You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئەپتى -بەشرىلىرى

مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئەپتى -بەشرىلىرى

قۇتلۇق بىلگە

جۇغراپىيەلىك بايقاشلىرى بىلەن دۇنياغا يۈزلەنگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى سانائەت ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ ئېشىۋاتقان خام ماددا ۋە بازار ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن مۇستەملىكچىلىك قىلمىشلىرىنى تىزلەشتۈردى. دەسلەپتە باشقا مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ھېچاقانداق باھانىگە ئېھتىياج ھېس قىلمىغان بۇ دۆلەتلەر 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، مۇئەييەن روللارنى ئۆتەيدىغان كۈچلەر سىياقىغا كىرىپ غەلىتە ئۇرۇشلارنى ۋە ئىشغال باھانىلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، بۇ ئىشتىكى تۇنجى مىسالىمىز، ناپالىيوننىڭ 1789-يىلدا ئەسىرلەردىن داۋام قىلغان ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن دوستلۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىسرنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئىدى. ناپالىيوننىڭ مىسرنى ئىشغال قىلىشتىكى باھانىسى ناھايىتى غەلىتە ئىدى. ناپالىيون ئىسكەندىرىيەدە مىسىر خەلقىگە خىتابەن، مۇنى خىتابنامىنى ئېلان قىلغان: ناپالىيوننىڭ مىسىرغا ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ دوستى سۈپىتىدە كەلگەنلىكىنى، مەقىستىنىڭ مىسىردا ياشاۋاتقان فىرانسيە پۇقرالىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلغان ۋە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىجا كەلتۈرمىگەن كۆلەمەنلەرنى جازلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ: مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئەپتى -بەشرىلىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top