• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرى ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قانداق تۆھپىلەرنى قوشقان؟

ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرى ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قانداق تۆھپىلەرنى قوشقان؟

تەرجىمىدە شىرجان

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوموبىل ياۋروپادا كەشىپ قىلىنغان، بىراق ئالدىنقى ئەسىردىكى قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىمۇ ئاپتوموبىل سانائىتىگە سەل قاراشقا بولمىغۇدەك زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بۈگۈنكى بۇ ماقالىمىزدە بىز ئامېرىكا ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز:

ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسى، سۇيۇر شەكىللىك ئاپتوموبىل ۋە ئۇقۇم ئاپتوموبىلى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى ئاپتوموبىل ئەمدىلا كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر ئاپتوموبىلنى ياساپ-قۇراشتۇرۇپ بولۇشىغا 700 نەچچە سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى، شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىمۇ 4700 دوللار ئەتراپىدا ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چاغلاردا ئاپتوموبىل پەقەت ئاز بىر قىسىم باي-زەردارلار قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭلا ئويۇنچۇقى ئىدى.

فورد شىركىتى ئەينى ۋاقىتتا چىقارغان T شەكىللىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى 800 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، بىراق ھېنرى فورد يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇلنىڭ بولۇشىنى، باھانى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاپتوموبىللىق قىلىشنى ئۈمىت قىلاتتى، بىر قېتىم ئۇ تاسادىپى ھالدا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش توغرىسىدا يېزىلغان دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاقما لىنىيىسى ئۇقۇمىنى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىدۇ.

ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ھەر بىر ئىشچى ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ بىر كىچىك بۆلىكىدىلا ئىشلەپ، مۇقىم ھالدا مەلۇم بىر زاپچاسنى قۇراشتۇرۇشقىلا مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرۇپ بولۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئەسلىدىكى 700 نەچچە سائەتتىن پەقەت 12. 5 سائەتكە قىسقىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقما لىنىيىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشچىلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتالايدىغان بولغاچقا، ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىمۇ 850 ئامېرىكا دوللىرىدىن 360 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشىدۇ.

ئەرزان باھا فوردنىڭ T شەكىللىك ئاپتوموبىللىرىنى تېخىمۇ زور ئالقىشقا ئىگە قىلىدۇ، 1921-يىلىغا كەلگەندە فوردنىڭ T شەكىللىك ئاپتوموبىلىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاپتوموبىل ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %56. 6 نى ئىگەللەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئاقما شەكىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1934-يىلى كرايسلېر Airflow ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، بازاردىكى بارلىق ئاپتوموبىللار ئوخشاشلا تۆت بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، خۇددى بىر ماڭالايدىغان تۆمۈر ساندۇققا ئوخشايتتى.

ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك ئاپتوموبىل ئەسلى ئات ھارۋىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ياسالغان تۇغۇندى مەھسۇلات، شۇنىڭ ئۈچۈن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ گەۋدىسى بىردەك ھالدا ئەينى يىللىرىدىكى ئات ھارۋىلىرىنىڭ ساندۇقسىمان شەكلىنى ساقلىغان ئىدى.

بىراق ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى تەتقىقاتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ھاۋا قارشىلىق كۈچىنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەت كۈچى ۋە ئېنىرگىيە سەرپىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن كرايسلېر تۇنجى قېتىم يۈرەكلىك ھالدا سۇيۇ شەكىللىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى لايىھىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دەسلەپكى مەزگىللەردە شامال تونېلى سىنىقى پەقەت ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىدىلا ئىشلىتىلەتتى، بىراق كرايسلېر شىركىتىنىڭ ئېنژىنېرلىرى كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئاپتوموبىلنىمۇ شامال تونېلىغا كىرگۈزۈپ، ئايروپىلانغا ئوخشاش شامال قارشىلىق كۈچى سىنىقىغا قاتناشتۇرىدۇ.

بىراق كرايسلېر شىركىتى زور سوممىلىق تەتقىقات خىراجىتى سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان سۇيۇر شەكىللىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى باشقا ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئېستىمالچىلارنىڭ ئىستېتىك ئۆلچىمى پەقەت تۈز ۋە تەكشى تۆتبۇرجەك ئاپتوموبىل شەكلىدىلا توختاپ قالغان بولۇپ، توساتتىن پەيدا بولغان بۇ يۇمىلاق شەكىللىك ئاپتوموبىل ئۇلارنىڭ نەزىرىگە خۇددى ئاپتوموبىللار ئىچىدىكى غەلىتە مەخلۇق بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.

