• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » خەلىقئارا قانۇن ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

خەلىقئارا قانۇن ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

خەلىقئارا قانۇن(InternationalLaw) دۆلەتلەر ۋە خەلىقئارالىق تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ، بەلگىلىمە، تۈزۈم، ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئۇمۇمى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان قائىدە پىرىنسىپلار مەۋجۇت بولغان . بىراق كىشىلەر بۇ قائىدە پىرىنسىپلارنى 17-ئەسىرگىچىلىك «خەلىقئارا قانۇن» دەپ ئاتىمايتتى. 1625-يىلى «خەلىقئارا قانۇن ئاتىسى» دەپ ئاتالغان ھىيوگو (Hugo Groutius 1583 ~1645 ) ئۆزىنىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق قانۇنى» دىگەن ئەسىرىدە خەلىقئارا قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قەدىمكى گىرىتسىيە قانۇنىدىكى «كۆپ خەلىق قانۇنى» دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگىلىيىلىك قانۇنشۇناس زوشى (ZouChe 1590-1661) ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە «كۆپ دۆلەت قانۇنى» دەپ ئاتىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيىلىك قانۇشۇناس بېنزىم (BenTham 1748-1832) تۇنجى بولۇپ «خەلىقئارا قانۇن» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن.
خەلىقئارا قانۇنشۇناسلىق ئىلىمىدە خەلىقئارا قانۇن خەلىقئارا ئۇمۇمى قانۇن، خەلىقئارا ئىقتىسادى قانۇن ۋە خەلىقئارا خۇسۇسى قانۇندىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەلقئارائۇمۇمى قانۇن (Public International Law) نى ئادەتتە بىۋاستە خەلىقئارا قانۇن (InternationalLaw) دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى دۆلەتلەر ۋە خەلىقئارالىق تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ، بەلگىلىمە، تۈزۈم، ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئۇمۇمى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
خەلىقئارا ئىقتىسادى قانۇن (international Economic Law) دۆلەت، خەلىقئارالىق ئىقتىسادى تەشكىلات ۋە ھەرخىل چەتئەلگە چېتىشلىق ئىقتىسادى سۇبىكىتلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ، بەلگىلىمە، تۈزۈم، ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئۇمۇمى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
خەلىقئارا خۇسۇسى قانۇن (PrivateInternational Law) چەتئەلگە چېتىشلىق ھەق-تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ، بەلگىلىمە، تۈزۈم، ئەھدىنامە،شەرتنامە ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئۇمۇمى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يازمىدا بايان قىلىنىدىغان خەلىقئارا قانۇن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئۈچ خىل خەلىقئارا قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يۇقىرىدا بايان قىلغان ئۈچ ئېنىقلىمىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۈچ خىل خەلىقئاراقانۇن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ ئۇلار ھەممىسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك كېلىشملەردىن ئىبارەت.
