• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تۈرك ئاياللىرى

تۈرك ئاياللىرى

تۈركلەر تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئانا، ئايال ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەمگەكچان ئاساسىي بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن كەچۈرگەن دەۋرلىرى شۇنداقلا جۇمھۇرىيەت ئاياللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرگەن سالاھىيەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

پىروگراممىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئالدى بىلەن تارىختىكى تۈرك ئاياللىرى ئۈستىدە توختىلىمىز، ئاندىن تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھۇقۇقلىرى جەھەتتىن تۇنجى نۇر چېچىش ھەرىكىتى بولۈپ ھېساپلانغان تەنزىمات دەۋرىدىكى ئاياللارنى تېما قىلىمىز.

دەرۋەقە، يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھايات ـ ماماتلىق كۈرەشتە تۈرك ئاياللار، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن ئارقا سەپتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، قورال ياساش، ھەتتا قورال ئىشلىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىلەرنىمۇ ئادا قىلغان ئىدى. بىز بۇنى «مىللىي كۆرۈشتە تۈرك ئاياللىرى» دېگەن تېما ئاستىدا ئايرىم تەتقىق قىلىمىز، ئاخىرىدا تۈرك ئاياللىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 ـ يىلغىچە بولغان بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىغا قاراپ چېقىمىز. بۇ تېمىلارنى يەنە، ئاياللار، يېزا خەلقى ۋە شەھەر خەلقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا قوشقان تۆھپىلىرى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ شەكىللىنىشى، ئائىلە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۆرپ ـ ئادەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلارنى بويلىغان ھالدا داۋاملاشتۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق سىلەرگە تۈرك ئاياللىرىنىڭ تارىختىن بۇيان بىلىنمەي كەلگەن بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرگەن ھەق ـ ھوقۇقلىرىنىڭ نەقەدەر ئىلغار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

**** * ** **** ** ***** ** **** **** ** *** **** *** ** ****
پۈتۈن تارىختىن بۇيان دۇنيادىكى ھەممىلا دۆلەتلەردە دېگۈدۈك ئاياللار ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى ۋە تېخىمۇ ئاز قانۇنى ھەق ـ ھوقۇققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئاچچىق ئەلەملەرنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. بىز مانا بۇ ھەقىقەتنى بويلىغان ھالدا دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھەق ـ ھوقۇقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ بەلكىم تۈرك ئاياللىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە قولغا كەلتۈرگەن سالاھىيىتى ۋە ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ئايدىڭلاشتۈرۈپ بېرىش جەھەتتىن ئۆزگىچە ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ قالغۇسى.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 18 ـ ئەسىردىن بۇيان ھەم پىكىر ـ تەپەكۈر جەھەتتە، ھەم سىياسىي ۋە قانۇنىي ھەق ـ ھوقۇق جەھەتتە خېلىي نۇرغۇن خوشاللىنارلىق ئىشلار مەيدانغا كەلدى. ئاياللار ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى بىر تۈركۈم ھەق ـ ھوقۇقلاردىن ئەرلەردىن قىلىشمايدىغان شەكىلدە مەنپەئەتلىنىشكە شۇنداقلا ئازات بىر ئىنسان سۈپىتىدە چۈشۈنىلىشكە باشلاندى. ئەڭ مۇھىمى بۇ قاراشلار دۆلەتتىن باشلانغانچە بارلىق ئىجتىمائي ئورگانلارغىچە مەزكۇر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ يەردە ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى بىلەن ئاياللار مائارىپىنىڭ بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلانغانلىقىدىن ئىبارەت مۇنداق بىر ھەقىقەت ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

دەرۋەقە، مائارىپ ھەم ئاياللار ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەم ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا تەييارلىغۇچى رول ئوينايدىغان بىر ئامىلدۇر. ئاياللارنى مائارىپ بىلەن تەمىنلەش بولسا، ئۇلارغا يارىتىپ بېرىلىدىغان ئەۋزەللىكلەرنىڭ شۇنداقلا ھەق ـ ھوقۇقلارنىڭ تەبىئى نەتىجىسىدۇر. ئەمدىكى نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ ئورنىغا بىر نەزەر سېلىپ چىقايلى.

بۇ يەردىكى «ئورنى» دېگەن سۆزگە «كىشىنىڭ جەمئىيەتتە باشقا كىشىلەر ئالدىدا قولغا كەلتۈرگەن سالاھىيىتى» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىنىڭ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەت سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنىسى ئىنىقكى، پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىككى كۆرۈنەرلىك ئاساسلىق تائىپەنىڭ بىرى ئەرلەر، يەنە بىرى ئاياللاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەر ئىككى جىنس تەرىپىدىن تەڭلا قوبۇل قىلىنغان ئەنئەنىۋىي روللارنىڭ ئەسلىدە، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىنلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەرلەر جىسمانىي قۇرۇلمىسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن يېمەك توپلاش، ئاۋ ئوۋلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئاياللار بولسا، بالا تۇغۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئانا ۋە ئائىلە رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىۋىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇش سەۋەبىدىن مەلۇم مەزگىل يېتىپ قالىدىغان خاراكتېرى ئەرلەردە ئاياللارنى مۇھاپىزەتكە مۇھتاج، ئاجىز ھېسابلايدىغان قاراشنى تىكلەپ چىققان ئىدى. بۇ قاراش تېخى يېقىنقى دەۋلەرگە قەدەر ھاكىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئاياللار جىسمانىي جەھەتتە ئاجىز، ھېسسىيات جەھەتتە تەڭپۇڭسىز، ئەقىل جەھەتتە ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ئاياللار بولسا، جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرىلاش تەلىيىگە ئىنتايىن ئاز سازاۋەر بولالايتتى. مانا بۈگۈنكى فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىئولوگىيە سەھاسىدىكى تەتقىقاتلار ئاياللارغا قارىتىلغان مەزكۇر بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ۋە پوزىتسىيەلەرنىڭ تۈزۈتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ئاياللارنىڭ ئەقىل مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز يېنىكرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ناھايىتى چىچەن كېلىدىكەن.

دەرۋەقە، ئەرلەر ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۈستىخانلىرى قوپال، قاتتىق، كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ھەرىكەتچان كېلىدۇ. ئاياللار بولسا، ئومۇمەن كېسەللىككە بەرداشتلىق بېرەلەيدىغان ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان كېلىدۇ. ئاياللار ھېسسىيات ـ ھاياجانلىرىنى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئالەم قاتنىشى جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇناسىپ ئىكەنلىكى ئىسپلاتلانغان. ناسا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاياللار يۈرەك چارچاش، سوغۇق ۋە ئىسسىق ھاۋالارنىڭ ئالمىشىشى، قاتتىق سىلكىنىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك بەرداشتلىق بېرلەەيدىكەن. ئاياللارنىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى ئالەم كېمىسىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئايرىلىشقا تېخىمۇ مۇناسىپ كېلىدىكەن، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگىن ئېھتىياجى ئەرلەردىن تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن. ئاياللارنىڭ يەنە، ئالەم بوشلۇقىدىكى پىسخىئولوگىيەلىك چېچىلىش ۋە سەپرالىشىش ھادىسىلىرىگە تېخىمۇ بەك چېداپ كېتەلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇنداق بىئولوگىيەلىك مىساللارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە سېلىشتۇرغا ئاجىز بىر سالاھىيەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى پەقەتلا تەبىئىي جىسمانى قۇرۇلمىسىنىڭ تەقەززالىرىغا باغلىۋېلىشنىڭ ئانچە توغرا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن دېگۈدەك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ تەسىرى سەۋەب بولىدۇ. ئاياللارنى ئاجىز كۆرسىتىشكە كۆنۈككەن، ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر كۆرۈشنى قوبۇل قىلالمايدىغان قەدىمىي ئاڭنىڭ تەسىرى سەۋەب بولىدۇ.

**** **** **** **** **** **** **** **** *** **** **** ***

ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە بۇنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەرـ ئايال ئايىرىمچىلىقى قىلىنماسلىق پىرىنسىپىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە ئورۇن ئالغان بۇ پىرىنسىپ، ئاياللارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ تۈزۈتىلىشى يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ يەردە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق بىرەر مۇئامىلىگە دۇچ كەلمەسلىكى، پەقەت ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنلا تېگىشلىك ھەق ـ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەكلىكى ئۈچۈن باشلانغان كۈرەشنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىي 18 ـ ئەسىردىكى تەبىئىي ھەق ـ ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق باياننامىلىرىدىن ئېلىنغان قاراشلارغا تۇتىشىدۇ ھەمدە بۇ كۈرەش ئەسىرلەردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئېتىقاد ۋە كۆز قاراشلارنىڭ زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرتىلىشى، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەر ـ ئايال باراۋەرلىك چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان ئىلگىرىلەشلەرنى ھەممەيلەننىڭ تەڭ ئۆزلەشتۈرۈش كۆرۈشى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى. ئەمما ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى يېتىپ كەلگەن نۇقتىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەش، تېخىمۇ كەڭ ئىجرائات سەۋىيەسىگە يېتىپ بېرىش يەنىلا بىر قىسىم شەرتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. بۇلار خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد شارائىتى بىلەن مائارىپ، ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشقا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ، زىيالى ئاياللار سىپىدە كۆرۈلىۋاتقان ھاياجان، ئەسايىدىللىق ۋە سەبىرسىز بىر ئىدىئالىزىم، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا يېتەرلىك بولماي كېلىۋاتىدۇ.

*** *** ** **** ** **** ***** **** **** *** ***** *** ****

يەنە بىر تەرەپتىن ئەر ئايالنىڭ باراۋەرلىكىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بىلەن ۋە ئاساسىي قانۇنلارنىڭ بەلىگىلەپ بېرىشى بىلەن قانۇن ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا. دۆلىتىمىز ئاتاتۈرك ئىنقىلابىي ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى مەسىلىسىدە خېلى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە قانۇنشۇناسلارغا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ئاز خىزمەت قېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئائىلە ئورگىنى ئىچىدە ۋە تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئېيتقاندا ئىجتىمتائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە بولالىشى ھېچ شۈبھىسىزكى، قانۇن، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ تەڭلا ياخشىلىنىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن ئاياللارنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەلىم ـ تەربىيەسىدىن باشقا يەنە، كارخانىلاشقان بىر جەمئىيەت تۇرمۇشىدا تېخىمۇ چوڭ روللارغا ئىگە بولالىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تۈرك ئاياللىرىغا نىسبەتەن ھەق ـ ھوقۇق مەسىلىسى، پەقەتلا قانۇن ئالدىدىكى ھەق ـ ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بەلكى غەرپ ئەللىرىدىن پەرقلىق شەكىلدە ئاياللىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، قىممىتى ۋە پۈتۈن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، تۈرك ئاياللىرى باشقا دۆلەت ئاياللىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق كۆرەشلەرنى قىلىپ يۈرمەستىنلا ئاتاتۈرك ئىنقىلابىي بىلەن مانا بۈگۈنكى ئەڭ ئىلغار ھەق ـ ھەقۇققا ئىگە بولدى. شىۋېتسارىيە مەدەنىي ھەق ـ ھوقۇق قانۇنىدىن ئېلىنغان مەدەنىي قانۇنىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ ھەق ـ ھوقۇققا ئېرىشتى. ئاياللىرىمىز مەيلى كەسپىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە بولسۇن، باشقا ئىلغار دۆلەتلەردىكى ئاياللاردىن پەرقسىز ھالغا كەلدى. شۈبھىسىزكى، يەنە شۇنداقتىمۇ ئاياللىرىمىز ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر مەۋجۇت. ئاياللارنى قەپەزگە سولاپ قويىدىغان جاھالەتلىك ئايالسىز جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئاتاتۈرك ئىنقىلابىي بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتە ئاياللارمۇ مەۋجۇت بولغان، زامانىۋى بىر تۈرك خەلقىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىرىلىشى ئىشقا ئاشقاندىن كېيىن، ئەمدى بۇندىن كېيىنكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئاسانغا توختىسا كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top