• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكىدا نېمىشقا بايلار ۋە چوڭ كارخانىلار كۆپ؟

ئامېرىكىدا نېمىشقا بايلار ۋە چوڭ كارخانىلار كۆپ؟

تەرجىمىدە قايدۇجان

ھازىر يەر شارى نوپۇسى تەخمىنەن يەتتە مىليارد 350 مىليون ئەتراپىدا، ئەمما بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى 30 مىليون ئادەمنىڭ قولىدا. خەلق ئارىسىدا «دۇنيادىكى پۇللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا، يەھۇدىيلارنىڭ پۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا» دېگەن گەپ بار، گەرچە ئەپقاچتى گەپ بولسىمۇ، ئەمما رېئال دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بايلار ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كارخانىلار ئاساسەن ئامېرىكىغا توپلانغان، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بىرىنچى، فوربېس يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىدىن بۇيان، دۇنيا بايلار رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان %1 ئادەمنىڭ بايلىقى قالغان بارلىق بايلاردىن كۆپ ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيادىكى ئەڭ باي توققۇز ئادەمنىڭ بايلىقى جەمئىي 675 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن تۆت تىرىليون 400 مىليارد يۈەن)غا يېتىدىكەن، تۆۋەندە بۇنىڭغا ئائىت ئىستاتىستىكىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. جېف بېزوس (ئامازون شىركىتى): بايلىقى 105 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى؛
2. بىل گەيتىس (مىكروسوفت شىركىتى): بايلىقى 91 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
3. ۋاررېن باففېت (پاي پېشۋاسى): بايلىقى 87 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
4. زاكېربېرگ (فېيسبۇك شىركىتى): بايلىقى 75 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
5. ئامانسىئو ئورتېگا (زارا شىركىتى): بايلىقى 75 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
6. كارلوس سىلىم ھېرو ۋە ئائىلىسىدىكىلەر (لاتىن ئامېرىكىسى تېلېگراف شىركىتى): بايلىقى 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى؛
7. بېرنارد ئارنولت (ھەشەمەتلىك بۇيۇم كارخانىسى LV شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى): بايلىقى 64 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
8. لاررىي ئېللىسون (چىغىناق-تارغاق يېزىقى شىركىتى): بايلىقى 59 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
9. مايكىل بلۇمبېرگ ( بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى): بايلىقى 51 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

يۇقۇم تۈپەيلىدىن، ئامازون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوسنىڭ بايلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلاندى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس دۇنيادىكى ئىككىنچى باي ئادەم؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە پاي پېشۋاسى ۋاررېن باففېتنىڭ بايلىقى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى، فېيسبۇك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكېربېرگ ياپياش تۇرۇپلا دۇنيادىكى تۆتىنچى باي ئادەم بولۇپ قالدى.
بۇ كارخانىچىلار زادى قانداق قىلىپ بۇنچە كۆپ بايلىق يارىتىلىغان؟ بۇنى بىر قانچە جەھەتتىن بايان قىلىمىز:

ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىت: ئامېرىكا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دۆلەت، تەبئىي مۇھىتى گۈزەل، قانۇن-تۈزۈم مۇكەممەللەشكەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى كەسىپلىرىگە ئاز ئارىلىشىدۇ، ئەمما سودا پائالىيىتىدە يەنىلا بازار ئىگىلىكى ئاساس قىلىنىدۇ. ئامېرىكا كۆچمەنلەر دۆلىتى بولغاچقا، خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشى كۆپ ھاللاردا دۇنياغا كېڭەيگەن.

