• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » سىز ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپمۇ؟

سىز ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپمۇ؟

تەرجىمىدە فايىزە

ھۆرمەت قىلىشنى بىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئەقەللىي ساۋات. باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەت قىلىشى ئۇلارنىڭ بەك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

باشقىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرگەنلەر ھەر ۋاقىت باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۆزىنى ئادەم قاتارىدا كۆرگەنلەر ھەر ۋاقىت باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. مەيلى قانداق ئورۇندا تۇرايلى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك.

ياش ۋاقتىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنى مەن بەك مۇنەۋۋەر بولغاچقا باشقىلار مىنى ھۆرمەتلەيدۇ دەپ ئويلايتتۇق. كېيىن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، باشقىلارنىڭ بىزنى ھۆرمەتلىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ ناھايىتى مۇنەۋۋەر بولغانلىقىدىن بولغانىكەن. مۇنەۋۋەر كىشىلەر باشقىلارنى قانداق ھۆرمەتلەشنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ.
مۇنداق بىر كىچىك ھېكايە بار:

ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىر قېتىم پادىشاھ يولدا بىر تىلەمچىنى ئۇچرىتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بۇ تىلەمچىگە كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويماپتۇ. ئەمما تىلەمچى ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئىگىلىپ پادىشاھقا سالام بېرىپتۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پادىشاھمۇ دەرھال سالام قايتۇرۇپتۇ. يېنىدىكى ھەمراھلىرى پادىشاھتىن: «سىز ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان پادىشاھ تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئورنى شۇنچە تۆۋەن تىلەمچىگە بۇنچە ھۆرمەت بىلدۈرىسىز؟» دەپ سورىشىپتۇ.

پادىشاھ: «ھەتتا تىلەمچىمۇ ئەدەپ-قائىدىنى بىلگەن يەردە مەن بىلمىسەم بولامدۇ؟ ئەگەر مەن سالام قايتۇرمىسام ئۇنىڭغا يېتەلمەي قالمامدىم؟ ئادەمنىڭ سالاھىيىتى قانچىلىك يۇقىرى بولسۇن ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىش كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ جاۋابى باشقىلارنى تولىمۇ خىجىل قىپتۇ.

مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئۆز قەلبى بىلەن باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوبۇل قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئورۇن-مەرتىۋىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس، ئادىمىيلىك مۇھىم دەپ قاراپ ھەر بىر ئادەمگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. باشقىلارغا سەل قارىمايدۇ.

باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

كۆپ ۋاقىتلاردا سىزدىكى ھۆرمەت تۇيغۇسى مەقسەتسىزلا سىزنى مۇكەممەل قىلىپ قويىدۇ.

مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر مەكتەپداش ئاكام مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇيتتى. نەتىجىسى ياخشى بولۇپ ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇراتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ داڭلىق مېھمانساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى، يىللىق مائاشىمۇ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن خېلى يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئەينى چاغدا تەكلىپ قىلىنغان خىزمەت ئورنى باش دېرىكتور ياردەمچىسى بولۇپ، ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ناھايىتى كۆپ، ئىختىساسلىقلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. لېكىن ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئۆتكىنى ئۇنىڭ بىلەن باشقا بىر قىز بولدى. ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ئۇ ئىككىسى باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يولدا بىر تازىلىق ئىشچىسى ھەدە ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇنى ئۇ ئىككىيلەنگە چېچىۋەتتى. تازىلىقچى ھەدە توختىماي كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ئۇ قىز يەنىلا يول قويمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەكىس ئەتكىنى پەقەت تازىلىقچىنى كۆزگە ئىلماسلىقلا ئىدى. ئۇ ھەتتا ئاغزىنى بۇزۇپ «سىز بىر تازىلىقچى تۇرۇپ تازىلىق قىلىشنىمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدىڭىز يارىماس» دەپ تىللىدى. ئەكسىچە مەكتەپداش ئاكام بولسا ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ، تازىلىقچى ھەدىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ ئىككىسى باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئۇ قىز بىۋاسىتە شاللىۋېتىلدى.

ئەسلىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان يۈزتۇرانە ئىمتىھان سىنىقى دەل تازىلىقچى ئىدى. باش دىرېكتور چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇلازىمەت كەسپىگە كۆڭلىدە باشقىلارغىمۇ ئورۇن بېرىدىغان، باشقىلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ھېساپلاشماي ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەملەر ماس كېلىدۇ».
باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى بىلىدۇ، يەنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ باشقىلارغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئويلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جاپاسىنى كۆرىدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز روھىيىتىنى بىيىتقىلى بولىدۇ؛ باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى، ئۆزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلغىلى بولىدۇ.

ھۆرمەتلەشنى بىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك دەسمايىسى شۇنداقلا ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىدىكى ئالتۇن پەلەمپەيدۇر. باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ قەلبى سەمىمىي، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مىجەز-خاراكتېرى دوستانە بولىدۇ.

باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئادەم ھەقىقىي مۇنەۋۋەر ئادەم!

ئۇ ھەممە يەردە نۇر چېچىپ كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆزنى قاماشتۇرالايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top