• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » دېڭىز ئاستى مەدەنىيتى ھەققىدە ئېچىلمىغان سىرلار

دېڭىز ئاستى مەدەنىيتى ھەققىدە ئېچىلمىغان سىرلار

نامەلۇم نەرسىلەر ھەمىشە بىزنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدۇ. دېڭىز ئاستىدا نامەلۇم جانلىقلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن يوقاپ كەتكەن قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دېڭىز تاشقىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ قەدىمىي ئىمارەت خارابىلىرىگە ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار ئۈستىدىكى ئىزدىنىشمۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مىسىر ئالېكساندىر سۇ ئاستى قەدىمىي شەھىرى

مىسىرنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرىدىن يىراق بولغان ئالېكساندىر دېڭىز قىرغىقىدا، سىرلىق بىر تاغ قەبرىستانلىقىدىكى قەدىمىي شەھەر دېڭىز ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ مىسىرنىڭ خانىشى كلىئو پاتىرا خان جەمەتى تۇرالغۇسىنىڭ خارابىسى دەپ قارالماقتا. تارىختىن بۇرۇنقى قەدىمى بۇيۇملار، ھەيكەللەردىن باشقا يەنە مىسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى ئوردا، 1500 يىل بۇرۇنقى بىر مەيدان زور يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بۇ قەدىمىي شەھەر دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ھىندىستان كامباي «ئالتۇن شەھىرى»

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە 9500 يىل بۇرۇنقى يىراق قەدىمگە تەۋە بولغان سۇ ئاستىدىكى خارابىلىكنى بايقىغان. سۇ ئاستىدىكى بۇ سىرلىق قەدىمىي شەھەر مۇكەممەل قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە نۇرغۇن ئادەم بەدىنى قالدۇقلىرىغا ئىگە. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ كامباي رايونىدىكى بارلىق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش تارىخى 5000 يىل ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، تارىخشۇناسلارنى بۇ رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. سۇ ئاستىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرگە دېۋاركا دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ھىندىستان ئىلاھىنىڭ سۇ ئاستىدىكى قەلئەسى دەپ قارالغان.
تايلاند كېۋانپا كۆلى ئىبادەتخانىسى
تايلاندتىكى كېۋانپا كۆلىنىڭ ئاستىدا 500 يىل بۇرۇنقى تايلاند ئىبادەتخانىسى بار. بۇ قەدىمىي تايلاند ئىبادەتخانىسى كۆل ئاستىغا چۆكۈپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، بېلىقلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان.

ياپونىيە ۋە ناگو ئارىلىدىكى سۇ ئاستى ئېھرامى

بۇ سىرلىق سۇ ئاستى ئېھرامى نۇرغۇن سىرلارغا تولغان. ئالىملار ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدىن يىراق بولغان دېڭىز قىرغىقىدا بىر سىرلىق ئېھرام مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. بۇ قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئاستىدا ئويما ئىزنالىرى بار بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇل قۇرۇلمىسىدا ئىشلىتىلگەن قوراللار ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ يىراق قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا تەۋە دەپ قارالمىغان. نۆۋەتتە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ، يەنىلا تەكشۈرۈش باسقۇچىدا.

كۇبا ھاۋانادىكى قورام تاش خارابىلىكى

2011-يىلى 6-ئايدا، بىر ئالىملار تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىرازىلىيەنىڭ يۇكاتان بوغۇزىدا دېڭىز ئاستىدىكى سىرلىق خارابىلىكنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن بولۇپ، ئۇلار شەھەر مۇھىتىدىكى خارابىلىكنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىغان. بۇ سۇ ئاستى خارابىلىرى دېڭىز تېگىدىكى سۇنى بويلاپ نەچچە ئىنگلىز مىلىغىچە سوزۇلغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان بۇ خارابىلىكنىڭ تارىخىنى يىراق قەدىمكى ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىن بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ھازىرغا قەدەر، پەقەت كومپيۇتېر مودېلىلا بۇ سىرلىق سۇ ئاستىدىكى قورام تاش خارابىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نازارەت قىلالايدۇ
دۇنيادىكى بەزى سىرلىق دېڭىز ئاستى ياكى كۆل ئاستىغا يىراق قەدىمكى ئىنسانلار شەھىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى زاماندىكى قۇرۇلۇش خارابىلىرىدە ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلىرى ساقلانغان. بۇ سىرلىق سۇ ئاستى قەدىمىي شەھەرلىرىدە يەنىلا نۇرغۇن مەخپىيەتلىك ساقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقىلىشى ئالىملاردا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخى مەدەنىيىتىگە قارىتا نۇرغۇن گۇمانلىنىش ۋە ئويلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

ياۋروپا شىمالىي دېڭىز سۇ ئاستى لاندشافتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپانىڭ شىمالىي دېڭىز ئاستىدا نۇرغۇن تەبىئىي مەنزىرىلەر بايقالدى، بۇ مەنزىرىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يىلدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. دېڭىز ئاستىدىكى بۇ تەبىئىي مەنزىرىلەر ئىلگىرى دەريا، كۆل ۋە دېڭىز ـ ئوكيانلاردا ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھازىر سۇ ئاستىدا رەقەملىك رەسىم سىزىش ئارقىلىقلا بايقىغىلى بولىدۇ.

ئانتاركتىكا قىتئەسىدە بەلكىم ئاتلانتىس مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن

يوقىلىپ كەتكەن شەھەر ئاتلانتىس توغرىسىدا، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان پەرەزلىرى بار. 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بىر مۇزېينىڭ باشلىقى بۆكەن تېرىسىگە تىكىلگەن يىراق قەدىمكى خەرىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر سىرلىق بەلگە ئورنىنىڭ ھازىرقى ئانتاركتىكا قىتئەسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئانتاركتىكانى رىۋايەتلەردە يۈتۈپ كەتكەن ئاتلانتىس چوڭ قۇرۇقلۇقى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا سونار تېخنىكىسى ئارقىلىق ئانتاركتىكانىڭ دېڭىز ئاستىدىكى قۇرۇقلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يىراق قەدىمكى خەرىتە تۈزگۈچى سىزغان خەرىتە سىستېمىسىغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

سىرلار تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top