• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » قەھۋە ئىمپېرىيەسى سىتارباكىسنىڭ ئاجايىب تەرەققىيات تارىخى

قەھۋە ئىمپېرىيەسى سىتارباكىسنىڭ ئاجايىب تەرەققىيات تارىخى

تەرجىمىدە تىللا شىركىتى

ئامېرىكىنىڭ سېئاتىل شەھىرىدىكى قەھۋە پۇرچىقىنى پارچە سېتىش دۇكىنىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنياغا داڭلىق قەھۋەخانا بولۇشقىچە سىتارباكىس (Starbucks) دەل 30 يىل سەرپ قىلدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى 1987-يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ 1992-يىلى پايچىك بازىرىغا كىرگۈچە بولغان بۇ جەريان ئىدى. 1987-يىلى سىتارباكىسنىڭ رەسمىي ھالدىكى زەنجىرسىمان قەھۋەخانىلىرى بارلىققا كەلگەن، 1992-يىلى پاي بازىرىغا كىرگەن، 1996-يىلى خەلقئاراغا يۈزلىنىپ كېڭەيگەن. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال بازىرىنى تەتقىق قىلماقچى بولسىڭىز، سىتارباكىس چوقۇملا تەھلىل ئوبيېكتى بولالايدۇ.

بۇ ماقالىدە سىتارباكىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، يەنى 1987-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە كېڭىيىش ئەھۋالىنى رەتلەپ چىققان بولۇپ، بەلكى سىز ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

سىتارباكىس 1987-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە: قەھۋە ئىمپېرىيەسىنىڭ دەسلەپكى كېڭىيىش مەزگىلى

1971-يىلى سىتارباكىس تۇنجى قەھۋە دۇكىنىنى ئاچتى، ئاساسلىقى ئالى سۈپەتلىك قەھۋە پۇرچىقى ۋە قەھۋە ماشىنىسى ساتاتتى. قۇرۇلغان دەسلەپكى ئون يىلدا سىتارباكىس سېئاتىلنىڭ قەھۋە بازىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بازار ئاچتى.

1983-يىلى سىتارباكىسقا تەسىرى چوڭ بولغان بىر ئىش يۈزبەرگەن، سىتارباكىسنىڭ ھازىرقى CEOسى شۇلتىز (Schultz)نىڭ تەرجىمىھالى «يۈرەك كىرگۈزۈش» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتىكى سىتارباكىسنىڭ خىزمەتچىسى بولغان شۇلتىز مىلانغا بارغاندا خەلقئارا ئائىلە سايمانلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىۋېتىپ، ئىتالىيە قەھۋەخانىسى دىققىتىنى تارتىدۇ، قويۇق قەھۋە پۇرىقى ۋە ئازادە مۇھىتى ئۇنىڭغا بەك يېقىپ قالىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئۇنتۇلغۇسىز قەھۋەخانا زىيارىتىدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپلا ئىتالىيە قەھۋەسى زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش خىيالىنى باشلىقىغا ئېيتقان، لېكىن سىتارباكىسنىڭ قۇرغۇچىسى بۇنى بەك قوللىمىغان. 1985-يىلى ئۇ سىتارباكىستىن ئايرىلىپ، كېيىنكى يىلى ئۆزىنىڭ ئىتالىيە قەھۋەخانىسىنى ئاچتى، بۇ ۋاقىتتا سىتارباكىس يەنىلا سېئاتىلدا 4 تارماق دۇكىنىدا قەھۋە پۇرچىقىنى پارچە سېتىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى.

1987-يىلى شۇلتىز دادىللىق بىلەن سىتارباكىسنى سېتىۋالدى، سىتارباكىسنى قايتىدىن تەڭشەپ، زەنجىرسىمان ھالەتتىكى قەھۋەخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن سىتارباكىسنىڭ تىجارەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولدى.

بۇ 30 يىلدا سىتارباكىس سېئاتىلدىن دۇنياغا يۈزلەندى، ئۆزىگە خاس بولغان بىر ماركا ئۇقۇمى ياراتتى، قەھۋەنىڭ پارچە سېتىلىش ئۇقۇمىنى قايتىدىن بېكىتتى، ھازىر سىتارباكىس قەھۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇپلا قالماستىن، خىلى بۇرۇنلا خەلق تۇرمۇشىدىكى دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ قالدى.

