• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياسىمىچىلىقتا ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتقا، ياپونىيە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ

ياسىمىچىلىقتا ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتقا، ياپونىيە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ

تەرجىمىدە نەۋدارجان

بىر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۇ شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل. دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ياسىمىچىلىق كەسپى مۇھىم ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. ساياھەتچىلىك ۋە مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ئۈچىنچى كەسىپكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ياسىمىچىلىق كەسپى ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ يادروسى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش بولمىغان نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر شارى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدا سانائەتنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش زۆرۈر. گېرمانىيە ياسىمىچىلىقى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىدۇ، ياپونىيە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتقا تايىنىدۇ.

تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق، يېقىنقى 200 يىللىق سانائەت جۇغلانمىسىدا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق سانائەت كۈچلۈك دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن روشەن ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەنلىكىنى بايقايمىز: ئامېرىكا نۇرغۇن ساھە ۋە كارخانىلاردا سانلىق مەلۇمات تەھلىلىنى قوللاندى، چۈنكى ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات ۋە كۆچمەنلەردىن يېڭى بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ بىلىملەردىن پايدىلىنالايدۇ ۋە مەسىلىلەرگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرەلەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سانلىق مەلۇمات. گېرمانىيەنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىمۇ دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، جابدۇقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، گېرمانىيەنىڭ ياسىمىچىلىقى ياخشى ماركىغا ئىگە بولدى. گېرمانىيە ياسىمىچىلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، ھەر خىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئوخشىمىغان زاپچاس ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

ياپونىيە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەدەنىيەت تەشكىللەش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ، بىلىم ۋە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە ئادەمگە ئىنتايىن تايىنىدۇ. ئۈسكۈنە، پەن-تېخنىكا ئىجادىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا موھتاج، بىزنىڭ قارىشىمىزدا جەمئىيەتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئانچە ئورنى يوق، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھۈنەرۋەنلىك روھى ۋە كەسپىي خادىملار روھى ئىنتايىن قويۇق، ياپونىيە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر بىر دۆلەت ياسىمىچىلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ، لېكىن بىردىنبىر سۈرئەت ئۆزگەرتىش كىمنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلالىشىغا باغلىق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top