• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز

ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز

ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز

( مەزكۇر ماقالە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ 1948-يىلى 3-ئىيۇل شەنبە كۈنى چىققان 151-سانىغا بېسىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە چىققان «ئويغان» گېزىتىنىڭ باش ماقالىسى ئىكەن)

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

ئۆتكەن يىل ئۈرۈمچىدە پۈتۈم (11 ماددىلىق بىتىم) ئۆلكە بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغاندىن كېيىن، ئۆلكە خەلقىگە ۋاكالىتەن پۈتۈمگە قول قويغان ۋەكىللەر ئىلىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ئەكسىلھەرىكەتچىلەر خەلقىمىزگە قارشى يۈرگۈزگەن بۆلگۈنچىلىك سىياسىتى تېخىمۇ ئاشكارىلاندى. ئۆلكە ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك سىياسىتى ئۇلارنى بىرىنچى بولۇپ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە بۆلگۈنچىلىك ۋەسىلىلىرىگە باھانە ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاساسىي قوللىنىپ كېلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك قوراللىرىنىڭ بىرسى- ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى خۇسۇسىدىكى تۈرلۈك قاراشلاردۇر. ئەكسىلھەرىكەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ بۆلگۈنچىلىك مەقسىدى بىلەن يۇرتىمىزنى «شىڭ جاڭ» دەپ ئاتىساق دەپ، شۇ نام ئەتراپىغا مەككارچە ئۇيۇشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئىكىنچى بىرسى «تۈركىستان» دەپ ئاتايلۇق دەپ مەيدانغا سەكرىمەكتە. ئۈچىنچى بىرسى «چىنى تۈركىستان» دېسەك ئۆلكىمىزگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ دېمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئۆلكىمىزنىڭ ئەزەلدىنبېرى تارىخى نامى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. شۇ ئىسىم ۋەسىلىسى بىلەن پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق بىرلىك سېپىنى بۇزۇپ، يەتتە ۋىلايەت خەلقىنى ئۈچ ۋىلايەت خەلقىگە قارشى قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. قوللىرىدىن كەلسە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە قانلار بەدىلىگە كەلگەن ھەق-ھوقۇقنى ئاياق ئاستى قىلماقچى بولىدۇ.

ھازىر بىز قارشى تەرەپنىڭ سىياسىي بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي ھوشيارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ بۇ قوللانغان ئاتالمىلىرى ۋەتىنىمىزگە ئۇيغۇن بولماسلىقى ھەم ھېچ بىر دەلىلسىز-ئىسپاتسىز بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىز. توغرا. بىز تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەر بىز. تۈرك خەلقىنىڭ ئاساسىي ماكانى يەنى ئۇلار تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن مەلۇم بىر تۇپراق دائىرىسىنى «تۈركىستان» دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئەمما بۇ ئاتالغۇنىڭ دائىرىسى بەك كەڭرىدۇر. ئۇ ئاتالما دۇنيا يۈزىدىكى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەر جايلاشقان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: بۇنىڭ ئىچىگە بىر پۈتۈن ئورتا ئاسىيادىكى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرى بەرپا قىلغان مىللىي خەلقچىل جۇمھۇرىيەتلەر- ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان. تۈركمەنىستان ۋە باشقا نۇرغۇن جايلار كىرىدۇ. «تۈركىستان» دېگەن ئىسىم يالغۇز بىزنىڭ ئۆلكە ئىسمى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. «تۈركىستان» دەپ شۇ يەردىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىمۇ ئۆزىمىزگە قوشۇپ ئېلىشقا مۇھتاج ئەمەسمىز. ئۇلار ھەم ئۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەس. ئۇ يەردىكى مىللەتلەر بۈگۈنكى 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئىلغار خەلقچىل تۈزۈمىنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئورنىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلب قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇۋاپىقلىشىپ، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى مۇستەقىل مىللىي جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغاندۇر. ئۇلار كېيىنكى 30 يىلدىن بۇيان تەرەققىي تېپىپ، بىزدىن نۇرغۇن ھەسسە ئارتۇق راۋاجلانغاندۇر. بۈگۈن بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئىشلىتىمىز دېگەن «تۈركىستان» سۆزى تۇپراق دائىرىسى بىلەن شۇ جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتىنى ئىچىگە ئالغاندۇر. بۇ ئىسىم بىزنىڭ ئۆلكىمىزنىڭلا دائىرىسىنى ئالغاندا بىزگە مۇۋاپىق ئەمەستۇر.

بىزنىڭ ۋەتىنىمىز- بىزنىڭ ئۆلكىمىزنىڭ تۇپرىقى پۈتۈن تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەر ياشايدىغان تۇپراقنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان بولغانلىقتىن، جۇغراپىيەۋى جەھەتتىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىشقا تېگىشلىكتۇر. بۇ ئىسىم ئۆزئىچىگە ھېچقانداق سىياسىي قەست ئالمىغان، بىردىن ئۇ ئۆزىمىزگە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئىسىمدۇر. جاڭ بۇجاڭ (جاڭ جىجۇڭ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالمىسىغا قارشى چىققۇچىلار «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالمىسىنى ئۆلكىگە نامۇۋاپىق دەپ ئىسپاتلىغۇچى نەزىرىيەلىرىنىڭ ئىچىگە «<شەرقىي تۈركىستان> دېسەكمۇ ئولۇر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ غەربى ئولمىغانلىقتىن، شەرقىي دەپ نېمە قىلىمىز» دېگەن ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى كىرگۈزۈپ سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرىسىتىدىغان چوڭ دەسمايىسى مانا مۇشۇ. ئۇلارغا جاۋابەن بىز ئېيتىمىز: غەربىي تۈركىستان ئاسمانغا چىقىپ كەتمىدى. غەربىي تۈركىستان بار. غەربىي تۈركىستان دائىرىسىدە ياشىغۇچى مىللەتلەر 20-ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك ئۇتۇقى بولغان خەلقچىل تۈزۈم ئاساسىدا گۈلللىنىۋاتىدۇ، تەرەقققىي قىلىۋاتىدۇ، ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلدۇرماقتا. چارىزىم (چارروسىيە) دەۋرىدە مۇستەملىكە ھالىدا ياشاپ كەلگەن بارلىق مىللەتلەر بىرگە ئۆز ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ، مۇستەقىل، خەلقچىل جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكىنى- شۇرالار ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) نى تەشكىل قىلىپ تۇرماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئەركىنلىك، مەدەنىيەت، بەخت-سائادەت نۇرلىرىنى چاچماقتا. بۇ ھەقىقەتنى قانچە كۈچ چىقارسىڭىزلارمۇ خۇددى كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك ھەرگىز ياپالمايسىزلەر.

بىزنىڭ يۇرتىمىزنى خىتاي مۇستەبىتلىرى ئۆزلىرى ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان «شىڭ جاڭ» يەنى «يېڭى يەر»، «يېڭى ئۆلكە» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزى ھەربىر ئېيتىلىشىدا يۇرتىمىزنىڭ مۇستەقىل-ئازات ياشاپ كەلگەنلىكىنى، پەقەت خىتايلار ئۆزلىرىگە زورلۇق بىلەن قوشۇپ ئالغان «يېڭى يەر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالمىدۇر. خىتاي مۇستەبىتلىرى بۇنداق دەپ ئاتاش بىلەن خەلقىمىزنىڭ غەزىپىنى بارغانسېرى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئازات ياشىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇرالمىدى. ھازىرقى كۈندە خىتاي ئىچىدىن چىققان «ئەقىللىقلار» ئەسلىدە بۇ ئىسىمنى قويۇپ قويغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. چۈنكى: ئۆتكەن يىل غەربىي شىمال ئىدارە مۇدىرى جاڭ جىجۇڭ ئەپەندى نەنكىندە (نەنجىڭدا) مۇخبىرلار سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا: «شىڭ جاڭ» دېگەن سۆز ئۆز ئىچىدە تاجاۋۇزچىلىق مەنىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى ئۆزگەرتىپ قويۇشنىڭ زىيىنى يوق» دېگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە: «بىزنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغىنىمىزنى دائىم كۆرسىتىپ تۇرغان <يېڭى يەر> دېگەن سۆزنى ئۇنىڭغا نىسبەتەن يۇمشاقراق بىر ئىسىم بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ؟» دېگەن پىكىرگە كېلىپ، «تىيانشان»، «كۇئېنلۇن» دېگەن ئاتالمىلارنى مەيدانغا ئاتقۇسى كەلگەن ئىدى. ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆلكە خەلقىنىڭ خىتاي ئىستىبدات چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىشىنى تامامەن ئۇنۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن دېگەن پىكىرلەرگە كېلىپ، باشقىلار ئالدىدا مۇستەملىكەچىلىك سىياسىتىگە ئۇستا ئىكەنلىكى بىلەن پەخرلەنگەن ئىدى.

