• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئالتۇنغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئالتۇنغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

تەرجىمىدە قايدۇجان

ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ياكى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئالتۇنغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سۆزلەيمىز، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ياكى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشى ئالدى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇننىڭ يۈزلىنىشىگە ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرسە، ئۇ ھالدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ، بازارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ، ھازىر بازاردىكى سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇن ئامېرىكا دوللىرىنى باھا بېكىتىش سىستېمىسى قىلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا بېكىتىلىدىغان سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇننىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ؛ ئەكسىچە، مەبلەغ ئامېرىكا دوللىرى كاپىتال بازىرىدىن ئېقىپ چىقسا، سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ.

ئەگەر باشقا دۆلەتلەر ئۆسۈم ئۆرلىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى بازىرىدىكى مەبلەغ ئېقىپ كېتىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىسە، ئالتۇننىڭ باھاسى چوقۇم ئۆرلەيدۇ. ئەمما سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇن بازىرىدىمۇ مەبلەغ ئېقىپ چىقسا، بۇ ھالدا ئالتۇن بازىرىدىن ئېقىپ چىققان مەبلەغنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپ- ئازلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.

ئەمدى بىز ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئالتۇنغا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى كۆرۈپ باقايلى. ئالتۇن بازىرىدىكى باھانى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن پەملەش تولىمۇ قىيىن. گەرچە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا دوللىرىنى ئالتۇن باھاسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم پايدىلىنىش ئۆلچىمى دەپ قارىسىمۇ، ھەمدە ئىزچىل تۈردە تەتۈر كوررېلاتسىيە مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ مەبلەغ سالسىمۇ، ئەمما بۇنداق مەشغۇلات شەكلىنى پۈتۈنلەي توغرا دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە مۇنداق قاراشقا بولىدۇ.

ئالدى بىلەن، يەر شارى بويىچە نەق ئالتۇن ۋە قەرەللىك ئالتۇننىڭ ھەممىسىگە ئامېرىكا دوللىرى بويىچە باھا بېكىتىلىدۇ، يەنى ئەگەر ئامېرىكا دوللىرىدا پۇل پاخاللىقى كۆرۈلسە، ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. چۈنكى، ئالتۇننىڭ يەر شارى ئومۇمىي مىقدارى چەكلىك، ئەمما ئامېرىكا دوللىرى بولسا چەكسىز، پۇل قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تۆۋەنلىشى پۇلنىڭ تەمىنات مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى ئاشسا، مال باھاسى ئۆرلەپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاشسا، ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top