You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياشلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك سۇئاللار

ياشلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك سۇئاللار

ئابدۇرېھىم دۆلەت

ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان. مەن ئەزەلدىن شۇنداق قاراشتا. ياشلىق پەقەت ھاياتتىن ئىبارەت ئۇزاق بىر جەرياندىكى مەلۇم بىر مەزگىلدىن ئىبارەت. ئەمما، ياشلىقتىن ئىبارەت بۇ قىسقا مەزگىل ئۇزاق ھايات سەپىرىنىڭ مەنزىلىنى بەلگىلەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ياكى غەلىبىلىك ياشىشىمىزنى بەلگىلەيدىغان بىر ھالقىلىق جەريان. ئادەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۆز ئۆمرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، بىر پۈتۈن ھاياتىنى كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتكۈزگىنىدە، چوقۇم ياشلىقىدا سادىر قىلغان خاتالىق، ئەخمەقلىقىدىن چەكسىز ئۆكۈنىدۇ؛ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنىدۇ؛ ياشلىقىم قايتا قولغا كەلسە، چوقۇم ئۇنداق قىلماي، مۇنداق قىلغان بولاتتىم، مۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلىۋالسام بوپتىكەن دەپ ئويلايدۇ. دېمەك، ئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى، قانداق ياشىشى دەل مۇشۇ ياشلىق مەزگىلىدە بەلگىلىنىدۇ.
ئەگەر بىز ھاياتنى بىزگە ھەدىيە قىلىنغان بىر سوۋغات دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ياشلىق بۇ سوۋغاتنىڭ جەۋھىرىدۇر. بۇرۇن بىر يىگىت سەپەرگە چىقىپ بىر تاغقا كەپتۇ. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىكەن. يىگىت ئالدىدىكى جىلغىدىن مېڭىۋېرەي دەپ تۇرسا، توساتتىن بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ ۋە يىگىتكە:»ئالدىڭغا ئۇچرىغان، پۇتۇڭ دەسسىگەن تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ ماڭ دەپتۇ«. شۇنىڭ بىلەن يىگىت پۇتىغا تەگكەن تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ خۇرجۇنغا سېلىپ مېڭىپتۇ. تاشنى سېلىۋېرىپ خۇرجۇنمۇ توشۇپ قاپتۇ ۋە بارغانسېرى ئېغىر تۇيۇلۇشقا باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يىگىت بۇ تاشلارنى نېمىمۇ قىلارمەن دەپ خۇرجۇندىكى تاشلارنى تاشلىۋېتىپتۇ ۋە قولىدا بىرنى ئوينىغاچ مېڭىپتۇ. يىگىت ئاخىر جىلغىدىن چىقىپتۇ. تاڭمۇ ئېتىپتۇ. قولىغاشۇنداق قارىسا، قولىدىكىسى تاش ئەمەس، گۆھەر ئىكەن. يىگىت بۇنى كۆرۈپ چەكسىز پۇشايمان قىپتۇ ۋە جىلغىغا قايتا كىرىپ، تاشلىۋەتكەن گۆھەرلەرنى ئىزدەپتۇ، لېكىن تاپالماپتۇ.
دېمەك، ياشلىق ئەنە شۇ گۆھەرگە ئوخشاش بىر قېتىم يوقىتىپ قويۇلسا، قايتا تېپىۋالغىلى بولمايدىغان بايلىقتۇر. بەلكىم، مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئەنە شۇ يىگىتتەك نادامەتلەرنى چېكىپ باققان بولۇشىمىز مۇمكىن. قايسى خىل مەھرۇملۇق ئادەمنى ئەڭ ئازابلايدۇ؟ مېنىڭچە، قايتا ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىنى يوقىتىپ قويۇش. پۇلىمىزنى يوقىتىپ قويساق، يەنە تاپالىشىمىز مۇمكىن؛ ئابرۇيىمىز تۆكۈلۈپ كەتسىمۇ، قايتا تىكلىۋالالىشىمىز مۇمكىن؛ دوستمىزدىن ئايرىلىپ قالساق، يەنە يېڭى دوست تاپالىشىمىز مۇمكىن؛ ئەمما پەقەت ھاياتنىلا قايتا تاپقىلى، ئۇنىڭغا قايتا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ھاياتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئىكەنلىكىدە. شۇڭا، ھاياتنىڭ، ياشلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، قىممىتىنى چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغاندا، يەنى قېرىغاندا بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مۇھىمى ئۇنى قولىمىزدىكى ۋاقىتتا بىلىشتە.ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
بەلكىم، تۆۋەندىكى بىرنەچچە سوئالغا ئەستايىدىل، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىش بىزنىڭ قانداق قىلىشىمىزغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن.
