• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مايالىقلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئالدىنى ئالمىغان؟

مايالىقلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئالدىنى ئالمىغان؟

ھازىرقى زامان كىشىلىرى قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ ، ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر چوڭ «خەزىنە» قالدۇردى بۇنىڭ ئىچىدە مايا مەدەنىيىتى ئەڭ سىرلىق مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ ئەمما ، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر تەرپىدىن بۇ مەدەنىيەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ ، مايا مەدەنىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا ، ئاسترونومىيە ئىشلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ، لېكىن بۇنداق تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت بىزگە 5 چوڭ بېشارەت قالدۇرۇپ قويۇپ ئىزدىرەكسىز غايىب بولدى .

قىياس قىلىنىشىچە ، مايا مەدەنىيىتى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن يوقالغان ، تەرەققىي قىلغان مايا مەدەنىيىتىمۇ تەبىئىي مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ، مايا مەدەنىيىتى كىشىلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈشى بولسۇن ياكى ئىچكى قىسمى بولسۇن ، ئىنتايىن نەپىس ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى باردەكلا ، قېپقالغان خارابىلىقلار ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سىرلىق رەسىملەرمۇ بار ، ئۇلارنىڭ ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى باردەكلا قىلىدۇ .

ئالىملار مايالىقلارنىڭ قالدۇرغان تام رەسىملىرىدىن مايا مەدەنىيىتى قالدۇرغان بېشارەتلەرنى تەھلىل قىلىپ ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ، 2012-يىلىدىكى ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى ۋە ئايروپىلان راكېتاسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بۇلارنىڭ تۆتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەقىقەتەن رىياللىققا ئايلانغان ، شۇڭا ئەينى چاغدىكى ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى ھەققىدىكى بېشارىتى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ساراسىمىگە سالغان ، ئۇنداقتا مايا مەدەنىيىتى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يوقىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىگەن تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغان ؟
مايا مەدەنىيىتى يەر شارىدا كۆپ يىل داۋاملاشقان ، ئۇلار كائىناتقا قارىتا ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىش قارىشىغا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىگە خاس جەريانلارنى ياراتقان ، ھەتتا ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىسىدىنمۇ تەرەققىي قىلغان ، مانا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت بىر مەيدان تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن بۇ يەر شارىدىن يوقالغان .

گەرچە ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما قۇرغاقچىلىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئامالسىز قالغان ، ھازىر ئىنسانلار سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرالىسىمۇ ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق بىلەن تىركىشەلمەيدۇ .

دەل ئۇلارنىڭ يوقىلىشى كۆپچىلىكنى 2012-يىلى ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈرگەن ، بۈگۈنكى كۈندە سەككىز يىل بىخەتەر ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ بېشارىتى ئۆزلۈكىدىن بەربات بولدى ، گەرچە مايا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېشارىتى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ ، لېكىن پەقەت ھازىرقى يەر شارىنىڭ قىياپىتىگىلا قاراپ باقساق ، پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ بېشارىتى ئىنسانلارغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى مومكىن ، ئىنسانلارغا يەر شارىنى ياخشى ئاسراش كېرەكلىكىنى ، بولمىسا ھەر قانداق يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت بولسىمۇ تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى ، چوقۇم تەبىئەتتىن ئەيمىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى .

ئەڭ ئاخىرقى بىشارەتتە ئېيتىلغان ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە سەككىز يىل بولدى ، لېكىن يەر شارىنىڭ ھالىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى ، بەزىلەر مايا مەدەنىيىتىنىڭ بېشارىتى ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ ، دەپ پەرەز قىلىشتى ، بەلكىم ئەينى چاغدا ھېسابلاش ۋاقتىدا خاتالىق كۆرۈلگەچكە ، ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلگەن بولۇشى مومكىن ، قىسقىسى ، يەر شارى بىلەن ئىنسانلار بىللە ياشايدۇ ، يەرشارى ئىنسانلارنى سىغدۇرۇشنى خالىمىسا ئىنسانلار ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ ، ئىنسانلار چوقۇم يەرشارىدىن ئەيمىنىشى ، ئۇنى ھۆرمەتلىشى ، ئاسرىشى كېرەك . سىزچۇ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟

سىرلار تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top