• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ۋاقىت ماشىنىسى راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟ كىمنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ۋاقىت ماشىنىسى راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟ كىمنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تەرجىمىدە زۆھەل

دۇنيادا شۇنداق بىر قالتىس ئادەم ياشاپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئىسمى تېسلا. ئۇنىڭ ئىدىيەسى دۇنيادىن نەچچە ئەسىر ھالقىغان، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۆزگىرىشچان توك ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى.

19-ئەسىردە ئۇ بىر مىليارت ۋولتلۇق توك بېسىمى ھاسىل قىلالىغان، ئەمما ھازىرقى پەن-تېخنىكا ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ ۋولتلۇق توك چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپى سىمسىز تېلېگراف يەتكۈزۈش. يەنى ھازىرقى يانفونغا سىمسىز توك قاچىلاشنى ئۇ يۈز يىل ئىلگىرىلا كەشىپ قىلغان. ئۇ يەنە بىردىنبىر سۈنئىي چاقماق ياسىيالايدىغان ئادەم. پەقەت بۇ ئىشلارلا ئەمەس، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تېسلاكاتوشكىسى، توك نۇرى، ئۆلۈك قالقان، جاسۇسلۇق شەكىللىك ئۇچقۇ، يەتكۈزۈش ئىشىكى، ۋاقىت نۇرى ماشىنىسى، فوتون قالقىنى قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان.

2015-يىلى ئالىملار ئاندىن بىر دانە فوتوننى ئەسۋاب ئىچىدە توختىتىپ تۇرالىغان بولۇپ، ئەمما بىر كۋادرات سانتىمېتىردىن تەخمىنەن نەچچە 10 مىليارد فوتون چىقىدۇ. لېكىن تېلا ئەينى چاغدا فوتوننى قانداق قىلىپ بىر مۇھاپىزەت قالقىنى قىلالىغان؟ ھازىرغا قەدەر تېسلانىڭ تەجرىبىلىرى ۋاقىت ماشىنىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ھاياتى فانتازىيەلىك باش پېرسوناژغا ئوخشايدۇ، ئەمما بۇنداق بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويغان تەرىپى بولغان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى توكنى ھەقسىز ئىشلىتىش، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى پۈتۈن ئىنسانلارنى ھەقسىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top