ئىككىنچىدىن مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە پۇل ئېڭى: ئامېرىكا مائارىپى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىشتىن شەكىللەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، جەمئىيەت ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا موھتاج، كىشىلەر ياخشى مائارىپ ئالغاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر چوقۇم ياخشى مائارىپ ئالغاندىلا، ئاندىن كەسپىي ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە «بالىلار ئەگەر بەدەل تۆلىمىسە، پۇلغا ئېرىشمەسلىكى كېرەك»، دەپ قارايدۇ، بەزى مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ھەتتا بالىلارغا خەجلەيدىغان پۇلنى «پارچە پۇل» دەپ ئاتىماي، «ئەمگەك ھەققى» ياكى «خىزمەت ھەققى» دەپ ئاتاش كېرەك دەيدۇ. ئامېرىكىدا نۇرغۇن بالىلار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق پارچە پۇلغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئوت ئوتىسا بەش ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ھەق بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئامېرىكىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان، بۇ ئارقىلىق بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا پۇل قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ، «ئەمگەك قىلغانىكەن تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىش» ئامېرىكىدىكى ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ئومۇملاشقان «چىڭ قائىدە» ھېسابلىنىدۇ.

ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى تۈزۈمى پۇقرالارغا ئېلىپ كەلگەن پۇل قارىشى: بىر تەرەپتىن، بىر دۆلەتنىڭ «ياخشى» ياكى «ناچار» بولۇشى ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولۇش-بولماسلىقى، پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇش-بولماسلىقىدا، ئامېرىكا قانۇنچىل دۆلەت، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەللىكىدە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىدىكى پۇل قارىشىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: پۇلنى قانۇنلۇق تېپىش، پۇلغا بېرىلمەسلىك، پۇلنى جايىدا ئىشلىتىش. ئامېرىكىلىقلاردا: «پۇلى يوقلار نامرات، ئەمما پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوقلار ھەقىقىي نامرات» دەيدىغان ماقال بار.
ئىككىنچى، PWC شىركىتى ئېلان قىلغان 2019-يىلى يەر شارىدىكى بازار قىممىتى يۇقىرى 100 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بازار قىممىتى ھېلىھەم دۇنيادىكى كارخانىلارنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى يەتتە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇ شىركەتلەر زادى قانداق قىلىپ كارخانىسىنى شۇنچە زورايتالىدى؟ بۇ ئۇلارنىڭ كارخانىچىلار روھى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. بايلىققا ئىنتىلىدىغان ۋە بايلىق يارىتىدىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زورىيىپ قۇدرەت تېپىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى، تۆۋەندە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بازار قىممىتى ۋە رەت تەرتىپىنى كۆرسىتىمىز (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى):

1. مىكروسوفت شىركىتى: بازار قىممىتى بىر تىرىليون 390 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى؛
2. ئالما شىركىتى: بازار قىممىتى بىر تىرىليون 320 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى؛
3. گۇگول شىركىتى: بازار قىممىتى 936 مىليارد 937 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
4. فېيسبۇك شىركىتى: بازار قىممىتى 601 مىليارد 902 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
5. جونسون شىركىتى: بازار قىممىتى 388 مىليارد 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
6. ۋولمارت شىركىتى: بازار قىممىتى 345 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
7. مورگان شىركىتى: بازار قىممىتى 277 مىليارد 832 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
8. بېركشىر خاۋازاي شىركىتى: بازار قىممىتى 260 مىليارد 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
9. ۋېرىزون تېلېگراف شىركىتى: بازار قىممىتى 230 مىليارد 238 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
10. ئامېرىكا تېلېفون-تېلېگراف شىركىتى: بازار قىممىتى 206 مىليارد 507 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
11. ئامېرىكا بانكىسى: بازار قىممىتى 193 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
12. ئېكسون موبىل شىركىتى: بازار قىممىتى 186 مىليارد 97 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
13. تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتى: بازار قىممىتى 144 مىليارد 597 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
14. فارگو بانكىسى: بازار قىممىتى 105 مىليارد 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
15. دايملېر كرىسلېر شىركىتى: بازار قىممىتى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى؛
16. بوئىن شىركىتى: بازار قىممىتى 68 مىليارد 769 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
17. گېنېرال ئېلېكتىرىك شىركىتى: بازار قىممىتى 52 مىليارد 308 مىليون ئامېرىكا دوللىرى؛
18. ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى: بازار قىممىتى 31 مىليارد 355 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى 18 چوڭ كارخانىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى يەتتە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئۇلار بۇ ئىشنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرالىغان؟ بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن چۈشەندۈرىمىز:

1. بايلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان ۋە بايلىق يارىتىدىغان مەدەنىيەت: ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن باشلاپلا بايلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان ۋە بايلىق يارىتىدىغان قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى شەكىللەنگەن، بۇنداق مەدەنىيەت كەيپىياتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى تىكلەپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ زورىيىش ۋە كۈچىيىشىدىكى مەدەنىيەت ئاساسىنى شەكىللەندۈردى.

