• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » دۇنياۋى ماركا پورسچى ھەققىدە ئۆچمەس رىۋايەت

دۇنياۋى ماركا پورسچى ھەققىدە ئۆچمەس رىۋايەت

تەرجىمىدە يۇپېتېر

فېردىناند پورسچى ئەزەلدىن سىستېمىلىق تەربىيە قوبۇل قىلىپ باقمىغان، لېكىن چاق بۇلى (چاق چەمبىرىكى) ئېلېكتىر دىۋىگاتېلنى كەشىپ قىلغان. 1875-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى فېردىناند پورسچى ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە بوسىنىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان بولۇپ دادىسى تۆمۈرچى ئىدى، فېردىناند كىچىكىدىن تارتىپلا مېخانىكىغا ناھايىتى زور ئىشتىياق باغلىغان، دائىم ئۆيدە ئۆزى قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەيتتى. لېكىن دادىسى ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ماشىنىسازلىق بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىش ئۈچۈن فېردىناند كۈندۈزى دادىسىنىڭ دۇكىنىدا ياردەملىشىپ، كەچتە تېخنىكا مەكتىپىگە بېرىپ ماشىنىسازلىق بىلىملىرىنى ئۆگەندى.

1893-يىلى 18 ياشلىق فېردىناند ئۆزى يالغۇز ۋيېناغا كېلىپ، بىر ئېلېكتىرون شىركىتىدە شاگىرت بولىدۇ. ئۇ تىرىشچان بولۇپ ۋاقتى چىقسىلا شۇ جايدىكى سانائەت ئىنىستىتوتى بېرىپ ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكتىرون دەرسلىرىنى سىرتتىن ئاڭلايتتى، ئۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر شاگىرتىدىن مەھسۇلات سىناق مەركىزىنىڭ دىرېكتورىغا ئايلانغانىدى.

1896-يىلى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن فېردىناند چاق بۇلى گېنېراتورىنى كەشىپ قىلغان ھەم ئىككىنچى يىلى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. بۇ چاغدا فېردىناند لونېر بىلەن تونۇشقان، لونېر بىر ئات ھارۋا زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. لونېرنىڭ زاۋۇتى ئاقسۆڭەكلەر ئۈچۈن ئات ھارۋا ياساپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئات ھارۋىسىنىڭ ئورنىنى يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم ئاپتوموبىل ئىگىلەيدىكەن، ئۇ فېردىناندنىڭ تالانتىنى كۆرۈپ، ئەگەر ئاپتوموبىل ياسىماقچى بولسا ئۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن لونېر ئۇنى ئۆز شىركىتىگە ئېلىپ كەلگەن.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل تېخنىكىسى بىر قەدەر قالاق بولغاچقا، ئېلېكتىر دىۋىگاتېل ئومۇميۈزلۈك ياخشى دەپ قارىلاتتى. قولىدا چاق بۇلى ئېلېكتىر دىۋىگاتېل پاتېنتى بار فېردىناند ئېلېكتىر موتورلۇق ئاپتوموبىلنى لايىھەلەشكە باشلىدى. 1898-يىلى ئۇلار «لونېر-پورسىچى» دەپ ئاتىلىدىغان قوش كىشىلىك ئېلېكتىر موتورلۇق ماشىنا ياساپ چىقتى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى ئالدى چاقىغا ئورنىتىلغان چاق بۇلى موتورى ئاپتوموبىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلىتەتتى. گەرچە ئەينى چاغدىكى باتارېيە ھەم چوڭ، ھەم كېلەڭسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئاپتوموبىلنى ئانچە يىراققا ھەيدىيەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلېكتىر موتورىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىۋاسىتە بولغاچقا، ئۈنۈمى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى.

1900-يىلىدىكى پارىژ دۇنيا يەرمەنكىسىدە بۇ «توكلۇق ئات ھارۋىسى» پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن پورسچى دېگەن ئىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.

ھالبۇكى فېردىناند بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ ئارقا چاق ئۈستىگە بىر يۈرۈش گېنېراتورنى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت چاق سىستېمىلىق ئاپتوموبىل دۇنياغا كەلدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 56 كىلومېتىر بولۇپ، ئاۋسترىيەنىڭ ئاپتوموبىل سۈرئىتى رېكورتىنى ياراتتى. تۆت چاق سىستېمىلىق ئاپتوموبىل سۈرئىتى تېزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما باتارېيەسى تېخىمۇ كېلەڭسىز ئىدى، شۇنىڭ بىلەن فېردىناند ئاپتوموبىلغا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ئورنىتىپ، بېنزىن موتور ئارقىلىق ئېلېكتىر موتورنى قوزغاتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا بويىچە تۇنجى ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دۇنياغا كەلدى. بۇ ئاپتوموبىل 1900-يىلى كۈزدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ فېردىناند ئاپتوموبىلنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۇ بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان بېنزىن موتورىدىن ئىككىنى ئورنىتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىككى ئېلېكتىر موتورنى ھەرىكەتلەندۈرگەن.

