• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » قۇياشنىڭ 10 مىليارد يىللىق ئېنېرگىيەسىنى ئۈچ سېكۇنتتا تارقىتالايدىغان ئالەم جىسمى

قۇياشنىڭ 10 مىليارد يىللىق ئېنېرگىيەسىنى ئۈچ سېكۇنتتا تارقىتالايدىغان ئالەم جىسمى

تەرجىمىدە ئوغلان

ئىنسانلار پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە يەر شارىدىن چىقىپ، چەكسىز سىرلىق ئالەم دۇنياسىنى كۆردى. چەكسىز كائىناتتىكى «باش رولچىلار» بولسا دەل تۈرلۈك ئاسمان جىسىملىرىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرغۇن يۇلتۇزلار كائىناتتىكى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك يارقىن ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئىنتايىن كۈچلۈك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى كائىناتتىكى ئەڭ يارقىن مەنزىرە دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئىچكى قىسىمدىكى يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت شارىغا ئايلاندۇرۇپ، قاراڭغۇ، سوغۇق كائىناتقا ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمىغان، يەر شارى دەل تۇرغۇن يۇلتۇز-قۇياشىنىڭ ياردىمى بولغاچقىلا، ھاياتلىق يۇلتۇزىغا ئايلىنالىغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىق ئىنسانلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئىنسانلارنىڭ ھاياتى قۇياش پەيدا قىلغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئېنېرگىيە يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، ئۇلار بولمىسا بىز ياشىيالمايمىز. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇياش يوقاپ كەتسە ياكى نۇر چاچمىسا، ئۇ ھالدا يەر شارىنى كۈتۈۋالىدىغىنى قاراڭغۇلۇق ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى بولىدۇ. پەن-تېخنىكا دەۋرىدىكى ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇياش پەقەت يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر كۈچلۈك ئېنېرگىيە مەنبەسى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيەدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قۇياش سىستېمىسىدا قۇياشتىنمۇ كۈچلۈك ئېنېرگىيە يوق، قۇياش ھەر سېكۇنتتا سىرتقا قويۇپ بېرىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ھەممىسىنى ئەگەر بىز پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولساق، ئىنسانلارنىڭ 200 مىڭ يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن قۇياشنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، شۇنچە كۈچلۈك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئېنېرگىيەسى كائىناتتا ئەڭ كۈچلۈكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئىنسانلار يەر شارىدىن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۆزىتىش دائىرىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېنېرگىيەلىك ئاسمان جىسمى دەپ قاراپ كەلگەن، ئەمما، بىزنىڭ كۆزىتىش تېخنىكىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 10 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدە كائىناتتا تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە قورقۇنچلۇق، نەچچە ئون مىڭ ھەسسە كۈچلۈك ئېنېرگىيەلىك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن دوستلار بىر خىل ئاسمان جىسىمىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى يۇلتۇزسىمان جىسىم. بۇ بىر خىل تۇرغۇن يۇلتۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئوخشاشلا كۈچلۈك ئېنېرگىيە رادىياتسىيەسى تارقىتالايدۇ. يۇلتۇزسىمان جىسىملارنى بىز ناھايىتى بۇرۇن كۆزەتمىگەن، چۈنكى بۇ تۈردىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق بولۇپ، ئاساسەن يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلىدىن ئاشىدىغان يىراق يۇلتۇزلۇق ئالەم بوشلۇقىدا. يۇلتۇزسىمان جىسىم ئىنتايىن يىراق ئارىلىقتا سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئۆلچەپ چىقىلغان يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئاسمان جىسىمى بولۇپ، %80تىن ئارتۇق يۇلتۇزسىمان جىسىم ئاساسەن تىنچ تۇرىدۇ. يۇلتۇزسىمان جىسىملار يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىدىن ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ مىڭ ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ، يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يورۇقلۇقىدىن ئۇلارنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئارىلىقتىن كۆزەتكىلى بولىدۇ.

