تارىختىكى تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى
ئۆتكەن 200 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇتلەق ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلاتتاتسىيە قىلىش ۋە مەملىكەت خارەكتىرلىك تىل بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەخسىتى بىلەن بىر نەچچە قېتىم سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلدى.
فىرانكو ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئىسپانىيە
1939-يىلدىن 1975-يىلغىچە فىرانكو ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئىسپان تىلىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم مىللەت خارەكتىرلىك ياكى رايون خارەكتىرلىك تىللارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان. فىرانكو ئىسپان تىلىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىسدە بىردەك قوللىنىشىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ باشقا تىللارنىڭ ئىشلىتىشىنى قەتئى مەنئى قلىغان. ھەتتا ئىسپانچە ئىسىملاردىن باشقا ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىمۇ چەكلىگەن.
ھىندونىزىيەدىكى خىتاي تىلى
پرېزىدىنت سۇخارتۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 1967-1998 يىللىغىچە بولغان دەۋىردە بولغان ۋاقتىدا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھىندونىزىيەدە ئەجەللىك باستۇرۇشقا ئۇچىردى. خىتاي تىلىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر قانداق بىر قاتلىمىدا ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىپ، خىتاي تىلىدىكى بارلىق گېزىت-ژۇرناللار مەجبۇرى توختىتىلىپ مەكتەپلەر تاقالدى. خىتاي يېزىقىنىڭ ئاممىۋى ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىپ، ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر بايقالسا ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئاشكارا ھاقارەت قىلىشغا ياكى خورلىشىغا يول قويۇلدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ بۇ قېتىملىق تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي ھىندونىزىيە تىلىغا ئوخشاپ كېتىغان ئاھاڭلاردىكى ئىسىملارغا ئۆزگەرتىلدى. سۇخارتۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسىتى ۋە خىتاي مىللىتىگە قارىتىلغان ئېغىر مىللى كەمسىتىش كىشىنى غەزەپلەندۈرسىمۇ لېكىن ناھايىتى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن. سۇخارتۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تىل-مەدەنىيىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بۇ چەكلىمىلەر پرېزىدىنت ئابدۇراھمان ۋاھىد ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
لا ۋېر گونھا
فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تۇتقان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى پەقەت نومۇسسىزلىق دەپ تەسۋىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كىشىلەر توپى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا مەكتەپ، جەمىيەت ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرىدە ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ ياكى چەتكە قېقىلىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھۆكۈمەت تىل بىردەكلىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن فىرانسۇز تىلىدىن باشقا بارلىق تىللارنىڭ مەكتەپ ۋە ئورگانلاردا ئىشلىتىلىشنى چەكلىگەن. 19-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا سۆزلەشكەن ئوقۇغۇچىلار قالاقلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن پاسسىپلار دەپ قارىلىپ بوينىغا تاقاق سېلىنىدىغان جازا ناھايىتىمۇ ئەمىلىلەشكەن. فىرانسىيەدە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەر تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە مۇنازىرە قىلىشى چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى پرىزىنتى ساركوزى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاز سانلىق ۋە بىر قىسىم رايون خارەكتىرلىك تىللارنىڭ ئىشلىتىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش مەخسەت قىلىغان نىزامنامىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى.
بېرتانىيە
ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيە، ۋېلىش ۋە شىمالى ئېرلاندىيەلەرنى بېسىۋىلىشى ئىنگىلىز تىلىنى بۇ رايونلارغىمۇ ئېلىپ كىردى. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ رايونلاردىكى يەرلىك تىللار يوقىلىش ھالاكىتىگە دۇچار بولدى. شوتلان تىلى، ۋېلىش تىلى، ئېرلان تىللىرىنىڭ مائارىپتا قوللىنىشى چەكلەنگەندىن كېيىن بۇ تىللارنىڭ ئىشلىتىلىشى تېز دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ۋېلىشتا ئانا تىلى بولغان ۋېلىش تىلىدا سۆزلەشكەن بالىلارنىڭ بوينىغا ياغاچىتىن ئويۇلغان WN(ۋېلىش تىلىنى ئىشلەتمەسلىك دېگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە باش ھەرىپى) ئېسىپ قويۇلغان. ھەم مەملىكەت مىقياسىدا ئىنگىلىز تىلى قوللانمىغانلارغا ئېغىر تەن جازاسى بېرىش ئەۋىج ئالغان. نەتىجىدە بۇ تىللار ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان. 20-ئەسىرگە كەلگەندە بېرتانىيە ھۆكۈمىتى ئاندىن بۇ تىللارنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان. ھازىرمۇ بۇ تىللار ئىنگىلىز تىلىنىڭ نوپۇزىغا قارىغاندا يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ.
