• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

1. مەھمۇد قەشقەرى (1008- 1105)

بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ قاغان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمنىڭ توغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1018-1085)
قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە (880-1212) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» («بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر. ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان.

3.فارابى (870-950)
«شەرق ئارستوتېلى» نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى، بارلىق زېھىن-قۇۋۋىتىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئىلىم-پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن.

4. ئەلىشىر نەۋائى ( 1441-1510)
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا توغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «خەزائىنۇل مەئانى» ناملىق دىۋانى بىلەن «خەمىسە» ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

5. سۇلتان سەئىدخان (1490 – 1533)
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن، يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن. سۇلتان سەئىدخانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن. سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان.

6.ئۆمەر ھەييام (1040-1123)
نىشاپۇردا توغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا، ۋەزىر نىزامىمۈلىك ھامىيلىقىدا «مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى» نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن. ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى»، «ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.

7. سەئىدى (1203 ~ 1292)
ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر پارس شائىرى. ئۇ «بوستان» ۋە «گۈلىستان» ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونوشلۇق. سەئىدى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە دەرۋىش بولۇپ، يىگىرمە يىللىق سەرگەندانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن. سەئىدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر كەپىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

8. برۇنى (973 ~ 1044)
ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنى خارازەمدە توغۇلغان، كېيىن غەزىنىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. «ھىندىستان تەزكىرىسى»، «قەدىمىكى يادىكارلىقلار»، «مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمىشۇناسلىقى قائىدىلىرى» … قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان.

9. زەلىلى (1672~ 1745)
تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇب ياراتقان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى. شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17 ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە توغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ، ئەمما شائىرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، «سەپەرنامە» داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدۇر.

10. خاراباتى (1638~1730)
شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاجسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال-مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان. شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك «ھاجى خاراباتى خانىقاسى» نى بىنا قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن.

11. نىزامى (1141~ 1209)
كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېپىك داستانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىزامى گەنجىۋى ئوتتورا ئاسىيانىڭ گەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسلام مەدرىسسىدە بىر نەچچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن سىرت، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان. ئۇ يېزىپ چىققان «خەمسە» شەرقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان.

12. فىردەۋسى ( 934~ 1020)
«شاھنامە» ناملىق شاھەنە ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، مەشۇھر ئىران شائىرى، تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى. ئۇ بۈگۈنكى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى خۇراسان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن. فىردەۋسىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆز يېرىدە پاتقۇزمىغان بولسىمۇ، ئۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. «شەھنامە» نىڭ ھەرخىل نۇسخىلىرى ۋە پارچىلىرى ھەر قايسى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ تىلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

13. تەجەللى (1850 ~ 1930)
ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە توغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، پارس، ئەرەب، ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان.

14. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923~ 1995 )
«ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق ئەدىبلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئېگىلمەس-سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۈشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

15. ئابدۇقادىر داموللام
مەرىپەتپەرۋەر ئالىم، تەرەققىيپەرۋەر زات، تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشىقىرى (تەخەللۇسى غازى) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يېڭى ئىلىم-پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان. شۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن. نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى، ساتقىنلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.

16.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995)
«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا توغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ھېلىھەم ئېلان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

17. مەمتىلى ئەپەندى (1901~1937)
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى (تەخەللۇسى تەۋپىق) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىق ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن، ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

18. لۇتبۇللا مۇتەللىپ (1922~ 1945)
ئوت يۈرەك شائىر، ئىنقىلابىي جەڭچى، «يىللارغا جاۋاپ»، «خىيالچان تىلەك» قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ (تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى. ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

19. موللا زەيدىن (1815~ 1881)
مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۇكچۈندە توغۇلغان. ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ، غوجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا، ئوردىدىن سەككىز قېتىم قوغلانغان. ئەپسۇسكى، ئۇ ھەجۋىي قوشاق، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ- غوجىلارغىچە، ئالدامچى سوپىلاردىن چالا موللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. موللا زەيدىن چاقچاقلىرى ھېلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

20. زوردۇن سابىر ( 1937~ 1998 )
«ئانا يۈرت»، «ئىزدىنىش»، «ئۇنتالمايمەن گۈلسارە»، «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئاتا»، «خىرە دېرىزە»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

21. ئابلىز نازىرى ( 1925~ 1994)
تۇرپان شەھىرىدە توغۇلغان. 1945- يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سىڭلمغا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن «كۆڭلۈم سەندىدۇر»، «ئالتاي پارتىزانلىرى خاتىرىسى»، «مۇجۇلغان يۈرەكلەر»، «مۇڭلۇق ئالچۇق»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەت قوشۇنىنى تەشكىللەش، تەربىيىلەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

22. ئابلىز ھاجى (1911~1987)
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئارتىس ۋە رېژىسسور ئابلىز ھاجى قەشقەر شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، 1942- يىلى «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «قانلىق داغ»، «غېرىپ -سەنەم» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ زور شۆھرت قازانغان.
ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قازانغان نەتىجىلىرى سەنئەتخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ.

