You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » بىز ۋە فىليەتۇن

بىز ۋە فىليەتۇن

روزى كېرەم يارى

جاھاندارچىلىقنىڭ بوران- چاپقۇنلىرى سىزنى پىقىرىتىپ، باشلىرىڭىزنى قايدۇرۇپ ھالسىراتقىنىدا، بەزىدە تۇيۇقسىز ئاڭلىغان بىرەر گەپ- سۆزلەر، ئۇچرىغان ۋەقە ياكى ئىشلار سىزدە ھېسداشلىق ياكى قايىل بولماسلىق، نارازىلىق ھېسلىرىنى ئوخچۇتۇپ، كىملەرگىدۇر كۈيۈنۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، كىملەرگىدۇر نارازى بۇلۇپ ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ ‹خوپ بۇپتۇ!› دىگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزدە قاچانلاردىندۇر باشلاپ ئاجىزلاپ قالغان بىر تۇيغۇنىڭ تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ قالغانلىقىنى، كۆڭلىڭىزنىڭمۇ ‹بۇلۇت كەينىدىن چىققان ئايدەك› ۋاللىدە يۇرىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلىپ قالىسىز!

سىز گېزىت- ژورناللاردىن ياكى كىتاپلاردىن ‹كارامەت ئۆتكۈر تىل، ئاچچىق كىنايە، يۇمۇرىستىك سىموۋۇللار› ئارقىلىق، ھەق- ناھەق ئۈستىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ناھەقچىلىقنى قاتتىن قامچىلىغان، گويا سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى دىگەندەكلا يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا، بىردىنلا ھاياجانغا چۈمۈپ، ئەتراپىڭىزدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ناچار ئىش خاھىشلارنى ئاستا- ئاستا كۈرۈپ يېتىپ، سىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان گادىرماچ خىياللار تۇغۇلغان بولغىيتى ياكى شۇنداق ‹چويلىدا توختىمايدىغان› گەپلەرنى قىلىدىغان ‹مەمەدانلار› غا قاتتىق خاپا بۇلۇپ كەتكەنسىز ياكى ‹ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىش› نى ئويلىماي، ‹باشقىلارنىڭ ئىشى› غا ئارلىشىپ يۈرۈيدىغان ‹بەغەرەزلەر› گە ‹جاھاندارچىلىق سەنئىتى› دىن ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ، چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولغانسىز! شۇنداق، ھازىر ‹ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلماي›، تەپتارتماستىن خەقلەرگە ‹پەشۋا ئاتىدىغان خولىگەدەنلەر› خېلى كۆپىيىپ قالدى. بوپتۇ دەپ ئۇلارغىمۇ يول قۇيۇپ باقمامسىز! بەلكىم ئۇلارمۇ ‹تۇمشۇقىغا يىگەندە› جىمىپ قالار!

*******

مەن فىليەتون دىگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا لوغەت ئاقتۇرۇپ باقمىدىم. شۇڭا پىشىقەدەملەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلدى. ئۇنداق بولسا فىليەتون دىگەن نېمە؟

دەۋرىمىزدىكى لۈشۈنشۇناس، تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكىنىڭ 1998- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى قايتا نەشىر قىلغان ‹لۈشۈن فىلىيەتونلىرى توپلىمى› غا يازغان كىرىش سۆزىدە ‹فىليەتون- ئەسلى فىرانسوز تىلىدىكى سۆز بۇلۇپ، لوغەت مەنىسى- كۈندىلىك تۇرمۇشنى مەزمۇن قىلىپ، ئۆتكۈر تىل بىلەن يېزىلغان ماقالە دېمەكتۇر. كەڭ مەنىدە- فىليەتوننىڭ ئۆزى پارچە تەسىرات، قىسقا مۇلاھىزە- ئوبزور، ئەنزار، ھەجىۋى، مەسخىرە، كىنايە دىگەن مەنىداش سۆزلەرنى، ھەتتا (لاتىنچە) پىروزا، ساتىرا دىگەن سۆزلەرنى. (ئېنگىلىزچە) ئېساي دىگەن سۆزنى، (گىرىكچە) مىتافورا دىگەن سۆزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .›(يوقارقى كىتاپ. ‹تەرجىماندىن›5- 6 -بەتلەر) دىيىلگەن .