گەرچە بۇ قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىشى ھەرىكىتى كرايسلېر شىركىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە تاس قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ھەر قايسى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى سۇيۇر شەكىللىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلايدۇ، كرايسلېر Airflow ئاپتوموبىلىمۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئاپتوموبىل تاشقى شەكىل لايىھەسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكېترىگە ئىگە بولغىنى تويوتانىڭ AA ئاپتوموبىلى ئىدى. تويوتا شىركىتىمۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى چاققانلىق قىلغان بولۇپ، Airflow ئاپتوموبىلى ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەندە ئۇلار بۇ ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ پۈتۈنلەي چۇۋۇپ تەھلىل قىلىدۇ ۋە 1935-يىلى ئۈچ دانە تويوتا A1 ئەسلى تىپلىق ئاپتوموبىلىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تويوتا AA ئاپتوموبىلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تويوتا نۇسخىسىدىكى Airflow ئاپتوموبىلى ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان خاررى ئېرل تۇنجى بولۇپ يېپىشقاق لايدىن ئاپتوموبىل گەۋدىسى موېلى ياساش ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئەينى ۋاقىتتا كادىلاك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فىلوئىد فىشېرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، كېيىن فىشېر ئاتايىتەن كالفورنىيەگە كېلىپ خاررى ئېرلنى ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىق شىركىتىگە كېلىپ، كادىلاك ئاپتوموبىللىرىنى لايىھىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئېرلنىڭ رىۋايەتكە تولغان ئاپتوموبىل لايىھەلەش ھاياتىمۇ شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.

ئېرل كادىلاك شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن لايىھىلىگەن تۇنجى ئاپتوموبىلى LaSalle «ئاپتوموبىللار ئىچىدىكى بەدىئى سەنئەت ئەسىرى»دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خاررى ئېرل ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ قارىمىقىدىكى باشقا ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدە لايىھىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېڭىچە مودا ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ.

1937-يىلى ھەممىباب شىركىتى شۇ ۋاقىتتىكى باش لايىھىلىگۈچى خاررى ئېرلنىڭ يېتەكچىلىكىدە بېك Y-job ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپى ئەمەس بولۇپ، مەقسەت جامائەتچىلىككە يېڭى تېخنىكا ۋە لايىھىنى نامايەن قىلىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى توپلاش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپتوموبىل دۇنيا بويىچە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Y-job ئاپتوموبىلى شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە بېك ئاپتوموبىللىرىنىڭ لايىھە قارىشىغا ئاساس سالدى، شۇنداقلا يەنە دۇنيا ئاپتوموبىلچىلىق سانائىتى ئۈچۈن ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى تىكلەپ بەردى.

ھاۋا تەڭشىگۈچ، تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ، ئاپتوماتىك خوت، مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىق ۋىللىس كاررىئېر 1902-يىلىلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى كەشىپ قىلغان، بىراق 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاپتوموبىلغا سەپلىنىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ بارلىققا كەلگەن.

1933-يىلى نىيۇيوركتىكى بىر ھاۋا تەڭشىگۈچ شىركىتى ئاپتوموبىل ئۈچۈن ياسالغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاپتوموبىللارغا سەپلەشكە باشلىغان، بىراق ئەينى چاغدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ دەپ ئاتالغان قۇرۇلما پەقەت ئاپتوموبىل ئىچىگە قۇراشتۇرۇلغان ئىسسىتقۇچ بولۇپ، ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئارقىلىق ھاۋانى ئىسسىتىپ، ئاندىن ئىسسىغان ھاۋانى ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرگۈزۈپ بېرەتتى. بۇنداق قۇرۇلما ھازىرغا نىسبەتەن قارىماققا تولىمۇ ئاددى بولۇپ ھېسابلانسىمۇ بىراق ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىنتايىن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نەرسە ئىدى. سوغۇق ھاۋا چىقىرالايدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى 1938-يىلى ئامېرىكىلىق پالد توڭلاتقۇنىڭ سوۋۇتۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ سوۋۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ لىنكولىن V12 تىپلىق بىر ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن.