2. پىشقان بازار تۈزۈلمىسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسى: 200 نەچچە يىللىق كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق، ئامېرىكا پىشقان بازار تۈزۈلمىسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ زورىيىش ۋە كۈچىيىشىگە ئويۇن قائىدىسى بەلگىلەپلا قالماستىن، يەنە كارخانىلارنىڭ زورىيىش ۋە كۈچىيىشىدىكى سۈزگۈچكە ئايلاندى، كارخانىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەسىنىڭ مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە تەبىئىي كېڭىيىشى، شۇنداقلا بازارنىڭ ئەلالارنى تاللاپ، ناچارلارنى شاللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

3. خەلقئارالىق تەسىر كۈچگە ئىگە كەسىپلەر توپى: ئامېرىكا ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى زورايتىش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ياخشى كەسىپ ئاساسى سالدى.

4. «ئىجادىيلىققا ئىگە ۋەيرانچىلىق» ياكى «ۋەيرانچىلىققا ئىگە ئىجادىيلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش: كارخانىچىلارنىڭ فۇنكسىيەسى يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى بىرىكمىلەرنى كىرگۈزۈپ، «ئىجادىيلىققا ئىگە ۋەيرانچىلىق» ياكى «ۋەيرانچىلىققا ئىگە ئىجادىيلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كارخانىچىلار كارخانىنى زورايتىش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى، ئامېرىكا كارخانىچىلىرى كارخانىچىلار روھى بىلەن كەسپىي دىرېكتورلار ئىقتىدارىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدۇر، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا پىشىپ يېتىلگەن كەسپىي دىرېكتورلار بازىرى بولۇش شەرتى ئاستىدا، كارخانىچىلار بەلگىلىك كارخانىچى روھىنى تېخىمۇ ھازىرلىشى كېرەك.

5. ئىستراتېگىيەلىك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، سېتىۋېلىش، قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، كاپىتال يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملاش: كارخانىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش نوقۇل كۆلەمنى كېڭەيتىشلا ئەمەس، بەلكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش ئاساسىدا كۆلەمنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەسىپتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كارخانىلار ئىستراتېگىيەلىك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز كارخانىلىرىنى زورايتىش جەريانىنى تاماملىشى كېرەك.

6. سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق بازارنى ئۆزگەرتىشكە ماھىر، ئاخىرىدا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ: يېڭى سودا ئەندىزىسى كەسىپ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېڭى ئويۇن قائىدىسىنى بېكىتىپ، ئۇششاق بازارلارنى بىرىكتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا باھادا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى كەسىپ ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق تىجارەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نېگىزىدىن يېڭى بازار، يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى پايدا لوگىكىسىنى يارىتىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە ، ئاران 330 مىليون نوپۇسى بار ئامېرىكىدا نۇرغۇنلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كارخانىلارنىڭ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەب يەنىلا ھەربىي ئەمەلىي كۈچتە. بازار مۇقىم بولغاچقا، دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلار ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سالغان. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا دوللىرى يەر شارى بويىچە ئاساسلىق پۇل، ئامېرىكىلىقلار پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ، ئامېرىكىدا مال باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن، ئامېرىكا يەنە پەن-تېخنىكىدا پۈتۈن دۇنيانى يېتەكلەيدۇ، پەن-تېخنىكا جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ ئېشىپ كېتىشى تەس، بۇ يېتەكچى ئامىللار ئامېرىكىدا بايلار ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ كۆپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top