• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » گىپنوز تېخنىكىسى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

گىپنوز تېخنىكىسى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

تەرجىمىدە زۆھەل

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى گىپنوز ئۇستىسى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويسا، ھەتتا كۆزىگە قاراپ قويسا، بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالىدۇ، گىپنوز قىلىنغۇچى پەقەت گىپنوز قىلغۇچىنىڭ بارلىق بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئوخشاپ كېتىدىغان گىپنوز تېخنىكىسى پەقەت ئىككىنچى ئېقىمدىكى ياپونىيە ھەجۋىي رەسىملىرى ياكى ھوللىۋودنىڭ خىيالىي چوڭ فىلىملىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھەقىقىي گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىتى دەل پىسخىكىلىق بېشارەتتۇر.

گىپنوز تېخنىكىسى سېھىرگەرلىكتىن كەلگەن. ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇخلىتىش تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە قەبىلە مەدەنىيىتىدىكى سېھىرگەرلىك بولۇپ، كىشىلەر كۈچلۈك ھاراق ياكى خىيالىي نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئىچىپ، رېتىمى كۈچلۈك مۇزىكا ياكى قانۇنىيەتلىك قوڭغۇراق ئاۋازىدا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ. قەبىلىنىڭ ئاقساقال ياكى شامان بىرەر ئەجدادنىڭ تەلەپپۇزىنى قاتتىق ۋە كەسكىن دوراپ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل توپنىڭ بىردەك بېسىمى ۋە مەست قىلىش دورىسىنىڭ نېرۋىنى پالەچ قىلىپ قويۇشى ئاستىدا، ھەممە ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى ۋە ھەرىكىتى بىردەك بولىدۇ، مانا بۇ ئەڭ بۇرۇنقى ئۇخلىتىش تېخنىكىسى.

گىپنوز تېخنىكىسى پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. 18-ئەسىردىن باشلاپ گىپنوز پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالغان. داۋالىغۇچىنىڭ ماگنىتلىق ئاۋازغا باي بولۇشى ۋە ئىللىق، راھەت مۇھىتقا ئىگە بولۇشى ئارقىلىق، ئۇخلىتىۋاتقانلار پىسخىكىسىدىكى ئەندىشە ۋە مۇداپىئەنى تاشلاپ قويۇپ، بىر خىل يېرىم ئۇيقۇغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھالەتكە كىرىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى بېسىمغا ئۇچرىغان 18-، 19-ئەسىرلەردە ئادەملەر گىپنوز ھالەتتە ئاسانلا قەلبىدىكى ئۆزىگە بولغان ئەخلاق ئاسارىتىنى تاشلاپ، قەلبىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتەلەيدۇ. داڭلىق پىسخولوگ فىرويىد مانا مۇشۇنداق گەپلەرنى پىششىق بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدىكى پىسخولوگلارغا نىسبەتەن، ئۇخلىتىش زۆرۈر دەرسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ھازىرقى زامان گىپنوز تېخنىكىسى

ھازىرقى زاماندىكى گىپنوز تېخنىكىسى ئاساسلىقى ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى داۋالاش خاراكتېرلىك بولۇپ، كىشىلەرنى يۇقىرى ئازادە ئۇيقۇ ھالىتىگە باشلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى جاراھەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۆتمۈشكە قايتىدىن يۈزلىنىشى ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆتمۈشكە بولغان تونۇشى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، قەلبىدىكى ئاغرىقنى داۋالايدۇ. يەنە بىر خىلى، ئورۇنداش خاراكتېرىدىكى ئۇخلىتىش بولۇپ، بۇ خىل گىپنوز كەڭ كۆلەمدە سېھىرگەرلىك، سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىدىغان سورۇنغا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان «ئادەم كۆۋرۈكى» ماھارىتى بولسا، گىپنوز ئۇستىسى بىر ئورۇق ئايال تاماشىبىننى يېتەكلەپ، ئۇنى ئۇخلىتىش ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مۇسكۇللىرىنى تېخىمۇ جىپسىلاشتۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ كۆپ قىسىم بەدىنىنى بوشلۇقتا قالدۇرۇپ، پەقەت باش قىسمى ۋە ئوشۇق قىسمىنىلا ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇققا قويىدۇ. كېيىن بۇ قىزنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىر ھەسسە ئېغىر بىر ئەر كىشى بۇ قىزنىڭ قورسىقىدا ناھايىتى تەمكىن تۇرىدۇ. ئەمما بۇ قىز رېئاللىققا قايتىپ كەلگەندە، بايا ئۆزىگە ناھايىتى چوڭ بېسىمنىڭ چۈشكەنلىكى ھېس قىلالمايدۇ.