بىزگە مەلۇمكى، فوتوننىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكى بولۇپ، يەر شارىدىن 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى فوتون ئۈچۈن 10 مىليارد يىل ۋاقىت سەرپ قىلغاندا ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ. ھالبۇكى، شۇنچە يىراق يۇلتۇزسىمان جىسىم چىقارغان فوتون يەنىلا 10 مىليارد يىل ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈپ يەر شارىغا يېتىپ كېلەلىگەن، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئالەمدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئېنېرگىيەسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا يۇلتۇزسىمان جىسىملار چىقارغان ئېنېرگىيە قانچىلىك كۈچلۈك؟ بىز قۇياشنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى، قۇياشنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 10 مىليارد يىل ئەتراپىدا، ھالبۇكى ھەر سېكۇنتتا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ئىنسانلارنىڭ 200 مىڭ يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. ئەمما، يۇلتۇزسىمان جىسىم ئۈچ سېكۇنتتىلا چىقارغان ئېنېرگىيە قۇياشنىڭ 10 مىليارد يىل سەرپ قىلغان ئېنېرگىيەسىگە باراۋەر كېلىدۇ، يەنى قۇياش ئۆز ئۆمرىدە چىقارغان ئېنېرگىيەسىنى يۇلتۇزسىمان جىسىم پەقەت ئۈچ سېكۇنت ئىچىدىلا چىقىرالايدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇلتۇزسىمان جىسىم ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، ئۇ ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتە ئالەمدە بايقىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئاسمان جىسىمى. ئۇنداقتا بۇ خىل ئاسمان جىسىملىرى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئۇلارنىڭ ماھىيىتى زادى نېمە؟ يۇلتۇزسىمان جىسىملارغا نىسبەتەن ئالىملارنىڭ بىلىدىغىنىمۇ ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق، ئەگەر ئۇلار چىقارغان ئېنېرگىيە بەك كۈچلۈك بولمىسا، بىز ھەرگىز كۆزىتەلمەيمىز. ئالىملار مۇنداق قىياس قىلغان: يۇلتۇزسىمان جىسىملار قارا ئۆڭكۈرنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى» بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ مەركىزىي قىسمى، ماسسىسى غايەت زور چەكسىز قارا ئۆڭكۈر بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەم يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنى بىلىش كېرەككى، كائىناتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمران دەرىجىلىك مەۋجۇدلۇق بولۇپ، ئۆز ئەتراپىدا كۈچلۈك، روشەن نۇرلۇق تەخسىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەگەر يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ ماھىيىتىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىز كۆزىتەلەيدىغان يورۇق رايون شەكىللەنسە، ئۇمۇ غايەت زور «يىغىش تەخسىسى» بولۇپ قالامدۇ؟ ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق ئاددىي بولسا، ئۇنداقتا ئالىملارنىڭ يۇلتۇزسىمان جىسىملارغا بولغان دىققەت-ئېتىبارى ئۇنچە يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئالىملار كۆپ مىقداردا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ بىز كۆزەتكەن باشقا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرلەردىن شەكىللەنگەن «يىغىش تەخسىسى»دىن روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.
دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈردە يۈز بەرگەن ئېنېرگىيە رادىياتسىيەسى گەرچە ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ فوتونىنى 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىققا يەتكۈزۈش ناھايىتى تەس. ئىنسانلار نۆۋەتتە كۆزىتەلەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئاساسەن 100 مىليون يورۇقلۇق يىلى دائىرىسىدە بولىدۇ، مەسىلەن، بۇلتۇر ئالىملار ئېلان قىلغان تۇنجى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەقىقىي سۈرىتى دەل يەر شارىنىڭ 55 مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈردۇر. يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈردىن خېلىلا چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭكىنىڭ 145 تىرىليون ھەسسىسىگە يېتىدۇ، بۇ قانداق ئۇقۇم؟ ئەگەر يۇلتۇزلار ئاسمىنىنى يورۇتۇشقا ئىشلىتىلسە، بۇنداق ئېنېرگىيە ئارقىلىق 1000 سامانيولى سىستېمىسىنى يورۇتقىلى بولىدۇ. ئەگەر يۇلتۇزسىمان جىسىمنى قۇياش سىستېمىسىغا قويۇپ بەرگەندە، قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە قۇياش سىستېمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يۇتۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە سامانيولى سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا غايەت زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ئەگەر يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ مەركىزى بىر قارا ئۆڭكۈر بولسا، ئۇنداقتا بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى ھېچبولمىغاندا قۇياشنىڭ 100 مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن يەر شارىدىن 10 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، بىز ھازىر ئۇلارنى كۆزىتەلەيمىز، بۇ يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ فوتونىنىڭ ئالەمدە ئاز دېگەندىمۇ 10 مىليارد يىل ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كائىناتنىڭ يېشىمۇ ئاران 13 مىليارد 800 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، بۇ يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىنىڭ ئاساسەن كائىناتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئالىملارنىڭ پەرىزىچە، يۇلتۇزسىمان جىسىم بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇ بەلكىم بىز بىلىدىغان قارا ئۆڭكۈر بولماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا ئۇنىڭ قارا ئۆڭكۈر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن، يۇلتۇزسىمان جىسىم ئالەمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلاردا ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئالەمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنىڭ سىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئالىملار يۇلتۇزسىمان جىسىملارنى تەتقىق قىلىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە مۇھىمى، ئۇ ئارقىلىق ئالەمنىڭ زادى قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان. شۇنداقلا ئالەمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغان، گەرچە كائىناتتا نۇرغۇن سىرلار بولسىمۇ، ئەمما بۇ كائىناتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم سىرلار ھېسابلىنىدۇ. ئالەمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالساقلا، بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئالەمنىڭ ئاخىرقى سىرىنى ئاچالىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كائىناتنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى، ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بىز كۆزىتەلەيدىغان كائىناتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدا، نۆۋەتتە پەقەت يۇلتۇزسىمان جىسىملارلا بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يۇلتۇزسىمان جىسىملارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشتە، بىز نۆۋەتتە پەقەت ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىق كۆزىتىش ۋە بەزى تەقلىدىي تەجرىبىلەردىنلا پايدىلىنالايمىز.

يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن، بەلكىم بىز كەلگۈسىدە نەق مەيدانغا بېرىپ يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ سانلىق مەلۇمات يىغىشىمىز كېرەك. بۇنداق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنسانلار ئۈچۈن غايەت زور خىرىس. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ 10 مىليارد نۇر يىلى كېلىدىغان چەكسىز سەپەر، بەلكىم ئىنسانلار كەلگۈسىدە نەزەرىيەدىكى قۇرت ئۆڭكۈرىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن بۇنى قىلالىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top