بۇ سۆز ياكى ئاتالغۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قاچان كىرگەن؟ يوقارقى كىتاپتا يەنە ‹ تارىختىن مەلۇم بۇلۇشىچە فىليەتون سۆزى 30- يىللاردا ئۇيغۇر خەلقى زامانىۋى مەدەنىيەتتىن بەھىرلىنىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، روس، ئۆزبىك، تاتار تىلى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن بۇلۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بۇلۇپمۇ زىيالىلار ئىچىدە خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.› دىيىلگەن .(يوقارقى كىتاپ. 6- بەت)

يوقارقى قۇرلاردىن مەلۇمكى فىليەتون دىگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى زىيالىيلار ئارقىلىق، قېرىنداش مىللەتلەردىن قۇبۇل قىلىنىپ ئۆزلەشكەن. بۇ يەردە يەنە بىر سۇئال تۇغۇلدى. ئىلگىرى بىزدە مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەر بولغانمۇ؟

جاھان ئەدەبىيات سەھنىسىدە ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ، تېخىچە سەلتەنىتىدىن قالمىغان، ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ سەمەرىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە مەزكۇر ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ئەسەرلەر ھەقىقەتەن كۆپ. ئەجداتلىرىمىز ئاساسەن سىموۋۇللاشقان ئوبرازلار يارىتىلغان ئاچچىق كىنايىلىك شېئىرىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئوي پىكرى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى ‹ھەجىۋىلەر› دەپ ئاتاشقان ياكى ئۆزلىرىنى مۇھەببەت نەپرەتلىرىنى نەسىرىدىن ئەپەندى، سەلەي چاققان، موللا زەيدىن لەتىپىلىرى، ئۇيغۇر مەسەللىرى، يۇمۇر چاقچاقلىرى تەركىۋىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. بەلكىم ‹فىليەتون› دىگەن ئاتالغۇدا ئەسەر يېزىشنى لوتپۇللا مۇتەللىپ باشلىغان بۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، ئابدۇ قادىر داموللىنىڭ پەلسەپەۋى پىكىرلەر بىلەن تۇيۇنغان، ئۆتكۈر قاراتمىلىققا ئىگە بىر قاتار ماقالە- ئەسەرلىرى بىزنىڭ سۆزىمىزنى تېخىمۇ بەك قۇۋۋەتلەپ تۇرۇپتۇ. قىسقىسى، ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ ژانىر ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئاساسى بىلەن مۇۋاپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرغان.

ھازىر بىزدە فىليەتون بارمۇ؟ تەرەققىي-تى قانداق بۇلىۋاتىدۇ؟

ھازىر بىزدە فىليەتون يېزىش تەدرىجى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن كىيىنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەۋزەل شارائىتتا، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىدا تەدرىجى گۈللىنىپ، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، موزىكا، ئېتىكا، سەنئەت … قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوۋ … باشچىلىقىدىكى بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، جاپالىق ئەجرى ۋە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتى جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان ‹كۈمۈلگەن ئاچقۇچ›لار قېزىپ چىقىرىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە تۇنۇتتى. 90- يىللاردا ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھۇشۇر، يالقۇن رۇزى … قاتارلىقلار روھىيىتىمىزدىكى، ئەخلاقىمىزدىكى رېئال مەسىلىلەرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىپ بىزنى سەگەكلەشتۈردى.

ھازىر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ماقالە- ئەسەرلەردە فىليەتونلۇق خۇسۇسىيەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. لېكىن، بۇنداق ماقالە- ئەسەرلەر ياكى فىليەتونلار ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىز قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇلۇپمۇ خەنزۇلاردا فىليەتون ژانىرىنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەنلىكىنى ھەم ناھايىتى كەڭ بىر ئېقىم بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۈرۈپ يېتەلەيمىز. لۈشۈندىن باشلانغان فىليەتونچىلىق دەسلەپكى ئازاتلىق كۆرىشى يىللىرىدا خەلقنى ئويغۇتۇش ۋە ئازاتلىق ئىشلىرىدا قانچىلىك كۈچلۈك رول ئوينىغان بولسا، 85- يىللاردا تەيۋەندە كۆتۈرۈلگەن ‹لوڭيىڭتەي قۇيۇنى› مۇ ئوخشاشلا ‹جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاش› تا ئوخشاشلا كۈچلۈك ‹يانغىن› پەيدا قىلغانىدى. ھازىرقى فىليەتون قىزغىنلىقىمۇ دەل ئەشۇر دەۋىردىكى ئومۇمىي ھالەتتىن ئەلۋەتتە تۆۋەن ئەمەس.

لۈشۈن ئەپەندى ياپۇنىيىدە دەسلەپتە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، يۇرتداشلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، ئۇلارنى ئاغرىق ئازاۋىدىن قۇتقۇزماقچى بولىدۇ. بىراق، بىر قېتىملىق كىنو كۈرۈش پۇرسىتىدە، ئۇنىڭ ئىدىيىسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ، ‹روھىي جەھەتتىكى كېسەلنى داۋالاشنىڭ جىسمانىي كېسەلنى داۋالاشتىن مۇھىم› ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يېتىپ، ئەدەبىيات ئۆگىنىپ، جۇڭگو خەلقى- قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىنى، روھىنى قەلىمى ئارقىلىق ‹داۋالاپ ساقايتماق› چى بولىدۇ. لۈشۈن ئەپەندىنىڭ مەيلى ئەدەبىياتنى تاللىشى بولسۇن ياكى ئەدەبىياتتا فىليەتون ژانىرىنى تاللىشىدا بولسۇن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. لۇڭيىڭتەي خانىمنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى ‹يوقىرى مائاش، ئېسىل تۇرمۇش شارائىتىدىن ۋاز كىچىپ› تەيۋەندىن ئىبارەت ‹سېفلىس بولغان ئانا› غا قايىتىپ كىلىپ، ھىچ ئىككىلەنمەستىن فىليەتون ژانىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلللىنىپ، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە شۇنچە كۆپ قارشىلىقلارغا باش ئەگمەي، بىر ‹يانغىن› نى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۇنىڭ لۈشۈنگە ئوخشاشلا بىر ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت روھىنىڭ يۈكسەكلىكى …

مەيلى لۈشۈن ياكى لۇڭيىڭتەي بولسۇن ياكى ئابدۇقادىر داموللا، لوتپۇللا مۇتەللىپ بولسۇن. ئۆز دەۋرىدە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان سۆزلىرىنى سۆزلەپ، ناچار ئىدىيە- كۆزقاراش، ئېغۋاگەرچىلىك، ناچار ئىللەتلەر ۋە شۇنىڭدەك ‹تۈرلۈك مەنىۋى ئۆسمىلەر› نى داۋالاشتا ھەق- ناھەق ئۈستىدە تىك تۇرۇپ، ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، خەلقنى ئويغۇتۇشقا، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىشقا يېتەكلىشى ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ، ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەنىۋى ماياكى بۇلۇشى كېرەك!

*******

توختى باقى ئارتىشى ئاكا تەرجىمە قىلغان ‹لۈشۈن فىلىيەتونلىرى توپلىمى› (1- 2- قىسىم )، ‹كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ ؟›، ‹ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس ›(1- 2- قىسىم ) قاتارلىق سەرخىل ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى ۋە قەلەمكەشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. تەسىرى زادى قانچىلىك بولدى؟ بۇنى مۆلچەرلىمەك تەس. ئۇنداقتا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئارىسىدا فىليەتون ژانىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن زۆرۆرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھەق گەپنى قىلغاندا بىزنىڭ مەدەنىيەت كىرزىسى، ئەخلاق كىرزىسى، روھى كىرزىس قاپلىغان تېنىمىزدە نۇرغۇنلىغان يارىلار ئىششىپ، شەلۋەرەپ تۇرۇپتۇ. بۇ جاراھەتلەرنى دۇرا- قىياملار بىلەن داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس. جاراھەتلەنگۈچىلەرنى پەقەت خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ مەيدانغا ياتقۇزۇپ، ھەممنىڭ كۆز ئالدىدا، ھەقىقەت ۋە ۋىجداننىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىغا ئېلىپ، تىلدىن ئىبارەت ئۆتكۈر پىچاقتا جاراھەتنى ئاستا- ئاستا يېرىپ، ئەقىل سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىمان- ئېتىقاد مەلھەملىرىنى ئوبدان سۈرۈپ، مەسئۇلىيەت داكىسىدا راۋۇرۇس پۇختا تاڭغاندىلا ئاندىن سەللىمازا ساقىيىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئىكەن بىزدە فىليەتون ژانىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەلۋەتتە زۆرۈرىيىتى بار!

