• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىلىرى نېمە ئۈچۈن سۇ بويىغا قۇرۇلىدۇ؟

يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىلىرى نېمە ئۈچۈن سۇ بويىغا قۇرۇلىدۇ؟

تەرجىمىدە ھۆسنىھاجى ئابدۇرېھىم

يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىسى ھەرىكەتلەنگەندە كۆپ مىقداردىكى سوۋۇتقۇچى سۇ بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك بىر يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسىنى مىسال ئالساق، ئۇنى ھەر سېكۇنتتا تەخمىنەن 12~11 كۇپ مېتىرلىق سۇ ئېقىمى بىلەن سوۋۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر يادرو ئېلېكتېر ئىستانىسىسى قۇرىدىغان ئورۇننى تاللىغان ۋاقىتتا كۆپىنچە ھاللاردا نەزىرىنى سۇ مەنبەسى مول بولغان يەرلەرگە تاشلايدۇ. بىر قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشتا دەريا ياكى دېڭىز تاپالمىغاندا يەر ئاستى سۈيىنى قېزىش ئارقىلىق يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسىنى سوۋۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسىنىڭ يادرو رېئاكتور ئۆزىكى ناۋادا سوۋۇتۇلمىسا، يېقىلغۇ ئېلېمېنتلار ئېرىپ كېتىپ، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە %15 رادىئاكتىپلىك ماددىلار پارلىنىپ چىقىپ كېتىدىكەن، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن %25 رادىئاكتىپلىق ماددىلار سۇ يولىغا كىرىپ كېتىدىكەن. ناۋادا سۇ يولى تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتسە كۆپ مىقداردىكى رادىئاكتىپلىق ماددىلار ئېقىپ چىقىپ كېتىپ، ئېغىر يادرو ۋەقەسى يۈز بىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋۇتۇش سۈيى ئادەتتە يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان «قان» دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىلىرى ئادەتتە سۇ مەنبەسىگە يېقىن ئورۇنلاغا قۇرۇلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top