• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى بەلگىلەيدۇ

‹‹تالانت نۇقتىسىدىن قارىغاندا،باھا بېرىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش››. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئادەتتىكى سەۋيىدىن ئۈستۈن دەپ قارىسا بالىلاردا ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى شەكىللىندۇ. شۇنداقلا ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئۈمىدلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا،بالىلاردا تۇرمۇشقا نسبەتەن مۇستەقىل كۆز قارىشى تۇرغۇزۇلدۇ. ئۆز ئالدىغا ياشاش ئۇسۇلى شەكىللىندۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بالىلارنىڭ ئەقىلي كۈچى ۋە قابىلىيىتىنىڭ تەرەقىقىي قىلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەخلاق پەزىلىتىگىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچەيتىشىگە ئۇچرايدۇ. مەيلى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، كىشىلەرنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش،ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئىرادە نۇقتىسىدىن بولسۇن، بالىلار ھەممىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچەيتىشىگە ئۇچرايدۇ. بالىلار قانچە كىچىك بولغانسېرى ئۇچىرىغان تەسىر ۋە كۈچەيتىش تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ.

مەلۇم بىر پروفېسسور: ‹‹تالانت نۇقتىسىدىن قارىغاندا،باھا بېرىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش››دەپ ئېيتقان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى ۋە ياشانغانلارنىڭ بالىلارغا بولغان پوزىتسيىسى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەقىقىي قىلىشى ۋە قابىلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقات ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئادەتتىكى سەۋىيىدىن ئۈستۈن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا بالىلار دائىم تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن كۆز قارىشىمۇ ئۈمىدلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ. بۇ خىل يوشۇرۇن بېشارەت بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بەرگەن ياخشى باھاسى ئىككى خىل ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ قابىلىيەت ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان ئۈمىد-ئارزۇسىنى بالىلىرىغا ئېنىق ئېيتىشى، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇسىنى، ئۆز ئىپادىسىنىڭ قايسى تەرەپتە ياخشى بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ رازى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى، بىلۋېلىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بەرگەن باھاسىنىڭ ياخشى بولۇشى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ نۇقتا يۇقىرىقى نۇقتىدىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسى ئاساسىدا تۇرغۇزۇلدۇ. بالىلارنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولغانسېرى، بۇ خىل باھا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى بالىلارنىڭ ئۆمرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۆۋەندە ئايرىم-ئايرىم كېڭەيتىپ چۈشەندۈرىمىز.

*ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بالىلارنىڭ ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولىدۇ

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن نېمە ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى چوقۇم بالىلىرىغا ئېنىق ئېيتىشى كېرەك. مۇنداق بولغاندىلا بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە قابىلىيىتىنى تەرەقىقىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بالىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە،بەزى بالىلارنىڭ چوڭ دادا، چوڭ ئاپىسى ئۇچرىشىشى كۆپرەك بولىدۇ. بىراق چوڭ دادا، چوڭ ئاپىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنڭكىدەك ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بولمايدۇ. ئەگەر مۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بالىلىرىغا ئېيتسىمۇ، بالىلىرى تەسرەك قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلاردىن كۈتكەن ئارزۇسى چوقۇم بىردەك بولۇشى، بالىلاردا پسىخولوگىيە جەھەتتە زىددىيەت توقۇنۇش پەيدا قىلماسلىقى لازىم.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدىنى چۈشەندۈرۈشى ھەم كونكرېت ئىپادىلىشى كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلىرىغا ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن ئىككى،ئۈچ ياشلىق بالا ئالىي مەكتەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. داڭلىق ئالىي مەكتەپ بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ ئايرىيالمايدۇ. شۇڭا كىچىك بالىلارغا ئاتا-ئانىلار بالىسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى تېخىمۇ كونكرېت ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ھەرگىزمۇ قورۇق،چۈشىنىكسىز نەرسىلەر بىلەن ئىپادىلىمەسلىكى لازىم. بۇنداق بولغاندا بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى، ئارزۇسىنى بارا-بارا قوبۇل قىلالايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top