نۇرغۇن كىشىلەر خەلىقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ خەلىقئارا قانۇننىڭ ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلىقىنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» ۋە ئۇنىڭ باش كاتىپىنىڭ «قورچاق» ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەلىقئارا قانۇننىڭ ماھىيىتى، خاراكتىرىنى بىلمەسلىك چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
خەلىقئارا قانۇن دۆلەت ئىچى قانۇنىغا ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمزدەك خەلىقئارا قانۇن خەلىقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر بىردەكلىكى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەرخىل كىلىشىمنامىلەردىن ئىبارەت. بۇ كىلىشىمنامىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىرادىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلىشىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا خەلىقئارادا دۆلەتتىن ھالقىغان ھەممە دۆلەتلەرنى باشقۇرالايدىغان بىر «خەلىقئارالىق ھۆكۈمەت» مەۋجۇت ئەمەس (بەلكىم بەزىلەر «ئەمىسە ‹ب د ت› چۇ؟ ئۇ قانۇن تۇزىدىغۇ؟ ئۇنىڭ تىنىچلىق ساقلاش قىسمىچۇ؟ » دەپ سوئال قويىشى مۇمكىن. ‹ب د ت› غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بۇ يازمىنىڭ داۋامىدا تەپسىلى توختىلىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمىز ) دۆلەت ئىچىدىكىگە ئوخشاش مەخسۇس بىر خەلىقئارا قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، خەلىقئارا قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگىنى، خەلقئارا قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگىنى، خەلىقئار بىخەتەرلىكنى قوغدايدىغان خەلىقئارالىق ئارمىيە ھەم مەۋجۇد ئەمەس. خەلىقئارا قانۇننىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىكىرىنىڭ، ئىرادىسىنىڭ بىردەكلىككە كىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «كىلىشىم» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى،كىلىشىم تۈزگۈچى ئىككى تەرەپ باراۋەلىك ئاساسىدا ئۆزلىرى خالاپ ئۆزىنىڭ ئەمەلى شارائىتىغا ئاساسەن كىلىشىمنى تۈزىدۇ. خەلىقئارا قانۇنمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، خەلىقئارا قانۇننى تۈزگۈچىلەر دەل خەلىقئارا قانۇن نوقتىسىدىكى باراۋەر بولغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىبارەت. خەلىقئارا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن بويسۇنىشى ۋە ئاڭلىق ئىجرا قىلىشىغا تايىنىدۇ. چۈنكى خەلىقئارا قانۇننى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى خالاپ كىلىشىم شەكلىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. يەنە بىر نوقتىدىن ئېيىتقاندا، كىلىشىم شەكىلدىكى خەلقئارا قانۇن تۈزگۈچى ھەرقايسى دۆلەتلەر باراۋەر بولىدۇ.خەلقئارا قانۇن ھەم شۇ خەلقئارا قانۇننى تۈزگۈچى دۆلەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. خەلقئارا قانۇننى تۈزگىچىمۇ دۆلەت ، خەلقئارا قانۇننى ئىشلىتىدىغان ئوبىكىتمۇ ھەم شۇ دۆلەت،خەلىقئارا قانۇننىڭ تەڭشەيدىغان ئۇبىكتىمۇ ھەم شۇ دۆلەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلىقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش، ئوخشىمىغان دىنى ئىتقادقا ئىگە. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ھوقۇق جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان «خەلىقئارالىق ھۆكۈمەت»،«خەلىقئارالىق قانۇن تۇرغۇزۇش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش ئورگىنى» ۋە «خەلىقئارالىق ئارمىيە»،،،،،دەك خەلىقئارالىق ئورگانلارنى تەشكىللەش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك.
يىغىنچاقلىغاندا،خەلىقئارا قانۇن دۆلەتلەر ئارىسىدا كىلىشىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىدىغان، شۇ ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى دۆلەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان، دۆلەتلەر ئۆزلىكىدىن بويسۇنىدىغان، يۈرگۈزىلىشى ۋە نازارەت قىلىنىشى شۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشىدىغان، چەكلىمىلىككە ئىگە بولغان، دۆلەت ئىچى قانۇنىغا ئوخشىمايدىغان، قانۇنلار ئىچىدىكى ئالاھىدە قانۇن سېستىمىسىدۇر.
