• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئۆزىڭىز قىلالمىغان ئىشنى بالىڭىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلماڭ

ئۆزىڭىز قىلالمىغان ئىشنى بالىڭىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلماڭ

تەرجىمىدە زۇمرەت

بىر جۈپ ئاتا-ئانا بالىسىدىن خەت يازغاندا خۇددى باسما نۇسخىسىغا ئوخشاش يېزىشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا بىرمۇنچە خەت مەشىق دەپتىرى سېتىۋېلىپ بالىسىغا خەت يېزىشنى مەشىق قىلدۇرغان، ئاتا-ئانىسىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل ھەمراھ بولغان، بالىسى پەقەت خەت يېزىشنى مەشىق قىلسىلا، ئورۇندۇقنى تارتىپ ئەكىلىپ، بالسىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بالىسىدىن خەت يېزىشنى مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن. ئەسلىدە بۇ بىر جۈپ ئاتا-ئانا خەتنى بەك سەت يازىدىكەن، شۇڭا بالىسىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى، خەتنى چىرايلىق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەلۇم بىرسى بالىسىنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىكەن. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ خىجىل بولغان ھالدا ئۆزىنىڭ دائىم بالىلارنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قىسىملىق تىياتىرلارنى كۆرگەچ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يەۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «مېنىڭ يېگىنىم بالىلارنىڭ يېگىنىگە ئوخشىمايدۇ! بالا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان تۇرسا، يېمەك-ئىچمىكى ساغلام بولۇشى كېرەكقۇ، مەن ئوتتۇرا ياشقا كىرىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ھېرىپ كەتتىم، مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىنى قاندۇرساممۇ بولمامدۇ؟»

ياۋۇز قىياپەتتە بالىنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشىنى چەكلەپ، لېكىن بالىنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل ھاراق ئىچكەچ ئەخلەت يېمەكلىك يەپ ئولتۇرۇشتەك قىلىقسىزلىقلارغا قول كۆتۈرۈپ ئىقرار بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغانلار ئۆز ئىچىدە بىلىپ قالسىلا كۇپايە.

بەزىلەر بالىلىرىنى تەنھەرىكەت تۈرىدىكى نۇرغۇن كۇرسلارغا تىزىملىتىپ قويىدۇ، پۇتبول، پەيتوپ، چاقلىق ئاياغ، جۇدو چېلىشىش… قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئۈچۈندۇر، قانداقلا بولمىسۇن دەرس بېسىمى تاغدەك ئېغىر بولغانلىقتىن، بالىلار خۇشال بولالماي، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قانچە تۈرنى توختاتماقچى بولسا، ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ئاچچىقلىنىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا پۇلى يوقلىقىنى، ھازىر بالىلىرىنىڭ شارائىتى بار تۇرۇپ قەدىرلەشنى بىلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ، يەنە كېلىپ، يېرىم يولدا توختاپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ، پۇلنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىگە نارازى بولىدۇ.

لېكىن بۇنداق ئاتا-ئانىلار مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەيدۇ، مەسىلەن، بىر يىللىق چېنىقىش كارتىسى بېجىرىپ قويۇپ، بىرەر قېتىم بارىدۇ ياكى بارمايدۇ، قىشتا سوغۇقنى، يازدا ئىسسىقنى، ئۆي ئىشىنى… دەستەك قىلىپ، تۈگىمەس باھانىلەرنى ياغدۇرىۋېتىدۇ.

بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئوخشىمايدىغان ئايرىم يەككىلىكتۇر

ئىلگىرى، بىز بالا قىياپىتىدە تۇرۇپ، ئاتا-ئانىمىزدا نېمىشقا «بالام، سەن مەندىن كۈچلۈك بولۇشۇڭ كېرەك» دەيدىغان روھىي ھالەت بولىدىغاندۇ، دەپ تەنقىدلىگەنىدۇق، ئۆزىمىز ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئوي-پىكىرگە ۋارىسلىق قىلدۇق، ئەسلىدە دۇنيادىكى ھەر بىر ئاتا-ئانا كۆڭلىدە ھەرخىل ئۈمىدلەرنى ئوغۇرلۇقچە پۈكىۋالغاچقا، بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ ياخشى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىسىدىن كۈچلۈك بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىشىمىز ھەمدە بۇ نىشان ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بارلىقىمىزنى بېغىشلىماقچى بولىمىز، ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەتتا بەزىدە ئۆزىمىزدىن تەسىرلىنىپ، كۆزلەرگە ياش كېلىدۇ.

لېكىن، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بىر ئىشقا سەل قارىدۇق، بالا بىزگە ئوخشىمايدۇ، بىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ بالىمىز قىلماقچى بولغان ئىش بولۇشى ناتايىن، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بالىلارنىڭ ئۈمىدىگە ئوخشاش بولۇشىمۇ ناتايىن، ئۆزىمىز ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلارنى بالىلارغا زورلاپ تاڭساق، بالىلار خۇشال-خۇرام ئۆتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئويلاپ، ئوخشاش نۇقتىدا تۇرالىساقلا، بالىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن، بىز بالىلاردىن دائىم تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، بىز نۇرغۇن نىشانلارنى بەلگىلەپ، بالىلاردا ساغلام بەدەن بولۇشىنى، دائىم ئاغرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ بالىلاردىن يەنە گۈزەل پەزىلەت، سەمىمىيەت، باتۇرلۇق، ئاق كۆڭۈل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولۇشىنى، كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.

بالا بىزنىڭ ئۈمىدىمىزگە يېتەلمەي قالسا، بىز تەشۋىشلىنىپ جىددىيلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىدىن ياكى بالىدا مەسىلە بار-يوقلۇقىدىن ئەنسىرەيمىز.

