• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئاتلانتىس مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇشى، بەلكىم يەرنىڭ ئاستىدا بولۇشى مۇمكىن

ئاتلانتىس مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇشى، بەلكىم يەرنىڭ ئاستىدا بولۇشى مۇمكىن

 تەرجىمىدە زۆھەل

بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىلگىرى، بەزى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلەر مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن، ئاتلانتىس مەدەنىيىتى ۋە پايدا مورىيە مەدەنىيىتى. لېكىن، ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۇلارنىڭ راستتىنلا مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن قەدىمىي ئەسەرلەر ۋە مايا مەدەنىيىتىنىڭ خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ئاتلانتىس مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئائىت ھەقىقەتەن بىر ئىز ساقلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئاتلانتىس مەدەنىيىتىنى يەر مەركىزى دۇنياسىغا يۆتكىلىپ بولدى، دەپ قارايدۇ.

1. ئاتلانتىس مەدەنىيىتى قەدىمى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ھالقىغان

بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئون مىڭ يىل ئىلگىرى، ھازىرقى مەدەنىيەت تېخى مەيدانغا كەلمىگەن. لېكىن ئەينى چاغدا ھازىرقى مەدەنىيەتكە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئاتلانتىس مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھەتتا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىر قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتتە، بۇ قۇرۇقلۇق ئاتلانتىك ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى گۇمران بولغان، ئادەملەر دېڭىزغا غەرق بولغان. يەنە كېلىپ ئاتلانتىس مەدەنىيىتى بىلەن بىللە يەنە پايدا مورىيە مەدەنىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا تەقدىرگە دۇچ كەلگەن.

بەلكىم بۇنىڭدىن بەزىلەر گۇمانلىنىپ، ئاتلانتىس پەقەت قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئەپسانىسى دېيىشى مۇمكىن. گەرچە ئادەتتىكى ئەپسانە ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسسىز پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئىزنالارنى تاپقىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ئارخېئولوگلار دېڭىز ئاستىدىن قەدىمىي، كونا خارابىلىكلەرنى بايقىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرگە ئاتلانتىس مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى توختىماستىن پەرەز قىلدۇرماقتا.

2. يەر شارى كاۋاك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتلانتىس مەدەنىيىتى يەر ئاستىغا يۆتكەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەگەر غايەت زور كەلكۈننىڭ بېسىپ كەلگەنلىكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىش بولسا، ئۇنداقتا ئىنسانلار بايقىغان دېڭىز ئاستى مەدەنىيىتى پەقەت ئىمارەتلا بولۇپ قالماستىن، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ چوقۇم مەۋجۇت بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنداق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئالىملار ئاتلانتىس مەدەنىيىتىنى بەلكىم دېڭىز تېگىگە ياكى يەر مەركىزىگە ۋە ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى.

دېمەكچى، يەر شارى كاۋاك بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى پەن ـ تېخنىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بۇرغىلاش ماشىنىسى يەر ئاستىنى 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە قېزىپ چىقالايدۇ. 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كىشىلەر يانار تاغ پارتلاش، يەر تەۋرەش ياكى بىر قىسىم ئۈزۈلمە قاتلامغا ئاساسەن تەھلىل قىلالايدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، يەر ئاستىدا پەقەت چوغلانغان ماگما بار. روشەنكى، ئۇ ئىلىم ـ پەننىڭ تېخى ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمى كاۋاك بولۇشى، يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپ رايونى ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتىكى پەن ـ تېخنىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كىرىش ئېغىزىنى بايقىغىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا كىرگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار «ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئاتلانتىس مەدەنىيىتى يەر ئاستىغا يۆتكەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن باشقا مەدەنىيەتلەرمۇ يەر مەركىزى دۇنياسىغا كىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتىمىز» دەپ قارىماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top