• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ھەر كۈنى 15 بەت كىتاب ئوقۇشنىڭ دىققەتنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار

ھەر كۈنى 15 بەت كىتاب ئوقۇشنىڭ دىققەتنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار

تەرجىمىدە خالىدە

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئامېرىكا ۋاشىنگتون شەھىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇنۋېرسىتىنىڭ تىلشۇناسلىق پروفېسسورى دوكتور نىئومى. S. بارون يېقىندا تەتقىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش ۈچۈن كىچىك نىشان بەلگىلەش كېرەك، ھەر كۈنى پەقەت 15 بەت ئوقۇپلا، ئويلاپ باقمىغان پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەردىن ھەر كۈنى 15 بەتتىن كىتاب ئوقۇشنى، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەردىن چوقۇم بىر سائەت كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ 15 بەت كىتاب ئوقۇشىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىنۇت ۋاقىت كەتكەن ھەمدە ياخشى بولغان ئوقۇشنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 2-گۇرۇپپىنىڭ بىر قېتىملىق ئوقۇش مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوقۇپ بولۇش ۋاقتى بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە كېچىككەن.

دوكتور بالۇن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر قىسىم كىشىلەر كىتاب ئوقۇسا «يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ»، ئەمەلىيەتتە، كونكرېت نىشان بەلگىلەپ ھەم ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندا، بىر قېلىن كىتابنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ تۈگەتكىلى، يەنە ياخشى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە چالغۇ مەشىق قىلىشقا ئوخشاش، باغلىنىشچانلىق كىتاب ئوقۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇغاندا، ئاندىن ئاساسىي تېما ۋە ۋەقەلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بالۇن دوكتور يەنە قەغەز كىتابنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش جەريانى ھەر خىل ئېزىقتۇرۇشلار تەرىپىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ھەتتا ئوقۇش پىلانى پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ. ئېلېكترونلۇق كىتاب بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قەغەز كىتاب ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ، كىتابتىكى مەزمۇن كۆزگە، مېڭىگە، يۈرەككە تېخىمۇ ياخشى كىرەلەيدۇ. قەغەز كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ يەنە بىر چوڭ پايدىسى تېخىمۇ كۈچلۈك «ئېرىشىش تۇيغۇسى»دۇر. سىز ھەر كۈنى بارمىقىڭىز بىلەن 15 بەتنى ئۆرىگەندە، ئوقۇش نىشانىڭىز ئەمەلىي، ئوقۇلمىغان قېلىنلىق بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ، ئوقۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top