23. رائىلە خانىم (1860~ 1917)
ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەللىمە — ئاتۇش «ھۈسەينىيە» مەكتىپىنىڭ مەئەللىمەسى رائىلە خانىم – موللا ئاچا «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دە ئىككى يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيىلەش بىلەن يېڭى مەكتەپ مائارىپىدا بىردىنبىر تۇنجى ئايال مائارىپىنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلغان. مائارىپنى كەڭ ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى قىلىپ، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن.

24.ئەبراباي (1860~ 1938)
1930- يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى، پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي «يوقسۇللارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى» دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.

25. ئەخمەتجان قاسىمى (1914~ 1949)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى» نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى. زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخماتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

26. ئەلقەم ئەختەم (1922~ 1995)
شائىر ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ «ئۈمىد دولقۇنلىرى»، «كۈرەش دولقۇنلىرى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تىلىنىڭ يېنىكلىكى، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلۇقى بىلەن قەلبلەرگە ئىشەنچ بېغىشلاپ بىزنى يۈرەكلىك ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ.

27. ئەلائىددىن خوتەنى (1150~ 1222)
قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە.

28. ئەمەت ئۆمەر (1916~ 1987)
ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى ئەمەت ئۆمەر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نادىر تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەرگەن.

29. ئەمەت ھاجى (1882~ 1944)
كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان. «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نىڭ 1 – تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ.

30. ئەمەتجان ئەھمىدى (1931~ 1997)
«باھارغا مەدىيە» (6-1)، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى تونۇلغان مۇقام تەتقىقاتچىسى ئەمەتجان ئەھمىدى 1978 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تېگىشلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساھەسىدە تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدىغان شەخسىكە ئايلاندى.

31. ئارسلان (1950~ 1996)
«ئاھ، مېنىڭ خەلقىم»، «يۇلتۇزلار يۇرتى»، «كىندىك قېنىم تامغان ماكان» … قاتارلىق داستان، شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق شائىر ئارسلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولۇپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

32. ئايشەم كېرەم (1931~ 1998)
تالانلىق كىنو-تىياتىر، مۇقام چولپىنى، ئۇ كورلا شەھىرىدە توغۇلغان. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەنئەت تالانتى بىلەن «قادىر مەۋلان»، «گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ تالانتىنى نامايان قىلغان. «غۇنچەم»، «غېرىپ-سەنەم»، «ئارشىن مال ئالان» ئوپىرالىرى، «رەنانىڭ تويى»، «تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»، «نەسىردىن ئەپەندى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان.

33. ئېلىخان ھەززىتىم (1887~ 1989)
«ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى»، «ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى»، «تېبابەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئېلىخان ھەززىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ، ئوردو، پارس، ئەرەب، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان. 102 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بۇ پېشۋانى كېيىنكى ئەۋلادلار ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ.

34. ئەزىروف قاسىم (1924~ 1994)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى» نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، ناھايىتى كۆپ جەڭلەرنىڭ شاھىدى گېنېرال ئەزىزوف قاسىم قورال ئېلىپ جەڭ قىلىدىغان جەڭچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەربىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ يازغان «مارشالنىڭ نەسىھىتى»، «ئۇرۇش ۋە قوماندان»، «جەڭ شەمشىرى»، «قىساس خەنجىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇرۇلغان ئېسىل مىراستۇر. گېنېرال ئەزىزوف قاسىم خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

35. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف (1915 ~ 1970)
گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يىگىرمە يېشىدىلا كۈرەش جەڭچىسى، قابىل تەشكىلاتچى سۈپىتىدە تونۇلغان، ئۇنىڭ گومىنداڭنى شىخودىن قوغلاش جېڭىدىكىى باتۇرلۇقىنى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن شىددەتلىك ئوقلارغا پەرۋا قىلماسلىقتەك قەيسىرانە روھىنى ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ.

36. غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى (1916-1994)
پۈتۈن ئۆمرىدە ئەللىك يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىرشىچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى.

37. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف (1924~ 1944)
مول بىلىملىك، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق-پەزىلەت ئىگىسى، نۇرغۇن تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمى بىلەن يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشىلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئۆزىنى بېغىشىلاپ بۇ ساھەگە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

38. ھەمدەم بەگ ھاجى (1980 ~ 1938)
1933- يىلى قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ھەربىي ئىلىمدە يېتىلگەن ئىستېداتلىق ئەرباب، پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەم بەگ ھاجى ھەر قانداق جەڭدە مەغلۇب بولماسلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە نائىل بولغانىدى. ئەپسۇسكى جاللات شېڭ شىسەي ھەمدەم بەگ ھاجىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە نامەلۇم.

39. غازىباي (مىلادىدىن ئىلگىركى 3- 4 ئەسىرلەر)
ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيىدىن 3- 4 ئەسىر ئىلگىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

40. خېۋىر تۆمۈر (1922~ 1992)
«موللا زەيدىن ھەققىدە قىسە»، «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «تاڭ ئالدىدا » … قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى پەزىلەتلىك، كەمتەر، تىرىشچان، يازغۇچى خېرىر تۆمۈر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئېسىل مىراسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەزىنىسىدە مەڭگۈلۈك پارلاق نۇر چاچىدۇ.

41. غېنى باتۇر
ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچتۈڭگۈرلۈكى، ھەققانىيەتپەرۋەرلىكى، ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا ھەر خىل ئەپسانىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان غېنى باتۇر 40- يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ناھايىتى مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان. ئۇ 1953- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولغان.
1956- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ۋە 90- يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولغان.

42. خوجىنىياز ھاجى (1889 ~ 1938)
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ ئىشلارنى قىلغان. ئۇ قوزغىغان قوزغىلاڭنى دەۋرىمىز قەدىرلەيدۇ ھەمدە تارىخ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىباھا ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن بېرىدۇ. خەلقىمىز خوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئازاتلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغدىغۇچى مىللىي قەھرىماندىن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ.

43. نىيازى (1780 ~ 1865)
موللا مۇھەممەت نىياز بىننى ئابدۇلغەفۇر خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيىسىدە توغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچانلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى ھازىرلاپ، ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان، «قىسسەسۇل غەرايىب»، «دىۋانى نىيازى» ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدۇر. ئۇ يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، «تارىخى رەشىدىي» نىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

44. بايا رەھىم مەشرەپ
ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئازابلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر، ئىسيانكار مۇتەپەككۇر، ئۆزبېك، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە بايا رەھىم مەشرەپ 20 يىلغىچە داۋاملاشقان سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلاپ ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئېيتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى مەھمۇدخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

45. ناقىس (1843 ~ 1922)
يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى بىر قاتار بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن تاشقىرى بەكمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان قىزىقارلىق ھەم كۈلكىلىك ھەزىللىرى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەت ۋە شەرپكە ئېرىشكەن تالانتلىق ئەدىب، «دىۋانى ناقىس» نىڭ مۇئەللىپى، «گۈلزار بىنىش» ناملىق شېئىرىي روماننىڭ ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگۈچىسى ناقىسنىڭ نام-شەرىپى تىلدىن-تىلغا كۆچۈپ ئەبەدىي يادلانغان ھالدا ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۆتىۋەر ئەدىبلەر قاتارىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.

46. نەزەر خوجا (1887~ 1951)
ئىلىدا توغۇلۇپ ئۆسكەن مەرىپەتپەرۋەر زات، تارىخچى، يازغۇچى، شائىر ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نەزەر خوجا (تەخەللۇسى ئۇيغۇر بالىسى) پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم-مەرىپەتكە، مائارىپقا ئاتىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ يازغان ماقالە، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى «يورۇق ساھىللار» دېگەن نامدا توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىپ قالدى.

47. تۆمۈر سىجاڭ (1886~ 1933)
قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ ئىنقىلابقا ماسلىشىپ كۇچاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر ئېلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، «سىجاڭ» لىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن.
تۆمۈر سىجاڭ گەرچە قورقماس بولسىمۇ، ئەمما قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولغاچقا، ناھايىتى كۆپ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈر سىجاڭنىڭ خەلق ئىنقىلابىدا ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولغان.

48. ئوسمان قاسىم (1920~ 1944)
قەشقەر بەشكېرەمدە توغۇلغان. ناھايىتى كۆپ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى يادقا ئېلىپ، ئافراسىياپ، قاراخان، سۇتۇق بۇغراخان، ئافاق خوجا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن مەتبەئەگە ئېلىنغان «ئافرات خاقان ۋە توققۇز قىز» ناملىق رىۋايەت چوڭ تەسىر قوزغىغان. ھەر خىل رىۋايەت توپلاملىرىغا ئۇ سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يەنە خېلى كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

49. ناسىر بەگ (1891~ 1979)
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرجىمانلىق بىلەن تونۇلۇپ، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ناسىر بەگ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ياشىغان قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. گەرچە ئۇ ياڭ، جىن، شېڭ، ۋە گومىنداڭدىن ئىبارەت تۆت خىل ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان.

