You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دېكتور خالمۇرات ماناپ

دېكتور خالمۇرات ماناپ

دېكتور خالمۇرات ماناپ

دېكتور خالمۇرات ماناپ

پىداگوك،درامماتورگ،رەسسام،فوتوگراف،ژورنالست ماناپ قادىرىينىڭ ئوغلانىدۇر

(سەلىمە.ئا كامال)

ئىككى كۈندىن بۇيان <<ئىلى تىلۋېزىيە ئىستانسىسى>>نىڭ <<بۇ كېچە سىز تەنھا ئەمەس>>پروگرامما دېكتورى خالمۇرات ماناپنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ،ۋەتەنداشلارنى قايغۇغا سالدى.ئۇنىڭغا ئاتالغان مەرسىيە<<بۇ كېچە بىز تەنھا ئاكا>>نى ئوقىدۇم.ئۇنىڭغا ئاتاپ شۇنچە تېز ئاھاڭغا سېلىنغان ناخشىنىمۇ ئاڭلىدىم.خالمۇراتنىڭ ۋىدالىشىش خېتىنى ئوقۇپ چىدىيالمىدىم.خالمۇراتنىڭ ئەل قەلبىدە مۇنداق يىلتىز تارتىشى—ئۇنىڭ سەمىمي،بىلىملىك،مىللەتپەرۋەر كىشى ئىكەنلىكى،شۇنداقلا ئەدەپئەخلاقلىق ئەركەك ئىكەنلىكىگە باغلىنىدۇ. ئۇنداقتا،ئۇنى تەربىيەلىگەن ئاتىسى كىم ئىدى؟

خالمۇرات بىلەن بىللە ئاتىسى ھۆرمەتلىك ئۇستاز—ماناپ قادىرىي ئاتىمىز بىلەن سۆھبەتتە بولغان 16 يىل ئىلگىرىكى بىركۈننى ۋەتەنداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى:

2004-يىل باش كۈز كۈنلىرىنىڭ بىريەكشەنبىسى.گۈزەل ماكانىم—غۇلجا شەھرىنىڭ دۆڭمەھەللىسىدىكى باغلىق بىرقوراغا كەلدىم.بۇ كۈنلەردە <<تەمبۇر شاھى>>نامىنى ئالغان تالانتلىق مۇزىكانتىمىزنۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئەجدادى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاۋاتقان ئىدىم.شۇڭا نۇرىنىڭ ئاتىسى<<تۇرسۇن چاڭ>> نىڭ زاماندىشى: پىداگوك،درامماتورگ،ژورنالست،رەسسام،فوتوگراف ماناپ قادىرىي ئاتىمىزنى زىيارەت قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىشىم ئىدى.

قورۇ بەك كەڭرى بولۇپ،ئاددىغىنە ئۆي رەڭدارئېچىلغان گۈللەر ئارىسىدا ئىدى.ئورۇق گەۋدىلىك،بۇغداي ئۆڭ كەلگەن ماناپ ئاتىمىزسالقىن ئۆيدىكى ئىگىزسۇپا ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىدە ئولتۇرغان ھالدا مېنى كۈتۈۋالدى.80 ياشتىن ھالقىغان، تېنى ئاجىزلىشىپ قالغان ئىكەن.ئۇنىڭغا مەقسىدىمنى ئېيتىۋېدىم، جانلىنىپلاكەتتى. سوئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاپلار بەردى.خاتىرىلەپ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.شۇئارىدا ئىگىز بويلۇق بىر ياش يىگىت ئاستا كىرىپ،ئەدەپ بىلەن سالاملاشتىدە، سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاپ يېنىمدا ئولتۇردى. سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدامەن ماناپ ئاتىمىزنىڭ ئۆزى توغرىسىدىمۇ سوئاللارسورىدىم.ئېرىشكەن قىممەتلىك جاۋاپلاردىن ئازغىنە ئۇچۇر بېرەي:

مەن1923- يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تاھىريۈزى يېزىسىدا تۇغۇلغان،دەپ باشلىدى ئاتىمىز ئۆز كەچمىشىنى،مەھەللىمىزدىكى مەسچىت يېنىدادىنىي مەكتەپتە ئوقىغان.موللام بىزگە سۈرىلەرنى يادلىتاتتى. لېكىن،موللام ئۆزى خەت يېزىشنى بىلمەيتتى.8 يېشىمدا ئاغىنەم روزاخۇن بىلەن ھويلىدا تەپكۈچ ئويناۋاتقان بىركۈنى مۆجىزە يۈزبەردى. تەپكۈچ قوشنىلارنىڭ ھويلىسىغاچۈشۈپ كەتتى.ئۇنى ئىزدەپ كىرىپ،ئۆيدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلىدۇق.ئىشىكنى قىيا ئاچساق بىر كىشى غەيرىلابىر پارچە ياغاچنى بوينىغا تىرەپ،چىرايلىق تاياقچىنى ياغاچقا سۈركەپ ئاۋازچىقىرىۋاتقانىكەن. ئۇكىشى بىزنى كۆرۈپ تاياقنى قويدى. ئۇنىڭ چېلىۋاتقىنى ئىسكىرىپكا ئىكەن. بىز بۇنداق چالغۇنى تۇنجى قېتىم كۆردۇق.ئۇ بىزگە:

باللىرىم،سىلەرگە ئېغىزدىن چىققاننى قەغەزگە چۈشۈرۈش ھۆنىرىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ،دېدى.خۇش بولدۇق.ئۇ بىزگە پاكىزە قۇم تېپىپ كېلىشىمىزنى ئېيتتى.بىزدېگىنىنى قىلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇھەركۈنى قۇمغا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگەتتى.بىز تېزلا ساۋادلىق بولدۇق.ھېساپ ئۈگىنىپ، قوشۇش،ئېلىش.جەدۋەل يادلاشلارغا ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق.كېيىن ئۇقتۇمكى،تۇنجى ئۇستازىمسوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن قۇتۇلۇپ قېچىپ كەلگەن ئاتاقلىق پىداگوك قاسىم ئەپەندى دېگەن كىشى ئىكەن.ئۇ

يەنەبىرئالىمىمىز،تەتقىقاتچىمىز –ئابدۇسەمەت نەزەرخوجا (ئۇيغۇر ئوغلى)بىلەن بىللە چېگرىدىن قېچىپ ئۆتكەن ئىكەننەزەرخوجا جاغىستايغا،قاسىم ئەپەندى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە پاناھلانغان كۈنلەر ئىكەن.

قاسىم ئەپەندىنى كېيىن يەنە كۆردىڭىزمۇ؟دەپ سورىدىم، ئىلغار زىيالىنىڭ تەقدىرىنى بىلگۈم كېلىپ.

ماناپ ئاتىمىز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر <<ئۇھ!>>تارتىۋالدى.ئاندىن:

تاھىريۈزىدە باۋۇدۇن شاڭيۇ دەيدىغان بىرنېمە بارئىدى.ئۇلار قاسىم ئەپەندىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ:<<مەھەللىمىزگە بىركاپىرپەيدا بوپتۇ>>دەپ گەپ تارقىتىپتۇ.ئىلى ھاكىمبېگى ھېكىمبەگ غوجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قولغا ئېلىپ،بىرجۈمە كۈنى مەسچىت ئالدىدا دەررىگە باستى. مەسچىتنىڭ يېنىدا مۇرات گىلدىڭ دەيدىغان بىركىشىنىڭ ئۆيى بارئىدى.روزاخۇن ئىككىمىز شۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگەچىقىۋېلىپ، قاسىم ئەپەندىگەكىم دەررە ئۇرسا،شۇنىڭغا قارىتىپ تاش ئاتتۇق.غالچىلار قاسىم ئەپەندىنى ئورنىدىن تۇرالماس قىلىۋەتتى.دادام بىلەن مەشۇر دېگەن كىشى ئۇنى زەمبىلگە سېلىپ تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغاندا ئۇ دادامغا:

كۆردۈڭلارمۇ ،سەھرا دېگەننىڭ ئەھۋالىنى؟شەھەرگە كۆچۈپ كېتىڭلار،سەھرادا تۇرماڭلار،دەپتۇ.

