• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گوروھ

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گوروھ

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گوروھ

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەھمەد

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق ھارپىسىدا، بۇ پارتىيەنىڭ دىكتاتۇر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدە تارىختىكى ئەڭ ئەشەددىي پەللىگە چىقىشى، دۇنيانىڭ دەموكراتىك، ئەركىنلىك ئەقىمىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، خەلقارالىق ئەقتىسادىي، سىياسى،سودا، دەپلوماتىك پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلماسلىقى، غەرپ ئەللىرىنىڭ ئەقتىسادىي، تەخنىكا ياردىمى بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتكەندىن كەيىن كەڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، رايون ۋە دۇنيا تەنچلىقىغا تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىشى نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ بولۇپمۇ غەرپ ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك رەۋىشتە بىرلىكسەپ تۈزۈپ ئورتاق قارشىلىقىغا دۇچ كەلىۋاتقان ۋەزىيەتتە. بۇ دىكتاتۇر پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات جەريانى ۋە ھازىرغىچە بولغان قۇرۇلمىسى، ماھىيىتى توغرىسىدا يەقىندىن بۇيان تۈرلۈك باھا، تەرىپلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز بۇ پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ بىۋاستە زۇلۇمىغا، ئەزىشىگە ئۇچرۇغىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تەمىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى چەن دۇخىئۇ (陳獨秀)،لى دازھائو (李大釗) نىڭ يىتەكچىلىكى، لىھانجۇن، زھاڭ گۇئوتائو، چەن گوڭبو ۋە مائو زەدوڭ قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1921- يىلى 7- ئايدا رەسمى شاڭ ھائىدە قۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە خەلقارا كوممۇنىزىمنىڭ يىتەكچىلىكى ۋە ياردىمىنى قوبۇل قىلغان شۇنداقلا ئەينى چاغدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بىرىنچى قەتىملىق گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى بۇزۇلغاندىن كەيىن ئىككى پارتىيە ئارىسىدا 10 يىلغا سوزۇلغان ھەربىي توقۇنۇش داۋام قىلغان. 1940- يىللاردىن باشلاپ كوممۇنىستىك پارتىيە تەدرىجى ھالدا چەت ئەلنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ، مائو زەدوڭنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە گومىنداگ پارتىيەسى بىلەن ئىككىنچى قەتىملىق ھەمكارلىقنى ئورناتقان. 1945- يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى، سوۋەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كەيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، ئىككىنچى قەتىملىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشلىغان. بۇ ئۇرۇشتا گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، خىتاي قۇرۇقلۇقىنىڭ زور كۆلەمدىكى تەرىتورىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئالىدۇ ۋە 1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1980- يىللاردىن باشاپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى باشقا ئەللەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان غەيرى كوممۇنىست پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىدى. 1989- يىلى شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قاتار چوڭ ئۆزگۈرۈش ۋە 1991- يىلىدىكى سوۋەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى، بەرلىن تەمىنىڭ ئۆرۈلىشىدىن كەيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بەشىغا چىقالمىغان كوممۇنىست پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرىپ كەلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا سىڭىپ كىرىش تاكتىكىسىنى داۋاملاشتۇردى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تۈزۈلمە قۇرۇلمىسى، ھوقۇق يۇكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بىر پارتىيەلىك دىكتاتۇر سەستىما بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇق ئورگىنىنى „مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى“ دەپ تەرىپلەيدۇ. ھەر 5 يىلدا بىر قۇرۇلتاي چاقىرىلىپ، يىلدا بىر قەرىم ئومۇمىي يىغىن ئەچىلىدۇ ۋە ھوقۇق تەقسىماتى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئەلىپ بەرىلىدۇ. مەركىزى پارتىيە كومۇتەت سىياسى بەيرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى دائىمىي ھەي ئەت ئەزالىرى ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگان ۋە شەخسلەر ھىساپلىنىدۇ. مەركىزى پارتىيە كومۇتەتىنىڭ سەكرەتارى خى جىنپىڭ بولۇپ، ئۇ 2013- يىلى 11- ئايدا تەختكە چىققاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كوممۇنىست پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى بولۇپ كەلىۋاتىدۇ. كوممۇنىست پارتىيەنىڭ 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار. ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلاملاردىكى تەشكىلاتلىرى 46 مىليوندىن ئاشىدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىيەسى ۋە ئاخىرقى نىشانى كوممۇنىزىمغا يىتىشتىن ئىبارەت.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىنى قۇرغاندىن باشلاپ، خىتاي دۆلىتىدە بىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دىكتاتور تۇزۇم ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئوزىنى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى سايلام تۈزۈمىدە بارلىققا كەلگەن دەپ ئاتايدۇ. كوممۇنىست پارتىيە مەركەزدىن تارتىپ ئاساسىي قاتلام، يەزا- كەنتلەرگىچە كەڭەيگەن. سايلامغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى مەركىزى پارتىيە كومۇتەتى يۇقۇرىدىن توۋەڭىچە ئۆزلىرى بەكىتىپ، قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. سايلانغۇچىنى سايلىغۇچىلار بىلمەيدۇ. سايلانغانلارمۇ ئوزىنى كىمنىڭ سايلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سايلىغۇچىلار كوممۇنىست پارتىيەنىڭ پەۋقۇللاددە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا بەكىتىلىدۇ. ھەرقانداق سايلام پارتىيەنىڭ نازارىتىدىن ساقىت ئەمەس.

