• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » تىرە پۈتۈك(ئۆز ئۆتمۈشىگە قانداق قاراش كېرەك)

تىرە پۈتۈك(ئۆز ئۆتمۈشىگە قانداق قاراش كېرەك)

تەرجىمىدە: داۋۇت ئوبۇلقاسىم 

ئۆز ئۆتمۈشىگە قانداق قاراش كېرەك؟

كېلەچەكنى ئىدىتلىق پىلانلاش ئۈچۈن، ئۆتمۈشنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرە ئېلىشنى، ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىنىش لازىم.
-توۋىن كوتتىت

گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسالالىغۇدەكسىزمۇ؟
ئەگەر «ھەئە» دېسىڭىز ئۇنداقتا تەبرىكنامىدە دېيىلگەن ئىككى ئېغىز گەپنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ: « سىزگە ۋاكالىتەن تۇرمۇش كەچۈرۈشۈپ بېرىدىغان ئادەم يوق، سىزگە ۋاكالىتەن ئۇتۇق قازىنىشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق ››!

خۇددى ئېدۋارد ھوتمان مەشھۇر ئەسىرى « مەغلۇپ بولغۇچىلارغا تەكلىپ » تە ئېيتقاندەك: ‹‹ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىمىقى تەس، ئۆز ئىززىتى بىلەن ياشىمىقى تېخىمۇ تەس؛ ئۆزىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەك تەس، ئۆزىگە ئامراق بولمىقى تېخىمۇ تەس. لېكىن بىز جەزمەن ياشىشىمىز، تۇرمۇشتا يەنە بىر ئادەم بىلەن روبرو بولۇشىمىز شەرت ››.
دۇرۇس بۇ ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز، لېكىن يەنە سىز زادى كىم؟ سىز زادى نېمە؟ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئاپتوموبىلنى قانداق ھەيدەشنى بىلگەن بىلەن ئۆزىنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، بۇ نېمە دېگەن قاملاشمىغان ئىش – ھە!

ئەگەر بىرسى سىزنىڭ نېمىلىكىڭىزنى سورىسا، بەلكىم سىز مەن پىركازچىك، پروگراممىچى، مودېل، پايچىك، شوپۇر، ياغاچچى دەپ ياكى ئاللىقانداق بىر كەسىپنى خالىغانچە شىپى كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، بۇ توغرا جاۋاب ئەمەس.

سىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەر كۆپچىلىك ئورتاق مەشغۇل بولىدىغان كەسىپلەر بولۇپ، ئۇنى « تۇرمۇش يولى » دەپلا ئاتاش مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى، ھازىر نېمە بولۇپ بۇ ھالدا ئىكەنلىكىڭىزنى تېزلىكتە چۈشىنىۋېلىڭ. شۇندىلا ھە دېسىلا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا كاشىلا بولۇپ، ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ يۈرگەن بىر مۇنچە ئىشلار ۋە رىقابەتچىلەرگە دەرھال روبرو تۇرالايسىز، خوش ئىشنى تېزرەك باشلىۋېتەيلى…

مەن ئۇنى گېئورگى دەپ ئاتىدىم، چۈنكى مەن ئۇنى كۆرگەندە، ئۇ ئېسىنى تولۇق يوقاتقان بىمار ھالىتىدە ئىدى. ئۇ ئۆزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى، بۇرۇن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەڭ زور ئېھتىماللىق شۇ ئىدىكى، ئەگەر ئۇ بۇرۇن ئۇچقۇچى بولغان بولسا، « ئايروپىلان »نى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ۋەقە چىقىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. گىئورگى ھوشىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ بىر ئۆڭكۈردە ياتقانلىقىنى بايقىدى، مىدىرلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېغىر جاراھەتلىنىپ كەتمىگەنىدى. ئەمما مېڭىسى بۇرۇنقىدەك ئىشلىمەيۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە ئېسىنى يوقاتتى. گىئورگى ئۆزىنىڭ بۇ غاردا قانچە ئۇزاق ياتقانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ زەئىپلىشىپ كەتكەچكە بىر مىدىرلاپ، بىر ھوشىدىن كېتەتتى. لېكىن ئۇ نىمجان ھالەتتە قورسىقى ئاچقاندەك ياكى مۇزلىغاندەك بولمىغاندىكىن ھۇزۇرلۇق ياتقاندەك ھېس قىلدى، تىت – تىت بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. « ھەممە ئىش مۇشۇنداق بولىدىغۇ دەيمەن » گىئورگى بۇلاردىن قانائەت تاپتى.

