• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئايال، نىكاھ ۋە ئائىلە

ئايال، نىكاھ ۋە ئائىلە

ئايچىۋەر

1.ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ

ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﻫﻪ، ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﺗﻼﻣﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻜﻪ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ~ ﺋﯚﺯ -ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯙرﯛﻟﯩﺪﯗ .

ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ

ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻧﯩﻜﺎﻫﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻧﯩﻜﺎﻫﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯜﭼﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﻪﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ، ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﺷﺘﻪﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ: ”ﺋﯧﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ، ﭼﯩﭽﯩﭗ ﭘﻮﻗﯩﻨﻰ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻞ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﺴﯩﻤﯘ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺩﻩ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺑﻭلۇﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ: ”ﯞﺍﻳﻴﻪﻱ، ﺋﻪﺭ ﺧﻪﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯜﺯﺳﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﯩﭽﯘ~ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.“ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻛﯩﻨﻮ-ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﻤﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ: ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﻫﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ؟

ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ)ﻧﯩﯔ ﺧﯘﻱ-ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﻱ-ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯘﻟﯘﻕ-ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ)ﺗﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ، ﺧﯘﻱ-ﻣﯩﺠﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ، ﺑﻮﯞﺍ-ﻣﻮﻣﺎ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﻱ-ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﺘﯩﺨﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻛﻮﻧﺎ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻫﯩﺶ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ، ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ~ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﻳﻪﻧﻰ-ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ. (ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ ~ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ) ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻣﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯧﺮﯨﯖﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ…. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﺴﯩﺰﻣﯘ؟ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ .ﺋﯘﺩﯗﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯜﺯﻩﺗﺴﻪﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﻼﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ، ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﺴﻪ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻐﯩﻤﯘ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻣﺎﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ — ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .

2. << ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ >> ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ

ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺑﺎﻻ ﻫﻪﻡ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻧﯜﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ”ﺗﯘﻝ ﺧﻮﺗﯘﻥ“ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺩﯨﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ”ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﯘﻝ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯘﻝ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯘﺩﯨﻼﺭﻣﯘ ”ﺗﯘﻝ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻜﻪﻥ“ ﺩﻩﭖ، ﺗﻮﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺳﻪﻡ، ﯞﻩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻢﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﻰ. ﺑﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﺩﯨﻦﻫﻮﺯﯗﺭﻻﻧﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﯩﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯜﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻧﻤﯘ ~ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ”ﺗﯘﻝ“ ﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻛﯩﻴﯩﻢﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ”ﺋﺎﻟﻪ ﺋﺎﺩﺍﺵ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻧﻐﯘ؟ ﮔﯜﻟﭙﯩﻴﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯘﻝﺧﻮﺗﯘﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺳﺎﭘﻼ…. ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺪﯗ، ﺋﯧﺮﯨﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻴﻤﻪﻣﺘﯩﯔ؟ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﮕﻪ: ”ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﺭ ﺗﺎﭘﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯗ، ﺋﯘﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ-ﻫﻪ؟ ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ..“ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ: ”ﺋﺎﺩﺍﺵ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺟﯘﻣﺎ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﻝ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻣﯩﭽﯘ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﭼﻮﯕﯩﻨﻰ ﭼﻮﯓ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ…“ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺳﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺳﺎﻧﯩﻴﻪ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻮﺭﯗﭖ، ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﺘﻪ ﻳﻮﻕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻫﺎﺭﺍﻕﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺳﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﻫﻪﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﻤﺎﺱ، ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﻣﯩﻴﯩﻐﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ: ”ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ.“ ﺩﻩﭘﻼ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻻ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﭖ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﻟﻐﯘﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ: ”ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻥ، ﻧﯧﻤﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ؟“ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﯘ: ”ﻣﺎﻧﺎ ﺗﯜﺯﯨﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯜﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﻳﺎ ﺗﯜﺯﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻡ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭙﻤﯘ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ <ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦﻗﻮﻗﺘﯘﻡ. ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ~ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﺯ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﻫﻤﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﺩﻩﭖ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ….“ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ”ﺗﯘﻝ، ﺋﺎﺟﯩﺰ“ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﻝﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﭼﻮﯓ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ”ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻝ“ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ”ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯘﺵ“ — ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺷﯘﺋﺎﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯘﻝﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰﺳﯩﻼﭖ“ ﻗﻮﻳﯘﭖ ”ﺳﺎﯞﺍﺏ“ ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻐﺎ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ — ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﻩﻣﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﻩﻣﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ~ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺗﯘﻳﯘﻻﻣﺪﯗ؟؟ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥﺋﺎﻳﺎﻝ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭﻣﯘ؟ ….. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﭖ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ — ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ. ”ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﻰﺗﻪﯞﺭﻩﺗﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﺪﯗ“ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯩﻤﻪﻱ ﻳﯩﮕﯜﺯﯛﭖ، ﻛﯩﻴﻤﻪﻱ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﯛﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻐﯘ؟ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻐﯘ؟ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ﺩﯦﻤﯩﺪﯗﻕ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥﺋﯩﺸﻤﯘ ~ ﺩﯦﻤﯩﺪﯗﻕ. ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﯔ، ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﻩﭖ ﺷﯘﺋﺎﺭﻣﯘ ﺗﻮﯞﻟﯩﻤﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ — ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ”ﺗﯘﻝ“ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻫﻪﻡ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻧﺎﻡ- ﺋﺎﺗﺎﻕﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻳﻪﻧﯩﻼ — ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻤﻪﯓ! ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺩﻧﺎﻣﻤﯘ ﭼﺎﭘﻠﯩﻤﺎﯓ ! ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ! ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻜﯜﺳﯩﺰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖﻣﯧﻬﺮﻯ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ! ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻻﭖ ”ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ“ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕﺋﯩﺪﻯ،،،،، ﻟﯧﻜﯩﻦ، …… ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ، ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ …… ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

3. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﯞﻩ ﻧﯩﻜﺎﻫ

ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ﺩﻩﭖ، ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﺘﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ << ﺋﺎﺷﻨﺎ >> ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﮔﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ”ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ“ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺍﮔﯜﻝ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ – ﭘﻪﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯘ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ”ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ“ ﺋﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ”ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻤﯘ؟“، ”ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ“… ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ”ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ“ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ-ﻳﯘ، ”ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ….“ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯗﻕ. ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻠﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﺎﻛﺎﻥ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻧﯩﻜﺎﻫ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ، ﺧﺎﻻﺱ !

ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻛﻰ، ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺷﻪﺧﺲ. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺟﯜﭘﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺧﺖ ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﻜﺎﻫﻘﺎ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ~ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﻪﻙ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯧﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻴﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ ؟ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؟

ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯚﻣﯜﭺ

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺳﯩﻼ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ-ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ~ ﺑﻮﻟﺪﻯ!…… ﻳﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻴﮕﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻫ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﻼ، ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﯩﺶ، ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ << ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯚﻣﯜﭺ >> ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﯩﻼ ~ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .

ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺳﯩﻠﯩﻖ، ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ: << ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﻳﯩﻐﻼﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﭘﺘﯘ، ﭘﯘﻝ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺳﯘﻧﺴﺎﻡ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﻤﻪﻥ. ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ …. ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻼ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻣﻼ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ …. ﭘﯘﻝ، ﻣﺎﻝ – ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ؟ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻮﺭﯨﮕﯜﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯧﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﺩﻩﻝ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺗﺎﻻﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ…. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻻ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻜﻪﻥ … >>

<< ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ >> ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ

ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ << ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ >>. ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺸﻨﻰ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯧﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻨﻰ، ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯘ ~ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﯩﻜﺎﻫﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ .

ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ << ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ >> ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ، ﻣﯧﻬﯩﺮ-ﻣﯘﻫﺒﺒﻪﺗﻜﻪ، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯘ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. (ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺗﻰ ﺋﯚﭼﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﮕﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ …)

ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻕ — ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﯩﺶ. ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻤﯘ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﯙﺰﯨﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ – ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺳﯩﻼ … ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯙزﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﻧﺎﺯ-ﻛﻪﺭﻩﺷﻤﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ-ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .

ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ، ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

ﭘﺎﻳﺪﺍ – ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ

ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ << ﻣﻪﻥ >>. ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﭘﺎﻳﺪﺍ – ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .. ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﺳﯘﻳﯘﻕ، ﻧﺎﺯﯗ – ﻛﻪﺭﻩﺷﻤﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯩﺰ – ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﻨﺪﻩﻛﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻫﻮﻗﯘﻕ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯧﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ

ﺑﯘ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. (ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺪﻯ)
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﻜﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ، ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ”ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻗﯩﻤﺎﺭﯞﺍﺯ“ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻤﯘ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
**************
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ، ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻛﻪﻡ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺭﻣﯩﺰ .

ﻣﻪﻧﺒﻪ :ئەلكۈيى تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top