كوممۇنىزىمنى كارل ماركىس دۇنياغا ئەكەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىنقىلاپ قىلىمىز دىگەننى ئىلگىرى سۇرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دىگىنى ئەينى چاغدا ئىنقىلىئاپ قىلىپ ھوقۇقنى ئالىمىز دىگەنلىك، يەنى جەمىيەتنىڭ ھوقۇقى، تۇزۇمنىڭ ھوقۇقىنى ئالىمەن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداقلا ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى، ئەخلاقى ھوقۇقنى ئالىمەن دىگەنلىك ئىدى ئەمما ماركىسنىڭ بۇ ئىدىيىۋى، نەزىرىيەسى پەقەتلا قۇرۇق تەسەۋۋۇر بولۇپ ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئەمىلى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھازىرلىمىغان. ماركىسنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى لەنىن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىدى. لەنىن ھوقۇقنىڭ نىمىلىگىنى چۇشەڭەن، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەم. ئۇ ماركىسنىڭ ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن يەڭى بىر ئىنقىلاۋى پارتىيە قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئىنقىلاۋى پارتىيەنىڭ پۈتۈن نىيەت، مەقسەت بىلەن ئىنقىلاپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىنقىلاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ھوقۇقنى قولغا ئەلىشنى تەكىتلىگەن. ھوقۇقنى ئالغاندىن كەيىن جەمىيەتنى ئوزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر بىر ئەدەمگىچە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىمەك بۇ پارتىيەنىڭ ئىنقىلاۋىلىلىقى خەلى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ پارتىيە ھوقۇقنىمۇ ئالالايدىغان ۋە ھوقۇقنىمۇ تۇتالايدىغان بىر پارتىيە.