1901-يىلى فېردىناند يەنە Mixte ئاپتوموبىل تىپىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ موتورى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىغا دايملېر تۆت سىلىندىرلىق موتور قويۇشقا بولاتتى (دايملېر بىلەن مايباخ 1885-يىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ئورتاق ياساپ چىققاندىن كېيىن، دايملېر دىۋىگاتېل شىركىتى قۇرۇلغان)، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، 1901-يىلىدىكى ئاۋسترىيە ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

فېردىناند لونېر ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا 1905-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، 1906-يىلى دايملېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئاۋسترىيەدىكى شۆبە شىركىتىگە كېلىپ تېخنىكا باش نازارەتچىسى بولغان. دايملېر ئاپتوموبىل شىركىتىدە فېردىناند ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئايرودىنامىكا پىرىنسىپىنى قوللانغان ئاپتوموبىل ــ 80/27 تىپلىق ئاپتوموبىلنى لايىھەلەپ چىققان.

بۇ ئاپتوموبىل ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 85 ئات كۈچى بولۇپ 1910-يىلىدىكى «ھېنرىچ پادىشاھ لوڭقىسى» ئۇزۇن يوللۇق سىناق مۇسابىقىسىدە، سائىتىگە 135 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چېپىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.

ئەمـما دايملېر ئاپتوموبىل شىركىتىدىكى بۇ مەزگىلدە فېردىناند كۆپىنچە ئارمىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پويىز، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئايروپىلان ماتورى قاتارلىقلارنى لايىھەلىگەن. 1914-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا دايملېر ئاۋسترىيە شۆبە شىركىتى ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلانغان، بۇ چاغدا فېردىناند باش لايىھەلىگۈچى بولغان.

1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دايملېر ئاۋسترىيە شۆبە شىركىتى پۇقراۋى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1922-يىلى فېردىناند يېنىك ھەم يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل «ساشا»نى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل ئۆزىنىڭ چىداملىقلىقى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى دايملېر شىركىتى «پۇقرالار ئاپتوموبىلى»نى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمىغاچقا، بۇ خىل ئاپتوموبىل ئەڭ ئاخىرىدا كۆلەملەشمىگەن. شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا قارىتا ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، فېردىناند ئاۋسترىيە دايملېر شىركىتىدىن چىقىپ كەتكەن.

بىرنەچچە ئايدىن كېيىن فېردىناند ستۇتگىرات دايملېر ئاپتوموبىل شىركىتىگە كىرىپ تېخنىكا باش نازارەتچىسى بولىدۇ. 1926-يىلى دايملېر ئاپتوموبىل شىركىتى بېنىز ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ دايملېر-بېنىز ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقارغان ماشىنىسىنىڭ نامى« مېرسېدېس-بېنىز» دەپ ئاتالغان. فېردىناند يېڭى شىركەت ئۈچۈن S،SS ،SSK قاتارلىق تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى لايىھەلىگەن. SSK بولسا 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە نۇرغۇن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچقاندەك چېپىپ غايەت زور شۆھرەت قازانغان. لېكىن فېردىناند يەنىلا كىچىك تىپتىكى پىكاپنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، قوللاشقا ئېرىشەلمەي چەتكە قېقىلىپ ئاخىر بۇ يەردىنمۇ كېتىپ قالغان.

دايملېر-بېنز ئاپتوموبىل شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئايلىنىپ يۈرۈپ، 1931-يىلى 25-ئاپرېل 55 ياشلىق فېردىناند ئاخىرى ئۆزىنىڭ شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. يېڭى شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، فېردىناند «تولغاش دەستىسى ئاسما جازىسى»نى كەشىپ قىلىپ ھەمدە پاتېنت ھوقۇقىنى رويخەتكە ئالدۇردى. بۇ چاغدا ئۇ يەنىلا ئىلگىرىكى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ھەممە ئادەم سېتىۋالالايدىغان بىر خىل ئاپتوموبىل ياساش ئىدى. گەرچە ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى قېتىم ياردەمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى قېتىمدا ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.

1945-يىلى 12-ئايدا فېردىناند ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، كۈيئوغلى ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە فىرانسىيەنىڭ تۈرمىسىگە تاشلانغان، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى فىللىي قويۇپ بېرىلگەن. ستۇتگىراتقا قايتىپ كەلگەن فىللىي مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، ئىتالىيە مۇسابىقە ئاپتوموبىلى شىركىتىگە «تەڭلىمە» مۇسابىقە ئاپتوموبىلى لايىھەلەپ بېرىشكە باشلىغان. 1948-يىلى فىللىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى لايىھەلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇلى بىلەن 73 ياشقا كىرگەن فېردىناندنى تۈرمىدىن كېپىللىككە ئېلىپ چىققان.

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن فېردىناند ئېغىر كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، ئاپتوموبىل لايىھەلەش خىزمىتىنى قايتا قولىغا ئالمىغان. 1948-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى فېردىناندنىڭ ئوغلى فللىي تەتقىق قىلىپ ياسىغان، پورسچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى «پورسچى 356» دۇنياغا كەلگەن.
بۇ چاغدا ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل زاۋۇتىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن، «قوڭغۇز»مۇ كېيىنكى كۈنلەردە سېتىش مۆجىزىسىنى ياراتقان، 1951-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى فېردىناند پورسچى تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىپ 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ دۇنيا ئاپتوموبىل تارىخىدىكى رىۋايەتلىك شەخس بولۇپ قالغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top