سىتارباكىس بىرخىل قالتىس سېتىۋېلىش تۇيغۇسى بېرىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ قالدى، مەيلى ئوقۇغۇچى ياكى شوپۇر ياكى باش لىدىر بولسۇن ھەممىسى بۇ ماركىنى قوغلىشىپ تاللاپ، ئىزدەپ تۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. شۇلتىز مۇنداق دېگەن: «بىز قەھۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانمايمىز، بەلكى بىز خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىمىز، قەھۋە بىزنىڭ مۇلازىمەت ۋاستىمىز خالاس.»

سىتارباكىس 1992-يىلى پاي بازىرىغا كىردى. بۇ ۋاقىتتا سىتارباكىسنىڭ 165 زەنجىرسىمان تارماق دۇكىنى بار ئىدى، بۇ دۇكانلار ئامېرىكا ۋە كانادادىكى 8 شەھەرگە تارقالغان ئىدى، بۇ شەھەرلەر: سېئاتىل، چىكاكو، ۋانكۇۋىر، كولۇمبىيە، پورتلاند، لوس ئانجىلىس، سان فىرانسىسكو، سانتىياگو قاتارلىقلار. بۇ ۋاقىتتا سىتارباكىسنىڭ ئامېرىكىدىكى دۇكانلىرى ئاساسلىقى 4 ئىشتاتقا تارقالغان، ئۇلار: ۋاشىنگتون ئىشتاتى، ئىللىنويىس ئىشتاتى، ئورېگون ئىشتاتى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتى قاتارلىقلار ئىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سىتارباكىس پېيىنى بازارغا سالغۇچە تېخى بىر رايون خاراكتېرلىك كارخانا ئىدى، چىكاگونى ھېسابلىمىغاندا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ غەربى قىسمىدا تىجارەت قىلاتتى، ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر نىيۇيوركقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.

شۇلتىز سىتارباكىسنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىنى تار دائىرىدە زىچ تارقىلىش تەدبىرى بويىچە پىلانلىق كېڭەيگەن، مەلۇم بىر رايوننى تولۇق قولغا كىرگۈزۈپ مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا رايونلارغا كېڭىيىش لايىھەسىنى تۈزگەن ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلغان.

1990-يىللاردا يېڭى ئېچىلغان بىر سىتارباكىس قەھۋەخانىسى يېقىن ئەتراپتىكى يەنە بىر سىتارباكىس قەھۋەخانىسىنىڭ %30 خېرىدارنى تارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى، بۇ سىتارباكىس تارماق دۇكانلىرى ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ رايوندا سىتارباكىس ئىستېمال قىزغىنلىقى پەيدا قىلغان ئىدى، ئىستېمالچىلار خالىغىنىغا ئۆزى تاللاپ كىرسە بولاتتى، كىرگەندە ئۆچرەتتە تۇرىدىغان، ئولتۇرىدىغانغا بوش يەر تاپالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار قەھۋەخانا ئىزدەپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن خالى بولالايتتى، ۋە بۇ ئارقىلىقمۇ سىتارباكىس قەھۋە ئەمەس مۇلازىمەت سېتىش نىشانىغا يەتكەن ئىدى. 90-يىللاردا سىتارباكىس ئامېرىكىدا ناھايىتى تېز سۈرەتتە ۋە ياخشى ھالەتتە كېڭەيدى.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، سىتارباكىسنىڭ 1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئامېرىكىدىكى كېڭىيىش سۈرئىتى بىلەن 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە جۇڭگودىكى كېڭىيىش سۈرئىتى ئاساسەن ئوخشايتتى، 1997-يىلى ئامېرىكىدىكى قەھۋەخانىلىرىنىڭ سانى بىلەن 2014-يىلى جۇڭگودىكى قەھۋەخانا سانى ئاساسەن بىردەك ئىدى.

سىتارباكىس ئۆزىگە تەۋە ھەربىر قەھۋەخانىنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماركىسى دەپ قارىغان. سىتارباكىس قەھۋەخانا كېڭەيتىشتە قوشۇنغا بەك ئەھمىيەت بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەھۋەخانا باشلىقىغا بەك بەك بەك ئەھمىيەت بەرگەن. قەھۋەخانىسىدا ئىشلىگەن ھەربىر خىزمەتچىنى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق تەربىيەلەشكە سەل قارىمىغان. يەنە ئورۇن تاللاشقا بەك دىققەت قىلغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن سودا سارايلارنى باش نىشان قىلغان، ئولتۇراق رايۇن ۋە سودا سارايلارغا يېقىن بولغان ئورۇنلارنى مەركەز قىلىپ تاللىغان.

سىتارباكىس ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى سىستېمىلىق ۋە ياخشى سۈرئەت، ئۈنۈم بىلەن كېڭىيىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top