• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ESC كۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى

ESC كۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى

ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.

1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز.

2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.

3. ئادەتتە Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە Ctrl+Shift+Esc ئارقىلىقمۇ windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ.

4. قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئىچىدە پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈندۈرمەي تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، Alt+Tab كۇنۇپكىسىنى باسمايمۇ Alt+Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ پروگراممىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىدىكى سىنبەلگىسىنى چېكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ.

5. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» دېگەن تاللاش تۈرى بار كۆزنەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى بېجىرەلەيسىز.

مەنبە : ئانادىيار تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top