«بۇ بالىنىڭ نېمانداق تاقىتى ۋە ئىرادىسى يوقتۇ؟»

«بۇ بالا نېمانچە قورقۇنچاقتۇ؟ سالام-سائەتمۇ قىلمىغان، قانداق قىلارمەن؟»

«بۇ بالا نېمىشقا ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغاندۇ؟ يا كىتاب ئوقۇشنىمۇ ياقتۇرمايدۇ؟»

بەزى ئىشلارنى ھەتتا ئاتا-ئانا بولغان ئۆزىمىزمۇ ياخشى قىلالمىساق، نېمە ئۈچۈن يېشى بىزنىڭكىدىن كىچىك، ھايات كەچۈرمىشى بىزنىڭكىدىن ئاز بولغان بالىلارنىڭ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ بولغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر.

نەسىھەت قىلىش ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتكەنگە يەتمەيدۇ

ۋۇ نيەنجېن بىلەن ئوغلىنىڭ مەلۇم بىر ژۇرنالدا بېسىلغان مەخسۇس زىيارىتىنىڭ ماۋزۇسىدا «ئاتىسى قىلالمىغاننى، ئوغلىغا بۇيرۇماسلىق ئازىم» دەپ يېزىلغان، زىيارەت مەزمۇنىدا ۋۇ نيەنجېننىڭ خانىمىنىڭ ئوغلىنى بىر قېتىم تىللىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان: «ماتېماتىكا نەتىجەڭ شۇنچە ناچار تۇرۇپ، تەكرارمۇ قىلىپ قويماپسەن.» ۋۇ نيەنجېن بۇنى ئاڭلاپ، چىداپ تۇرالماستىن: «مېنىڭمۇ ماتېماتىكا نەتىجەم ئىنتايىن ناچار ئىدى!» دېگەن. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئاران 10 نومۇر ئالغان بولۇپ، ئوغلىغا تەلەپ قويۇشقا ھېچقانداق ئاساسى يوقتەك ھېس قىلاتتى.

مۇخبىر يەنە ۋۇ نيەنجېننىڭ ئوغلىدىن: «لېكىن سىز كېيىن دادىڭىز بىلەن ئوخشاش يولدا مېڭىپسىز، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟» دەپ سورىغان، ۋۇ نيەنجېننىڭ ئوغلى جاۋابەن: «دادام ئەزەلدىن مەندىن نېمە قېلىشىمنى، نېمە قىلماسلىقىمنى تەلەپ قىلمىغان، تاللاشمۇ بىر خىل ئۆگىنىشتۇر، ھەممىسىگە ئۆزۈم يۈزلىنىشىم كېرەك. ئەمما دادام خىزمىتى ئۈچۈن ھەر خىل سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆگەنگەنلىرىم باشقىلاردىن كۆپ بولدى.»

ۋۇ نيەنجېننىڭ ھېكايىسىدىن بىز مۇنداق بىر قائىدىنى بىلىۋالالايمىز: «نەسىھەت قىلىش ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتكەنگە يەتمەيدۇ»، بالىلارغا بىۋاسىتە ھالدا نېمە قىلىشىنى ئېيتقاندا، بالىلار ھەتتا قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار قىلالمىغان ئىش بولۇپ قالسا، بالىلارنىڭ «نېمىگە ئاساسەن ئاتا-ئانام قىلالمىغاننى مەن قىلغۇدەكمەن؟» دېيىشى ئېنىق.

بالىنى بۇيرۇغاندىن كۆرە، ئۆزىدىن باشلاپ ياخشى قىلغان ئەۋزەل. مەسىلەن، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلساق، بالىلارغا «كىتابنى كۆپرەك ئوقۇ» دېمەستىن، بەلكى كىتابنى ئۆزى ئېلىپ بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش كېرەك. ۋۇ نيەنجېن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئوغلىڭىزنىڭ نېمە قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇڭ. ئەگەر ئوغلىڭىزنىڭ ئىشى بولمىسىلا كۆپرەك كىتاب كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ھەر كۈنى كېچىدە ئۆزىڭىز بىر كىتاب كۆرسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۆزىڭىز تېلېۋىزور كۆرۈپ، ئوغلىڭىزنى كىتاب كۆرۈشكە بۇيرۇماڭ».

بالامنىڭ مەندىنمۇ خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

«پەقەت سەن مەندىن ياخشى ئۆتسەڭلا » دېگەن ناخشىدا مۇنداق يېزىلغان:

«پەقەت سەن مەندىن ياخشى ئۆتسەڭلا، مەندىن ياخشى ئۆتسەڭلا، ھېچنېمە قىيىن تۇيۇلماس ئەسلا، بارلىق خۇشاللىقلار تاكى قېرىغىچە ئەتراپىڭدا بولسا…»

گەرچە بۇ بىر مۇھەببەت ناخشىسى بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىسىغا بولغان ھېسسىياتىغىمۇ توغرا كېلىدۇ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كۈچلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاندىن كۆرە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئەۋزەل. ياخشى ئىش «خۇشاللىق» ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ، ھەرگىزمۇ «مۇۋەپپەقىيەت»كە ئەمەس.

ئاخىرىدا، Tashiram Dodoنىڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆزىنى ھەر بىر ئاتا-ئانا ۋە ھەر بىر بالىغا سوۋغا قىلىمىز:

«بالام! چوڭلار بەلكىم بۇرۇنلا ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، خۇشاللىق مەلۇم بىر جاي ئەمەس، بەلكى بىر يۆنىلىشتۇر، خۇشاللىق سىلەر چوڭ بولۇپ ھەممىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئالغىلى بولىدىغان مۇكاپات ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنىڭ ئاساسىي شەرتىدۇر.»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top