• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سېلىشتۇرمىسى

ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سېلىشتۇرمىسى

تەرجىمىدە قايدۇجان

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەمەلىي كۈچ پەرقىنى ئىقتىسادىي كۈچ، ئالىي مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات كۈچى بەلگىلىگەن.
ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2018-يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 تىرىليون 490 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولسا ئاران تۆت تىرىليون 970 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ تۆت ھەسسىدىن كۆپرەك. ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئامېرىكىنىڭ %69 ىگە يەتكەنىدى، ئامېرىكىنىڭ زەربە بېرىشى بىلەن ھازىر خېلى كۆپ تۆۋەنلىدى، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاساسەن ئېشىپ باقمىدى.

نوبېل مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپاتتىن قارىغاندا، ياپونىيەدىن جەمئىي 28 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بولۇپمۇ 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 19 يىلىدا 19 نەپەر ياپونىيەلىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكىن بولسا جەمئىي 376 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر سانى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئاساسەن ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىدىن 158 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلىرى

ئامېرىكا يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ كۆپ قىسىم ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ كرىمنىي جىلغىسى ۋەكىللىكىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئىنتېر تورى، يۇمشاق دېتال، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، دورىگەرلىك ساھەلىرى.

مۇلازىمېتىر بازىرىدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان HP، دېل، IBM كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا كارخانىلىرى؛ روتېر بازىرىدا ئامېرىكىدىكى سىسكو شىركىتى بىرىنچى ئورۇندا، خۇاۋېي شىركىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ساقلىغۇچ، قاتتىق دىسكا بازىرىدىمۇ EMC، غەربىي قىسىم سانلىق مەلۇمات شىركەتلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئەقلىيفون مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىنىمۇ گوگىل شىركىتىنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋە ئالماشىركىتىنىڭ ios سىستېمىسى پۈتۈنلەي مونوپول قىلغان.

ئىزدەش موتورى ساھەسىدە گۇگول شىركىتىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئۈلۈشى يېرىمدىن ئاشىدۇ؛ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىدا، ئامېرىكىنىڭ سىمانتېك شىركىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىدە، گەرچە ئەلى بۇلۇتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولسىمۇ، ئەمما ئامازون ۋە مىكروسوفت قاتارلىق كارخانىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا ناھايىتى يىراق.

يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۈسكۈنە ياساش ساھەسىدە، ئامېرىكىدىكى قوللىنىشچان ماتېرىيال شىركىتى ۋە لام تەتقىقاتى شىركىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئۇلترا ئاۋازلىق دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسى ساھەسىدە ھەممىباب ئېلېكترىك شىركىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ پۈركۈمە پرىنتېر ساھەسىدە HP شىركىتى ياپونىيەنىڭ كانون شىركىتىدىن كۈچلۈك. داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپىنىڭ بوسۇغىسى بارلىق كەسىپلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى، دۇنيا بويىچە 10 چوڭ دورىگەرلىك شىركىتى ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە شىركىتى بار.

ياپونىيەنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھەلىرى

گەرچە ياپونىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئامېرىكىدىن خېلىلا پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ياپونىيە تېخنىكىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئالاقىدار كارخانىلىرى شۇ ساھەدە دۇنيا بازىرىنى كونترول قىلغان.

1. ياپونىيە دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، ياپونىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن. ياپونىيە كارخانىلىرى كىرىمنىي كرىستاللىق چەمبەر، سىنتېزلانغان كرىستاللىق چەمبەر، نۇر قاپقىقى، ساپال تاختا، سۇلياۋ تاختا، نېپىز پەردىلىك كومپلېكس كرىستال، كەپشەر سىمى، ھىملاش ماتېرىيالى قاتارلىق 14 خىل مۇھىم ماتېرىيال ساھەسىدە %50 تىن كۆپرەك بازارنى ئىگىلەيدۇ.

2. سانائەت ماشىنا ئادىمى زاپچاسلىرى. نۆۋەتتە يەر شارى بويىچە كۆلەملەشكەن ھەم ئىقتىدارى ئىشەنچىلىك بولغان نەپىس سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كۆپ ئەمەس، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بازارنى ياپونىيە كارخانىلىرى ئىگىلىگەن: نابتېسكو شىركىتىنىڭ سۈرئەت ئاستىلاتقۇچى تەخمىنەن %60 نى، خارمونىك شىركىتىنىڭ سۈرئەت ئاستىلاتقۇچى تەخمىنەن %15 نى ئىگىلەيدۇ. ياپونىيەنىڭ سۈرئەت ئاستىلاتقۇچلىرى ماشىنا ئادەم ساھەسىدە قوللىنىش نىسبىتىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

3. يۇقىرى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق بېسىملىق دېتالى. ياپونىيەدىكى كاۋاساكى شىركىتى يەر شارىدىكى سۇيۇقلۇق بېسىملىق دېتال ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم كارخانىدۇر، خىتاينىڭ 20 توننىدىن ئارتۇق قېزىش ماشىنىلىرى ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق بېسىملىق دېتاللىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ياپونىيەنىڭ كاۋاساكى شىركىتى ۋە گېرمانىيە روكسروز شىركىتى كونترول قىلىدۇ.

4. ئىستانوك سانائىتى. ياپونىيە كارخانىلىرى رەقەملىك كونترول قىلىش سىستېمىسىدىن تارتىپ پارچە زاپچاسلارغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، نۆۋەتتە خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەقەملىك كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ %95 ى ياپونىيە ۋە ياۋروپاغا تايىنىدۇ، ئىستانوكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زاپچاسلىرى ئاساسلىقى ياپونىيە ۋە تەيۋەن رايونىدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ، ياپونىيە سېيكو شىركىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستانوك ئوققازىنى تەمىنلەش كارخانىسىدۇر، THK شىركىتى ۋە ياپونىيە سېيكو شىركىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستانوك بۇرمىلىق ئوقى ۋە رېلىس تەمىنلەش كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

5. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال. ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پاسسىپ زاپچاسلىرى (ئېلېكتر قارشىلىقى، ئېلېكتر سىغىمى، ئېلېكتر ئىندۇكتىۋلىقى قاتارلىقلار) كۈچلۈك كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە، ياپونىيەنىڭ مۇراتا شىركىتى، توكيو ئېلېكترىك شىركىتى، قۇياش تۆمۈرچىلىك شىركىتى، كيوسېرا شىركىتى قاتارلىق كارخانىلىرى يەر شارى بويىچە سۈزگۈچ تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق كارخانىلاردۇر، ياپونىيە مۇراتا شىركىتى ۋە قۇياش تۆمۈرچىلىك شىركىتى ئېلېكتر سىغىمى، ئېلېكتر ئىندۇكتىۋلىقى تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق شىركەتلەردۇر. ئاليومىننى ئېلېكترولىزلاپ ماسلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئالدىنقى تۆت چوڭ زاۋۇتنىڭ ھەممىسى ياپونىيە كارخانىسى بولۇپ، بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى %56 كە يېتىدۇ.

6. كۆرسىتىش كەسپى. ياپونىيە كارخانىلىرى كۆرسىتىش كەسپىنىڭ زەنجىرىنى مەھكەم كونترول قىلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ھالقىلىق ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللار جەھەتتە دۇنيادىكى ئاساسلىق ھەتتا بىردىنبىر تەمىنات كارخانىسى ياپونىيەدە. كانون توككى شىركىتى دۇنيادىكى OLED پارلاندۇرۇپ ھەل بېرىش ئۈسكۈنىسى تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر كارخانىدۇر، ئېكسپوزىتسىيە ماشىنىسىنى دۇنيادا پەقەت ياپونىيەدىكى كانون شىركىتى ۋە نىكون شىركىتىلا تەمىنلىيەلەيدۇ، داينىپپون باسما شىركىتى دۇنيادىكى OLED مېتال پەردە تاختىسى تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر شىركەتتۇر.

7. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرى. ئالدى ئۇچتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە، ياپونىيە ئېلېكترون دەستىلىك تەسۋىر سىزىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ %93 نى، سۇۋاش/تەسۋىر روشەنلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ %98 نى، تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ %70 نى، ئوكسىدلاش پېچى بازىرىنىڭ %83 نى، بېسىم تۆۋەنلىتىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ %79 نى ئىگىلىگەن؛ ئارقا ئۇچتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە، يالپاقلاش ماشىنىسى بازىرىنىڭ %97 نى، شەكىلگە كەلتۈرۈش ماشىنىسى بازىرىنىڭ %54 نى ئىگىلىگەن؛ ئارقا ئۇچ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆلچەش ماشىنىسى بازىرىنىڭ %50 نى، تەكشۈرگۈچ يىڭنە بازىرىنىڭ %90 نى، بىر تەرەپ قىلغۇچ بازىرىنىڭ %56 نى ئىگىلىگەن.

8. كاربون تالالىق كەسىپ زەنجىرى. نۆۋەتتە كاربون تالاسى ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق تېخنىكىسى ئاساسلىقى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ياپونىيەنىڭ كاربون تالاسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. كىچىك يىپەك كاربون تالاسى بازىرىدا توراي شىركىتى، تېيجىن شىركىتى ۋە مىتسۇبىشى شىركىتى يەر شارى بازىرىنىڭ %49 ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ؛ چوڭ يىپەك كاربون تالاسى بازىرىدا توراي شىركىتى بىلەن مىتسۇبىشى دۇنيا بويىچە %54 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئالدىدا تۇرىدۇ، ياپونىيە بولسا ئېلېكترون، ماشىنىسازلىق، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەلىرىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا تۇرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە تەتقىقات ۋە ئېچىش ئىشلىرىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان دۆلەت ئىكەن. ياپونىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top