• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

تەرجىمىدە ئوغلان

چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ: چوڭ مېڭىمۇ بىر موسكۇلغا ئوخشاش بولۇپ، داۋاملىق چېنىقتۇرغاندىلا ئاندىن ساغلام مۇكەممەل ھالەتتە تۇرىدۇ، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئادەم مېڭىسىنى جانلىق، ھەرىكەتچان قىلىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ: ئەنگلىيە كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى سۇسكېس ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىسخىكا تەجرىبىخانىسىغا ھاۋالە قىلغان تەتقىقاتىدا، ھەرخىل بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقى بايقالغان بولۇپ، 6 مىنۇت ئىچىدە بېسىمنى %68ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۇزىكا ئاڭلاش ۋە سەيلە قىلىشتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. پىسخولوگلار ئادەم كىتاب ئوقۇغاندا بەدەن دىققىتىنى خەتكە مەركەزلەشتۈرگەچكە، جىددىيلىشىش كەيپىياتى ناھايىتى تېزلا يوقايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يۇقىرىلايدۇ: ھەر بىر كىتابتا ئۇچۇرلار، يەنى نۇرغۇن ئىشلار، ئادەم ئىسىملىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغان ۋاقىتتا چوڭ مېڭە بۇ تەپسىلاتلىرىنى ناھايىتى ئوڭايلا خاتىرىلىۋالىدۇ ھەم ساقلىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يۇقىرىلايدۇ.
تۇرمۇش ئادىتى ساغلاملىشىدۇ: ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتى تولىمۇ جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ساغلام بولىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر بىر تەرەپتىن كىتابتىن ساغلاملىق بىلىملىرىگە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇش بىلەن ھاياتنى تېخىمۇ سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان بولىدىكەن.

دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈدىكەن: ھازىر ئۇچۇر، تور دەۋرى بولغاچقا،ئادەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، پوچتا يوللانمىسى تەكشۈرۈش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، تېلېفون قوبۇل قىلىش دېگەندەك…بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇللىرى ئادەمنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، لېكىن كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە ئادەمنىڭ بارلىق دىققەت ئېتىبارى كىتابتا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئوي-پىكىرنى بىر يەرگە يىغالايدۇ ھەم ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ئاغرىقنى پەسەيتىپ خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدۇ: ئىتالىيەنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇشنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدىكەن ھەم ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن، نۆۋەتتە، دوختۇرلار كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى ئۇسۇلىنى بايقىغان بولۇپ، يەنە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندەش ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر كىتاب ئوقۇشنىڭ يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان.

كىتابنى قانداق ئوقۇغاندا ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ؟

تۇرمۇشتا ھېرىپ-چارچىغان ۋاقتىڭىزدا كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئالماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ:
كىتابنى ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنىچە ئوقۇڭ، يەنى كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاندا ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇڭ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئادەمنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇڭ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا يېزا ھاياتى تەسۋىرلەنگەن شېئىرلارنى ئوقۇڭ، ئامىتىڭىز كەلمىگەندە نەزەر دائىرىمىزنى ئاچىدىغان كىتابلارنى ئوقۇڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top