بىرىنچى، سىز ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارامسىز؟
بۇ سوئال ھېچكىمگە يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. چۈنكى، بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پەند – نەسىھەت، تەربىيىلەر ئاستىدا چوڭ بولغان، بولۇپمۇ مەكتەپتە. ئەمما، ئارىمىزدا ھاياتنىڭ نېمىلىكى، مەنىسى، قانداق ياشاش كېرەكلىكى ھەققىدە تۈزۈكرەك باش قاتۇرۇپ باققانلار بەكلا ئاز. بىز ھېچبولمىغاندا، ھازىر كۈنىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزغا قارىساقلا، بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، ياشلارنىڭ ئۆز ياشلىقىنى نېمىلەرگە سەرپ قىلىشى، قانداق ئۆتكۈزۈشى، ئۇلارنىڭ ھاياتتىن ئىبارەت بىباھا، ئەمما ھەقسىز سوۋغاتنى قانداق چۈشىنىشىگە باغلىق. شۇڭا »ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك» دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىق ھەربىر ياشنىڭ ئۆز ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى »مەنە» زادى نېمىنى كۆزدە تۇتىدۇ ياكى زادى نېمە ئىش قىلسا، ھايات مەنىگە ئىگە بولىدۇ؟
بۇ سوئالغا كونكرېت جاۋاب بېرىش قېيىن، چۈنكى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىشتىكى ۋاسىتىسى، ئۇسۇلى، ئىش – ھەرىكىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر يېزىپ، بەزىلەر سىزىپ، بەزىلەر يۈگۈرۈپ، بەزىلەر ئويناپ، بەزىلەر ئويلىنىپ … ھاياتىنى بەلگىلىك مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. ھاياتنىڭ قانداق مەنىگە ئىگە بولۇشى شەخسنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنىڭ نېمىلكى، ئۇلارنى قايسى مەقسەت – مۇددىئادا قىلىۋاتقانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى سوئالغا گەرچە كونكېرت جاۋاب بەرگىلى بولمىسىمۇ، ئومۇمىي ھالەتنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىش مۇمكىن، ئەلۋەتتە، مەن بۇنى ئەڭ ئۆلچەملىك جاۋاب دېمەكچى ئەمەس، بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي قارىشىم: ھاياتنىڭ مەنىسى دېگىنىمىز، ئادەمنىڭ مەلۇم بىر نىشانغا يېتىش يولىدىكى تۆلىگەن بەدىلى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسى ياكى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، مەلۇم نىشانغا يېتىشتىكى تىرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت. گەرچە كۆزلەنگەن مەقسەت تولۇق ئىشقا ئاشمىغاندىمۇ، شۇ مەقسەت ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق شۇ ھاياتنى مەقسەتسىز ياشىغان ھاياتتىن پەرقلەندۈرىدىغان بىر مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ يەردە ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىشتا مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تۈپ شەرت قىلماسلىقتىكى سەۋەب شۇكى، مەقسەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇتلەق ئەمەس ھەم مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى شۇ مەقسەت ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشىش ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىش. ھاياتتىكى بىز دېگەن »مەنە مانا مۇشۇ جەرياندا پەيدا بولىدۇ. دېمەك، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەنىسىز ھايات مەقسەتسىز ھاياتتۇر، مەقسەتسىز ھاياتتا مەنە بولمايدۇ. مەنە مەقسەتنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلە نېمىنى مەقسەت قىلىش ۋە شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتا.
