• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » پۇل تۇتۇش ئادىتى ۋە خاراكتىر

پۇل تۇتۇش ئادىتى ۋە خاراكتىر

ئەگەر سىز ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئالاھىدە تەكشۈرتىدىغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە جاۋاپ بەرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما پۇل دىگەن بۇ نەرسىنى قانداق تۇتۇش شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنى كۆرسىتىپ بېردىغانلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن ئادەم بىلمەسلىكى مومكىن. يانچۇقىغا بىر تۇتام پۇل سېلىۋىلىشىنى ياخشى كۆردىغان كىشىلەر.

بىر تۇتام پۇل ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ھەر قانداق ۋاقىتتا باشقا بىر تۇرمۇشقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىش چۈشىنى كۆرۈپ يۈرىيدۇ، ئەمەليەتتە بۇ خىل توم-توم باغلانغان پۇلنى يېنىغا سېلىۋىلىش شۇ خىل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەنسىزلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى. پۇختا باغلانغان تۇتام-تۇتام پۇلنى سېلىۋالغان چاغدا ئادەم ئېگە بولىدىغان ھىسىيات ھەر قانداق چاغدا خىيم خەتەر ۋە يوقسىزلىق تەغدىرىگە دۇچار بولۇشتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى قويۇق كىشىلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم.

ھەمىيانغا سېلىۋالدىغان ئادەملەر. .

بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىيتقاندا. بۇ پەقەت پۇل بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشماسلىقىنىڭ بىر خىل ئۇسسۇلى، يەنى پۇلنى بەدەندىن نېرى قويۇش پىسخىكىسنىڭ نەتىجىسى، بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى مەدەنىيەت ئامىلىدا يەنى «پۇل بەك مەينەت» قارىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئەمما بۇ شۇ كىشىنىڭ پۇل بىلەن خۇشى يوقلۇقىنى بىلدۇرمەيدى. ئەكىسچە بۇ شۇ كىشنىڭ پۇل خەجلەش خاھىشى ۋە پۇلنىڭ بىقىنىغا ئۈسسۈشىدىن ساقلىنىش چارىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ.

چوڭ سوممىلىق پۇلنىلا ياخشى كۆردىغان كىشىلەر؛

بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاز سومملىىق پۇل بىلەن كۆپ سوممىلىق پۇلنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق ناھايىتى چوڭ. ئۇلارنىڭ ئاغىزىدا دائىم چوڭ سوممىلىق پۇلنىڭ نامى چىقىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى، ئۆزىنىڭ سەرخىللار قاتىلىمىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش.

پۇلنى قاتلاپ تۈرلۈك شەكىلگە كىرگۈزۋىتدىغان كىشىلەر:

بەزى كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىگە مۇۇنداق كۆز-قاراش چوڭقۇر يېلتىز تاتقان: پۇلنى خورلايدىغان كىشىلەر پۇلغا ئىنتايىن ئۆچ، بىراق بۇ خىل قاراش ئىنتايىن خاتا چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر پۇلنى قاتلاپ ئۇنىڭ سالمىقىنى ئاشرۇش كويىدىلا بولىدۇ، تۇرمۇشتا بۇ خىل كىشىلەردە پۇل كۆپ بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەلۇم خىل نارازىلىق يۇشۇرۇنغان بولىدۇ، چۈنكى پۇلنىڭ كۆپ بولماسلىقى ئۇلارغا ئۆزىدە ئىقتدار دىگەن نەرسىنىڭ يۇقلىقىنى بىلدۈردۇ.

چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا پۇل سالىدىغان كىشىلەر:

ئەرلەرنىڭ كۆپىنچسى پۇلنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشايدۇ، شۇڭا ئۇلار پۇلنى چاپىنىنىڭ كۆكىرەك يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ، چۈنكى شۇ چاغدىلا ئۇلار بېشىنى ئەگسىلا پۇلىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلەلەيدۇ، بۇ ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بىخەتەرلىكى كاپالىتى بېرىپ: «قارا بۇ پۇللار كۆكسۈڭدە تۇرۇپ، ساڭا يۈزلەنگەن ھەر قانداق خەتەرنى تۇسىدۇ >> دېگىنى بولسا كىرەك.

پۇلنى شىمىنىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىۋالىدىغان كىشىلەر:

پۇلنى شمىنىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر پۇل بىلەن ئۇچىرششىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا رەت قىلىش پىسخىكىسى ئېغىر كىشىلەردۇر، ئەمما ئۇلار پۇلنى ئوغرىنىڭ ئېلىۋىلىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا ھەر قاچان قولىنى ئارقا يانچۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، پۇلنىڭ بار-يوقلىقىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئەزەلدىن يانچۇقىغا پۇل سالمايدىغان كىشىلەر:

مەڭگۈ يىنىغا پۇل سالمايدىغان ئادەت ئاساسەن بايلارغا مەركەزلەشكەن، چۈنكى بايلار پۇلنىڭ ماددىلىق خاراكتىرىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلاردا پەقەت تازا مۇكەممەللىك بولماسلىقتەك ئەنسىزلىك پەيدا بولىدۇ، شۇ ڭا ئۇلار شەكىلسىز پۇل پەيدا قىلىدىغان چەكسىز كۈچنى قوغلىشىدۇ، چۈنكى بۇ خىل كۈچ ئۇلاردا تولىمۇ گۈزەل خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەنبە: ئوكيان تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top