يادرولۇق مەسىلە، بۇ پارتىيە نىمە ئۈچۈن شۇنچە قۇدرەتلىك ؟ ئاددىي قىلىپ ئەيتقاندا كوممۇنىست پارتىيە ناھايىتى مۇكەممەل بىر سىياسى پارتىيە. كوممۇنىست پارتىيەنىڭ نەزىرىدىكى „مۇكەممەل“ دىگەن ئىبارە بىلەن بىز نورمالدا چۈشىنىدىغان „مۇكەممەل“ دىگەن سوزنىڭ پەرقى بار. مۇكەممەل دىگەن سۆز نورمالدا يۇقۇرى مائارىپ تەربىيەسى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئىگىلىگەن نىسبىتى توۋەن. ئۇلار 5% لىك سان بىلەن باشقا 95% ئادەمنى ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق تەرىپى. ئۇلار ئالى مائارىپ تەربىيەسىدىن مۇكەممەللەشكەن بولماستىن بەلكى چەنىقتۇرۇش، تەربىيەلەش، مەڭىسىنى يۇيۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. يەنى بىر شەخسنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەت ئىي نەزەر ئەگەر پارتىيە ئۇنىڭغا ئىشەڭەن تەقدىردە، ئۇنى كۈزۈتۈپ، چەنىقتۇرۇپ، سىناقتىن ئۆتكۈزگەندىن كەيىن ئاندىن ئۇنى پارتىيەگە قوبۇل قىلىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن ئۇنى پارتىيە نەزىرىيەسى بىلەن تەربىيەلەپ چەنىقتۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان تارىخنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق شۇ شەخسنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، تارىخى دۇنيا قارىشىنى، جەممىيەت قارىشىنى ئوزگەرتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر يۈرۈش، قەلىپلاشقان چۈشەندۈرۈش ئۇسلۇبى بار بولۇپ بۇ بىرىنچى قەدىمى ھىساپلىنىدۇ. يەنى بىز ئەزىلگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى، بىز ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىمىز، ئەزگۈچىلەرگە قارشى ئىنقىلاپ قىلىپ، ئەزىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزىمىز دەپ پەدەزلەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ھەم ۋەزىپىمىز ئۈچۈن توختىماي ئىنقىلاپ قىلىمىز، بارلىق ئەزگۈچىلەرنى يوقۇتىشىمىز لازىم، ئەزگۈچى سىنىپ ئۈستىدىن غالىپ كەلىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانغا قەدەر،ھەتتا ھەلقىلغۇچ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇرۇلىتارىياتنىڭ قولىغا ئۆتكىچە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم، باشقىلاردىن ئۈگەڭەن تارىخ ۋەدۇنيا قارش خاتا، بىز سىلەرگە توغرىسىنى ئۈگىتىۋاتىمىز دەپ جار سالىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئەيتقاندا مىڭە يۇيۇش، نەزىرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمىڭ دۇنيانى، جەمىيەتنى كۇزۇتىش جەھەتتىكى دۇنيا قارىشى پۇتۇنلەپ ئوزگۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى. دىمەك چۈشەنچە ئۆزگەرگەن ئىكەن، ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئەزىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ قىلىش باشلىنىدۇ. بۇنى ئەغىزدىلا ئەمەس بەلكى ھاياتنىڭ ھەر بىر كونكەرىت جەريانىغىچە ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە سىڭدۇرۇپ ئەكىرىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ئەگەشكۈچىلىرىنى نەزىرىيە بىلەن يىتىشتۈرۈپ بولغاندىن كەيىن بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا كۈرەش قىلىشقا يىتەكلەيدۇ، بۇ ئىككىنچى قەدىمىدىن ئىبارەت. بۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە 5% نى ئىگىلىگەن ئادەم بىلەن 95% ئادەمنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 95% ئادەمنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، قوللاشقا ئەرىشەلمىگەندىمۇ قارشى تۇرۇشىدىن ساقلىنىش، قارشى تۇرغۇچىلار سانىنىڭ ئىنتايىن ئاس سانلىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا 95% ئادەمنى قانداق قىلىپ ئەگەشكۈچىگە، قوللىغۇچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بارلىق جەمىيەت ئەزالىرىنى پارتىيە ئەزالىقىقا قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى، ئالداش بىلەن كوممۇنىست پارتىيەنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىگە قارشى چىقماسلىقنى قولغا كەلتۇرىدۇ. ياكى قوللىشىنى قولغا كەلتۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قارشى چىقىدىغانلار ئىنتايىن ئاز سانلىق بولۇپ قالىدۇ. كۈرەش بىلەن تەشۋىقات بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.