ھەممىمىزبىردەم سۈكۈتكە پاتتۇق.خالمۇرات ئاتىسىغا يېقىنراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى. ئاتا يەنە ئېغىزئاچتى:

قاسىم ئەپەندى ئاتامغا شەھەرگە كۆچۈپ كېتىش مەسلىھەتىنى بەردى.ھەتتا،ئالدىرىتىپ قىستىدى

شۇ كۈنى مەن ماناپ ئاتىمىزدىن بەك ئەھمىيەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئېرىشتىم.بۇ يازمامدا ماناپ ئاتىمىز ئۈستىدىلا توختىلىپ تۇراي:

قۇمغا خەت يېزىپ ساۋادىنى چىقارغان بۇ كىشىنىڭ كېيىنكى ھاياتى قانداق بولغان؟

قادىرئاتا قاسىم ئەپەندىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئائىلىسىنى ئېلىپ،تاھىريۈزىدىن شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن. پارچەكۆمۈر،قوراي سېتىپ ئائىلىسىنى قامدىغان.بىرمەشرەپتە مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىۋاتقان ماناپنىڭ تەقدىرى ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرگەن.مەشرەپ سورۇنىدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن زېرىپئاخۇن باي ماناپنى<<ئۈمىدمەكتەپ>> تە ئوقۇتۇشقا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماناپ قادىرىي ئىسمى بىلەن رەسمى ئوقۇغۇچى بولغان. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،نەسرۇللا باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە<<شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى>>دا ئىككى يىل ئوقىغان،شىڭ شىسەي زىيالىلارنى قىرغىن قىلىشقا باشلىغاندا ئىلىغا قايتقان.<<ئىلى ئىنقىلابى>>پارتلىغاندا<<مىللى ئارمىيە>>دە رادېست بولغان.ئارمىيە ماناستا توختاپ قالغاندا،غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە<<ئىلى ئەھمەتجان قاسىمى>>نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا(ھازىرقى ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتى) ئىككى يىل ئوقۇپ مۇئەللىم بولغان. ھۆسنخەت يېزىپ داڭقى چىقىۋاتقان بۇ كۈنلەردە<<ئۇ ق قا كلوبى>>دا رۇس رەسسامى ليۇدۋېك بىلەن دىراممىلارغادېكراتسىيە سىزغان. رۇس رەسسامى شىشكىننىڭ چىنلىق ۋە سەنئەتلىك دەرىجىسىگە يەتكەن تەبىئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن رەسىم سىزىشقا كىرىشكەن.نۇرغۇن رەسىملەر سىزغان.ھازىرغىچە ئەللىك پارچىدىن ئارتۇق رەسىمى ساقلانماقتا.كلوبتا<<غېرىپسەنەم>>،<<ئارشىن مال ئالان>>…قاتارلىق دىراممىلارنى كۆچۈرۈش، ياندىن ئاۋازبېرىشكە قاتناشقان.كېيىن كۆچۈرمىچىلىكنى تاشلاپ،<<ئۆگەي ئانا ئۆگەي ئەمەس>>،<<ئاق بۇرۇت>>دىراممىلىرىنى يازغان.ئارتىس غوجا قاسىم،مەھبوبەلەر سۆزلەپ بەرگەن قۇشلار ھەققىدىكى چۆچەكنى ئاڭلاپ<<شۇم قۇش>> دىراممىسىنى يازغان.درامما ئاجايىپ ئالقىشلانغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەھمەتجان قاسىمى ئۆزقولى بىلەن يازغان مۇكاپات پۇل چېكىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇيازغان ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەر15 تىن ئاشقان بولسىمۇ،كۆپۈنچىسىنى ئېلان قىلالمىغان( مەمتىمىن ھوشۇر،ئا.قاھار، تۇرغان شاۋۇدۇنلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىشىغا بەرگەن). 1946 يىلى ئەھمەدجان قاسىمىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن <<ئىلى گېزىتى>>دە مۇخبىرمۇھەررىرلىك قىلغان، قىستۇرما رەسىم سىزىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە ئاتاقلىق شائىر،فوتوگراف نۇربوساقوۋنىڭ بايقىشى ۋە ياردىمىدە فوتو ئاپاراتقا ئىگە بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ ئاساسىي رول ئالغان<<ئەمەتنىڭ بالىلىقى>>ناملىق 104 پارچە چاتما فوتۇ سۈرەتلىك ھېكايىنى ئىشلەپ،بۇئۇسلۇب بويىچە تۇنجى فوتوگراف نامى ئىلى تارىخىغا يېزىلغان.

ئەمما 21 يىل ئومرۇم ئېغىرئەمگەك،تەقىبلەشلەردە،زەربىلەر ئاستىدا ئۆتتى،پېنىسىيە يېشىغا توشقاندا <<ئاقلاندىم>>–دەپ توختاتتى سۆزىنى ئۇئەلەم بىلەن،ئەتراپىمىزنى ناھەقچىلىق قاپلىغان شۇ ئۇزاق يىللاردا نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرلىرىم يوقىتىۋېتىلدى، نەشىر قىلدۇرالمىدىم،چېچىلىپ كەتتى.

بىزئۇزاق پاراڭلاشتۇق.ئۇستاز چارچاپ قالغاندەك قىلدى.بىزنى خالمۇرات ئۇزىتىپ چىقتى.ھويلىغا چىقىپ كەتكۈم كەلمەي،ھېلىلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ خوشاللىقى بىلەن ماناپ ئاتىمىزنىڭ ئاخىرقى ئېغىر تىنىقلىرى ئارىسىدا تەمتىرەپ كېتىۋاتاتتىم.يەنە نۇرغۇن سوئاللارمېنى كەتكىلى قويمايۋاتاتتى.مەن قورۇغا سەپسېلىپ قارىغان ھالدا توختاپ قالدىم. ئاياقلىرىم ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتاتقاندەك!

ئۆينىڭ ئارقىسىمۇ خېلى كەڭرى ئىكەن.بەك گۈزەل رەتلىنىپتۇ.تۇيۇقسىز روشەن بىرسېلىشتۇرمىنى بايقىدىم:

ئۆينىڭ ئالدى ئىشىكىگە ئانچە يىراق بولمىغان تام تۈۋىدىكى ئىككى تۈپ ئالما دەرىخى ۋە يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان باراقسان قىزىلگۈللەر چاتقاللارئارىسىدا قاپتۇ. تۆتبەش مېتىرچە كەڭلىكتىكى يەردە ياۋائوتچۆپلەرچىرمىشىپ كېتىپتۇ.مەن خۇددى رەسسام ماناپ ئۇستاز سىزغان رەسىملەردەك گۈزەل قورۇدىكى بىر بۇلۇڭنىڭ خاراپ ھالىنى كۆرۈپ خالمۇراتقا:

بۇ يەرلەردە بىرەر خىسلەت بارمۇ؟ئەجەپ خانىۋەيران پېتى قويۇپسىلەرغۇ؟دەپ سورىدىم.

ئۇ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

بۇنى دادامدىن سورىسىڭىزتوغرا بولاتتى،دېدى.

بوپتۇ.سورىساق سورايلى،دېدىم ئارقامغا يېنىپ. بىزئۆيگە كىرگەندە ماناپ ئاتىمىز تۈگۈلۈپ ياتقان ئىكەن:

ماۋۇ بىربۇلۇڭ بولماي قاپتۇ.رەسسامنىڭ گۈزەل ھويلائارام ئەسىرىنى سەل بۇزۇپ قويغاندەك قىلىدۇ،دېدىم سوئالنى ئەتەي قىزىتىپراق بۇرمىلاپ سوراپ.

