You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياۋروپادا نېمە ئۈچۈن ئىنتېرنېت سەركىلىرى يوق؟

ياۋروپادا نېمە ئۈچۈن ئىنتېرنېت سەركىلىرى يوق؟

تەرجىمىدە ئادىلجان

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ فېيسبوك، گۇگول، ئامازون، قاتارلىقلار دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىنتېرنېت سەركىلىرى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئىنتېرنېت تورى ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىدە تىلغا ئېلىنغان ئالدىنقى ئالتە خىتاي-ئامېرىكا كارخانىسى دۇنيادىكى ئون كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن.
ئەمما بۇرۇلۇپ قاراپ باقىدىغان بولساق، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىنتېرنېت سەركىلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي كۈچلۈك تەرەققىي قىلغان ياۋروپانىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ياۋروپا ئومۇمىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپلا قالماي، يەككە دۆلەتلىرىمۇ ئاساسەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.
مەيلى سانائەت، پەن-تېخنىكا ياكى يېزا ئىگىلىك ساھەسى بولسۇن، ياۋروپا دۇنيا مىقياسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بۇنچە تەرەققىي قىلغان ياۋروپادا نېمە ئۈچۈن دۇنيا دەرىجىلىك ئىنتېرنېت سەركىلىرى يوق؟

بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان سانائەتكە ئوخشىمايدۇ، سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن سېتىشتا تىل سىستېمىسىدىكى پەرق نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، پەقەت مەھسۇلات ياخشى بولسىلا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ساتقىلى بولىدۇ. ئەمما ئىنتېرنېت ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى بىرلىككە كەلگەن تىل مۇھىتىغا موھتاج، ئىنتېرنېتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىدا پەقەت تىل بىرلىككە كەلسىلا ئاندىن ئالاقە قىلغىلى، ھەمبەھرلىگىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ياۋروپادا تەبىئىي شارائىت يوق، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم كىچىك دۆلەتلەردە تىل بىرلىككە كەلمىگەن، ئىنتېرنېتنى ھەمبەھرلەش، گىرەلەشتۈرۈش قىيىن.

ئىككىنچى: ياۋروپانىڭ نوپۇسى ئاز، ياۋروپا ئەللىرىدە تىل بىرلىككە كەلمىگەنىكەن، ئىنتېرنېتنى پەقەت شۇ دۆلەتتىلا تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى ئاز، كۆلەم جەھەتتە چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى تەشكىللەش قىيىن. گەرچە ياۋروپادىكى تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئاساس سانى كۆلەمنى چەكلەپ قويغان.

ئۈچىنچى: تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا بولسا ياۋروپادىكى يېڭىلىق يارىتىش رولى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇسلاشماقتا، يۇقىرى باج سېلىقى، يۇقىرى پاراۋانلىقنىڭ تەسىرىدە ياۋروپا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئانچە ئاكتىپ بولماي قالدى. ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە تەرەققىياتى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، ياۋروپانىڭ بۇ جەھەتتە ئارقىدا قېلىشىمۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ئومۇمەن، ياۋروپانىڭ خىتاي-ئامېرىكىدەك ئىنتېرنېت سەركىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىغىنىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى كۆپلىگەن زۆرۈر ئامىللار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يوق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top