بۇ 5% كومپارتىيە ئەزالىرى ئىنتايىن پىشىپ، يىتىشكەنلەر بولۇپ، ئۇلار جەمىيەت ئەزالىرىنى مونوپول قىلىۋالغان. ئۇلار 95% جەمىيەت ئەزالىرىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ، ھەركەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا كوممۇنىست پارتىيە پۈتۈن خەلقنى كەركەتكە كەلتۈرەلەيدۇ، ئومۇمىي خەلق ھەركىتى قوزغىيالايدۇ. يەنى ئۇلاردا نەزىرىيە كۈرۈشى قىلىش، ئاممىنى قوزغاش ،تەشكىللەش، ھەركەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت پەۋقۇللاددە، ئەمەلى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. دىمەك كومپارتىيە ئۇزۇن يىللىق تەربىيەلەش، مەڭىسىنى يۇيۇش، سىناقلاردىن ئۆتكۇزگەن ئەگەشكۈچىلىرى باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كومپارتىيە ئۈچۈن قابىلىيەتلىك، ئەزالار ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار كومپارتىيە ئۈچۈن ئالاھىدە سادىق، تەۋرەنمەس، سەمىمى ئەگەشكۈچى. ئۇلارنىڭ ھوقۇققا بولغان چۇشەنچىسى باشقىلارغا قارىغاندە چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل. جەمىيەتتىكى بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ئەگەر بىر تەشكىلات بولسا پارتىيە ئەزالىرى ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، تەشكىلات بولمىغان شارائىتتا پارتىيە ئەزالىرى يىتەكچىلىك رولىنى ئوينىيالايدۇ. بۇ قۇرۇلمىنى كومپارتىيە ئەزالىرى ياخشى بىلگەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سىياسى قۇرۇلما بولمىغان شارائىتتا ئۇلار ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىق قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل بىلىدىغان بولغاچقا، قانداق قىلىپ بۇ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ئىچىدە يامىشىپ، ھوقۇقنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىشتىن ئىبارەت ھەركەت مىخانىزىمىنى ياخشى چۈشەڭەن. ئۇلار داۋاملىق ھوقۇق قاتلىمىنىڭ يادروسى بولۇشتىن ئىبارەت مەقسەت ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. دىمەك ئۇلار ھوقۇقنىڭ يادرولۇق كۈچىنى، ھوقۇقنىڭ ئىمتىيازى شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەركەتلەندۇرۇش مىخانىزىمىنى ياخشى چۈشەڭەنلەر.

كوممۇنىست پارتىيە ئۆز ئەزالىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ئۇلار ھوقۇقنى قانداق قولغا ئەلىشنى، ھوقۇقنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگەتكەن. ئۇلار ھوقۇقنى ئالغاندىن كەيىن ھوقۇققا نىسبەتەن ئۇلاردا تەبىئىي ھالدا كەسەل خارەكتىرلىق ھوقۇق سەرگۇرلىكى پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ھەمىشە كىملەرنىڭدۇر ئاسان كەلمىگەن بۇ ھوقۇقىنى تارتىۋەلىشىدىن ئەندىشە قىلىپلا يۇرۇيدۇ.

كوممۇنىست پارتىيەنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق بولغانلىقىدا. كومپارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر براۋ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلسا ئۇنىڭ ئىمتىيازلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، ئەرزىمەس بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىلىدۇ. ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كومپارتىيە ئەزالىرى، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، ئىمتىيازىنى ساقلاپ قىلىش يولىدا پارتىيە ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن چسكسىز سادىق بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا كومپارتىيە باسقۇچلۇق، ئۈزلۈكسىز ھەركەت قوزغاپ، ئۆز ئىچىدە تازىلاش ئەلىپ بارىدۇ. كومپارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغانلار داۋاملىق تازىلىنىدۇ، ھەركەت داۋامىدا پارتىيەگە سادىق بولمىغانلار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ ھەتتا ئىنتايىن شەپقەتسىز ۋاستىلەر بىلەن جازالىنىدۇ. دىمەك پارتىيە ئىچىدىمۇ كۈرەش رەھىمسىز، كەسكىن ئەلىپ بەرىلىدۇ. گوروھلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا، زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىن ۋە شەپقەتسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىچكىم بۇ پارتىيە ئىچىدە ئوزىنى بىخەتەر ھىس قىلالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاساسىي قاتلامدىن تارتىپ مەركەزگىچە زەنجىرسىمان كەڭەيگەن بولغاچقا، بۇ بىر ئىنتايىن قەبىھ قارا جەمىيەت تۈسىنى ئالغان. قوللىنىدىغان ۋاستىلىرى ئىنتايىن قەبىھ، يۇقۇرى دەرىجىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر پارتىيە جازالىسا ھەممە نەرسىسىدىن قۇرۇق قالىدىغان ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان، يەنە كەلىپ مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇشتەك خارەكتىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىر قارا جەمىيەتتە بولۇشقا تەگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ئاشۇرۇپ ھازىرلىغان بولغاچقا خىتاي كومپارتىيەسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گوروھ دىيىش ئەقىلگە ئىنتايىن مۇۋاپىق.