بىرىنجى
خەلىقئارا قانۇن ئارقىلىق دۇنيابىخەتەرلىكى ۋە تىنىچلىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. مەلۇمكى،جەمئىيەت تىنىچ بولماي ئۇرۇش يۈز بەرسە، ھەر بىرىمىزنىڭ مال-دۇنياسى، چىرايلىق ئۆيلىرىمىز،ماشىنىلىرىمىز، بەخىتلىك تۇرمۇشىمىز،،،،قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار ھېسابلانماستىن، بەلكى تىنىچ ئامانلىق ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جانساقلاش ھەممىدىن مۇھىم ئىش بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن ھازىر ھەممىمىز تاراتقۇلاردائاڭلاپ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. سۈرىىيەدىكى ئۇرۇش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى خانىۋەيران قىلىىپ يۇرتىدىن ئايرىپ مۇساپىرچىلىق يولىغا باشلىدى. تاراتقۇلاردىكى سۈرىيىلىك كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ ئۇرۇش دەردىدىن تارتقان ئازابلىق كۆرۈنۈشلىرى ۋە يېقىندا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۈچ ياشلىق كىچىك بالىنىڭ دېڭىزبويىدىكى جەسىتى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قەلبىتەسۋىرلىگۈسىز ئېچىنپلا قالماستىن يەنە ھازىرقى ئۇرۇشسىز، تىنىچ تۇرمۇشىغا مىڭشۈكۈرلەر ئېيىتماي قالمايدۇ. گەرچە خەلىقئارا قانۇننىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىغا ئوخشاشمەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلىقئارالىق كىلشىم بولغان خەلقئاراقانۇن ئارقىلىق ھەرخىل خەلىقئارالىق پىرىنسىپ بەلگىلىمىلەرنى تۈزىدۇ. ئەگەردە مەلۇم بىر دۆلەت بۇ پىرىنسىپ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، باشقا دۆلەتلەر بىرلىشىپ شۇ دۆلەتكە ئورتاق قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغدايدۇ. مەسىلەن، 1990-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە يۈز بەرگەن «پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى» دا ئىراق خەلىقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلىپ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغاچقا، ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى 34دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن كۆپ دۆلەت ئارمىيىسى ئىراققا ھوجۇم قىلىپ كۇۋەيتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان.ئاخىرىدا ئىراقنى مەغلۇپ قىلىپ تاجاۋۇزچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قىلمىشنىڭخەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق قارشى تۇرىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىمئەكىس ئەتتۈردى. بۇ مىسالنى تىلغا ئالساق نۇرغۇن كىشىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ئامىرىكىنىڭ خەلىقئارا جەمئىيەت ئۇرتاق قارشى تۇرسىمۇ، خەلىقئارا قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوزغىغان بەزى دۇنيا تىنىچلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق رەدىيە بېرىشى مۇمكىن. لىكىن خەلىقئارا سىياسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلىقئارا جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسى مەنپەئەتلەرنى كۆزلەيدۇ. ھەم بىزيۇقىرىدا بايان قىلغان خەلقئارا قانۇننىڭ چەكلىمىلىك خاراكتىرى سەۋەبىدىن مۇشۇنداقئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. ئەمما خەلىقئارا قانۇننىڭ رولى ۋە خەلىقئارا سىياسىۋەزىيەتنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەتنى خەلىقئارا قانۇندىنمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش رولى بار باشقا بىر مىخانىزىم يوق. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ساۋىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇرۇشتىن يىرگىندۈرۈپ، تىنىچلىقنى دۇنيانىڭ ئاساسى تىمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق بولغاچقا ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەرخەلىقئارالىق تالاش تارتىشلارنى تىنىچ يول بىلەن خەلىقئارا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققى قىلىپ دۇنيا «يەر شارى كەنتى» گە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە خەلىقئارا قانۇننىڭ سىياسى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش رولى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھەم مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.
