You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئوپتىكىلىق كۋانت زادى قانداق ماددا؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ئوپتىكىلىق كۋانت زادى قانداق ماددا؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

تەرجىمىدە زۆھەل

ئوپتىكىلىق كۋانت ئادەتتە بىز دەۋاتقان فوتون بولۇپ، ئۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى، ئېلېكتىر ماگنىتىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي زەررىچىسى، شۇنداقلا ئېلېكتىر ماگنىت رولىنى ئوينايدىغان ۋاستىچى، ئۇنى ئەڭ ئاۋۋال ئېينىشتېين ئوتتۇرىغا قويغان.

فوتوننىڭ تۇرغۇن ماسسىسى نۆل بولىدۇ، شۇنداقلا فوتون چوقۇم يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ئۆمۈر بويى يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېچقانداق سۈرئەت تېزلىتىش جەريانى بولمايدۇ، فوتون ئەزەلدىن توختاپ قالمايدۇ، مەڭگۈ يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تاكى مەلۇم جىسىم قوبۇل قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

فوتون يورۇقلۇق تېزلىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق فوتوندىن ماسسىنى يەنى بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت ماسسىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فوتون دولقۇننىڭ ئىككى ياقلىما خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ دولقۇننىڭە دىفراكسىيە ۋە ئىنتېرفېرېنسىيە قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھالبۇكى، فوتو ئېلېكتىر ئېففېكتىمۇ فوتوننىڭ زەررىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، فوتون ئاتوم تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلېكترون بەلگىلىك ئېنېرگىيىگە ئېرىشىپ ئىچكى ئوربىتىدىن سىرتقى ئوربىتىغا يۆتكىلىدۇ، ئاتوممۇ ئاساسىي ھالەتتىن قوزغىتىش ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ. ئەكسىچە، ئېلېكترونمۇ سىرتقى ئوربىتىدىن ئىچكى ئوربىتىغا سەكرەپ چىقىپ فوتون قويۇپ بېرىدۇ، بۇ دەل قۇياشنىڭ نۇر چىقىرىش پىرىنسىپىدۇر.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، فوتون ئېنېرگىيە ئېلىپ يۈرىدىغان زەررىچە بولۇپ، ئېنېرگىيىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا فوتون ئېنېرگىيىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈزلۈكسىز ئەمەس، بەلكى بىر نۇسخا بىر نۇسخا ھالىتىدە بولۇپ، پەقەت كۋانتلاشقان ئېنېرگىيىنىلا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top