كومپارتىيەنىڭ 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار. بۇ بىر قىسىم دولەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپوسىغا توغرا كەلىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ئىگىلىگەن 5% نىڭ سىرتىدىكىلەرنى ئۆز ئادىمى ھىساپلىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ياكى ئۇلار تەرىدىن ئىدارە قىلىنىش ئىنتايىن كەسكىن كۈرەش جەريانى بولۇپ، كۆزىگە سىغمىغانلارنى ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن كۆزدىن يوقۇتىدۇ. دىمەك كوممۇنىست پارتىيە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان قورشاۋ پىسخىكىسىنى ھازىرلىغان. ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن جەمىيەت قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگىچە. ھوقۇققا ئەرىشىش جەريانى كەسكىن ۋە رەھىمسىز بولغاچقا، ئۇلار ھوقۇققا ئەرىشكەندىن كەيىن ھوقۇقىنى رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار بىرىنچى بولۇپ زوراۋانلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە، ئىككىنچىدىن ئالدامچى تەشۋىقاتىغا تايىنىدۇ.

دەموكراتىك تۈزۈم تەخى تامامەن مۇكەممەللەشكەن باسقۇچتا ئەمەس ئەمما ئۇنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى بولۇپ، ئۇ جەمىيەتتىكى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى چىقىش قىلىدۇ. يەنى بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى، مال- مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي-ئەتىقات ئەركىنلىكى قاتارلىقلار كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇقى مەلۇم مەنىدىن ئەيتقاندا، مەلۇم بىر چەك دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتەلمەيدۇ ۋە مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىشكە ئۇچرايدۇ. كومپارتىيەنىڭ بولسا پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۆزىگە قارشى ئاۋاز، كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ يوقىتىدۇ ۋە ئۇنى ھىچكىم تورمۇزلاش، چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن باشلاپلا باستۇرۇش، زوراۋانلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلىۋاتىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ئىزچىل تۈردە جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلىدۇ. جىسمانىي جەھەتتىكى جوراۋانلىقى يەنىك بولغاندا تەن جازاسى….. قاتارلىقلار بولسا ئەغىر بولغاندا ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. ئۇلار ئىنتايىن رەھىمسىز، قەبىھ كەلىدۇ. دۇنيادىكى كوممۇنىست پارتىيەلەرنىڭ خارەكتىرى، ماھىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش. ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كەيىن ئۇلار ئۆز پۇقرالىرىغا ۋەھشىلەرچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا 10 مىيون، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا 50 مىليون ئادەم ئۆلگەن. كوممۇنىست پارتىيە ھوقۇقنى ئەلىپ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن باشلاپلا بىر تۇركۇم ئادەمنى ئۆلتۈرۈشھكە باشلايدۇ. بۇ كىشىلەر ئىشەنچسىز دەپ قارالغان، ئۆزلىرىگە قارشى چىقىش ئەھتىمالى بولغان كىشىلەردىن ئىبارەت. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، ئۇلارنىڭ نىمە قىلىشىدىن قەت ئىي نەزەر ئىشەنچىسىز دەر قارالغان كىشىلەرنى نىشان قىلىدۇ. دەموكراتىك دۆلەتلەردە بولسا، شۇ شەخسنىڭ قىلمىشى قانۇن ماددىلىرىدا جىنايەت شەكىللەندۈرگەندە ئاندىن قانۇن ماددىلىرىغا ئاساسەن، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە جازالىنىدۇ. دەكتاتۇر دۆلەتلەردە بولسا خەلقنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن ناچار بولىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيە ھەر بىر باسقۇچتا ئۆزلىرى گۇمان قىلغان، ئىشەنچىسىز دەپ قارىغانلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئەلىپ بارىدۇ. خىتاخ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەخككە چىققاندىن كەيىن، تۈرلۇك ھەركەتلەرنى قوزغاپ زور تۈركۇمدە، مىليونلارچە كىشىلەرنىڭ جەنىنى ئالدى. بۇ ھەركەت جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 10 مىليوندىن ئارتۇق دىيىلىدۇ. ئەنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ سان 30- 40 مىليونغىچە دىيىلمەكتە.

خىتايدىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇش 8 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھوكۈمەتنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 20 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. تەنچلىق شارائىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى 30- 40 مىليونغا يەتكەن. يەنى 8 يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئۆز دۆلىتىدىكى ئەڭ ئىلغار، ھەربىي قوراللار بىلەن قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۇرگەن ئادەم 20 مىليون ئەمما تەنچلىق شارائىتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۆلتۇرگەن ئادەم سانى 30-40 مىليونغا يەتىشى، بۇ بىر تەسۋىرلىگۇسىز زوراۋانلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ خىل زوراۋانلىقنىڭ نەتىجىسىدە كومپارتىيە يەنىلا ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلىۋاتىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىگى، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولمىغاچقا ھوقۇقنى چەكسىز يۈرگۈزەلەيدۇ. ئۇنداق ئىكەن زوراۋانلىق بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالايدۇ، يەتمەكچى بولغان نىشانغا يىتەلەيدۇ. بۇنىڭدا ئاۋام خەلق زور قۇربانلىققا ئايلاندۇرىلىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان سەلبى ئامىللارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئەمىلىي كۈچكە، ئەمىلى ئۈنۈمگە ئىگە بولسىمۇ ئەمما مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن مۆلچەرلىگۈسىز ئەغىر بولىدۇ. بۇنىڭغا 1989- يىلىدىكى شەرقىي ياۋروپادىكى ئۆزگۈرۇش ۋە 1991 –يىلىدىكى سوۋەتلار ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى ئەمىلىي مىسال بولالايدۇ. يەنى 3 يىل جەريانىدا 10 دولەتتىكى كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى دەپنە قىلىندى.

ھىچقانداق بىر دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت تەنچلىق شارائىتتا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ زۆر ساندا ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولمىغان ئەمما خىتاي دۆلىتىدە بۇ مىسلىسىز پاجىئە يۈز بەردى . بۇ خىل پاجىئەنى دەموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى بۇ خىل جەمىيەتتە ھوقۇق دائىرىسى نازارەت قىلىنىدۇ، مەلۇم مىخانىزىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

خىتاي دۆلىتىدە كومپارتىيە ئەزالىرى ئالاھىدە قوقۇق، ئالاھىدە ئىمتىياز قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەندىن سىرت يەنە ھوقۇقدارلار چەمبىرىگىمۇ ئالاھىدە ھوقۇق قاتلىمىنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ، ئۇلار بايلىق تالىشىدۇ. بايلىق تالىشىشى ھىچقانداق بىر مىخانىزىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى زور بايلىقنى قولغا ئەلىۋالغاچقا ئاۋام خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ ۋە ئوتتۇرىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ. شەرقىي ياۋروپا ۋە سوۋەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غۇلاپ كەتىشى مۇشۇ سەۋەتىن بولغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۇش ئۇسۇلى ئىنسانلىققا خىلاپ شەكىلدە بولىدۇ. ئەگەر جەمىيەت ئەزالىرى ئويغۇنۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئەزىلىشكە، بەسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ماھىيىتىنى سەلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تولۇق تونۇپ يەتىپ، ئۇنىڭغا قارشى قوزغالسا، ئۇ چاغدا ئۇنى يىغىشتۇرۇش ئاسان ئەمەس.

ئەجىبا دەموكراتىك دۆلەتلەردە بەسىم بولمامدۇ؟ ئەلبەتتە بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل بەسىمدىن قۇتۇلىشنىڭ، ئۇنى يەنىكلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى، شارائىتلىرى بار.

1. سايلام، سايلام ئەلىپ بەرىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان پارتىيەنى سايلامدىن قالدۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەنى سايلاپ چىقىش. 2. پىكىر ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ نارازى بولغان خەلق ئاممىسى، ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەركىن سۆزلەپ بەسىمنى يەنىكلىتەلەيدۇ، ئىچىنى بوشىتالايدۇ ياكى نارازىلىق توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ، ئىچىنى بوشىتالايدۇ. 3. ئۆز نارازىلىقىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە. مۇنداقچە قىلىپ ئەيقاندا، يۇقارقىدەك ۋاستىلەر بىلەن پەيدا بولغان بەسىمنى بەلگۈلىك دەرىجىدە يەنىكلىتىش شارائىتىغا ئىگە. دىكتاتۇر ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەردە بۇخىل ئەھۋال، شارائىتلار مەۋجۇت ئەمەس. ھەر قەتىملىق نارازىلىق باستۇرۇلۇپ، بۇ باستۇرۇشلار داۋاملىشىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە باشتۇرۇش كارغا كەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئەكسىچە نەتىجە پەيدا قىلىدۇ.

