يۇقىرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت كۈچىنىڭ يەكلەش رولىنى يېڭىپ، سوقۇلۇش يۈز بېرىپ، گېلىي ئاتوم يادروسىنى ھاسىل قىلغان. ھىدروگېن يادروسىنىڭ بىرىكىشى بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولۇپ، بىزنىڭ قۇياشىمىز ھازىر دەل مۇشۇنداق باسقۇچتا تۇرماقتا .

تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يادروسىدىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتى خوراپ تۈگىگەندىن كېيىن، يادروغا يىغىلغان گېلىي ئېلېمېنتى ئۈچ گېلىي جەريانى ئارقىلىق ئۆزئارا سوقۇلۇپ كاربون ئېلېمېنتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كاربون يەنە گېلىي بىلەن بىرىكىپ ئوكسىگېننى ھاسىل قىلىدۇ، ئوكسىگېن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ گېلىي بىلەن بىرىكىپ نېئوننى ھاسىل قىلىدۇ. ئالەمدىكى قۇياشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا نىسبەتەن، يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى پەقەت مۇشۇ دەرىجىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كېيىن كېڭىيىپ قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يادروسى غۇلاپ چۈشۈپ زىچ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.

لېكىن ماسسىسى قۇياشنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولغان چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا نىسبەتەن، تارتىشىش كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، يادرو تېمپېراتۇرىسى ئۈچ مىليارد گىرادۇسقا ئۆرلەيدۇ، ئۇلار سىلىتسىيلىق يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىنى قوزغىيالايدۇ. بۇ جەرياندا گۈڭگۈرت، ئارگون، كالتسىي، تىتان ۋە خروم قاتارلىق ئېغىر ئېلېمېنتلار ئارقا-ئارقىدىن ھاسىل بولىدۇ.
ئەمما، سىلىتسىينىڭ كۆيۈش جەريانى چەكلىك بولۇپ، چەكسىز ھالدا تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنت ھاسىل بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ جەرياننىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئادەتتە پەقەت بىر كۈنلا بولىدۇ. چۈنكى، تۇرغۇن يۇلتۇزلار قاتىلى تۆمۈر ھاسىل بولغان ھامان، پۈتكۈل يادرو بىرىكىش جەريانى ناھايىتى تېزلا ئاياغلىشىدۇ.

تۆمۈردىن ئىلگىرىكى ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىش ئېنېرگىيەسى پروتون سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي چوڭىيىپ، ئاتوم يادروسى بارغانسېرى مۇقىملىشىدۇ. بۇ ئېلېمېنتلاردا يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنتلارنى ھاسىل قىلىپ، ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ، شۇڭا يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ۋاھالەنكى، ئەڭ چوڭ بىرىكىش ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولغان تۆمۈرنىڭ ئاتوم يادروسىدا يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە سۈمۈرۈلگەن ئېنېرگىيەدىن كۆپ بولمايدۇ، شۇڭا تۆمۈر يادروسىنىڭ بىرىكىشى ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدۇ.

ئەگەر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى ئېنېرگىيەنى تۆمۈر يادروسىنىڭ بىرىكىشى سۈمۈرۈۋالسا، رادىياتسىيە بېسىمى تېز تۆۋەنلەپ، تارتىش كۈچىنىڭ غۇلاپ تارىيىش ئېففېكتى يېتەكچى رول ئوينايدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، يادروسى تارتىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۇرغۇن يۇلتۇزنى پارتلىتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش جەريانىدا غايەت زور ئېنېرگىيە ۋە ئەركىن نېيترون قويۇپ بېرىلىدۇ، تۆمۈر ئاتوم يادروسى نېيتروننى ئولجا ئېلىپ، مىس، يود قاتارلىق ئېغىر ئېلېمېنتلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ھەتتا ئۇرانغا ئوخشاش ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئېلېمېنتلار (يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نېيترون يۇلتۇزنىڭ سوقۇلۇشىمۇ ئېغىر ئېلېمېنتلارنى پەيدا قىلىدىكەن) مۇ ھاسىل بولىدۇ. گەرچە تۆمۈر ئېلېمېنتى تۇرغۇن يۇلتۇزنى ۋەيران قىلسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنتلارنى ھاسىل قىلغان، بۇ يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

تۆت مىليارد 600 مىليون يىل بۇرۇن، قۇياش ئەتراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى ئېغىر ئېلېمېنتلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قۇياشنى شەكىللەندۈرگەن. بەدىنىمىزدىكى ئېغىر ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، «ھەممىمىز يۇلتۇز توزانلىرى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەنە شۇ يەردە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top