• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » روسىيە ئىلىم – پبنىنىڭ ئاتىسى – لومونوسوۋ

روسىيە ئىلىم – پبنىنىڭ ئاتىسى – لومونوسوۋ

ماسسا ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنىنىڭ ئاساسچىسى بولغان بۇ ئالىم م.ۋ.لومونوسوۋ 1711-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى رۇسىيەدە تۇغۇلغان. لومونوسوۋ، (Mikhail Lomonosov ) ماسسىنىڭ ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنداقلا ماددا تەركىبىدىكى ئاتوم-مالىكۇلىلار تەلىماتى، ئىسسىقلىق دىنامىكىسى تەلىماتى ۋە گاز جىسىملار مالىكۇلىسىنىڭ ھەرىكىتى نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1755-يىلى ئاچقان.
لومونوسوۋ بېلىقچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىلا كېمە ھەيدەشنى ئۆگىنىۋالغان. ئۇ جاپاغا چىداملىق بولۇش بىلەنلا قالماي، ناھايىتى باتۇر ئىدى. ئۇ دائىم كېمىنى ھەيدەپ دېڭىزنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. ئۇ 10 ياش ۋاقتىدىلا، دادىسى ئۇنىڭغا: «باھار كېلىپ قالدى، مەن بىلەن دېڭىزغا چىقىپ چېنىقىپ باققىن» دەيدىكەن. دېڭىزدا بېلىق تۇتۇش ناھايىتى جاپالىق ئىش بولسىمۇ، ئۇ دادىسىغا تور تاشلىشىپ، تور يىغىشىپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا بېلىقلارنى ئېلىشىپ بېرىدىكەن. ئاندىن كېيىن بېلىقلارنى بىر-بىرلەپ يېرىپ تۇز چېچىپ، ياغاچ تۇڭغا سالىدىكەن. قىش كۈنلىرى، كىچىك لومونوسوۋنىڭ ئىككى قولى ھەمىشە مۇزلاپ قىپقىزىل بولۇپ كېتىدىكەن. ئىككى بىلىگى سىقىراپ ئاغرىپ كۆتىرەلمەي قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. بولۇپمۇ قاتتىق بوران چىقىپ دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن چاغلاردا، بېلىقچىلىق كېمىسى خۇددى گۈلەڭگۈچ ئۇچقاندەك، ئېگىز-پەس داۋالغۇپ، ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئىچىدە قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغانىكەن. دادىسى ھەمىشە ئۇنىڭغا: «دېڭىز-ئوكيان دېگەن مۇشۇنداق تەرسا نېمە. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىنمۇ مەزمۇت بولمىساڭ، تۈگىشىسەن» دەپ مەدەت بېرىدىكەن.

لومونوسوۋنىڭ ھاياتى-تىرىشىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ھايات، تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكەن ھايات. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولدى. 1765-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا ئاران 53 ياشتا ئىدى. كېيىن ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتىدا لېنىنگراد ۋە موسكۋا قاتارلىق جايلاردا خاتىرە مۇنارىسى ياسىلىپ، رۇس « ئىلىم-پەننىڭ پىرى» دەپ ئاتالغان.

