You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » «پىراگماتىزم» توغرىسىدا تەھلىل

«پىراگماتىزم» توغرىسىدا تەھلىل

كىشىلەرنىڭ پىراگماتىزم توغرىسىدىكى باھاسى ئوخشاش ئەمەس.
بەزىلەر: «پىراگماتىزمنى مەنپەئەتپەرەسلىك، نەپسانىيەتچىلىك» دەپ قارايدۇ؛
بەزىلەر: «پىراگماتىزم بىۋاسىتە ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەق-ناھەق، توغرا-خاتانى سۈرۈشتۈرمەيدۇ» دەپ قارايدۇ؛
يەنە بەزىلەر: «پىراگماتىزم ئادەمنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت ۋە ھەرىكەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ ئۇ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قارايدۇ.

 

مۇشۇنداق ئەھۋالدا پىراگماتىزمنى تەھلىل قىلىپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر.

پىراگماتىزم 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پەيدا بولغان.
پىراگماتىزمنىڭ ئىجادچىسى ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ پېئارتسى: «ئىدىيە (ئۇقۇم)نىڭ ئەھمىيىتى بۇ ئىدىيەنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ، مانا بۇ ‹پىراگماتىزم پىرىنسىپى›دۇر» دەپ قارىغان.
پىراگماتىزمنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك ئەربابى ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ جامىس پىراگماتىزمنى مېتودولوگىيە ۋە ھەقىقەت نەزەرىيەسىگە يىغىنچاقلىغان.
ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ دېۋېي پىراگماتىزمنى ئىنسترۇمېنتالىزم دەپ يىغىنچاقلىغان ھەم ئۇنى باشقا پەنلەر، بولۇپمۇ مائارىپقا تەتبىقلاپ، دۇنيادا كەڭ تەسىر قوزغىغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا، ئامېرىكىدا پۇتنان ۋە روتتى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى پىراگماتىزم مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار پىراگماتىزمنى تەھلىلىي پەلسەپە، تىل پەلسەپىسى، تېكستۇئالىزم، قۇرۇلمىچىلىق ۋە كېيىنكى مودېرنىزم قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان پەلسەپە ئېقىملىرىنى پراگماتىزمغا سىڭدۈرمەكچى بولغان.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، پىراگماتىزمدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مۇھىم ئىدىيە بار:

(1) سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت بىر گەۋدە، روھ بىلەن ماددا مەنبەداش.
پېئارتسى، جامىس، دېۋېي قاتارلىق كىشىلەر غەربنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدىكى سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت ئىككى نەرسە دەيدىغان قاراشقا قارشى تۇرۇپ، ئابستراكت ئۇقۇم بىلەن كونكرېت ئۇقۇمنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان. پىراگماتىزم «تەجرىبىچىلىك ئۇسۇلى»نى تەشەببۇس قىلىپ، سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت، روھ بىلەن ماددىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىزاھلىماقچى بولغان.
مەسىلەن: دېۋېينىڭ «تەجرىبە ناتۇرالىزمى»ىدا: «تەجرىبە بىلەن تەبىئەت بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن گەۋدە: جۈملىدىن، تەجرىبە تەبىئەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولىدۇ، تەبىئەتتىن ئايرىلسا تەجرىبە مەۋجۇت بولماي قالىدۇ؛ شۇنىڭدەك تەبىئىي شەيئىنى تەجرىبە ئارقىلىقلا ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ، تەجرىبە ناتۇرال مەقسەت ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلايدىغان ۋاسىتە بولۇپ، تەبىئەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە بېيىتىدۇ» دەپ تەشەببۇس قىلىنغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىراگماتىزم غەرب پەلسەپىسىگە ئۇزاقتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت، روھ بىلەن ماددىنىڭ ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيەسىنى بۆسۈپ تاشلاپ، سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت بىر گەۋدە، روھ بىلەن ماددا مەنبەداش نەزەرىيەسىنى يېڭى ئۇسۇل ۋە نەزەرىيە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

(2) قىممەتنى مەركەز قىلىش.
غەربنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدىمۇ قىممەت تەكىتلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا قىممەت مەسىلىسى مەركىزىي ئورۇنغا كۆتۈرۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى پەيلاسوپلار قىممەتنى خىيالىي دۇنياغا چۆرۈۋەتكەن. مەسىلەن: ئەپلاتون ئوتتۇرىغا قويغان «رەھىمدىللىك» ئىدىيەسى رېئال دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ كانت تىلغا ئالغان قىممەت ئەخلاق قىممىتى بولۇپ، «ماددىنىڭ ئۆز تېنى»دىكى «ئۆز نەرسە» دۇنياسىدا مەۋجۇت بولىدۇ، رېئال دۇنيادا مەۋجۇت بولمايدۇ.
پىراگماتىزمنىڭ قىممەت نەزەرىيەسىدە ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، «ئىنسانلاردا ئالدى بىلەن ئېھتىياج، ئاندىن تەلەپ پەيدا بولغان، ئېھتىياج بىلەن تەلەپ قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، قىممەت پەيدا بولغان» دەپ قارىلىدۇ. شەيئىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ياكى قىممىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا باھا بېرىشتە، بۇ شەيئىنىڭ ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ياكى تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان-قاندۇرالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پىراگماتىزمنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە مەركەزلىك گەۋدىلىنىدۇ.
پىراگماتىزمنىڭ ھەقىقەت قارىشىدا ھەقىقەت بىلەن ئۈنۈمنىڭ بىرلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، «ھەقىقەت-بىلىش نەزەرىيەسى ئۇقۇمى ئەمەس، بەلكى قىممەت نەزەرىيەسى ئۇقۇمى؛ ئىدىيە ۋە قاراشنىڭ راست-يالغانلىقىدا ئۇنىڭ ئادەمگە بولغان ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقىغا، ئادەمنىڭ ئۈمىد قىلغان ئۈنۈمگە يېتىشىگە ياردىمى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك» دەپ قارىلىدۇ.

(3) ئەمەلىيەت، ھەرىكەتنى سۇبيېكت قىلىش.
جامىس: «پىراگماتىزم گىرېكچە سۆز بولۇپ، ھەرىكەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.
پېئارتسى: «ھەرىكەت ئارقىلىق ئادەمنىڭ ياشىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئادەمنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
دېۋېي: «نەزەرىيە، ئىدىيە پەقەت بىر خىل قورال بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ» دېگەن.
پىراگماتىزمنىڭ قارىشىچە، توغرا ئىدىيە، قاراش ياكى قىممىتى بار نەزەرىيە، تەلىماتنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت، ھەرىكەتكە تايىنىپ ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن؛ ئەمەلىيەت، ھەرىكەتتىن ئايرىلسا، ھەرقانچە ياخشى نەزەرىيە، ئىدىيە، قاراشمۇ بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ، قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئەنئەنىۋى مېتافىزىكا «ئىلاھ»، «ماددا»، «مۇتلەقلىق»، «ئىدراك» قاتارلىقلارنى ئەڭ يۇقىرى مەقسەت قىلغان، لېكىن پىراگماتىزم ئىبارە بىلەنلا توختاپ قالماي، ئىبارىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى ئەمەلىيەت، ھەرىكەت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، پىراگماتىزمنىڭ مەزمونى مولراق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە بەزى خاتا، بىمەنە ئامىللارمۇ ئارىلىشىپ قالغان، لېكىن ئۇنىڭ سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكت بىرگەۋدە، ئەمەلىيەت بىلەن ھەرىكەت بىرلەمچى دېگەنگە ئوخشاش بەزى قاراشلىرىنى تەكىتلىشى شۈبھىسىزكى، ئەقىلگە مۇۋاپىق.
بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بىر خىل پەلسەپە تەلىماتى ياكى ئىدىيە ئېقىمىغا ئۇنىڭ ئىدىيە مەنبەسىنى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى، مەسىلە دائىرىسى ھەم كونكرېت مەزمۇنى ۋە قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىلا ئوبيېكتىپراق باھا بەرگىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top