ئەمما، ئاپپاق غوجىدىن ئىبارەت مەلئۇننىڭ روھى جەھەتتىكى ئاياغ- ئاستى قىلىشىدىن ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن خەلقىمىز ياڭزېشىن، شىڭ سىسەيدىن ئىبارەت جاللاتلارنىڭ ئالقىنىدا ئاق تېرورلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. ۋەتەن ئازات بۇلۇپ ئەمدىلا قۇياش پارلىشىغا، ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇندا قاتتىق ئۇچۇغدالدى. روھىي جەھەتتىن ئەمدىلا تەسەللىيگە ئېرىشىۋاتقان خەلقىمىز ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن زەربىلەر ئالدىدا تېڭىرقاپ ‹يۈرەكئالدى› بۇلۇپ، ئۈنلۈك گەپ قىلىپ ۋاقىراشتىن قورقىدىغان، يول ماڭسا سايىسىدىن ئۈركۈيدىغان، يوغانراق چىچىپ قويسىمۇ باشقىلارغا دۆڭگەيدىغان، ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئازغىنە ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن باشقىلارغا چاقىدىغان، ئۆز- ئارا ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان، ناھەقچىلىككە ئۇچرىسىمۇ بۇپتۇ دەيدىغان، باشقىلارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغىنىنى كۆرسە تاماشا كۆرىدىغان، … غا ئوخشاش بىر تالاي يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالدى. بۇنداق بىنۇرمال پىسخىك روھىي ھالەتلەر ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ قارا سايىسىنى تاشلاپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولغانىكەن جەمئىيەتتىكى ئەخلەقسىزلىق، قانۇنسىزلىق، يولسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، چىرىكلىك، ۋىجدانسىزلىق، غورورسىزلىقلار ئالدىدا كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ، ‹چىش يېرىپ› ھەق- ناھەق ئۈستىدە سۆزلەيدىغانلار چۇقۇملا يەنە لۈشۈن، لۇڭيىڭتەيدىن ئارتۇق كۈن كۆرمەيدۇ. لېكىن ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك. ئۈمىد بولغانىكەن ھامان ماڭغىدەك يول چىقىدۇ. ھازىر مۇشۇنداق ھەق- ناھەق تۇيغۇسى بار، غورورلۇق، يىراقنى كۆرەر بىر قىسىم ياشلار فىليەتون ئىجادىيىترى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشى ياكى مۇمكىن بولسا ھەممە ئۆز ماھارىتىنى كۆجرسىتىدىغان بىر بەيگە سورۇنىنىڭ بۇلۇشى بىزنىڭ فىليەتون يېزىقچىلىقىمىزنى يەنىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈسى!

بەزىلەر بىزنىڭ تۇمشۇقىمىزغا يىيىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ‹مەيلى شۇنداق بولسىمۇ، مەن باشقىلار يامان كۆرىدىغان، ياراتمايدىغان، ئەبجەش، شالغۇت، بولمىغۇر ماقالىلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .› ھەممەيلەن تەك باراۋەرلىكنى ياخشى كۆرىمىز. ‹… شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر شەيئىي سەل باشقىچەرەك بۇلۇپ قالسا، بەزىلەر ئۇنى دەرھال قىرقىپ، تەكشىلىۋېتىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇپتۇ، چىخوپنىڭ ‹‹ خۇمسىلارنىڭ ئاغزىدا ماختىلىپ يۈرگەندىن كۆرە، ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن ئەلا ›› دىگىنىدەك، شۇنداق خۇمسىلار بىلەن تۇتۇشىمەن …›(لۈشۈن. يوقارقى كىتاپ. 3- 4- بەتلەر)

قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ فىليەتون ژانىرىدىكى دادىللىقى ۋە تەرەققىياتى بىزنى ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۆزىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىپ، روھىيىتىمىزنى پاكلاشقا يېتەكلەيدۇ.

مىللىتمىز روھىي كىرزىس، مەدەنىيەت كىرزىسى، ئەخلاق كىرزىسى ئىچىدە تۇرۇپ قالدى. ئەجداتلاردىن قالغان ئېسىل ئەنئەنىلەر بىزگە ۋاقتى ئۆتكەن كېرەكسىز نەرسىدەك بىلىنىدىغان، مەدەنىيەت گېنىمىزغا يات نەرسىلەر بولسا، بىزگە تۇيدۇرماستىن سىڭىپ كىرىپ، بوشلۇقلارنى ئىگەللەيدىغان ‹مودا دەۋىر› داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز روھىي گادايلىق، ئازغۇنلۇق ئىچىدە تەدرىجى مىللەت ئۆزلىكىمىزنى يوقىتىۋاتىمىز. مۇشۇنداق بىر ئۆتكۈنچە دەۋىردە دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان زور بىر تۈركۈن كىشىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەخلاق، مىللىي روھنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ‹ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس› دەيدىغان بايراق ئاستىغا يىغىلىپ، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى زۆرۈر بۇلىۋاتىدۇ.

فىليەتون ئەڭ كۈچلۈك قاراتمىلىقى، تېما ئەركىنلىكى، روشەن خۇسۇسىيەت ۋە ئۆزگىچە ئاساسى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن روھىي ئۇزۇق بۇلالايدۇ. بۇ يەنىلا قەلەمكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچ، غورۇر، ۋىجدان تۇرغۇسى بىلەن قانداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىشىغا باغلىق!

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top