1939-يىلى ئامېرىكىدىكى پاسكارد ئاپتوموبىل شىركىتى ئاپتوموبىلغا سەپلىنىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ياساپ چىققان ۋە بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۆز شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارغا سەپلەشكە باشلىغان. بىراق بۇ زور ھاۋا تەڭشىگۈچ سېستىمىسى ئاپتوموبىلنىڭ كەينى ساندۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بوشلۇقىنى ئىگەللەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ۋىكلىيۇچاتېل قۇرۇلمىسى يوق بولۇپ، پەقەت شامال پۈۋلەش ئۈسكۈنىسىنى ئېتىۋېتىش ئارقىلىق سوغۇق ھاۋانىڭ ئاپتوموبىل بۆلمىسىگە كىرىشنى توسۇشقا توغرا كېلەتتى، بىراق پەقەت ھەرىكەت ئۇزاتقۇچى تاسما ۋە پېرىسلاش ماشىنىسى تۇتاشتۇرۇلغان بولسىلا ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقان چاغدا سوغۇق ھاۋا توختىماي ئاپتوموبىل بۆلمىسىگە كىرىپ تۇراتتى. يەنە بىر تەرىپى بۇ بىر يۈرۈش ھاۋا تەڭشىگۈچ سېستىمىسىنىڭ باھاسى 274 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن خېلىلا زور چىقىم بولۇپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا 1941-يىلى پاسكارد شىركىتى بۇ ئاپتوموبىل ھاۋا تەڭشىگۈچىدىن ۋاز كەچكەن، بىراق قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پاسكارد ئاپتوموبىلى دۇنيادىكى تۇنجى ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن ئاپتوموبىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ساھەدىكى بىرىنچىلىكنى سائابقا تەۋە دەپ قارايدۇ.

توغرا، ئايروپىلان ياساش بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن سائاب ھەقىقەتەنمۇ تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرغان، بىراق تۇنجى بولۇپ تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل بىر دېزىل ماتورلۇق پىكارد ئاپتوموبىلى ئىدى، تۇنجى بېنزىن تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ سەپلەنگەن پىكاپ 1962-يىلى بازارغا سېلىنغان ئولدسىموبېل F-85 Jetriire ئاپتوموبىلىدۇر.

بۇرۇنقى 3. 5لېتىرلىق V8 تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 218 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنىتى 408 نىيۇتون مېتىر ئىدى، گەرچە بۇ سانلىق قىممەتلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئوخشاش دەرىجىلىك پىكاپلار ئارىسىدا ناھايىتى قالتىس ھېسابلانسىمۇ بىراق ئۇ يىللاردىكى ئامېرىكىلىقلار گاز چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ئۆزلۈكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتورلارغا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ كەتكەچكە تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتوردىن ئىبارەت بۇ «غەيرى تۈر»گە ئانچە قىزىقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى ئادەتتىكى تىپىدىن 300 ئامېرىكا دوللىرى قىممەت بولغاچقا تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن ئولدسىموبېل F-85 Jetriire ئاپتوموبىلىدىن پەقەت 3765 يۈرۈشلا سېتىلغان.

ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ئەنگىلىيەدىكى Vulcan ناملىق بىر ئاپتوموبىل شىركىتى كەشىپ قىلغان بولۇپ، قىسىلغان ھاۋانى ھەرىكەت ئۇزىتىش ۋاستىسى قىلغان بۇ ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئىككى ئالدى خوتى بار ئىدى، بىراق بۇ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە ئانچە پىشىپ-يېتىلمىگەن بولغاچقا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا سەپلەنمىگەن. 1932-يىلى بىرازىلىيەلىك ئىككى ئىنژىنېر تۇنجى سۇيۇق بېسىملىق ماي ئىشلىتىلگەن ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار بۇ كەشپىياتىنى ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىق شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن بولۇپ، كادىلاكنىڭ ئىنژېنىرى ئېرل تامپىسون ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى بۇ كەشپىياتنى ئۆتكۈزىۋالغان.

1934-يىلى ئۇلار پۈتۈن تولغىنىش مومېنىتى ئاستىدا خوتنى ئالماشتۇرالايدىغان ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا Hydra-Matic دەپ نام بەرگەن. 1935-يىلى بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن بۇ ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ئولدسىموبېل ماركىلىق پىكاپقا سەپلەپ ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلغان.

