• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قېرىندىشىم

قېرىندىشىم

 

 

 

قېرىندىشىم
(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)
رۇسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى تۇرگەنيېۋ، زېمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە قەھرىتان سوغۇقتىن مۇزلاپ ھېچ ھالى قالمىغان بىر تىلەمچىنىڭ يول ياقىسىدا تىلەمچىلىق قىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن يازغۇچى تۇرگەنيېۋ قولىنى دەرھال يانچۇقىغا سېلىپ، پۇل چىقىرىپ تىلەمچىگە بەرمەكچى بوپتۇ. ھالبۇكى، تۇرگەنيېۋنىڭ يانچۇقىغا كىرگەن قول قۇپ-قۇرۇق چىقىپتۇ. تۇرگەنيېۋ قولىنى باشقا يانچۇقلىرىغا سالغان بولسىمۇ، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بوپتۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇرگەنيېۋ ئۆزىنىڭ يانچۇقىدا ھېچ پۇلنىڭ قالمىغانلى بىلىپ، شۇنچىلىك مەيۇسلىنىپتۇ ۋە لېكىن قولىنى ئۆزىگە ئۇزاتقان تېلەمچىنىڭ تىترەپ تۇرغان مۇزدەك قوللىرىنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، يەڭگىل ئۇۋۇلاپ ئىسسىتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:«كەچۈرگىن قېرىندىشىم، مىڭ ئەپسۇس ساڭا بەرگۇدەك يانچۇقۇمدا بىرتىيىنمۇ يوق ئىكەن» بۇ چىن قەلبتىن چىققان سەمىمىي گەپلەرنى ئاڭلىغان تىلەمچى دەرھال مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:«ئۇنداق دېمەڭ ئەپەندىم، سىز ماڭا پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىنى بەردىڭىز. ئۇ بولسىمۇ، سىز مېنى ‹قېرىندىشىم!›دېدىڭىز ۋە ئېغىزىڭىزدىن چىققان سۆزنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىدىڭىز»دەپتۇ.
 
دەرھەقىقەت، «قېرىندىشىم» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن مۇقەددەس بىر سۆز. شۇڭا ئۆزىنى ئىنسان دېگەن ھەر ئادەم «قېرىندىشىم» دېگەن بۇ سۆزنىڭ قۇتساللىقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم !
11.102020
 
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top