لېكىن ئۇ شادلىق باغچىسىدا ناھايىتى تېزلا شادلىق باغچىسىنى يوقىتىپ قويدى. گىئورگى ئۆزىنى باشقىلار تەرىپىدىن تولىمۇ يولسىزلىق بىلەن بۇ قاراڭغۇ غاردىن يورۇقلۇققا تارتىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئۇنىڭ ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق قورقۇشى بولۇپ، قانداقتۇر بىر ۋەھىمە ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاپلىۋالدى، ھەتتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە، ھەر بىر قىلدام تومۇرمۇ ۋەھىمىدىن تىترەشكە باشلىدى. قاراڭغۇلۇقتىن شۇئانلا يورۇقلۇققا چىقىپ قالغان گىئورگى كۈچلۈك نۇرنىڭ زەربىسىدىن كۆزىنى ئاچالماي ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى، ئەمما قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاۋاتقان تۈرلۈك ئاۋازلارنى، جاندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سوغۇق ئازابىنى تۇيۇپ تۇردى. گىئورگى يەرلىكلەر مېنى مۆكۈۋالغان غاردىن تارتىپ چىقىپ يەنە بىر زىندانغا تاشلاپتۇ – دە، دەپ بىلدى. بىراق، يەرلىك ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئەمەس ئىدى. ئۇلار گېئورگىيغا كىيىم -كېچەك كىيدۈردى. ئۈستىگە يوتقان يېپىپ ئاۋايلاپ ياتقۇزدى، گىئورگى ھېرىپ مەلەخ – مەلەخ ئۇخلاپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتىدە ئۇ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمىدى. ئاجىزلاپ كەتكىنىدىن ھەتتا بېشىنى كۆتۈرگۈدەكمۇ ھالى يوق ئىدى. پۈتۈن ئېسى يادى ھايات قېلىشنىڭ كويىدا بولدى. ئۇ يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى پەقەتلا بىلمەيتتى. ياخشى بولغىنى يەرلىكلەر بۇنى مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ بىلەتتى. گىئورگى مۈگدەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئەگەر بىر ئادەم كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولسا، ئۇ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ ۋارقىرايتتى، بۇ ئەدەپسىزلىك ئەلۋەتتە. لېكىن بۇنداق كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالسا قانداق قىلارمىز، گىئورگى ئاجىز ۋە يار – يۆلەكسىز، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناتۇنۇش، ئۇلارنىڭ نېمە خىيالى بار، زادى نېمە قىلماقچى بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ. يەنە كېلىپ كاللىسى نورمال ئەمەس، مىدىر – سىدىر قىلسىلا جېنى قاقشاپ، كۆزىگە قاراڭغۇچىلىق تىقىلىپ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقىدىن باشقا گىئورگى ھېچنېمىنى بىلمەي ياتاتتى.

كۈنلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئۆتۈپ تۇردى. گىئورگىنىڭ ئاغرىق ئازابى ئاستا – ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى. ئۇ مېڭە ۋە روھىنىڭ غۇۋا بۇرجەكلىرىدىن ئاستا – ئاستا ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ تېنىدە تەدرىجىي ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەس – ھوشىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى. شۇنىڭ بىلەن گىئورگى ئۆزىنىڭ زادى نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ تېپىشقا، يەرلىك ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان -بولمايۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تەمشەلدى. گىئورگى يەرلىك ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئايالنى ھەمراھ قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدى. گىئورگىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ ئايال ئىدى، ئاندا – ساندا بۇ ئايالغا ياردەملىشىپ بىر ئەر كىشىمۇ كۆرۈنۈپ قالاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ گىئورگى ئۆزىدىن سەل – پەل خاتىرجەم بولۇشقا باشلىدى. لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆڭكۈردىكى خاتىرجەم، ئاددىي ئەمما ھۇزۇرلۇق تۇرمۇشقا بولغان سېغىنىش يەنىلا كەتمىدى. ئەتراپتىكى مۇھىت بولسا بارغانسېرى ئۇنىڭ مېھرىنى تارتىپ خۇددى ئۇنى بىر ھوسۇل ئالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ پەرۋىشچى ئايالنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆردى. ئۇ ئاشۇ تەبەسسۇمنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكىلەر بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى- دە، ئۇ ئايالغىمۇ تەبەسسۇم قىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ئۇ ئايالدا ئاجايىپ خۇشاللىق قوزغىدى بولغاي، ئۇ دەرھال يەرلىك ئادەملەرنى ئۇنى كۆرۈپ بېقىشقا چاقىردى. گىئورگى جامائەتكە تەبەسسۇم قىلدى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىشنى جامائەت ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گىئورگى بارغانسېرى تېتىكلىشىشكە باشلىدى. لېكىن بۇ يەنىلا ناھايىتى ئاستا جەريان بولۇپ، ئۇ ئۇخلاشتىن باشقا ھېچنېمە قىلمايتتى. ئويغانغان ھامان ئوڭدا ياتقىنىچە تورۇسقا قاراپ، ساقايسام ئەركىن – ئازادە مېڭىپ يۈرەلەرمەنمۇ؟ زادى قانداق بىر يەرگە چۈشكەندىمەن؟ قانداقراق كىشىلەرگە يولۇققاندىمەن؟ دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزەتتى. گىئورگى تەبىئىيلا يەرلىك ئادەملەرمۇ ئۆزىگە قاراۋاتقان ئايالغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى – دە، كۈچىنىڭ بارىچە شۇ ئايالدىن يىپ ئۇچى ئىزدەشكە باشلىدى: ئۇنىڭ گەپ – سۆزىدىكى تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ خۇشال ياكى خاپا ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ تەرۇزىدىن ئۆزىگە ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ دۈشمەن ياكى دوست ئىكەنلىكىنى پەملىدى. ئۇ قورسىقى ئاچقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قانچىلىك ۋاقىتتا تاماق كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ھېسابلاپ بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان ياكى قىيىن بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. گەرچە ئۆزى بۇلارنىڭ تىلىنى بىلمىسىمۇ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گەپلىرىگە دائىم دىققەت قىلىپ بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۇرۇشقاق ياكى چىقىشقاقلىقىنى پەملىدى.

ھەر قاچان ئۆزىگە مۇلازىملىق قىلىۋاتقان ئايالنىڭ چىرايىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭ تارتىنچاق ياكى مەردانە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.
گىئورگى ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرغان ھامان، ئۆز تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى مۇشۇ يەرلىكلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش – قىلدۇرماسلىققا باغلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بەك بىلگۈسى كەلدى. ئۇ مۇلازىم ئايالنىڭ تەقى-تۇرقى، ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلىدى: بۇ كىشىلەرنى ئۆزۈمگە ئامراق قىلالارمەنمۇ؟ ئۇلارنى ئەجەپ مېھرىبان، ئىززەتلىك، سۆيۈملۈك، يېقىشلىق ئادەم ئىكەن دېگۈزەلەرمەنمۇ؟ جامائەتنىڭ ھېسسىداشلىقى، ھەۋىسىنى قوزغىيالارمەنمۇ؟ ھېچ ئادەم كۆزگە ئىلمىسا قانداق قىلارمەن؟ گىئورگىنىڭ ئەس- يادى مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئويلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. شۇڭا، گىئورگى بۇ ئايال ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆردى؛ ئۇ يامان كۆرگەننى يامان كۆردى. شۇنداق قىلىپ گىئورگى بارا- بارا بۇ ئايالنى بىر ئەينەك قىلىۋالدى ۋە بۇ ئەينەك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ماڭدى.
گىئورگى بۇ ئايالغا شۇنداق ئۆگىنىپ كەتتىكى، ئۇ بىردەم يوقاپ كەتسە « ئەمدى ئۇ كەلمەي قالارمۇ؟ » دەپ ئۈمىدسىزلىنىدىغان، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى خىيالىغا كېلىپ قالسا، يېڭىۋاشتىن غەمگە پېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ ئايالنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى، غەمخورلۇقى ۋە دىققىتىنى ئىگىلەپ، ئۇزاق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم تۇرمۇشى بارلىقىنى بىلدى. ئايالنىڭ تۇرمۇشى ھەرگىز گېئورگىينى مەركەز قىلمايتتى، چۈنكى ئۇلار تېگىدىن باشقا- باشقا ئادەملەر ئىدى. دەسلەپتە ئۇ ئايالنى خۇددى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىدەك كۆرگەنىدى. چۈنكى ئۇ ئايال گىئورگى مىدىرلىسا كۆڭلىدىكى نەرسىنى ئەكىلىپ بېرەتتى. قولىنى سوزغان ھامان ئاغزىغا ئاش سالاتتى. ئاجىزلىق گېئورگىينى ئەنە شۇنداق قورقۇنچاق، خۇددى كېسەل ئادەملەردەك ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

