• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونى نېمە ئۈچۈن ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايونى دەپ ئاتىلىدۇ؟

بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونى نېمە ئۈچۈن ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايونى دەپ ئاتىلىدۇ؟

تەرجىمىدە ئاۋزەر پەرھات

بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونى تىلغا ئېلىنسا، سىز نېمىنى ئويلايسىز؟ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانلارمۇ ياكى بۇ يەرگە غەرق بولغان ھەربىي پاراخوتلارمۇ؟ بەك سىرلىق ھېس قىلدىڭىزمۇ قانداق؟ بۇ جاي شىمالىي كەڭلىك 32 گرادۇسقا جايلاشقان، غەربىي ئۇزۇنلۇق 64 گىرادۇس بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا تەۋە. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق نام چىقارغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ دېڭىز تەۋەسىدە دائىم كىشىلەر ھازىر بار بولغان پەن-تېخنىكا ۋاستىسى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان غەلىتە ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن خېلى بۇرۇنلا پاراخوت يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

تەخمىنەن 1840- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىدىن يولغا چىققان «روسارى» ناملىق پاراخوتقا زور بىر تۈركۈم ئەتىر ۋە ئۈزۈم ھارىقى قاچىلانغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەر باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلاتتى، بۇ پاراخوت كۇبانىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە يوقاپ كەتكەن، ھېچكىم ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغان. شۇ چاغدا ئۇلار دېڭىز ھادىسىسىگە ئۇچراپ ھەممىسى قۇربان بولدى دەپ ئويلىغان. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، بىر تۈركۈم دېڭىز ئارمىيەسى بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك دېڭىز تەۋەلىكىدە «روسارى» ناملىق پاراخوتنى بايقىغان. ئەينى چاغدىكى پاراخوتتا ھېچقانداق بۇزۇلۇش ئىزى يوق ئىدى، بىراق ئىنتايىن غەلىتە يېرى كېمىدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، شۇ چاغدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بەلكىم دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، لېكىن كېيىنكى ئىشلار بۇ پەرەزنى ئىنكار قىلدى. مال بۆلۈمچىسىدىكى ماللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تولۇق ئىدى، تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى مېۋە-چىۋىلەر ئىنتايىن يېڭى. پەقەت كېمىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن. شۇ چاغدا كېمىدە ھايات قالغان بىردىنبىر جانلىق بىر سېرىق قۇشقاچ بولۇپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالاي دېگەنىدى. بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق ئىدى.

كېيىن 1945-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە بىر سىرلىق ئىش يۈز بەرگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تورپېدا بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىدىن تەشكىللەنگەن بەش ئوتتۇرا ئەترەت رودېدابۇرگ دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە بازىسىدا دائىملىق مەشق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، يەنى ئەينى چاغدىكى 19-ئۇچۇش ئوتتۇرا ئەترىتى ئىدى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ چاغدىكى ھاۋا رايى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. بازىدىكىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، ۋەزىپە يېرىمىغا كەلگەندە ئايرۇپىلاندىكىلەرنىڭ قولىدىكى كومپاس ئىشلىمىگەن، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ سىمسىز تېلېگراف سىگنالىمۇ بارغانسىرى ئاجىزلىغان، ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق. شۇنداق قىلىپ بۇ بەش ئايرۇپىلان غايىپ بولغان، نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان، ئايرۇپىلان ئۈستىدىكى 14 ئادەمنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغان. ئاستا-ئاستا بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ يەرگە يېڭىدىن« ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايونى» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان.

سىرلىق يوقاپ كەتكەن پاراخوت ۋە ئايروپىلان توغرىسىدا نۇرغۇن ئالىملار ئېنىق يەكۈن چىقارمىغان. پەقەت نۇرغۇن سەۋەب قىياسى پەيدا بولغان. بەزى ئالىملار بۇ جايدا بىر سىرلىق ھەم غايەت زور قاينام مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەرگە كېلىشى بىلەنلا، مەيلى پاراخوت ياكى ئايروپىلان بولسۇن، ھەممىسى سۈمۈرۈلىدۇ، دېيىشىدۇ. مانا بۇ قاينام تەلىماتى. بەزى ئالىملار بۇ جايدا كۈچلۈك ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى مەۋجۇت دەپ قارىغان، شۇڭا بۇ سۆز ئىنفرا ئاۋاز تەلىماتى دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە، بۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋە پاراخوت ۋەيران بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. سىز بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلامسىز؟

بەزى ئالىملار بۇ ئىككى قاراشقا قوشۇلماي يەنە يەر ماگنىتى نورمالسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار بۇ يەردە كۈچلۈك ھەم غەلىتە ماگنىت مەيدانى بار، بۇ ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاشىلا قىلىدۇ، ھەر خىل ئەسۋاپلار كاردىن چىقىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار ھالاك بولىدۇ، ئاندىن ۋەيران بولغان ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار ئاتلانتىك ئوكياندىكى شىددەتلىك سۇ ئېقىمى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. ئالىملارنىڭ بۇ قاراشلىرىغىمۇ ئىسپات يوق، زادى بۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ خىل قاراشنىڭ قايسىسى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top