ئەمما، دۇنيادا ھاياتنىڭ مەقسەتسىزلىكىنى، ياشاشنىڭ مەنىسىزلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ، تۇغۇلۇش تاسادىپىيلىق، ياشاش ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ھاياتتا گۈزەللىك مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ پەقەت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختىلىق؛ ئىنسانلار كۆزلەۋاتقان گۈزەل غايىلەر، مەدھىيىلەۋاتقان گۈزەللىكلەر ماھىيەتتە ئىنسانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان ساختا تۇيغۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ غايىلەرگە يەتكىلى بولمايدۇ، بۇ خىل غايىنى قوغلىشىش قۇملۇقتىكى ئالۋۇننى قوغلىغاندەك بىر بىھۇدە ئەخمىقانىلىك؛ ئىنسانلار گۈزەللىكنى قوغلىشىپ، مۇكەممەل ئادەم بولىمىز دەپ ئۆزلىرىگە ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايىنى يۈكلەپ، ئۆزلىرىنى ئازابلايدۇ، ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل بولىمىز دېيىشى خۇددى ئىلاھ بولىمىز دېگەندەك بىھۇدە ئەخمىقانىلىك؛ شۇڭا ئىنسان بۇنداق يەتكىلى بولمايدىغان غايىنى قوغلىشىپ ئۆزىنى ئازابلىماسلىقى، ئالدىماسلىقى كېرەك، ئۆزىگە پرىنسىپ – قائىدىلەرنى بەلگىلەپ، پۇت – قولىنى چۈشەپ يۈرمەي، ئەركىن، چەكلىمىسىز ياشىشى، مۇكەممەل ياكى ياخشى ئادەم بولىمەن دېگەن غايىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىگە لايىق ياشىغان بولىدۇ … مانا بۇ خىل قاراشلار كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىككە، پىرىنسپسىزلىققا، ئۆزىنى قويۇۋېتىشكە باشلايدۇ. بۇنداق بولغاندا ھاياتتىكى ھەممە نەرسە رەزىلدەك، دۇنيادا گۈزەللىك مەۋجۇت ئەمەستەك بىلىنىپ، ھايات بىر ئەھمىيەتسىز جەريانغا ئايلىنىدۇ.
توغرا، ھاياتتا رەزىللىك مەۋجۇت، رەزىللىك بەلكىم گۈزەللىكنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ساختىلىق چىنلىقنىڭ تونىنى كىيىۋالغان بولۇشى، بەزىدە رەزىللىك گۈزەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ھەتتا بۇ خىل ھالەت خېلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، رەزىللىكنىڭ غەلىبىسى ئۇنىڭ بەرھەقلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس ياكى رەزىللىكنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى گۈزەللىكنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتىمۇ ئەمەس. بىز تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلانساق، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى گۈزەللىكنىڭ يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى، دۇنيا قوش قۇتۇپتىن تۈزۈلگەن، بۇ ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدىغان بىر ھەقىقەت. مەسىلە ئادەملەرنىڭ قايسىسىنى تاللىشىدا. كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشى، ياخشىلىقنى سۆيۈشى ئىنسان تەبىئىتىگە كۆمۈلگەن، شۇنداقلا يامانلىققا مايىل بولۇش، رەزىللىكنى خالاشمۇ ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياخشى ئادەم بولۇش يامان ئادەم بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىنساننىڭ گۈزەللىككە مايىل تەرىپى يامانلىققا مايىل تەرىپىنى مۇتلەق يوقىتالايدۇ دەپ چۈشىنىشمۇ توغرا ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشىنى بىر خىل مۇتلەق مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، پەرىشتىلەرچە مەقامنى كۆزلەش، ئەگەر ئۇنداق مەقامغا يېتەلمىسە، گۈزەللىككە ئىنتىلمەسلىك كېرەك، ئۇ بىھۇدىلىك دەپ چۈشەنمىسەكمۇ خاتالاشقان بولىمىز. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشىنىش كېرەك: ئىنسان ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە، ئەڭ زور دەرىجىدە مۇكەممەل بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك، مۇتلەق مۇكەممەل بولالمىغىنىدىن ئەپسۇسلانمىسمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مۇتلەق پەللىگە ئىنسان يېتەلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئىنسان ئۆز تەبىئىتىنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن يامان تەرىپىنى بېسىپ، ئۇنى ئىپادىلىنىشتىن توسۇش، شۇنداقلا ئۆز نەپسىنى ئەقىل – ئېڭى بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە كونترول قىلىشتۇر. ھاياتتا ئىنساننىڭ قانداقلىقى ھاياتتىكى نىشانىغا يېتىش جەريانىدا ۋە قوللانغان ۋاسىتىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسان ئۆز ھاياتىدا خاتالىق ۋە يامانلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنالىسا، قىلغان ياخشىلىقى يامانلىقىدىن كۆپ بولسا، يامانلىق قىلىپ سالسا پۇشايمان قىلىپ ئۆكۈنگۈدەك يۈرىكى بولسا، خاتالىقىنى تۈزىتەلىسە، يامانلىققا ئادەتلىنىپ قالمىسا، يامانلىققا نەپرەتلىنەلىسە، ياخشىلىق قىلالمىسىمۇ، ئۇنى ئۆچ كۆرمىسە، ھاياتىنى ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىشنى ئۆزىگە نىسبەتەن بېسىم ھېس قىلىدىغان ئادەم نورمال ئادەم ئەمەس. دېمەك، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى، ھاياتىنى مەنىلىكئۆتكۈزۈشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق بىر ياش ئاۋۋال چوقۇم ھاياتتا مەنە، گۈزەللىك بارلىقىغا چوقۇم ئىشىنىشى، ناتوغرا ئىدىيىلەرنىڭ زەھىرىدىن خالىي بولۇشى كېرەك. ھاياتتا مەنە بار دېگەن قاراشنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قەدەم باسقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككىنچى، سىزدە مەلۇم بىر مۇستەقىل ئىدىيە – دۇنيا قاراش شەكىللەندىمۇ؟
مېنىڭچە, ئادەمدە سەل بالدۇرراق بولسا, 15 – 16 ياشلاردا، كېچىكسىمۇ 18 – 19 ياشلاردا ئاز – تولا مۇستەقىل ئىدىيە – قاراش شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. گەرچە ئادەم مۇشۇ مەزگىلدە يەنىلا ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز بولسىمۇ، نېمىگە ئېتىقاد قىلىش، نېمىگە ئىشىنىش، قانداق يول، قانداق ئىدىيە تاللاش كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل تاللاش ياشلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا قايسى يولغا مېڭىشىنى بەلگىلەيدۇ. ھەربىر ياش چوقۇم مۇستەقىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ ۋە شۇ توغرىدا بېشى قاتتىق قاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلىدىغان تاللاش ئەمەس، بەلكىم بۇ بىر ئادەمگە نىسبەتەن جورا، كەسپ تاللاشتىنمۇ ھالقىلىق، مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى ئۆزى تاللىۋالغان شۇ ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتىدۇ.
ئىدىيە دېگىنىمىز، بىر ئابستراكىت ئۇقۇم. ئۇ بىر ئادەمنىڭ دۇنيا، ھايات، ئىنسان، مۇھەببەت، گۈزەللىك – رەزىللىك، ھەق – ناھەق، ھەقىقەت – سەپسەتە دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى بولۇشى مۇمكىن. مەن ھەربىر ياشتا چوقۇم يۇقىرىقى ياكى يۇقىرىدىكىگە ئوخشىمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بەلگىلىك مۇستەقىل قارىشى، چۈشەنچىسى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇ ھەقتىكى ئىدىيە – قاراشلارنى تاللاشتا مۇھىمى تاللىغۇچىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشىدۇر. ياشلار بۇ خىل تاللاشتا مەلۇم شەخس، مەلۇم ئەسەر ياكى كىتاپلار،تەلىماتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىمۇ ياكى شۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇل قىلسىمۇ چوقۇم ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر جەريانىدىن ئۆتكۈزۈشى، ئەقلىي دەلىللىشى، پاكىت – لوگىكىغا ئەھمىيەت بېرىشى ھەمدە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىنى چىقىرىشى كېرەك. مۇستەقىل بولمىغان ئىدىيە ئىشەنچىسىز، ئاجىز بولىدۇ، ئىدىيىسى مۇستەقىل بولمىغانلارمۇ قارىغۇلاچە ئەگەشكۈچىلەردۇر، ئۇلار پىكرىي قارىغۇلۇقتىن ساقلىنالمايدۇ، بۇنداق كىشلەرنى بەلگىلىك ئىدىيىسى بار دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئىدىيە نۇقۇل بىر خىللا نەرسە ئەمەس، ئۇ بىر قاتار قاراش – چۈشەنچىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن سىستېما. بۇ سىستېمىنىڭ يادروسى مېنىڭچە ئېتىقاد. ئىدىيە ئېتىقادنى مەركەز قىلىپ قانات يايىدۇ، شۇنى دەۋر قىلىدۇ، باشقا ئىدىيىۋى تەركىبلەرگىمۇ ئېتىقادنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ. ئېتىقاد مەلۇم بىر چۈشەنچىگە ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال ئەقىلنىڭ تاسقىشىدىن، تەستىقىدىن ئۆتمىگەن ئېتىقاد نادانلىق، جاھالەتنىڭ يىلتىزى بولىدۇ. ئېتىقادنىڭ توغرا – خاتالىقى ئاۋۋال ئېتىقاد باغلانغان شەيئىنىڭ نېمىلىكىگە، ئاندىن قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تەپەككۇرىغا باغلىق بولىدۇ. ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم بىر ئېتىقادنى مەركەز، يادرو قىلماي تۇرۇپ، بىر مۇستەقىل ئىدىيە شەكىللىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىدىيىسى مۇستەقىل ياكى ئېنىق بولمىغان ئادەمنىڭ ھاياتى دېڭىزدىكى غازاڭدەك لەيلەپ ئۆتىدۇ.