بۇ ئىككىيلەن ئۇزاققىچە بىللە تۇرغاچقا تەبىئىي ھالدا ئۆزئارا ھېسسىيات پەيدا بولدى – دە، ئۇلار ئۆزلىرىلا بىلىشىدىغان تىل، قول ئىشارىسى ۋە ئاۋازلىرىنى ئىختىرا قىلدى. ئايال گىئورگى نېمە دېسە ماقۇل دەپ ھەممە ئىشنى تەل قىلىپ بېرەتتى. شۇڭا ئەمدىلىكتە ئۇ بۇ ئايالنى تېخىمۇ چۈشەندى- دە، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بىلىپ تۇرىدىغان، چىرايىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇلار بەزىدە بەھرىنى ئېچىپ كۈلۈشۈپ كەتسە، بەزىدە ئۈنىنى چىقارماي جىم ئولتۇرۇشىدىغان، بىر- بىرىنى خۇش قىلىشىدىغان، بىر- بىرىنى ساز قىلىدىغان بولدى. بىر قېتىم گىئورگى ئوينىشىپ ئۆزىنىڭ خېلى كۈچلۈنۈپ قالغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۇنى چىمداپ قويىۋىدى، ئۇ ئايال شارتتىدە ئۆزىنى تارتىپ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىراپ كەتتى. گىئورگى قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. گېئورگىنىڭ ئۇنىڭغا زىيان – زەخمەت قىلىش خىيالى يوق ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ ئارقىلىق يەرلىكلەرنىڭ بۇنداق ناشايان قىلىقلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىۋالدى – دە، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق چۈشلىرىنى مەھكەم يۇشۇردى.

ئاندا – ساندا كۆرۈنۈش قىلىدىغان ھېلىقى ئەر كىشىگە كېلىدىغان بولساق، گىئورگى ئۇنىڭ بارغانسېرى ئۆزىگە قىزىقىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئەركىن ئويناشتى. گىئورگى مۇشۇنداق بولۇشنى ئىستەيتتى، چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئۆزىگە كېرەكلىك بەزى ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىۋالاتتى. دېمەك، بۇ ئايال ۋە ئەردىن گىئورگى بۇ مەدەنىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ سۆيگۈ ئىزھار قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن گىئورگى ئۇلارنى تېخىمۇ دوراشقا تىرىشتى، چۈنكى گىئورگى ئەنە شۇنداق ئەر ۋە ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىقتىن ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ تۈرلۈكچە مەنىلىرىنى بىلىۋالماقتا ئىدى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى تونۇيدىغان ئادەملەرنى ئەڭ زور چەكلىمىدە ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان ۋە مېھرىبانلىق قىلىدىغان قىلالىسا، باشقىلارنىڭمۇ دوستلۇق ۋە قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيتتى. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتتىكى كىچىككىنە ئىپادىلەرنىمۇ قويۇۋەتمىدى. ھەمدە بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلار تەرەپتىن تېخىمۇ خۇشاللىققا ئىگە بولۇشنىڭ كويىغا چۈشتى.