دوموكراتىك تۇزۇمدىكى دۆلەتلەر قارىماققا چەچىلاڭغۇ، ئەقتىدارسىزدەك كۆرۈڭىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە ئومۇمىي خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك رولى بولغاچقا، پەيدا بولغان مەسىلە ماھىيەت جەھەتتىن ئەغىر بولمايدۇ ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىغا ئاسان كىرىدۇ. دىكتاتۇر دۆلەتلەر كۆرۈنۈشكە تەرتىپلىك، ئەمىلىي كۈچكە ئىگە بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەگەر مەسىلە يۈز بەرگەندە ئۇنى كونتورول قىلىش ئەقتىدارىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۇنكى ئۇ ئۆزىدە، ئۆز- ئۆزىنى كونتورۇل قىلىش مىخانىزىمى يوق بولۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاياتى كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە پاجىئەلىك ئاخىرلىشىدۇ. جەمىيەت ئىچكى زىددىيەتكە تولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى بەسىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلىلەر يىغىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە كوممۇنىست پارتىيەدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گوروھ ئۆزىنىڭ دەپىن قىلىنغانلىقىنى تۇيمايلا قالىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈش مۈمكىن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئۆز خەلقىگە زوراۋانلىق قىلغاندىن سىرت يەنە قوشنا ئەللەر بولغان شەرقىيتۈركىستان، تىبەت جەنۇبىي موڭغولىيە، مانجۇرىيە دۆلەتلىرىنى بەسىۋەلىپ ئۇلارغا تارىختىكى باستۇرۇش، ۋەھشىلىكلەر بىلەن نۆۋەتتىكى زامانىۋى تەخنىكىلار بىرلەشتۈرۈلگەن قەبىھ باستۇرۇش، ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، بۇ زىمىننىڭ ئىگىلىرىنى بىر پۈتۈن مىللەت بويىچە يوقۇتۇش زوراۋانلىقىنى يۈرگۈزمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى ئامەرىكا يىتەكچىلىكىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ دەپلوماتىيە، سىياسى،ۋە ئەقتىسادىي بەسىمىغا دۇچ كەلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ „ماگنىتسكە قانۇنى“ قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن جازالاش ئوبىكتىغا ئايلاندى.
خەلقارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلماسلىقتەك ئىنسانىيەتكە خىلاپ قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ھوڭ كوڭنىڭ „بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم“ نى يولغا قويۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ خەلقارانىڭ ئەقتىسادى، تەخنىكا، پۇ- مۇئامىلە جەھەتتە جازالاش ئوبىكتىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە ھوڭ كوڭ ئالاھىدە مەمۇرۇ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئايلىق مۇئاشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سودا.سەتىقىنى بانكا كارتى بىلەن ئەمەس بەلكى ھازىرقى زامانىۋى جەمىيەتتە نەق پۇل ئىشلىتىدىغان ئەچىنارلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كەيىن، ئامەرىكا، دۇنيا بانكىسى، شۇنداقلا غەرپ ئەللىرىنىڭ سەمىمىي ھەر جەھەتتىكى يادەملىرى سەۋەپلىك تەدرىجى باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كەيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كەيىن ئامەرىكا يىتەكچىلىكىدىكى، دۇنيادىكى زور كوپ ساندا دۆلەت ، خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئەرىشىۋاتقان دەموكراتىك دۇنيا تەرتىپىگە رايون ۋە دۇنيا مىقياسىدا خىرىس پەيدا قىلدى.
شەرقتە ياپونىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەڭەيمىچىلىك قىلىش، ھەربىي جەھەتتە بەسىم پەيدا قىلىش بىلەن بۇ رايونلارنىڭ تەنچلىقىغا تەھدىت پايدا قىلسا جەنۇپ تەرەپتە خىتاي جەنۇبىي دەڭىزىدا ھەربىي ھازىرلىقنى كەڭەيتىش، بۇ رايوندىكى خەلقارالىق نورمال سۇ قاتنىشىنى مونوپول قىلىش، زىمىن كەڭەيمىچىلىكى، مەبلەغ سەلىش باھانىسىدە ئەقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرگە قەرزگە بەرىپ (دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز ئۆسۈمى 0.7%، خىتاينىڭ قەرز ئۆسۈمى 4.7%) ئۇلارنى قەرزگە بوغۇپ قويۇش قاتارلىق رەزىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ ، بۇ رايوندا خىتاي دۆلىتىدىن ئەنسىرەش ۋەھىمىسى پايدا قىلدى. خەلقارالىق سۇ مەنبەئەلىرىنى مونوپول قىلىش، زىمىن كەڭەيمىچىلىكى سەۋەپلىك ھازىر خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەربىي توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرماقتا.