ئىككىنچى
خەلىقئارا قانۇن ئىنسانلارجەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلىقئارا قانۇننىڭ بۇرولى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىلمەيدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ. خەلىقئارا بولسا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر چوڭ تىپتىكى جەمئىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەككە بىرئادەم باشقا ئادەملەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلماي ئۆزى يالغۇز ياشىيالمىغىنىدەك، بىر دۆلەتمۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلماي ئۆزى يالغۇز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مەسىلەن بەزى دۆلەتلەردە تەبئىي بايلىق ئىنتايىن مول، بەزىسىنڭ تېخنىكىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ،بەزىسىدىن ئاشلىق كۆپ چىقىدۇ،،،،،دىگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر قايسى دۆلەتلەربىر-بىرىگە تايىنىشقا مۇھتاج بولىدۇ، ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىدۇ، مۇناسىۋەت باغلايدۇ،ھەمكارلىشىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خەلىقئارا قانۇننىڭ رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ جەرياندا خەلىقئارا قانۇن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا، تېخنىكا،ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن،«خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە قانۇنى» بولغاچقا سىز جوڭگۇدا تۇرۇپ بىۋاستە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە بارالايسىز، ئۇنداق بولمايدىكەن باشقا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتكۈزمەسلىكى ياكى ئېتىپ چۈشىرىۋىتىشى مۇمكىن. ‹ب د ت›نىڭ مەخسۇس ئورگان (‹ب د ت›نىڭ مەخسۇس ئورگىنىنى يازمىنىڭ داۋامىدىكى ‹ب د ت› دىگەن قىسمىدا تەپسىلى چۈشەندۈرىلىدۇ) نى بولغان «خەلىقئارا ئەمگەك ئىشچىلار تەشكىلاتى» تۈزگەن ۋە تۈرتكەبولغان ھەر تۈرلۈك خەلقئارالىق كىلىشمىنامىلەر بولغاچقا، سىز كۈندە سەككىز سائەتلا، ھەپتىدە بەش كۈنلا ئىشلەپ قالغان ۋاقىتتا بەخىرامان ئارام ئېلىۋاتىسىز. «خەلىقئارا تېلېگىراف ئىتتىپاقى»نىڭ ھەر تۈرلۈك شەرتنامىلىرى بولغاچقىلا، سىزچەتئەلدە تۇرۇپ ياكى چەتئەلدە تۇرىۋاتقان تۇغقانلىرىڭىز بىلەن خاتىرجەم تىلىفۇندائالاقە قىلىۋاتىسىز. «دۇنيا سەھىيە تەشكىىلاتى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىبولغاچقىلا ‹ئەيدىز›،‹ئەيبۇلا›،‹سارىس›،‹راك› ،قاتارلىق ئىنسانلار جەمئىيىتى ئورتاق دۇچ كەلگەن كىسەللىكلەرنىڭ يېڭىدىن بايقالغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى، بۇ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى مەيلى قايسى دۆلەتتە بارلىققا كەلمىسۇن شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىسىلىڭىزنى داۋالىتىۋاتىسىز. «دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بولغاچقا ، ئامىرىكىدىكى ئالماشىركىتى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۆلىتىمىزدە خالىغانچە دەخلى تەرۇزسىز سېتىۋاتىدۇ.«دۇنيا سودا تەشكىلاتى» بولغاچقا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆز دۆلىتىمىزدە يوق بولغان ياكى سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان مەھسۇلاتلارنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. «دۇنيا بانكا گوروھى» بولغاچقىلا بىزنىڭ دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلىرىمىز ئامىرىكىنىڭ ۋول سىتىرىت(WallStreet) كوچىسىدىكى خەلىقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدە ھەر تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ،ھەم سىزمۇ ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپلا شۇ يەردىكى پايچىك سودىسىغا قاتنىشىۋاتىسىز. خەلىقئارا قانۇننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلى رولىغا بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بۇنداق يازمىدىن بىر نەچچىنى تەييارلىساقمۇ ئازلىق قىلىشى مۇمكىن.خەلىقئارا قانۇن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەيلى سىياسى،ئىقتىساد، تېخنىكا،مەدەنىيەتياكى باشقا تەرەپلىرى بولسۇن ، ھەممىسى بىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا خەلىقئارا قانۇن دۆلەتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
خەلىقئارا قانۇننىڭ رولىنى ئۇمۇمى جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، سىياسى جەھەتتىن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تىنىچلىقنى بەرپا قىلىدۇ، قوغدايدۇ، خەلىقئارا جەمئىيەتتە تىنىچ مۇقىم بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇشۇ تىنىچ مۇقىم ۋەزىيەتتە ئۆزئارا ئىقتىساد،مەدەنىيەت،تېخنىكا،،،،جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىگە جۈملىدىن ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەنبە: ئىزدەش قامۇسى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top