ئەلۋەتتە، گىئورگى ھازىر ھاياتلا بولماستىن، بەلكى ئاشۇ كىشىلەر بىلەن خېلى بىر مەزگىل بىللە ياشىدى. شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ھەم پايدىسى، ھەم زىيىنى بار ئىدى: باشقىلار بىلەن ئاسانلا ئەپلەشتۈرگىلى بولىدىغان مۇناسىۋەتلەر ئەزەلدىن مەمنۇنىيەت ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئايال بىلەن بولغان ئاشۇنداق بىۋاسىتە تىلسىز مۇناسىۋەت ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئازراق بولسىمۇ غەش قىلاتتى. گىئورگى خۇددى غاردىكى خاتىرجەم تۇرمۇشنى سېغىنغاندەك، ئاشۇ زۇۋانسىز ئالاقىنىمۇ سېغىنىپ قالدى. ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن بارغانسېرى ئۆزى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، باشقىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشقا شۇنچە تەشنا بولدى. لېكىن ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىزچىل تۈردە باشقىلارغا تايىنىپ ئاجىز پېتى كېتىۋەرمەيدىغانلىقىنى، يۈرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنمۇ بىلەتتى.

بۇ نۇقتا ھېلىقى ئايالغىمۇ ئوچۇق ئىدى. شۇڭا ئۇ گېئورگىيغا « ئۆز قولىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇيۇشقا تىرىشىڭ » دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ ئۇلار بىللە بولغاندىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق بۆھران ئىدى. لېكىن بۇ گەپ گېئورگىيغا ياقتى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا گىئورگى ماقۇل بولۇش بىلەن ماقۇل بولماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەپ، ئۆز مۇستەقىللىقنىڭ قانچىلىكلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرەلەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزئارا كۈچ كۆرسىتىش پەيدا بولدى. لېكىن ئايال ئۆزىنىڭ ياخشى مىجەزىنى نامايان قىلىشقا دائىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ گىئورگىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ كېتىشىگە پىسەنت قىلىپ كەتمىدى؛ گىئورگى ئايالنىڭ مۇنداق دوستانە، مەردانىلىق ئالدىدا لەككىدە بوشاپ نېمە دېسە ماقۇل دەۋەردى.
بارغانسېرى گىئورگىنىڭ ئەرلىك ھېسلىرى ئويغىنىشقا باشلىدى. بۇ ئەلۋەتتە نورمال ئىشلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئايالغا توي قىلىش تەلىپىنى قويدى. ئەمما، ئۇ ئايال بۇنى رەت قىلدى. چۈنكى گىئورگى يەنە تېخى خېلى مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالىغۇدەك بولالايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ھېلىقى ئەر كىشى بىلەن ئەر- خوتۇن ئىدى. بىرىنچى باھانىگە گىئورگى « بۇ دېگەن كېسەل بىلەن سېستىرا توي قىلماقچى بولغاندا ئۇچرايدىغان ئوڭۇشسىزلىق دەپ چۈشەندى. ئىككىنچى باھانىگە قارىتا گىئورگى بىۋاسىتە ھەرىكەت قوللاندى. گىئورگى ئۇ ئەر كىشىگە ئۆزىنىڭ بۇ سېسترا بىلەن توي قىلىش ئويىنى ئوچۇق ئېيتتى ھەمدە ئۇ ئەر كىشىگە: « خۇش بولسام ياتىقىمغا كەلمىگەن بولسڭىز » دېدى. ئۇ ئەر كۈلۈپ كەتتى – دە، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى گىئورگىنىڭ ياتىقىغا كېلىدىغان بولۇۋالدى. گىئورگى ھەر تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى دەڭسەپ كۆرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ئويلاندى ۋە ئاخىر ئېلىشىش ئارقىلىق بۇ يۈزىنىڭ قېنى يوق ئەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا كەلدى. لېكىن كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئويلاپ چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئەر كىشى ئۆزىدىن ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر بولۇپلا قالماستىن، بۇ ئىشتا ئۇ يەنە تولۇق يوللۇق بولۇپ چىقاتتى؛ ئەگەر ئۇرۇشۇپ- تارتىپ قالغۇدەك بولسا گىئورگى ئايالنى تارتىۋالالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇ مۇشىنىڭ دەردىدىن قوپالماي قالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. گىئورگى بىر ئەركەكنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان بۇ ئاقىۋەتنى ئويلاپ، خۇددى بىر ئادەم ھازىرلا جېنىنى ئالىدىغاندەك قورقۇپ كەتتى- دە، ئۆز پىلانىدىن كېچىپ، ئۇ ئەرنىڭ ئورنىنى باسىدىغان خىيالنى كاللىسىدىن پەقەتلا چىقىرىپ، ئەمەلىيەت گېئورگىينى يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى. گىئورگى بۇ دۈشمەننى يېڭەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىر بولۇپ كېتەي دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن جېنىنىڭ بارىچە ئۇ ئەرگە يېقىنلىشىپ، بارغانسېرى ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ كېتىشكە تىرىشتى. بۇ قىستۇرما خىيال شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. گىئورگى بۇ ئەر بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ھېلىقى ئايالنىڭ ئورتاق چوقۇنغۇچىسىغا ئايلاندى.