1939-يىلى ھەممىباب شىركىتى Hydra-Matic ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغان، بىراق دەسلىپىدە پەقەت ئولدسىموبېل پىكاپلىرىغىلا بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى سەپلىگەن، ئېنىقكى ئۇلار ئولدسىموبېل ماركىسىنى قالقان قىلماقچى بولغان، ياخشى يېرى Hydra-Matic ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان.

1940-يىلىدىن باشلاپ ھەممىباب شىركىتى كادىلاك، پونتىياك قاتارلىق باشقا ماركىلارغىمۇ بۇ ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى سەپلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئولدسىموبېل ئاپتوموبىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ قالغان.

بەلكىم سىز ئاپتوموبىلدىكى مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش ئىقتىدارىنى بىر ئەما ئادەمنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندىكى بىر قېتىملىق بىئاراملىق تۈپەيلى بۇ كەشپىياتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتىڭىز! ئامېرىكىلىق ئەما كەشىپىياتچى رالىف تېتتىر بىر قېتىم ئادۋوكاتىنىڭ پىكاۋىغا ئولتۇرغاندا ئادۋوكاتنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى، پاراڭلىشىپ بولغاندا يەنە سۈرئەتنىڭ تېزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمالارنىڭ بەدەن سېزىمى ئادەتتىكى ئادەملەردىن سەزگۈررەك بولغاچقا بەزىدە ئاستا بەزىدە ئىتتىك ماڭىدىغان بۇ خىل ھېسيات رالىفنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ مۇقىم سۈرئىتىنى ساقلىغىلى بولىدىغان بىر قۇرۇلما ياساپ چىققىلى بولماسمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئويلايدۇ.

ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 1945-يىلىغا كەلگەندا رالىف راستىنلا بۇ ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ « Controlmatic»، «Touchomatic»، «Pressomatic» ۋە «Speedostat»دېگەن بىر نەچچە ئىسىمنى ئويلىشىپ ئاخىرىدا بۇ ئۈسكۈنىگە «Cruise Control» (مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش) دەپ نام بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش سېستىمىسى ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئۆلچەپ بېكىتپ، ئاندىن ئېلېكتروماگنىتلىق سولېنوئىدلىق گاز تەڭشەش كلاپانىنى تەڭشەش ئارقىلىق سۈرئەتنى كونترول قىلىىدىغان بولۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى

مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش ئىقتىدارى كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلمىگەن، 1958-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تۇنجى بولۇپ كرايسلېر Imperial تىپلىق ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن ۋە « Auto Pilot» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىدە ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى ئارقىلىق سۈرئەت مۇقىملاشتۇرۇلغان ھەمدە بىر قوش يۆنىلىشلىك ئايلانما ھەرىكەت ئۇزۇتۇش ئېلېكر ماشىنىسى ئارقىلىق ماي كلاپانىنىڭ ئورنى تەڭشەلگەن.

مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش ئىقتىدارى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردە ئومۇملاشقان، شۇ يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسىدىن كېيىن كىشىلەر بۇ ئىقتىدارنىڭ يېقىلغۇ ماينى تېجەشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئېستىمالچىلار مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش ئىقتىدارى سەپلەنگەن ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان.

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئاپتوموبىل ماركىلىرى ياراتقان «تارىختىكى تۇنجى»لار پەقەت يۇقىرىقىلارلا ئەمەس، بىراق ماتېرىيال مەنبەلىرىنىڭ چەكلىك بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىز پەقەت مۇشۇلارنىلا رەتلەپ چىقالىدۇق، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئامېرىكا ئىلگىرىكى يىللاردا توپلىغان ئەمەلى كۈچىگە تايىنىپ، ئاپتوموبىلچىلىق سانائىتىگە ھەقىقەتەنمۇ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان، ئەپسۇسلىنارلىقى كېيىنكى نېفىت كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىلچىلىق سانائىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل جەھەتتىكى ئورنى ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بىراق ھازىر يېڭى ئېنىرگىيىلىك ئاپتوموبىللار دەۋرى بىزگە قاراپ يېتىپ كەلمەكتە، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئامېرىكا ئاپتوموبىل شىركەتلىرى يەنە بىر قېتىم بۇ ساھەنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىدۇ، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان رىقابەتچىلىرى ئالدىدا ئۇلار ئالدىنقى ئەسىردە ياراتقان رىۋايىتىنى يەنە تەكرارلىيالامدۇ؟ بۇنى يەنىلا ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top