You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىنسان ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش

ئىنسان ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى

يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىلىپ ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ۋەتەنسىز ھالدا ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغانلىقى مېنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. مەن بۇ توغرىسىدا ھازىرغىچە تېخى بىر سىستېمىلىق ئىزدىنىشنى باشلىمىغان بولساممۇ، بۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالنى ئۇچۇرتۇپ قالسام، ئۇنى ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىمەن. بۈگۈن مەن يەھۇدىلار ھازىر تەبرىكلەۋاتقان «ئالىي بايرام كۈنلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر 10 كۈنلۈك بايرام توغرىسىدىكى بىر پارچە قىسقا ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. ھەمدە ئۇنىڭدىكى بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خېلە قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا بۇ يازمامدا مەن ئوقۇغان ئاشۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.

ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق بايرىمى 29-سېنتەبىر كۈنىدىكى يەھۇدىلار يېڭى يىل كۈنى باشلانغان بولۇپ، 8-ئۆكتەبىردىكى «تولۇقلاپ تۆلەش كۈنى» ئاخىرلىشىدىكەن.

يەھۇدىلارنىڭ بۇ بايرام كۈنلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاراكتېرى ياكى كىشىلىك ئەخلاقىنى داۋاملىق باھالاش ۋە ياخشىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىش، ۋە ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقىي مۇمكىنچىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش ئىكەن.

ئۇلار بۇ بايرام كۈنلىرى جەريانىدا يالغۇز يېڭى يىللىق قارارلارنى ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇلار بۇ كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈندىلىك ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، جىم-جىت ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۈستىدە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىدىكەن. ئۆزىنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئاڭ-چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى، ۋە ئۆزى تۇرغۇزغان ئۆلچەملەر بىلەن ئۆزى قوللانغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئىقرار قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىدىلوگىيىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ئەخلاقىي كۈچلۈكلۈك ياكى ئارتۇقچىلىققا داۋاملىق ئىگە بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ يولدا توختاۋسىز تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرىگە ئېتىبارسىز قارايدىكەن ياكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرى ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپ ماڭىدۇ.

يەھۇدىلەرگە بۇ بايرام جەريانىدا قىلىدىغان مۇنداق 4 ئالاھىدە ۋەزىپە بېرىلگەن ئىكەن:

1) ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئەسلەش

2) توۋا قىلىش

3) باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراش

4) كەچۈرۈم سورىغانلارنى كەچۈرىۋېتىش

گەرچە بۇ جەريانلار دىنىي رەسمىيەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقۇملار دىننىڭ سىرتىدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى زور كۈچكە ئىگىدۇر. دىنچىلار بىلەن دىنسىزلارنىڭ ھەر ئىككىسى قوشۇلىدىغان بىر نەرسە شۇكى، بارلىق جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش، ھەمدە ئۇلاردىن بىرىنى تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

مەيلى بىز ئۇنى ئەخلاق ياكى ئەخلاق ئۆلچىمى دەيلى، مەيلى بىز ئۆزىمىزنىڭ قەلبى ياكى خاراكتېرى بويىچە ئويلايلى، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەقسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدە ئويلىنىپ باققان كىشىلەر ئېرىشكەن بىر ئورتاق خۇلاسە شۇكى، ئەخلاقلىق ھايات ئەڭ ئالىيجاناب ھايات.

مېنىڭ يەھۇدى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ بايرامنىڭ ئاخىرقى كۈنى قەتئىي ئىشقا كەلمەيدۇ. ئاڭلىشىمچە ئۇلار بۇ كۈنى «خىزمەت» كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان ھېچ قانداق ئىشنى قىلمايدىكەن. بىر يەرگە بېرىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالسا، ماشىنىمۇ ھەيدىمەيدىكەن، ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن، پەقەتلا پىيادە بارىدىكەن بۇ قائىدىگە پۈتۈن يەھۇدىلار ئىنتايىن قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، يەھۇدى مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ ساپالىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق بولالىشىدا، مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك 10 كۈنلۈك يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەش قائىدىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇ يەردە بىز تەبىئىي ھالدا مۇنداق بىر سوئالنى سورىماي تۇرالمايمىز: بىز ئۇيغۇرلار ئۆز بايراملىرىمىزنى قانداق تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىمىز؟

مەن ھازىرغىچە يەھۇدىلەرنىڭ ئاز بولمىغان ناچار تەرەپلىرىنىمۇ كۆردۈم، ھەم چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھازىرمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئاشۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بەزىلىرىدە غەزەپلىنىپ كېتىپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدىغان پەيتلەرمۇ بار. لېكىن، بۇ يازما ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ چىقىشنى مەقسەت قىلمىغان. پەقەت ئۇلارنىڭ بىر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ياكى ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

خۇلاسىلىغاندا، ئەگەر بىز ئىنسانلارنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىساق:

1-مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان، ئىنسان ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇمكىنچىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر

2-ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىقىشنىلا كۆزلەپ، شۇ دەرىجىگە يەتسىلا قانائەت ھېس قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەشنى خالىمايدىغان ياكى ئۇ يولدا ھېچ قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر

مېنىڭ ئۆز چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، يەھۇدىلار ئىچىدە 1-خىلدىكى ئادەملەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىرقىدەك تەقدىرگە ئېرىشەلىگەن. ئۇنداقتا پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە قايسى خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك؟ بىرىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچىلىك پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ مەن بۇ سوئالغا ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى جاۋاب بېرىپ بېقىشىنى سورايمەن. ھەر بىر مىللەت تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى شۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە قايسى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىش ناھايىتىمۇ مۇھىم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top