غەرپتە بولسا خىتاي، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە“ بىر يول بىر بەلباغ“، مەبلەش سەلىش قاتارلىق چارىلەر بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەئەلىرىنى ئەچىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغاندىن سىرت يەنە بۇ دۆلەتلەرنى تۆلىيەلمەس، زور مىقتاردىكى قەرزغە بوغۇپ، ئۇلارنى ئەقتىسادىي جەھەتتىن مۇنقەرز قلىپ قويدى. ھەتتا بۇ چارىلىرىنى ئىسلام ئەللىرى، ئافرىقا قىت ئەسى شۇنداقلا جەنۇبىي ئامەرىكا قىت ئەسىدىكى دۆلەتلەرگىچە كەڭەيتىپ، دۇنيا ئاساسىي ئەقىمىغا قارشى بولغان، كەڭەيمىچىلىك، دىكتاتورلۇق ماھىيىتىنى بازارغا سەلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتايغا بولغان نارازىلىق بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقارالىق ئەقتىسادىي، سودا، پۇل- مۇئامىلە تىجارىتى،پەن- تەخنىكا پاتەنت ھوقۇقى، دۆلەتلەر ئارا دەپلوماتىيە، خەلقارالىق سىياسەت، پىرىنسىپ، ئەركىن سودا رىقابىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش خەلقارالىق پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلماسلىقى ئامەرىكا يىتەكچىلىكىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ تاقىتىنى تاق قىلدى. ئۇلارنىڭ سۈكۈتىنى بۇزدى. بۇ قانداقتۇ خىتاينىڭ باش كۆتۈرىشىگە قارشى بولماستىن بەلكى دۇنيا بىردەك ئالقىشلاۋاتقان، دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئورنىغا، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئەمەس بەلكى بىر قىسىم ھوقۇقدارلارنىڭ، دىكتاتورلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سەستىمىنىڭ ئورۇن ئەلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلەدۇر. دەموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك تەرەققىيات ئەقىمىغا قارشى بولغان، دۇنيا تەنچلىقىغا خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان سەستىمىغا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىدۇر.

نۆۋەتتە ئامەرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرى رايون تەنچلىقى، دۇنيا تەنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ھەربىي، ئەقتىسادىي، يۇقۇرى پەن- تەخنىكا جەھەتتىن چەكلەش، دەپلوماتىيە جەھەتتە بەسىم ئىشلىش، ئاسىيادا ناتو نىڭ كىچىك مودەلى ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي، ئەقتىسادىي كەڭەيمىچىلىكىگە چەك قويۇش تورىنى شەكىللەندۈردى. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومۇتەتىنىڭ ئەڭ يۈقۇرى دەرىجىلىك ئىككى ئەزاسى، شەرقىيتۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى جىنايەتچى، ۋە ھوڭ كوڭ مەمۇرى مەھكىمىسىڭ ئالى رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەن قىلىشتىكى جاۋاپكار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئالى رەھبەرلىرى ئامەرىكىنىڭ „ماگنىتسكى قانۇنى“ بىلەن جازالانغاندىن سىرت يەنە خىتاينىڭ خەلقارالىق، زور ساندىكى سىركەتلىرىمۇ جازالىنىشتىن خالى بولالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى جازالاشتىكى «ماگنىتسكى قانۇنى» نۆۋەتتە تەستىقلىنىش ھارپىسىدا، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولىدىغان دەپلوماتىيە، ئەقتىساد، پەن – تەخنىكا، پۇل- مۇئامىلە تىجارىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىلگىرى يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى جىددىي ئۆزگەرتىشكە يۈزلەندى. دىمەك خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇ قارا گوروھنىڭ دۇنياغا خوجا بۇلۇش قارا نىيىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشتىكى چەمبەرسىمان دۇنياۋى بىرلىكسەپ، دۇنياۋى ئەقىم شەكىللەنمەكتە.

2020 – يىلى 2 – دېكابىر، گېرمانىيە

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top