• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » توكنىڭ ئېغىرلىقى بولامدۇ؟ بىر توننا توكنىڭ كۈچى قانچىلىك؟

توكنىڭ ئېغىرلىقى بولامدۇ؟ بىر توننا توكنىڭ كۈچى قانچىلىك؟

تەرجىمىدە ئوغلان

«توك» كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. پەن-تېخنىكىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلار توكقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. ئەگەر پۈتۈن دۇنيادا بىر كۈن توك توختىسا، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. گەرچە بىز ھەر كۈنى توك ئىشلەتسەكمۇ، لېكىن بىز توكنى ھەقىقىي چۈشىنەلەمدۇق؟

توكنىڭ ئېغىرلىقى بارمۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا توك مىقدارىنى كىلوۋات ئارقىلىق ھېسابلايمىز؛ فىزىكىدا بىز جوئۇل بىلەن ۋات ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى ئىپادىلەيمىز. ئۇنداقتا، سىز توكنىڭ زادى قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ كونكرېت شەكلى بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، تەبىئەت دۇنياسىدىكى چاقماق توكنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. چاقماق قارىماققا تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھادىسە، چۈنكى ئۇنىڭ شەكلى مۇقىم ئەمەس، كونكرېت شەكلىمۇ يوق.
ئۇنداقتا، توكنىڭ ئېغىرلىقى زادى بارمۇ ـ يوق؟ ئەمەلىيەتتە، ئېينىشتېيىننىڭ ماسسا-ئېنېرگىيە تەڭ قىممەت نەزەرىيىسى بىزگە جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ماسسا-ئېنېرگىيە تەڭ قىممەت نەزەرىيەسىنى ئىنتايىن ئۇلۇغ نەزەرىيە دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى ماكرو دۇنيادىلا ئەمەس، مىكرو دۇنيادىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر توكنى ماسسا-ئېنېرگىيە تەڭ قىممەت نەزەرىيەسى ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك، «E = mc^ 2» بۇ فورمۇلا ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيەسىدە ئىپادىلىنىشىچە، ماسسا بىلەن ئېنېرگىيە تەڭ قىممەت مۇناسىۋىتىدۇر.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئىككى بىرلىكنى ئۆزئارا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، توك ئېنېرگىيىنىڭ بىر خىلى، شۇڭا ئۇمۇ ئوخشاش ئېغىرلىققا ئىگە. E = mc^ 2گە ئاساسلانغاندا، بىز يېرىم كىلوگىرام توكنىڭ 12 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز. شۇڭا سىز بىر توننا توكنىڭ قانچىلىك زور بۇزغۇنچىلىق كۈچى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ئىنتايىن چەكلىك، گەرچە بىز نۇرغۇن نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگىلەپ بولغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يەنىلا ئىنتايىن قىيىن.

مەسىلەن، بىز قانداق قىلغاندا بىر توننا توكنى بىر قاچىغا سالالايمىز ياكى بىر توننا توكنى يۇقىرى دەرىجىدە قىسىپ، ئۇنى ماددىي ئېنېرگىيە پارچىسىغا ئايلاندۇرالايمىز؟ بۇنداق بولغاندا بىز ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇنى ئىشلىتىمىز، خۇددى نۇرغۇن فانتازىيەلىك فىلىملەردە تەسۋىرلەنگەندەك، ئالەمدە ئېنېرگىيە كۇبىكى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ غايەت زور ئېنېرگىيەگە ئىگە ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇزغۇنچىلىق كۈچىنى پەيدا قىلغانغا ئوخشاش، ئەگەر بۇ ئېنېرگىيە كۇبىكلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالىسا، ئۇ جەزمەن ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلار يۇلتۇزلار ئارا ئىزدەنمەكچى بولسا، ئېنېرگىيە مەسىلىسى چوقۇم بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top