گىئورگى مانا شۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ ئۇلار بىلەن تۆت يىلنى ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتسەم بولغۇدەك دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ ئۆز تەۋەككۈلچىلىكىنى يەنىلا مۇشۇ ئايالدىن باشلاشنى قارار قىلدى. دەسلىپىدە گىئورگى ماڭالمىسىمۇ ئۆز پۇت- قوللىرىغا جان كىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاۋۋال ئايالنىڭ ياردىمى بىلەن تىمىسقىلاپ مېڭىپ باققان بولسا، بارا- بارا ئۆزى مۇستەقىل مېڭىپ باقىدىغان بولدى. كەنت ئەتراپىدا ئۇياقتىن – بۇياققا ئاستا مېڭىپ ھاۋا يەپ يۈردى. قانداق ئىش بولسا ئۇچراشقانلىكى كىشىدىن ياردەم سورىدى. شۇنداق قىلىپ گىئورگى بارا بارا ئەتراپتىكىلەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، پرىنسىپلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتى. ھەتتا تىل بايلىقىنىمۇ بېيىتتى. يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ئايال ۋە ئەرلەر توغرىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولدى. ئۆزىنىڭ بۇ ئايال ھەققىدىكى خۇلاسىسىنىمۇ دەلىللىدى. ئۇنى ھەممىدىن بەك ھوزۇرلاندۇرغىنى شۇ بولدىكى، گىئورگى ئەمدى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىزىقىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى. يەرلىك ئادەملەر بىلەن دوست بولۇش ناھايىتى ئاسان بولۇپ كەتتى، ئۇلار گىئورگىنىڭ تەبەسسۇم قىلغىنىغا، تەندۇرۇس بولۇپ قالغىنىغا قىزىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرىدىنمۇ مەمنۇن بولدى.

ھەر بىر قېتىملىق ئۇتۇق گېئورگىينى يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىشقا ئىلھام بەردى. بىرمۇنچە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۇنىڭغا جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويدى، ھالبۇكى، گىئورگى مەغلۇپ بولغان چاغلىرىدىمۇ سىناقنى قوبۇل قىلىپ، يەنە داۋاملىق ئىزدەندى. باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇزاق كۈنلەردىن كېيىن، گىئورگى ئىرادىلىك، مۇستەقىل، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى روھى جەھەتتىكى غەم- قايغۇلارمۇ تۈگەپ كەتتى، ئۇ بۇ كۈنلەرنى شۇنداق خاتىرجەم، خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئادەملەرمۇ ئۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغان بولدى. دېمەك، گىئورگى ھەممە ئىشنى بىلدى، ئەدەپ – قائىدىلەرنىمۇ ئىگىلىدى، ئۇلار ئەمدى ئۇنى ئارغامچا بىلەن يېتىلەپ يۈرمەيدىغان بولدى، لېكىن گىئورگى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلاي دېگەندە، ئۇلار چوقۇمكى ئۇنىڭ يېنىدا بولالىغان بولسا، شۇنداقتا ئۇ ھەم مۇستەقىل، ھەم يۆلەنچۈكلۈك ئادەم بولغان بولاتتى. بەلكىم ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىش يوق ئىدى.