بۇ خىل ئىشىنىش ياكى ئېتىقاد ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر شەيئى، ھادىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە، ھەق – ناھەق، گۈزەل – رەزىللىك ئالدىدىكى مەيدانىدا، چوڭ – كىچىك ئىش – ھەرىكىتىدە روشەن ئەكس ئېتىدۇ. بولمىسا ئۇنىئېتىقاد دېگىلى بولمايدۇ. مەلۇم بىرنەرسىنى ھەقىقەت دەپ ئېتىقاد قىلىپ، يەنە ئۇنىڭ تەسىرىسىز ياشاش مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئېتىقاد ئادەمنى مەلۇم بىر ئۆلچەم بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەماغا ھاسا قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئادەمگە ئۆلچەم شۇنچىلىك مۇھىم. دېمەك، بىر ياش ئۈچۈن بىر مۇستەقىل ئىدىيە ئىنتايىن زۆرۈر، ئۇ شۇ ئىدىيىگە چۇشلۇق ياشايدۇ ۋە ئىش – ھەرىكىتىنى شۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچى، ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ئاتىغۇدەك بىرەر نىشانىڭىز بارمۇ؟
بىز باشتىكى »سىز ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارامسىز؟»دېگەن سوئالدا، ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ نىشان ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق جەريانىدا يارىتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدۇق، يەنى ھاياتتا مەلۇم نىشان بولغاندىلا، ئاندىن ھايات مەنىلىك ئۆتىدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كەلدۇق.
ئەمدى بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ كونكرېت توختىلىمىز.
ئىنساندىكى نىشان نېمىگە ئاساسەن تىكلىنىدۇ؟ نىشاننىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئىككىنچى سوئالىمنىڭ جاۋابىدا. ئەگەر بىز ئادەمنىڭ ھاياتى شۇ كىشىنىڭ ئىدىيە – ئېتىقادىقا چۇشلۇق ئۆتىدۇ(بەلكى ئېتىقادنىڭ ئاجىز – كۈچلۈكلۈكى بىلەن پەرقلىق بولسىمۇ)دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلساق، ئۇ ھالدا ئىنساننىڭ نىشانى ئۇنىڭ ئېتىقادى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. تېخىمۇ ئېنىق دېگەندە، ئېتىقاد بىلەن نىشان ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، ئېتىقاد قانداق بولسا، نىشان شۇنداق بولىدۇ. ئىككىسى زىت كېلىدىغان ئىش بولمايدۇ، ئەگەر بوپقالسا چوقۇم ئىككىسىنىڭ بىرى ساختا بولغان بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئېتىقاد ئىنساننى ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە نىشان بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بەلگىلىك نىشان كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغان ئېتىقاد مەۋجۇت بولمايدۇ.
نىشانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى ئەمەلىي ئېھتىياج. سىز تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ شارائىتىنى چىقىش قىلمىغان، شۇ يەرنىڭ ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلمىغان نىشان بىر خام خىيال. ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئاز – تولا ئەمەلىي شەرتلىرى بولمىغان نىشان ئادەمنى پەقەت بىھۇدە بەدەل تۆلىتىدۇ، خالاس. شۇڭا، سىز نىشانىڭىزنى بەلگىلىگەندە، ساددىلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇش – ياقتۇرماسلىقىنىلا ئۆلچەم قىلىۋالماسلىقىڭىز، بۇ مەسىلىدە تولىمۇ سۇغۇققان بولۇپ، نوقۇل قىزىقىش، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكىڭىز كېرەك. قىزىقىشنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلساقمۇ، مۇمكىنقەدەر قىزىقىشنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئادەم قىزىققانلا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوقۇم پايدىلىق بولۇشىمۇ ناتايىن. شۇڭا، ياشلار نىشانىنى بېكىتكەندە، چوقۇم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى، كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى كېرەك، بۇ نىشان بەلگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا.نىشانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچىنچى ئامىل ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىش – كەلمەسلىكىدۇر. ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن، قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى نىشان قىلىشمۇ سىزنى بىھۇدە بەدەل تۆلىتىدۇ. بۇنىڭدىمۇ چوقۇم سوغۇققان بولۇشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي شەرت – شارائىتىنى ئويلىشىڭىز كېرەك. گەرچە بەزى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلار تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە مۇمكىن بولسىمۇ، تىرىشچانلىق بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىپ، نىشاننى ئاقىلانە تاللاش كېرەك. مەسىلەن، ئاۋازى ياخشى ئەمەسلەر ناخشىچى بولىمەن دېيىشى، ۋىجىك كىشلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس ماھىرى بولىمەن دېيىشى ئاقىلانىلىك ئەمەس.
دېمەك، ياشلار نىشانىنى بېكىتىشتە ئۇنىڭ ئېتىقادىغا، ئەمەلىيەتكە، ئۆزىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك ياكى باشقىچە دېگەندە، ئېتىقادىنى، ياشاۋاتقان رىئاللىقنى، ئۆزىنى چۈشىنىشى كېرەك.
تۆتىنچى، نىشانىڭىزغا ئاساسەن تۈزگەن كونكرېت قەدەم – باسقۇچلۇق پىلانىڭىز بارمۇ؟
نىشان ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزغىنلىق بولسىلا كۇپايە ئەمەس، مۇھىمى شۇنىڭغا لايىق ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم مەلۇم پىلاننىڭ ئىچىدە بولۇشى كېرەك. سىز نىشانىڭىزنى قانچىلىك چۈشەنسىڭىز، پىلانىڭىز شۇنچىلىك كونكرېت، ئېنىق بولىدۇ.
پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈش ناھايىتى مۇھىم ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش – ئاشماسلىقى پىلاننىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. پىلان تۈزۈشتىن بۇرۇن سىز نىشانىڭىزنىڭ سىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشىڭىز كېرەك، بۇنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، پىلان تۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادەمگە نىسبەتەن نىشان، غايىگە ئىگە بولۇش قىيىن ئەمەس، مەسىلە شۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كونكرېت يول تېپىش. پىلان تۈزۈش دەل شۇ يولنى تاپىدىغان ئىنچىكە، كونكرېت جەرياندۇر. ئادەمنىڭ ئىقتىدارى مۇشۇ جەرياندا سىنىلىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا بىز دېگەن مەنە مۇشۇ جەرياندا ھاسىل بولىدۇ. كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، نىشاندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم نىشاننىڭ تەلىپىنى چۈشەنسە، نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ئەگەر سىز چەت ئەلدە ئوقۇماقچى بولسىڭىز، چەت ئەل تىلىدىن ئىبارەت ئۆتكەلگە دۇچ كېلىسىز. ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىشىڭىزكېرەك. شۇنىڭ بىلەن تىلنى قانداق ۋاقىتتا ئۆگىنىش، قايسى كىتابتىن ئۆگىنىش، كۇرسقا قاتناشسا، قايسىسىغا قاتنىشىش … سۆزلەش، ئاڭلاش، يېزىش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش … دېگەندەك كونكرېت مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىسىز. دېمەك، مانا بۇلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىڭىز، سىزنىڭ پىلاننى قانداق تۈزۈشىڭىز ۋە ئىجرا قىلىشىڭىزغا باغلىق.
قىسقىسى، بۇ سوئاللار مېنىڭچە ھەربىر ياش ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك سوئاللاردۇر. ئويلىنىش بىلەن ئېرىشىلگەن جاۋاب سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشىڭىزگە ئاز – تولا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلىسە ئەجەب ئەمەس.

مەنبە: بۇلاق ژورنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top