• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئىنسانىيەت پات ئارىدا تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە كىرىدۇ

ئىنسانىيەت پات ئارىدا تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە كىرىدۇ

تەرجىمىدە زۆھەل

ئىنسانىيەت پات ئارىدا يېڭى بىر چوڭ دەۋرگە كىرىدۇ! بۇ يېڭى دەۋر 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا تورى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋردۇر. زور مىقداردىكى رېئال ۋاقىتلىق خەۋەرلىشىش ۋە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى، بۇلۇت ھېسابلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ، مىڭلىغان شەيئىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇش مەۋجۇت ھالەت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالىدۇ.

يۈزلەنمەكچى بولغىنىمىز سانائەت 4.0 يەنى تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىملىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا:
بىرىنچى قېتىملىقى، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مېخانىكىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قول ئەمگىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىقى: 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىقى: 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن ئاپتوماتلاشقان ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز پات ئارىدا تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىغا يەنى يېڭى بىر دەۋرگە كىرىمىز!

ھازىرچە سانائەت 4.0 نىڭ زادى نېمىنى ۋەكىل قىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ نىشانى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىقى ئوخشاش. يەنى ھەممىسىلا رېئال ئەمگەك كۈچلىرى (ئادەم ۋە قورال-سايمانلار) نىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قاندۇرالماسلىقى سەۋەبىدىن بولغان. مەيلى قانچىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى بولسۇن، سانائەت ياسىمىچىلىقى قوغلىشىدىغان يادرو ئۆزگەرمىدى، يەنى بىخەتەر، مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بولۇش شەرتى ئاستىدا ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلدى.

سانائەت سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىك، مۇقىملىققا بولغان تەلىپى ناھايىتى قاتتىق. چۈنكى ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان چوڭ ھادىسە يۈز بېرىشى، ئىنتايىن چوڭ ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مىسال ئالساق، سىز 100 دوللار خەجلەپ توك قازىنى سېتىۋالدىڭىز، ئەگەر ياخشى چىقماي قالسا، كۆپ بولغاندا 100 دوللار زىيان تارتىسىز. ئەمما، ئەگەر سىز 100 دوللار خەجلەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا بىر زاپچاس سېتىۋېلىپ، سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ھادىسە كېلىپ چىقسا، ئۇنداقتا قانچە پۇل زىيان تارتىسىز؟

شۇڭا، سانائەت 4.0 نىڭ بارلىققا كېلىشى، جەزمەنكى نۆۋەتتىكى ئاپتوماتلاشقان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىقى سەۋەبلىك بولغان. سانائەت 4.0 نى ئومۇملاشتۇرۇشتا، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئارقىلىق ياساشنىڭ ئىشەنچلىك ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
«ئۈچ گەۋدىلىك ئەقلىي ئىقتىدار ئىنقىلابى» نىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، ئەقلىي ئىقتىدار دېگىنىمىز ھالەتنى سېزىش، ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىش، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش، دەل جايىدا ئىجرا قىلىش، ئۆگىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماشىنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا بىرلىشىش زۆرۈر. شۇڭا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا بىرلىشىش سانائەت 4.0 نىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ قالىدۇ.

بىز پات ئارىدا تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىغا يەنى يېڭى بىر دەۋرگە كىرىمىز! ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋر ئاللىقاچان قانات يايدۇرۇلدى. بىز يەنە سانلىق مەلۇمات بىلەن ماشىنا ئەقلىي ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتىۋالىمىز، ئۇنداقتا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگىرىش دەۋرىدە، بىزنىڭ پۇرسىتىمىز زادى نېمە؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top