بۇ جەرياندا گىپنوز ئۇستىسى بېشارەت بېرىش ئارقىلىق، قىزنى ئۆزىنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ پولاتتەك قاتتىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسكۇللار راستىنلا بىر يەرگە يىغىلىپ، قىسقا ۋاقىتتا يۇقىرى سىجىللىقتىكى بېسىمغا تاقابىل تۇرالايدۇ. لېكىن گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ يېتەكلەش خاراكتېرى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ماددىنىڭ ماھىيىتىگە خىلاپلىق قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ چاغدىكى ئايال تاماشىبىن ھەرگىزمۇ ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق كۈچلۈك ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق ماھارەت كۆرسىتىش ۋاقتى ئادەتتە 3-5 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ھازىرغىچە گىپنوزنى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىسى كىشىلەرنى ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، كۆڭلىدىكى ئەندىشە، قورقۇنچ قاتارلىق بىر قاتار كەيپىياتلارنى تاشلاپ قويۇشتىن ئىبارەت بىر خىل ئۇيقۇ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ھالەتكە كىرىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا سىرتقى ئاۋازنىڭ يېتەكلىشىگە ئۇچراپ، مەيلى ئەسلىمە ياكى تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق بولسۇن چوڭ مېڭىسىدە مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق خىيالىي مەنزىرە ئاستىدا كىشىلەر ماس ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سەگەك بولغاندا بايىقى مەنزىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئانچە ئېسىدە قالمىغان چۈشىدەك ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئادەم زادى گىپنوز تېخنىكىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنامدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى گىپنوزلاپ بىرەر جىنايەت سادىر قىلارمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ؟ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى چوڭ مېڭىمىزدىكى قورقۇنچنى باشقۇرىدىغان بىر ئەزاسى ئۆرۈك مېغىزى يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر نۆۋەتتىكى بۇيرۇق بىزدە ۋەھىمە كەيپىياتى پەيدا قىلسا، ئۆرۈك مېغىزى يادروسى دەرھال ھوشيار بولۇپ، بىزنى مۇناسىپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ئۆزىمىزنى قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىمىز تۇرمۇشتىكى باشقا شەكىلدىكى گىپنوز: بىز كىنونىڭ كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياش تۆككەن ۋاقىتتا بىر خىل گىپنوزلىنىش بولىدۇ. بىز مۇھەببەتتە مۇھەببەتكە بېرىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندىمۇ بىر خىل گىپنوزلىنىش يۈز بېرىدۇ. شاخلىتىپ سېتىش خادىملىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، بىز ئوخشاشلا ئىختىيارسىز ھالدا گىپنوزلىنىپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك، ئەمەلىيەتتە شاخلىتىپ سېتىشتىكى بۇ جەريان دەل مېڭىنى يۇيۇش جەريانىدۇر.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددىي، يەنى كۆڭلىڭىزدە باشتىن-ئاخىر گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولسىڭىز بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئەتراپىڭىزدىكى «شامالغا» ياكى «يامغۇرغا» قۇلاق سالماڭ. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىڭىزدىن: «راستتىنلا مۇشۇنداق بولامدۇ؟ چوقۇم خەتىرى يوقمۇ؟» دەپ سوراڭ. پەقەت كۆڭلىڭىزدە ھوشيار بولسىڭىزلا، گىپنوز قىلىنمايسىز، ياكى «مېڭە يۇيۇش»نىڭ خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيسىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top