You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئامېرىكىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى

ئامېرىكىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى

تەرجىمىدە نەۋدارجان

1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، ھەتتا ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىمۇ نۇرغۇن پۇل تېپىپ، ئۇرۇش قىلىپ ئانچە-مۇنچە بېيىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل ئامېرىكا 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان، پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئارقىلىق بېيىغان، دەپ قاراپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا «دۇنيانىڭ غوجىسى» ئىدى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا فورد شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارغا قاراپلا، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنى ئامېرىكىلىق مېخانىك ھېنرى فورد قۇرۇپ چىققان. فورد ئىنتايىن مەشھۇر ئىنژېنېر بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا غەربىي ئۆي ئېلېكتر شىركىتى، ئېدىسون يورۇتۇش شىركىتى قاتارلىق داڭلىق كارخانىلاردا ئىشلىگەن. فورد 1899-يىلى ئېدىسون شىركىتىنىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن تۇتۇپ قېلىشنى رەت قىلىپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان دېترويت ئاپتوموبىل شىركىتىگە خىزمەت ئالماشتۇرغان. بۇ چاغدا ئۇ نۇرغۇن سىناق ئاپتوموبىل تىپىنى ياساپ چىققان، لېكىن رىقابەت بەك كەسكىن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دېترويت ئاپتوموبىل شىركىتى نەچچە يىل تىجارەت قىلىپلا ۋەيران بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1902-يىلى فورد مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە فورد شىركىتىنى قۇرغان، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا شېرىكلىرى فوردنى سىقىپ چىقارغان. فورد شۇ سەۋەبتىن ئۆزىگە تەۋە بىر شىركەت قۇرغان، مانا بۇ بۈگۈنكى داڭلىق فورد ئاپتوموبىل شىركىتى. كېيىن فورد شىركىتى ئىسىمىنى كادىلاك ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئۆزگەرتكەن، كېيىن ھەممىباب شىركەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان.

ھېنرى فورد ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، بارلىق زېھنىنى ئاپتوموبىل تەتقىقاتىغا قاراتقان. 1908-يىلى فورد T تىپلىق ئاپتوموبىلنى بازارغا سالغان، بۇ ئاپتوموبىل دۇنيادىكى ئادەتتىكى پۇقرالارغا تەۋە تۇنجى ئاپتوموبىل بولۇپ قالدى. 1913-يىلى فورد ئاپتوموبىل شىركىتى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى ئاقما لىنىيەنى ئېچىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائەت ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈردى. T تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ لايىھەلىنىشى ئاددىي، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا بازار ئېچىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولدى. 1918-يىلى ئامېرىكا كوچىلىرىدا يۈرگەن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسى فورد شىركىتى ئىشلەپچىقارغان T تىپلىق ئاپتوموبىللار ئىدى. T تىپلىق ئاپتوموبىل بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ 1927-يىلى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغانغا قەدەر، فورد شىركىتى جەمئىي 15 مىليون دانە T تىپلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى. ھازىرغا قەدەر، دۇنيادىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال چوڭ دۆلىتى بولغان جۇڭگومۇ بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى.

1915-يىلى، ئامېرىكا فورد شىركىتى بىر يىلدا ياسىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 14 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. مۇشۇنىڭدىنلا، ئەينى چاغدىكى فورد شىركىتىنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك سانائەت سىستېمىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى خالاس. فورد ئاپتوموبىلىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پەقەت نيۇيورك شەھىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانىلا ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. 1929-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە بولغان چوڭ كاساتچىلىق مەزگىلىدىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى يەنىلا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ، يەر شارى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان. فورد ئەپەندى بۇنىڭ ئۈچۈن «دۇنياغا چاق ئورنىتىدىغان ئادەم» دەپ ھۆرمەتلىنىپ، دۇنياغا داڭلىق «ئاپتوموبىل ئاتىسى» غا ئايلانغان.

فورد ئاپتوموبىلى ئامېرىكا سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆزگەرتتى. 1921-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى خاردىن فورد بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئەڭ قالتىس بىر شىركەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ماختىغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، دۇنيادىكى يېرىم ئاپتوموبىلنى ئامېرىكا فورد شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. بۇنىڭدىنمۇ ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. پەقەت بىر فورد شىركىتىلا دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. 15 مىليون ئاپتوموبىل كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېتىشىۋېلىش تەس بولغان ئېگىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ئامېرىكا سانائەت ساھەسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، رەقىبى قالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنىدى. شۇڭا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى دېيىش تۈپتىن خاتا. چۈنكى، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئىنتايىن قۇدرەت تاپقان، ئامېرىكىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، پەقەت تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىدى خالاس.

پېئارل-خاربور ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، خىدېكى توجىيو (ئەينى چاغدىكى باش ۋەزىر) ئىسوروكو ياماموتو (ئەينى چاغدىكى ياپونىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ قوماندانى) دىن ئامېرىكا پېئارل-خاربور پورتىغا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىشتىكى پىكرىنى سورىغان. ئۇزاق مۇددەت ئامېرىكىدا تۇرغان ئىسوروكو ياماموتو پەقەت سۇس ھالدا: «سىز ئامېرىكىنىڭ دېترويتىغا بېرىپ باققانمۇ؟ سىز دېترويتنىڭ ھەر كۈنلۈك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ. ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا بىز ئەڭ كۆپ بولغاندا يېرىم يىل بەرداشلىق بېرەلەيمىز» دېگەن. ئىسوروكو ياماموتودىن ئىبارەت بۇ «ئامېرىكاپەرەس» نىڭمۇ ئامېرىكىدىن قورقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئاپتوموبىل سانائىتى ئامېرىكا سانائىتىنىڭ سىمۋولى، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك سانائەت سىستېمىسىنىڭ بىر بۇرجىكى. ئامېرىكا قانچىلىك كۈچلۈك؟ بۇنىڭغا فورد شىركىتى جاۋاب بەردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top