50. ئابدۇللا داموللا (1898 ~ 1940)
توقسۇندا توغۇلغان. 1933- يىلى تۆمۈر سىلىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە بولۇپ، قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان ۋە شېڭ شىسەينىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازىرى، ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلەپ، خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

51. تىيىپجان ھادى ( 1922~ 1989)
يازغۇچى ۋە تارىخچى، «پالۋان كەلدى»، «چورۇق ھېكىم»، «ئۆچكەدۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر» ناملىق ھېكايىلەرنىڭ، «ئىلى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى» ناملىق تارىخى ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە توغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن سىرت، ئىنقىلابى ئىشلار ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان، ئەپسۇسكى، «ئىلى تارىخىدىن ئىزلار» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن.

52. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى (1914~ 1990)
مول تارىخىي بىلىمگە ئىگە تاىخشۇناس ۋە تەزكىرىشۇناس، «قەشقەردىكى يادىكارلىقلار»، «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا»، « ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە» قاتارلىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ۋە ئەسلىمە خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل ماقالىلىرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى (ئىشقى) بىلىمخۇمار ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

53. روزى ھاجىم (1860 ~ 1962)
ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زات روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە توغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇ ھەرخىل خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت، ئۈرۈمچىدە «ئەختەرىيە (دەسلەپتە «تۇرانى» ئىدى)» مەكتىپىنى ئېچىپ ئەۋلاد تەربىيلەشكە كۈچ چىقارغان. ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرى جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.

54. شاتگۈل ئۇيغۇر (1960~ 1987)
«رەنانىڭ تويى» فىلىمىدە ياسانچۇق قىز سوفىيەنىڭ، «ئارتىس بولالمىغان قىز» فىلىمىدە چاقچاقچى شوپۇر قىز ھۆرىيەتنىڭ، «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدە بېشىغا كەلگەن تەقدىر تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان ئىككى خىل شارائىتتا چوڭ بولغان، ئىككى خىل خاراكتېردىكى قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار ئاينۇر بىلەن ماھىنۇرنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئارتىس شاتگۈل بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان.

55. تۇرسۇن ئايۇپ ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى، پروفېسسور، «ئوغۇزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى. تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەسلەيدۇ.

56. موللا بىلال (1823~ 1900)
ⅩⅨ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى، «غەزەليات» ناملىق دىۋاننىڭ، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان»، «نۇزۇگۇم » قاتارلىق داستان-قىسسەلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان. شائىرنىڭ پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ، ياركەنت شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. موللا بىلال خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ مۆتىۋەر ئورۇندا ياشايدۇ.

57. بىلال ئەزىزى (1921~1945)
ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە توغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، «ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى» نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان. ئەپسۇسكى، دوستلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945- يىلى 18- سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى.

58. مۆجىزى (ⅩⅧ ئەسىر)
«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكىچىلار تارىخى) ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۈللا (مۆجىزە) خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئەمما «تارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق قېدىرخان يەركەندى، ناملىق قېدىرخان يەركەندى، ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ئەسەر مۆجىزىنىڭ نامىنى كەڭرى تارقىتىپ شۆھرىتىنى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە.

59. جامالىدىن ئاقسارايى (ⅩⅨ ئەسىردە ئۆتكەن)
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان بىلىملىرى ئاساسىدا «كىتابى تىپ ئاقسارايى» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلۇپ تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۆتىۋەر ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئالىمنىڭ ئەسىرى ھىندىستاندا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن.

60. قەمبەرخانىم (1922~ 1994)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئاۋات يېزىسىدا توغۇلغان. ئۆزبېكىستان ، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان . موسكۋادا ئۇيغۇر كلاسسىك ئۇسۇلى «نىم پەدە» نى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان. 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسى تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان . ھازىر ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىنماقتا.
بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل بىلەن ياشىغان قەمبەرخانىم خەلقىمىز قەلبىدە يادلىنىدۇ .