دېمەك ئۇ دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇنلاردا ئۇزۇن يىللار چېنىقىش ئارقىسىدا، ئاخىرى قىيىنچىلىق ئالدىدا چېكىنمەيدىغان قەيسەر ئىرادىلىك بولۇپ چىقىدۇ. لومونوسوۋ دادىسىغا بېلىق تۇتۇشۇپ بەرگەندىن تاشقىرى يەنە ئۆزى ئۆگىنىپ ساۋات چىقىرىدۇ. ئۇ چاغدىكى قالاق روسىيىدە پوپ ۋە دىندارلاردىن باشقا، ساۋاتلىق ئادەمنىڭ تايىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ خوشنىسى بولغان شۇبنوي دېگەن دېھقان شۇ ئەتراپتىكى بىردىنبىر ساۋاتلىق ئادەم ئىدى. لومونوسوۋ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، دائىم ئۆيىگە بېرىپ ئۆگىنىدۇ. دەسلەپ شۇبنوي كىتاپ ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئۇ كۆڭلىدە «بۇ يەككە-يېگانە تىزىلغان بەلگىلەر قانداقلارچە ئايرىم-ئايرىم جاراڭلىق گەپ-سۆزلەرگە ئايلىنىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. بۇ سوئال ئاخىرى ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، لومونوسوۋ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. كېمىدىمۇ، ئۆيدىمۇ ھەمىشە ئۇنىڭ قولىدىن كىتاپ چۈشمەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، پۈتۈن ئېلىپبەنى ئىگەللەپ بولىدۇ. بەلكى ناھايىتى تېزلا ھەرپلەرنى قول ئىشارىسى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆگىنىش ئارقىسىدا، لومونوسوۋ ئۆگىنىشنىڭ ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىمۇ، لېكىن كىتاپتىن نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەنە غەيرەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ. چۈنكى دادىغا بالىنىڭ ئەمگىكى كېرەك ئىدى. لومونوسوۋ بولسا قانداق قىلىپ بىر بىلىملىك ئادەم بولۇشنىڭ كويىدىلا بولاتتى.
بىر قېتىم، لومونوسوۋ دادىسى بىلەن ئارخانگېلسكى پورتىغا بارىدۇ. ئۇ، ئۇ يەردىن ئىككى كىتاپنى ئارىيەت ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى «گىرامماتىكا»، بىرى «ئارخىمىتىكا» ئىدى. بۇ ئىككى كىتاپنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى خۇددى بىر نەچچە كۈندىلا خۇددى چوڭلا ئادەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئىدىيىۋى ھېسىياتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇش، كېمە ھەيدەشنى ئەمەس، بەلكى كىتاپتىكى نەرسىلەرنىلا ئويلايدىغان بولىدۇ. بۇ ئىككى كىتاپ خۇددى ئاچقۇچقا ئوخشاش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. «گىرامماتىكا» ئۇنىڭغا سۆزلەش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىدۇ. «ئارخىمىتىكا» ئۇنىڭغا نۇرغۇن ماتېماتىكىلىق ئەمەللەرنى ئاسترونومىيە ۋە دېڭىز قاتنىشى قاتارلىقلارغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. لومونوسوۋ راستنلا قانات چىقىرىپ، بىلىم دېڭىزىغا قاراپ ئۇچماقچى بولىدۇ.

بۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، كۆپ ئۆتمەي دادىسى باشقا بىرىگە ئۆيلىنىدۇ. ئۆگەي ئانا ئۇنى ناھايىتى ئۆگەيلەيدۇ. ئۇنىڭ كىتاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا كاشلا قىلىدۇ. تىرىشچان لومونوسوۋ ئۆگەي ئانىنىڭ كوتۇلداشلىرىغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆيدىن قوغلىسا، ھويلىغا چىقىپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر ھويلىدا دادىسى تىللىسا، دېڭىز بويىغا بېرىپ ئوقۇيدۇ. كۈن ئىسىپ كەتكەن چاغلاردا، دەرەخ سايىسىغا كىرىۋېلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ غەيرەت-شىجائىتى زادى بوشاشمايدۇ. ئۇ: «مەن گويا بىر يېڭى داغدام يولغا قەدەم قويغاندەك بولدۇم، ھەر بىر قەدەمدە يېڭى–يېڭى نەرسىلەرنى بايقاۋاتىمەن. ھەر بىر يېڭىلىق ماڭا ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئارزۇ-ئىستەك ۋە غەيرەت-جاسارەت بەخش ئەتتى» دەيدۇ. ئۇ بىلىم دېڭىزنى قېزىش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان موسكۋاغا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. دادىسى ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى توساپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئارىلاشمايدۇ. لومونوسوۋ ئاخىرى ئۆزىنىڭ دېھقان ئۇستازى شۇبنوينىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ، 19 ياشلىق لومونوسوۋ 3 رۇبلى پۇل بىلەن، 1730-يىلى قەھرىتان سوغاقتا، جۇدۇن-چاپقۇنغا قارىماي، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بېلىق توشۇۋاتقان ھارۋىنىڭ كەينىدىن يولغا چىقىدۇ. ئۇ بوران-چاپقۇنغا قارشى پىيادە مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول مېڭىپ، موسكۋاغا يېتىپ بارىدۇ. بىر ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان سەپەردە، ئاياق كىيىمى يىرتىلىپ كېتىدۇ. قوللىرى توڭلاپ بىر نەرسە تۇتقۇسىز بولۇپ كېتىدۇ.

چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى موسكۋا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس ئىدى. بىر بېلىقچىنىڭ بالىسى قانداقمۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرەلىسۇن؟ كېيىن ئۇ ئاقسۆڭەكنىڭ بالىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئارقىلىق سلاۋىيان-گىرىك-لاتىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. مەكتەپكە كىرىش بىلەنلا ئۇ گويا بېلىق سۇغا كىرگەندەك بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۆگىنىش غەيرىتى چەكسىز ئېشىشقا باشلايدۇ. ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغانلىقتىن، 1735-يىلى پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. 1736-يىلى، پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى پروفېسسورلار ئۇنىڭ كارامەت تالانتلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇنى گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ يەردە بەش يىل ئوقۇپ قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە قايتىپ كېلىپ ئاسسېنت بولىدۇ. 1745-يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرىلىدۇ، كۆپ ئۆتمەي يەنە ئاكادىمىكلىققا كۆتۈرىلىدۇ. كېيىن پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ.

لومونوسوۋنىڭ فىزىكا جەھەتتىكى تۆھپىسى ناھايىتى زور، ئۇ گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، «ئىسسىق-سوغاقنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىدە ئىسسىقلىق ماددىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ھەرىكىتىدىن ئىبارەت» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسسىقلىقنى ماھىيەت جەھەتتىن چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ماسسىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنى» ۋە «ئېنېرگىيىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنى» نى كەشپ قىلىدۇ.
ئۇ 1948-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوراغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەردە ئەمىلىي ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى، مەلۇم جىسىمدىن قانچىلىك ئازايسا باشقا بىر جىسىمغا شۇنچىلىك قوشۇلىدۇ.» تەبىئەتنىڭ بۇ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى ھەرىكەتنىڭ قائىدىلىرىگىمۇ تەتبىق قىلىشقا بولىدۇ. مەسلەن، بىر جىسىم ئۆزىدىكى كۈچ بىلەن باشقا بىر جىسىمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىدىن قانچىلىك كۈچنى يوقاتسا، ئۆزى ھەرىكەتكە كەلتۈرىۋاتقان جىسىمغا شۇنچىلىك كۈچ بېرىدۇ. مانا بۇ ماددا ماسسىنىڭ ساقلىنىشى بولۇپ، ماسسىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىشى بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيىنىڭ يوقالماسلىق قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ «ھاۋادىكى ئېلاستىكىلىق كۈچ ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە، ھاۋا زەررىچىلىرىنىڭ ئەسۋاپ قاچىلارغا ئۇرۇلۇشى ھاۋادا بېسىم پەيدا بولغانلىقتىن بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. لومونوسوۋ يەنە ئاسمان بوشلۇقىدىكى چاقماق چېقىشنى ۋە شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى تەتقىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە گېئولوگىيە، ئوكيانشۇناسلىق ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە داڭلىق شائىر ۋە تىلشۇناس.

روسىيە تارىخشۇناسى لومونوسوۋ — رۇسىيە ئالىمى، شائىر، رۇسىيە ماتىريالىستىك پەلسەپەسىنىڭ تەبئي پەن جەھەتتىكى ئاساس سالغۇچى. ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن « روسىيە ئىلىم – پبنىنىڭ ئاتىسى » ۋە « ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئىمپېراتور پېتېر » دەپ ئاتالغان.

مەنبە: ئ‍ىزدەش تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top