بەك ئىنچىكىلەيدىغان مۇخبىرىمىز ئىكەنسىزغۇي.ئۇ مېنىڭ تەبىئەتكە سىزغان ئەسىرىم.بۇ سوئالىڭىز ئەتتىگەندىن بۇيانقى سوئاللىرىڭىزنى بېسىپ كەتتى،ئۇ جەينەكلەپ ئولتۇرماقچى بولدى.خالمۇرات سۇپا ئۈستىگە چىقىپ،ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ياستۇق تىكلەپ قويۇپ بەردى.

مەن بۇلبۇلنى بەك ياخشى كۆرىمەن.ئۇنىڭ سايرىشى ماڭا دۇنيادىكى ھېچقانداق مۇزىكانتنىڭ ئىجاد قابىلىيىتى يەتمەيدىغان سېھىرلىك مۇزىكىدەك ئارام بېرىدۇ.ھەر قىزىلگۈل پەسلىدە بۇ چاتقاللىق ھەيۋەتلىك <<سىمفونىيە كلوب>>ىغا ئوخشاپ قالىدۇ.چۈنكى،بۇ چاتقاللىقتا بىرتوپ بۇلبۇلنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇزۇلمىغان سەھنىسى بار. ئۇلار ئۇۋىلىرىغا جايلىشىۋېلىپ چاڭقاق ئۈنلىرىدە <<بۇلبۇللارسەھەرى>> نى ئورۇنداشقا باشلايدۇ. مېنىڭ ھېسياتلىق ھەم ئازاپلىق كۆڭلۈمگە<<ئاغزىدىن قان تامغىچە>>تەسەللى بېرىدىغان بۇلبۇللارنىڭ ماكانىنى بۇزغۇم يوق!

كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى.ئۇيغۇر يېزىقىنى قۇمغا يېزىشتىن باشلاپ ئۆگىنىپ،بەش خىل كەسپتە داڭ چىقارغان،كۆپ ئىقتىدارلىق بىر ئىنسان قەلبىدىكى ئازاپلىرىنى بۇلبۇللار ناۋاسى بىلەن داۋالاپ ياشاۋېتىپتۇ.

ھەسرەتتە قالغان بوۋايغا نېمە دەپ تەسەللى بەرسەممۇ بەرىبىر،تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئاشنا ئەشۇ بۇلبۇللاردەك كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرالماسلىقىم ئېنىق ئىدى.

مانا بۇ—بىز ماتەم بىلدۇرىۋاتقان ئوغلان—خالمۇراتنىڭ ئاتىسى ئىدى.

خالمۇرات دەرۋازا ئالدىدا مېنى ئۇزىتىپ قالدى.

خىزمەتداشلار ياخشىمۇسىلەر:

سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر؟ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىلەر بىلەن رادىئو خىزمىتىدە بىللە ئىشلىگىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ۋە ئىنتايىن مىننەتدارمەن.سىلەرنىڭ مېھرىڭلار ۋە ياردىمىڭلار بىلەن خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئانچەمۇنچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتىمەن.ھەممىڭلاردىن سۆيۈنىمەن.ھەممىڭلار تولىمۇ سۆيۈملۈك.ئادەمنىڭ سالامەتلىكى دېگەن باشقا بىر گەپكەن.سىلەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.شۇندىمۇ سىلەر بىلەن ئۆتكەن ھەربىركۈنىمدىن پەخىرلىنىمەن.ئۆزئارا بىربىرىڭلار بىلەن ئۆمئىناق ئۆتۈڭلار.بىربىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار.ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم بولسا كەچۈرۈۋېتىڭلار.مەن ئاغرىق سەۋەبىدىن دەم ئېلىۋاتقان بۇ مەزگىللەردە بىرقانچە خىزمەتدىشىم ئۈندىداردا گەپ قىلدى.خەت يازدى.ھەتتا،ئۆيگە باردى. لېكىن،كۆرۈشەلمىدۇق.توغرا چۈشىنىڭلار.چۈنكى، شۇ چاغدىكى ئەھۋالىم شۇنداق ھالەتتە ئىدى. ئامانچىلىق سىلەرگە ھەمرا بولسۇن.

خالمۇرات ماناپ

2020- يىلى 7-ئاينىڭ 15- كۈنى.

كەچ 12:26

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top