61. موللا شاكىر (1805~ 1870)
ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى، موللا شاكىر «زەفەرنامە» ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئەمما، «زەفەرنا» داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

62. موللا ئىسلام (شاڭزۇڭ) (1890~ 1960)
1943- يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ، گومىنداڭغا قارشى كۈزۈشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان. موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

63. ھاشىم ھاجى (1869~ 1952)
شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن نام قازانغان. ئايىمخان ھاجى، سىدىق ئاخۇن … قاتارلىق پەرزەنتلىرىنى مۇقامچىلىق ۋە دارۋازلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەربىيلىگەن مەشھۇر سەنئەتكار. ئۇ خوتەن قاراقاشتا توغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، كىچىكىدىن دارۋازلىق سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇنى بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

64. لۇتفى (1366~ 1465)
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھىراتتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. لۇتفىغا نەۋائى «ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى» (سۆز پادىشاھى) دەپ نام بەرگەن. لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم.

65. ئابلىمىت ھاجىيوف (1917~ 1933)
ئاتۇش ناھىيىسىدە توغۇلغان. 1944- يىلى 9- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجسىى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئۇ كېيىنمۇ ھەرخىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ 76 يېشىدا ۋاپات بولغان.

66.ئەسئەت ئىسھاقوۋ (1912~ 1976)
پېشقەدەم زىيالىي، رەھبەر ئەسئەت ئىسھاقوۋ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «شىنجاڭدا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى، ۋاقىتلىق مەسئۇلى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. ئەپسۇسكى، ئۇ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولدى.

67. غېنى كېرىموف (1922~ 1949)
غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان. 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1949 – يىلى 8 – ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. ئۇ دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇپ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىدى.

68. ھۈسەيىنبەگ (1899~ 1934)
ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919- يىلى كۈزدە «ھۆر سۆز» گېزىتىنى چىقارغان. «ئىلى سەنىمى» نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن.
1927- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتىپى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ) نى سالدۇرغان … بۇ مەرىپەتپەرۋەر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.

69. ئەنۋەر ناسىرى (1914~ 1946)
شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر. ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ «مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى» دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

70. ئولبۇلخەيرى (1934~ 1944)
«ئاماننىساخان»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «بەخت ناخشىسى»، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «يول باشلىغۇچى»، «غېرىپ-سەنەم»، «رەنانىڭ تويى» … قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. كىنو، تىياتىر ئارتىسى ئوبۇلخەيرى ئۆمۈر بويى تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ.

71. ئابدۇراخمان ھاۋاز (1935~1993)
«ئانارخان»، «يايلاقتىكى بۈركۈت»، «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»، «يول باشلىغۇچى»، « غېرىپ- سەنەم» قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە بىر مۇنچە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە باش رول، ئاساسلىق روللارنى ئويناپ، خەلق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980 – يىلى نەشىر قىلىنغان «جۇڭگو كىنوچىلىرى» ناملىق چوڭ تىپلىق كىنو لۇغىتىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان.

72. نېمشېھىت (1906 ~ 1972)
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى، «ۋەتەن مۇھەببىتى» «شېئىرلار»، «يۈرەك سۆزى»، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئارمىيە ئېلى سايرامى ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، يېڭى دەۋرنىڭ كۈيچىسى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.

73. ئەھمەت زىيائى (1913~ 1989)
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى، پېشقەدەم شائىر، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1947- يىلىلا «توزىماس چېچەكلەر»، «لاداخ يولىدا كارۋان»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ.

74. زۇنۇن قادىرى (1912~ 1989)
«غۇنچەم»، «گۇلنىسا»، «ماغدۇر كەتكەندە»، «شەپقەت ھەمشىرى» قاتارلىق ئوپېرا ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى، تالانتلىق يازغۇچى ۋە دارامماتورگ زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىدىيە ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئىنقىلابىي رېئالىزمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان.

75. قۇربان ئىمىن (1914~ 1992)
«تارىم غەزەللىرى»، «قەشقەر ئاۋازى»، «مېنىڭ ناخشام» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر، داستانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن.

76. تۇردى سامساق (1923~ 1992)
«ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «بەش تال ئوق»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر.
ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان.

77. ئابدۇكېرىم خوجا (1928~ 1988)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ۋە پىشقان ژۇرنالىست، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، «باھار ناخشىسى»، «تۇپراق، باھار ۋە مەن» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇكېرىم خوجا لىرىك ھېسسىيات بىلەن مول پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى يۈغۇرۇپ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان ئىدىيىۋى كۈچ ھاسىل قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. خەلقىمىز ئۇنىڭ مول، جاپالىق مەنىۋى ئەمگەكلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ.

78. جاپپار ئەمەت (1929~ 1999)
ئىزدىنىش روھىغا باي، سەمىمىي، پەزىلەتلىك شائىر، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى بىلەن دېگۈدەك شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top