يېقىندا ئەمدى «يۇرتىمىز <چىنى تۈركىستان> بولدى» دەپ پەخرلىنىپ يۈرگۈچىلەرنى ئىشىتتۇق (ئاڭلىدۇق). ئۈرۈمچى گېزىتلىرى بۇنى چوڭ بىر «مۇۋەپپەقىيەت»، مەركەزنىڭ «بۈيۈك ئىلتىپاتى» دەپ يازماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ نۆۋەت مەركەزدە ئېچىلغان بىر پارتىيەلىك يالغان قۇرۇلتاي (1948-يىلى ئېچىلغان گومىنداخۈي) «ئۆلكە مەركىزىدە ياشىغۇچى يەرلىك خەلق ئۆز ئارا سۆزلەشكەندە <چىنى تۈركىستان> دەپ ئاتىسىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ، ئەمما رەسمىي ئورۇنلاردا مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس» دېگەن قارارغا كېلىپ، بۇنى ھۆكۈمەت قارارىدىن ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلىق قىلغانمىش. بۇ ئاتالما بىزنىڭ يۇرتىمىزغا ئۇيغۇنمۇ، يوقمۇ؟ شۇ خۇسۇستا بىر ئاز پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرەيلى: بۇ ئىسىم بىزنىڭ يۇرتىمىزغا مۇۋاپىق ئەمەس بولۇش بىلەن بىرگە چوڭ تاجاۋۇزچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلگۈنچىلىك سېلىش قورالىدۇر. «تۈركىستان» دېگەن سۆزنى يالغۇز ئىشلەتكەندە بۈگۈنكى كۈندە تاجاۋۇزچىلىق دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۇرغىنىنى قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ سۆزگە «چىنى» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ قېلىش بىلەن بىرگە قانچىلىك دەرىجىدە تاجاۋۇزچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ سېزىش ئانچە تەس ئەمەس. «چىنى تۈركىستان» دېگەن سۆز جۇغراپىيەۋى ئىسىم ئەمەس. پەقەت سىياسى مەقسەتنى كۆزلەيدىغان بىر بۆلگۈنچىلىك ئاتالمىدۇر. بۇ ئاتالمىنىڭ «شىڭ جاڭ» ياكى «يېڭى يەر» دېگەن سۆزدىنمۇ ئارتۇقراق تاجاۋۇزچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بەك ئوچۇقتۇر. ئۇ سۆز «تۈركىستان بىر ۋاقتىدا ئازاد ئىدى، كېيىن خىتايغا تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا چىنغا زورلۇق بىلەن قوشۇپ ئالدۇق» دېگەن مەنىنى ئىچىگە ئالىدۇ. «چىنغا يالغۇز شەرقىي تۈركىستاننى تابىئە قىلىپ ئالدۇق» دېگەن مەنىنى ئالغان بولسا يەنە بىر گەپ ئىدى. ئەمما «پۈتۈن تۈركىستان تابىئە بولىدۇ» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىش بىلەن بۇ گەپنىڭ قانچىلىك تاجاۋۇزچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تېنچلىقىغا قارشى مەيدانغا چىققان بىر شۇئار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «سەنمىنجۇيى» (ئۈچ مەسلەك) دا بايان قىلىنغان «قوقەند، تاشكەنتلەرمۇ بىزنىڭ ئىدى» دېگەن سۆزنى ئىككىنچى كۆرۈلۈشى قىلىپ ئېيتماقچى بولىدۇ. بۇلار بۇ يەردە بەك ئالدىراپ كەتكەن بولسا كېرەك. بۇ ئاتالما ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان خېلى «ئەقىللىق» ئىستىبداتچىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

بىزدە بىر ماقال بار. ئۇ بولسىمۇ «يەتتە قېتىم ئۆلچە، بىر قېتىم كەس» دېمەكتىن ئىبارەت. مۇنداق ئىسىمغا ئېسىلغۇچىلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى نەزەرگە ئالسا ياخشى بولۇر ئىدى. ئۆلكىمىزدە مۇندىن مۇقەددەم كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابى ي قوزغىلاڭلارمۇ يۇرتىمىزغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان «شەرقىي تۈركىستان» شۇئارى ئاستىدا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. كۆپ ئۇزۇنغا بارماستىن ئاپرېل ئۆزگىرىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە شۇ دەۋردە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەتلىرىنى يادىمىزغا چۈشۈرسەك كۇپايىدۇر. ئەكسىلھەرىكەتچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن مەيدانغا ئاتقان مۇنداق ئاتالمىلىرىغا خەلقىمىز ئارىسىدا ئورۇن يوقتۇر. بۇ خۇسۇستا ھەم ھوشيار بولۇش كېرەك. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى تەكرار ئېيتىمىزكى: «شەرقىي تۈركىستان» دۇر. بۇنىڭغا ھېچقانداق شامال كىرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن زىغ-زىغ چىقىرىپ يۈرگۈچىلەر خەلقىمىزنىڭ بىرلىك كۈچى ئاستىدا قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ!

(«ئويغان» گېزىتىنىڭ باش ماقالىسىدىن)


ماقالىنىڭ گېزىتكە بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى:

 

新疆 سۆزىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى نەشىر قىلىنغان ئېنگىلىزچە-خىتايچە لۇغەتلەردە «مۇستەملىكە» (colony) ئاتالغۇسى بىلەن ئىزاھلانغانلىقىنى تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىن كۆرۈڭ:

 

1884井上哲次郎訂增英華字典

1899鄺其照華英字典

1908顏惠慶英華大辭典

1913商務書館英華新字典

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top