• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ھىندىستاننىڭ ئالتۇن مىقدارى نېمىشقا ھۆكۈمەتكە يۈك بولۇپ قالدى؟

ھىندىستاننىڭ ئالتۇن مىقدارى نېمىشقا ھۆكۈمەتكە يۈك بولۇپ قالدى؟

تەرجىمىدە جۇشقۇن

ھىندىستان دۇنيادا نامى چىققان ئالتۇننى ئىلكىدە تۇتقۇچى چوڭ دۆلەت، ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ بەلگىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپ تاقاشتىن ئىبارەت، لېكىن بۇنداق ئەل ئىچى ئادىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئالتۇننى ئىلكىدە تۇتۇش بىلەن ئالتۇننى زاپاس ساقلاشنىڭ پەرقى

بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئالتۇن زاپىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ رولى خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، پېرېۋوت نىسبىتى سەۋىيەسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئالتۇننى ئىلكىدە تۇتۇش مىقدارى بولسا خەلق ئارىسىدىكى «ئالتۇن زاپىسى» نى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئۆيدىكى ئالتۇن ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى. شۇڭا، ئادەتتە خەلق ئارىسىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس مىقدارىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
ئالتۇن نېمە ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكى بولۇپ قالدى؟

ھىندىستان ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى ئەمەس، لېكىن ئالتۇن ئىستېمال چوڭ دۆلىتى. 2018-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئالتۇن زاپىسى 560.3 توننا، لېكىن دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ھىندىستاندىكى خەلق ئارىسىدىكى ئالتۇن مىقدارى 24 مىڭ توننىدىن 25 مىڭ توننىغىچە بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا ھۆكۈمەت زاپىسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ھىندىستانلىقلارنىڭ ئالتۇننى ياخشى كۆرۈشى ھىندىستان مەدەنىيىتىدىن كەلگەن، ئالتۇننىڭ ھىندىستاننىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەت، بايراملىرىدا ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھىندىستانلىقلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش خاھىشىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، زور مىقداردىكى ئالتۇن ئىستېمالى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان ئالتۇن ئىستېمال ئېھتىياجىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ زور مىقداردا سەرپ قىلىنىشى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭسىزلىقى، قەرز كىرىزىسى ۋە باشقا تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.
ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا ھىندىستاننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تەخمىنەن 401 مىليارد 776 مىليون دوللار ئىكەن. بۇلتۇر 4-ئايدىكى 426 مىليارد 28 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىگەن.

ھىندىستان ئالتۇنىنىڭ كونكىرت ئەھۋالى

1. ھىندىستاندا ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئېشىشى ئاستا. ھىندىستان ئالتۇن ئىستېمال قىلىدىغان چوڭ دۆلەت، لېكىن مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئىمپورت مىقدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ، خىتاي ۋە رۇسىيە ئالتۇننى زاپاس ساقلاش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن چاغدا، ھىندىستاندا ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئېشىش مىقدارى ناھايىتى ئاستا بولدى. ھىندىستان زاپاس ساقلاش بانكىسى 2018-يىلى 42.3 توننا ئالتۇن سېتىۋالدى. ھالبۇكى، بۇ ھىندىستاننىڭ ئىستېمال مىقدارى ۋە ئىلكىدە تۇتۇش مىقدارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆلگە باراۋەر ئىدى.

2. ھىندىستان ئالتۇنى ئەرزان، لېكىن پۇلغا يارىمايدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيتقاندا، ھىندىستان ئالتۇنىنىڭ بىر گرامى تەخمىنەن 100 كىرون ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئەرزان، لېكىن ھىندىستان ئالتۇنىنىڭ ساپلىقى، ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نىسپىي ناچارراق بولىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا مېتال ئەخلەتلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار خوڭكوڭغا بېرىپ مال سېتىۋالىدۇ، ياپونىيەگە بېرىپ مال سېتىۋالىدىغانلىرىمۇ بار. ھىندىستاندىن سېتىۋالغان ئالتۇنلارنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top