بۇلارنىڭ مەدىنىيىتىمۇ گىئورگى ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس ئىدى. ئەڭ دەسلىپىدە ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە بەزى يەكۈنلەرنى چىقارغان بولسىمۇ، كېيىنچە بىلىپ قالدىكى، ئۆزى قوبۇل قىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى زىددىيەتلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇلارغا جاۋاب تېپىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئەقلىي تەپەككۇر جەريانىنىڭ يەكۈن چىقىرىشتىنمۇ مۇھىملىقىنى بىلىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاكىتلارنى توپلىغۇچى بولۇپ قالدى.

ۋاقىت مانا مۇشۇنداق كۈن- كۈننى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىۋەردى. گىئورگىنىڭ كۈنىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. دەسلەپكى كۈنلەر ئۇنىڭ يادىدىن چىقىشقا باشلىدى. پەقەت ئۆزى خاتا قىلىپ قويغان ئىشلار، خاتا قىلىپ قويغان گەپلەرلا ئۆتمۈشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە بىر خىل ئەنسىزلىك بولۇپ خاتىرىسىگە كېلىپ تۇردى. 12 يىل ئىچىدە گىئورگى بۇ يەردە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندى، ھازىر ئۇ شۇنىڭغا ھەيران قېلىۋاتاتتىكى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە بۇرۇن بۇلارنىڭ بىلمەيدىغان ۋە قىلالمايدىغان ئىشى يوق دەپ بىلىدىغان بىرمۇنچە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئەمدى ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغان ئادەملەر بولۇپ تۇيۇلدى.

ناۋادا بۇرۇنقى كۈنلەر شۇنداق تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكەن دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھازىرقى كۈنلەر بوران – چاپقۇنلۇق بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. بۇ ۋاقىتلارمۇ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن گىئورگى ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ھازىرقىدەك ئۆتۈشى لازىملىقىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى بۇ خىل داۋالغۇش ئۇنى ئۈمىد ئۈزۈشكە شۇنچىلىك دەۋەت قىلاتتى، دەۋەتنىڭ مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۇ ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ ئىلھامىدىن ئىدى. ئۇنى تالا – تۈزگە مېڭىشقا، ئۇ ئائىلىدىنمۇ ئايرىلىپ كېتىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نەگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلمەكچى بولسا، خۇددى بوۋاقنى ئەمچەكتىن چىقارغاندەك ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن چىقىرىۋېلىشى كېرەك ئىدى. بۇرۇنقى تۇرمۇش بىر مانۋېر، ھازىر كېمە پرېستاندا، لېكىن ئۇ لەڭگىرىنى يىغىش كېرەك. گېئورگىنىڭ قەلبىدە بۇ ئايال بىلەن ئەرنىڭ ھاياتى چوڭقۇر تەشەككۈر دولقۇنلىرىنى قوزغىتاتتىكى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئاقىلانە بولدى، ئاقىلانە بولالمىغان چاغلىرىدىمۇ يەنىلا بەك مەردلىك قىلدى، گىئورگى ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەم ئۇنى ئاسرىدى. گىرىئورگىمۇ ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدى. لېكىن، بۇ سۆيۈنۈش ئۈچۈن ئۇ ھېچنېمە سەرپ قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇنى تەندۇرۇس ئادەم قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا 21 يىللىق پاناھلىق بەردى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كېتىمەن دېسە ئۇزىتىپ قويغىلىۋاتىدۇ: « ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىقلارنى قىلدى. ئەمدى گورگىينىڭ ئۆزى ئىش تەۋرىتىدىغان پەيت كەلدى. خوش، ئۆزۈمگە مەنسۇپ بىر دۇنيانى تاپاي ››.
شۇنداق قىلىپ گىئورگى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن بىر ئىش ئۇلاردىن ئايرىلىشنى تاللىدى.

مەنبە: كۆكنۇر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top