روسلاشتۇرۇش سىياسىتى
روسلاشتۇرۇش سىياسىتى سوۋېت ئېتىىپاقىنىڭ روس تىلىنىڭ قوللىنىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك تەدبىرى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە پارچىلىنىش خەۋىپىنى تۈگۈتۈش مەخسەت قىلىنغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇكرانىيە بىلەن فېنلاندىيەدە روسلاشتۇرۇش سىياسىتى ھۆكۈمەتنىڭ ھاككىممۇتلەقلىق غەرىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى بىر كوزۇرى ئىدى. كېيىن ئۇكرانىيە، فېنىلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە بېلرۇسىيەلەردە يۈزگۈزۈلگەن يەرلىك تىللارنىڭ جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىشنى چەكلەش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن بىر قانچە قېتىملىق قوزغىلاڭلارمۇ يۈز بەرگەن.
سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ بۇ بىر قاتار سىياسەتلىرى قاتارىدا ئەرەپ ئېلىپەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ سىلاۋىيان ئېلىپبەسى قوللىنىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېينچە روس تىلىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكى تەكىتلىنىپ بۇ تىللار پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلانغان. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن يۇقۇرقى جايلاردا ھازىرمۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدا روس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە قوللىنىدىغان خاھىش ساقلىنىپ قالغان.
كورىيە تىلى
1910—1945-يىلغىچە ياپونىيەنىڭ كونتىروللىقى ئاسىتدا تۇررغان بولۇپ، كورىيان تىلى ۋە مەدەنىيەتى ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىرغان. دەسلىۋىدە مەكتەپلەردە ياپون تىلى ئاساس قىلىنىپ كورىيان تىلى پەقەت تاللاپ ئۆتۈلىدىغان دەرسىلىك قاتارىغا چۈشۈپ قالغان بولسا كېيىنچە كورىيان تىلىغا چەك قويۇلۇپ بىراقلا سىقىپ چىقىرىلغان. ھەتتا خىزمەت ئورۇنلىرىدىمۇ كورىيان تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. ئۇلارنى ئۆز ئىسىملىرىدىن ۋاز كېچىپ ياپونچە ئىسىملارنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىغان ۋە قارشى چىققانلارنى باستۇرغان. ياپونىيەنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان.
رىيۇكيۇ تىلى
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىيۇكيۇ پادىشاھلىقى مۇستەقىللىقىنى ياپونىيەگە تاتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن رىيۇكيۇ تىلىمۇ تەھدىتكە دۇچ كەلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆلچەملىك ياپون تىلىدا سۆزلىمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ رىيۇكيۇ تىلىنىڭ مائارىپتا قوللىنىلىشىنى قاتتىق چەكلىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى رىيۇكۇيۇ تىلىنى ياپون تىلىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ۋاريانتى دېگەن كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ئايرىم بىر تىل سۈپىتىدە ئېتراپ قىلىپ باقمىدى. بۇ تىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش توغۇرسىدا ئىش-ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بۇ مىللەت بالىلىرى ئاللىقاچان قوش تىللىشىپ بولغاچقا نەتىجە ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان.
ھاۋاي تىلى
1820-يىلى دىن تاقاتقۇچىلارنىڭ بۇ ئارالغا كېلپ دىن تەشۋىق قىلىشى تەسىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر ھاۋاي تىلىنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان. بىراق تىلغا قىلىنغان ئاشكارا ھۇجۇم 1893-يىلدىن باشلاپ ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ھاۋاي تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن چىقارغان سىياسەتلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن. 1896-يىلى ھاۋاي تىلى مەكتەپلەردە چەكلەنگەن ۋە بۇ ھالەت 20-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. ھازىر ھاۋاي مىللىتى ئىچىدە ئۆز تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان كىشىلەردىن ئاران 2000 قالغان.
ئۆلچەملىك خىتاي تىلى سۆزلەش ھەركىتى
سىنگاپور ھۆكۈمىتى 1979-يىلى مەملىكەت مىقياسىدىكى خىتاي گىراجدانلار ئارىسىدا ئۆلچەملىك خىتاي تىلى سۆزلەش ھەركىتى قانات يايدۇرغان. سىنگاپوردىكى خىتايلار ئاساسەن جۇڭگونىڭ جەنۇبى قىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلىيەلمەيتتى. ھۆكۈمەت بۇ تىلنىڭ ئاخپاراتتا ئىشلىتىلىشنى چەكلەپلا قالماستىن يەنە بۇ تىلدا تارقىلىتىدىغان چەت ئەل قاناللىرىنىمۇ كونتىرول قىلغان. بۇ ھەرىكەت مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ بىرلىككە كەلگەن خىتاي تىلىنىڭ ئىشلىتىشى كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ. لېكىن چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرنىڭ تىلىنى چۈشەنمەي ئالاقە قىلالماسىلىقىدەك مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان.