نىتچېنىڭ ھاياتى
نىتچېنىڭ ھاياتى
تەييارلىغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل
«مەن ئۆزۈمنىڭ تەقدىمنى بىلىمەن. مېنىڭ ئىسمىم ھامان بىر كۈنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بەزى ئەسلىمىلەر بىلەن – يەر يۈزىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كېرىزىس بىلەن، ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇقەددەس يېپىنچىغا ئورۇنغان ھالدا كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرگە ئۆكتى قوپىدىغان چوڭقۇر ۋىجدان توقۇنۇشى بىلەن باغلىنىدۇ. سىلەر خىيالىيلاشتۇرۇلغان ئىدىيەنى كۆرگەن جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەن ئادىمىيلىكنى كۆردۈم، دەرۋەقە، زىيادە ئادىمىي! »
مانا بۇلار ئالدىن كۆرەر گېرمان پەيلاسوپى فرېدرىخ نىتچېنىڭ سۆزلىرى. ئۇ سۆزلەۋاتقان كېرزىس بولسا, 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپانى سۈپۈرۈپ ئۆتكەن دىنىي ئېتىقاد كېرزىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. نىچشې بولسا تەڭرىگە بولغان ئېتىقادنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا پۈتۈنلەي يېڭى بىر دۇنيانىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن تۇنجى پەيلاسوپ بولۇپ، بۇ يېڭى دۇنيا بولسا مۇتلەق ئەركىنلىك دۇنياسى ئىدى: ئۇنىڭدا يالغۇز ئىنسانلارنىڭ ئۆزىلا پۈتكۈل كائىناتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇ تەسۋىرلەۋاتقان يېڭى دۇنيا دەل ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
نىتچې خۇددى كارل ماركىس، ئېينىشتىيىن، فرۇئىدلارغا ئوخشاشلا، 20-ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى. نىچشېنىڭ تەسىرى بىلەن، مۇتلەق ھەقىقەت ۋە مۇتلەق ئەخلاق پرىنسىپلىرى بوشىدى، كىشىلەر توغرا-خاتا، ياخشى-ياماننى بىلەلمەيلا قىلىشتى .
«تەڭرى ئۆلدى. تەڭرى ئەمدى قايتا تېرىلمەيدۇ، چۈنكى بىز ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتۇق. بىز ــ قاتىللارنىڭ قاتىلى، ئۆزىمىزگە قانداق تەسەللىي بىرىمىز ؟ كائىناتتا بار بولغان بولغان ئاشۇ چەكسىز مېھرىبان ، قۇدرەتلىك تەڭرى بىزنىڭ قاتىللىق پىچېقىمىز ئاستىدا قانسىراپ ئۆلدى. قولىمىزغا بويالغان قاننى ئەمدى كىم سۈرتۈۋېتىدۇ ؟»
ئاللىقاچان تېپىلغان مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقىدەك بۇ ئەمەلىيەت 20-ئەسىردىكى ئىلىم دۇنياسىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا خۇددى ئادەتتىكى ساۋاتتەكلا تۇيۇلىدۇ، بىراق نىچشې دەل بۇ خىل ئىدىيەنىڭ يول باشلىغۇچىسى. ھازىر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز، تەقدىرىمىزنى بىرەر مۇقەددەس ئىلاھىي مەۋجۇتلۇق تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دەپ ئويلىماسلىققا كۆنۈپ كەتتۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىمىز يارىتىمىز، ھېچنىمە ئالدىن بېكىتىلىپ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن ئەمەس، بىز سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆزىمىز ئەركىن چىقارغان قارارلارغا تايىنىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى نامايان قىلىمىز ــ مانا بۇلارنى بىز ھازىرقى دەۋردە ئەڭ ئەقەللىي دەپ ئويلايمىز.
گەرچە نىتچېنىڭ ئىدىيەسى ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق نىچشې ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەركىنلىك بىر خىل يۈك ئىدى، نىچشې شۇنى ئوبدان بىلەتتىكى، تەڭرىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئىلگىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن مۇتلەق توغرا ، مۇقەددەس دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ ئورنى بوش قالدى. بۇ بوش ئورۇننى تولدۇرۇش ئۈچۈن، نىچشې ئۆزىدىن بۇرۇن ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلىشقا تۇتۇندى، بۇنىڭ ئۈچۈن نىچشې غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىدى. نىچشې تەڭرىدىن قالغان دۇنيانىڭ ئەخلاقچىسى بولماقچى بولدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە ھېچكىم ئادا قىلالمايدىغان بىر ۋەزىپىنى يۈكلىدى. شۇڭا نىچشېنىڭ نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ئېلىشىپ قىلىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىككە ئايلاندى.
نىتچېنىڭ ئۇلۇغۋار پەلسەپە ئىشلىرى ئۇ 44 ياشقا كىرگەن يىلى ساراڭ بولۇپ قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى. مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە يۈكلىگەن بۇ غايەت زور مەسئۇلىيەت ئاخىرقى ھېسابتا نىچشېنى ئادەم بولۇش سۈپىتىدە ۋەيران قىلدى. سىرلىق دۇنياغا قىلغان سەپىرىدە، ئۇ ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان ئاخىرقى ھەقىقەتنى بايقىدىمۇ؟
« مەن 1844-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ساكسونىيەدە تۇغۇلدۇم ، مۇقەددەس چوقۇندۇرۇشنى قوبۇل قىلدىم . ئاتام فرېدرىخ ۋىلھېلم بۇ بازارنىڭ دىنىي چاكىرى بولۇپ، سەھرا كىشىلىرىنىڭ مۇكەممەل ئوبرازى ئىدى. ئۇ تۇغما تالانتلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئاق كۆڭۈل بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ بارلىق گۈزەل پەزىلەتلىرى بىلەن ئۆزىنى بىزىگەنىدى. ئۇنىڭ ھاياتى پاك، ئاددى-ساددا ئەمما خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى.»
نىتچېنىڭ چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىدا ، ئۇنىڭ ئاتىسى رىياسەتچىدىن «سىزنىڭچە بۇ بالا قانداقراق ؟ ياخشى ئادەم بولۇپ چوڭ بولارمۇ ياكى يامان ئادەم بولۇپ چوڭ بولارمۇ؟ » دەپ سورىدى. ئاندىن ئۇ كىچىك بالىلار يولۇقۇشى مۇمكىن بولغان بارلىق ئىشلارنى، جۈملىدىن گۇناھنى، ئىزىقتۇرغۇچلارنى سۆزلەپ ئۆتتى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ياش نىچشېنىڭ قەلبىدە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ چىگرىسىنى مۇتلەق قىلىپ سىزىپ چىقتى. خىلى يىللاردىن كېيىن، نىچشې « ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ سىرتىدا » دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل پەلسەپە ھاياتىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇ ئېنىق ھەم مۇتلەق بولغان چىگىرسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، ياخشلىق بىلەن يامانلىقنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئىككىسىنى بىر-بىرىگە تاياندۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى.
نىتچېنىڭ كىچىك بالىلىق چاغلىرى ئېھتىمال ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشال چاغلار بولۇشى مۇمكىن ، ئۇ 2 ياشقا كىرگەن يىلى سىڭلىسى تۇغۇلدى ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر كىچىك ئۇكا تۇغۇلدى. بىراق، 1847-يىلى، نىچشېنىڭ ئاتىسىنىڭ ساقايماس مېڭە كىسىلىگە گېرىپتار بولغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغىنىدا، ئاپەت باشلاندى. 1849-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى قازا قىلدى، يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىك ئۇكىسىمۇ ئۆلۈپ كەتتى. نىچشې ئەزەلدىن ئاتىسىنى روھىي جەھەتتىكى يۆلەنچۈك دەپ قاراپ، ئۇنى چوڭ بىلەتتى. شۇ مەزگىللەردە، نىچشې ساپمۇ-ساق بىر يىل ئاتىسىنىڭ كىسەل ئازابىدىن تولغىنىپ جەبر-زۇلۇمغا قالغانلىقىغا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. نىچشې ئاتىسى ئىشەنگەن، ئېتىقاد قىلغان، چاكارلىقىدا بولغان تەڭرىنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئاتىسىنى شۇنچىۋالا چىدىغۇسىز ئازابلار بىلەن جازالىغانلىقىنى زادىلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيتتى. مانا بۇ نىچشېنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە خرىستىيان دىنىدىن گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىدى.
نىچشې ئۆزىنىڭ ئاتىسى ۋە ئۇكىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەنىدى، ئۇ ئاپىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىرگە يېقىن ئەتراپتىكى نوۋېمبېرگ بازىرىغا كۆچۈپ كەلدى ، ئاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ دىنىي تەربىيە ئەنئەنىسى بويىچە ، 5 مىل يىراقلىقتىكى شۇلپفۇر ياتاقلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى.
«نوۋېمبېرگقا كۆچۈپ بارىدىغان چاغقا كەلگەندە، مېنىڭ مىجەز-خۇلقىم ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. كىچىك چىغىمدىلا خىلى كۆپ قايغۇ-ئەلەملەرنى بېشىمدىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئادەتتىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئۇنچىۋالا غەم-غۇسسىسىز ۋە شوخ ئەمەس ئىدىم. ھەمراھلىرىم مېنىڭ جىددىي ھەم سۈرلۈك ھالىتىمنى مەسخىرە قىلىشاتتى. كىچىك چىغىمدىن تارتىپلا مەن يالغۇزلۇقنى خالايتتىم، كاشىلا-پاراكەندىدىن خالىي ھالدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاندىلا، ئۆز-ئۆزۈمدىن ھالقىپ كېتەلىگەن چاغلىرىمدىلا ، ئۆزۈمنى قالتىس پەيزى ھېس قىلاتتىم.»
نىتچېنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىش گۇۋاھنامىسىدا ، نىچشېغا ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا نىچشېنى «تىرىشچان ئوقۇغۇچى، ئىش – ھەرىكەتتە قائىدە-يوسۇنلۇق، دىنىي ئەھكاملارنى قىزىقىپ تۇرۇپ تەشنالىق ئىچىدە قىينالمايلا ئۆگىنىۋالدى » دېيىلگەنىدى. ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ، نىچشې ئۆزىنى «خرىستىيانغا قارشى » دەپ جاكارلايدۇ، بىراق ھازىرچە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ باستىر بولۇش قىياسىدا ، ئۇ بون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلشقا باشلىدى . بىراق، 1865-يىلىدىكى پاسخا بايرىمىدا، ئۇ نوۋېمبېرگ يەرلىك چىركاۋىدىكى مۇقەددەس يىغىلىشقا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي كەسپىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتشۇناس بولۇش مەقسىتىدە تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. سىڭلىسى ئېلزابىتقا يازغان بىر خېتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ دىندىن ۋاز كېچىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈردى.
«قەدىرلىك سىڭلىم ئېلزابىت، مېنىڭ بۇ خەتنى يېزىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتىم بولسا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسپاتىغا قارشى پىكىرىمنى ساڭا ئېيتىش ئۈچۈندۇر. ھەر قانداق ھەقىقىي ئېتىقاد مۇتلەق خاتالاشمايدۇ، چۈنكى ئېتىقاد دەل ئاشۇ ئېتىقاد قىلغۇچى بايقاشنى ئۈمىد قىلغان نەرسىنى ئۆزىدە ئىپادە قىلىدۇ، بىراق ئېتىقاد بىزنى ھەر قانداق ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.
دەل مانا مۇشۇ يەردە، ئىنسانلارنىڭ يولى بۆلۈنۈشكە باشلىدى: ئەگەر سەن كۆڭلۈڭنىڭ ئارامخۇدالىقى ۋە خۇشاللىقىنى قوغلاشساڭ، ئۇنداقتا ئېتىقاد قىل؛ ئەگەر سەن ھەقىقەتنىڭ مۇرتى بولماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا ئىزدەن .»
نىتچې دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ 20 يىللاردىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ «خرىستىيانىزمغا قارشى» دېگەن ئەسىرىنى يازدى . ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى «تەڭرىنىڭ قەبىرە تېشىغا يادىم» ، دەپ يۈرەتتى. نىچشېنىڭ دىنغا قارىتىلغان بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھۇجۇمى بىر ساراڭ كىشىنىڭ كىنايىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنى نىتچې ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، « تەڭرى ئۆلدى » دېگەن داۋرىڭى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
1869-يىلى، دارۋىن ئۆزىنىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ئەسىرىنى نەشىردىن چىقىرىپ 10 يىلدىن كېيىن ، نىتچې باسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى. بۇ چاغقىچە ، ئۇ دەرۋەقە خرىستىيانىزمنىڭ ئۆزىگە بولغان چەكلىمىلىرىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلدى، بىراق ئۇ ئەمدى باشقا بىر نەرسە بىلەن خرىستىيانىزمنىڭ ئورنىنى ئالمىسا بولمايتتى. نىچشې ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى چەكسىز چوڭقۇر دەپ ئويلايتتى، ئەگەر مۇقەددەس ئىلاھىي جازا بولمىغىنىدا، ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. نىچشې ئۆزىنىڭ سوئاللىرىغا بىر جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، پەلسەپىگە مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ئاتېئىزمچى پەيلاسوپ ئارتۇر شوپېنخاۋىرنىڭ تەلىماتى بىلەن ئۇچراشتى، دەل مۇشۇ تەلىماتتا، نىچشې تەڭرى يوق كائىناتنىڭ قانداقسىگە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، كۆڭلى تەسەللىي تاپتى.
نىچشې خرىستىيان دىنىنىڭ مېھرى-شەپقەتلىك تەڭرىسىگە ئەمدى قايتا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، شوپېنخاۋىرنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ئۇنىڭغا مايدەك يېقىشى تەبىئىي ئىدى. شوپېنخاۋىرنىڭ پەلسەپىسى يادروسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خىل ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئىنكارچىلىق ۋە تەركىدۇنيالىق پاسسىپ ئىدىيسى بىلەن تولغان بولۇپ، شوپېنخاۋىر ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇنچىۋالا خۇشاللىنارلىق ئەمەسلىكىنى، ھاياتلىقنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدى. نىچشېنىڭ قارىشىچە، بىز بەزى يوللار ئارقىلىق، « قەتئىي تۇغۇلمىساق ئەڭ ياخشى، بولمىغاندىمۇ تېزراق ئۆلەيلى» دېگەن بۇ ھەقىقەتنى ئۆزىمىزدە ھازىر قىلالايتتۇق.
شوپېنخاۋىرنىڭ قارىشىدا، قىسغىنە بىر مەزگىل بولسىمۇ ئىنساننىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىدىن ئۆزىمىزنى تارتىپ ئېلىپ قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى سەنئەت ئارقىلىق، بولۇپمۇ مۇزىكا ئارقىلىق ئىشقا ئاشاتتى. مۇزىكا ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا چىن يۈرەكتىن كىرىشىش جەريانىدا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئارزۇ-نەپسىدىن قىسقىغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ۋاز كېچىپ، ئۆزىدىن ھالقىيالايتتى. بىرلا ۋاقىتتا، نىچشې يەنە شوپېنخاۋىرنىڭ ئىدىسىنى ئۆزىدە ئىپادە قىلىشتا ھېچنەرسە داڭلىق مۇزىكانت رىچارد ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىسىغا يېتەلمەيدۇ، دەپ ئىشىنەتتى. شۇنداق قىلىپ، نىچشې ۋاگنېرنىڭ قىزغىن تاماشىبىنىغا ئايلاندى، ئۇ ئارىلاپ ۋاگنېرنى زىيارەت قىلىپ تۇردى .
يېزىقچىلىق سەنئىتىدە، نىچشې ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئىتىنى كىلاسسىك گىرېك تراگېدىيەسى ئاساسىدا قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. نىچشېنىڭ «تراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى» دېگەن كىتابى ۋاگنېردىن كۆپ ئىلھام ئالغان بولۇپ، ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىسىنى خرىستىيان دۇنياسىدىن بۇرۇنقى، گرېك ئىلاھلىرىنىڭ بىرى بولغان شاراب ئىلاھى دېيونايسوسنىڭ سىموۋوللۇقىدىكى دۇنياغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىدى. دېيونىزم مەدەنىيىتىدە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، مۇزىكا-سەنئەت گۈللەنگەن بولۇپ، نىچشې ئۇنى دائىم يەنە ئۇسسۇل بىلەنمۇ بىرلەشتۈرەتتى. دېيونىزم يەنە شارابخورلۇق، شىركەيىپلىك، چەكتىن ئاشۇرۇش، خۇشال-خۇراملىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت ، قايغۇ-ئەلەم شۇنداقلا تراگېدىيەگە مۇتلەق پسەنت قىلمايتتى.
ئۆز بەدىنىدىكى ئازابلىق جىسمانىي كېسەللىك ئۇنى ئاجىزلاشتۇرغانسىرى، نىچشې مەۋجۇتلۇقنىڭ ئازابىغا قارىتا پەلسەپىدىن داۋا ئىزدىدى. نىتچې كىچىكىدىنلا كېسەلچان ئىدى، 30 ياشقا كىرگۈچە، ئۇ بىر كېسەل كۆرپىسىگە ئايلىنىپ قالدى .
«ھەر 2-3 ھەپتىدە، مەن كارىۋاتتا ئالاھەزەل 38 سائەتچە ياتتىم ــــــ مانا ھەقىقىي جەبىر-زۇلۇم ! بەلكىم مەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقاندىمەن، بىراق بۇ يىل قىش ئەڭ يامان بولدى . مەن توختىماي تەپەككۇر قىلاتتىم، كىچە-كۈندۈز ئويلايتتىم، ھاياتلىقتا خۇشاللىق دېگەن نەرسە قالمىغانىدى. ياشىماقنىڭ بۇنچىۋالا قىيىنلىقى مېنى قاتتىق چۆچۈتتى.»
ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى يېزىپ ئۆتتى، بىراق زادى نېمە كېسەل بولغانلىقىنى دېمىدى. ئەمما ئۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى شۇنچىلىك ھەقىقىي تەسۋىرلىگەن ئىدىكى، ئۇنىڭ يۈزەكى ئوقۇرمەنلىرى نىچشېنىڭ زادى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلەلمەيتتى. 1878-يىلى، بايرېيدا ۋاگنېرنىڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، نىچشې سىرلىق بىر خىل كېسەللىك ئۇنى تۇيۇقسىز ئازابلىغانلىقى سەۋەبلىك، 1-پەردە ئويۇندىن كېيىنلا تىياتىرخانىدىن كەتتى. ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىسى مىللەتچىلىك تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا، نىچشې بىلەن ۋاگنېرنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. تىياتىرخانىدا، نىچشې يەنە ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىسىدىن قاتتىق يىرگىنىپ كەتتى، بۇ خىل يىرگىنىش ئۇنىڭ پىسخىكىسىغا قاتتىق تەسى قىلدى، ئاندىن بۇ تەسىر ئۇنىڭ بەدىنىگىمۇ ئۆتتى: ئۇ كۆڭلى ئېلىشپ، قۇسقۇسى كېلىپ، ئولتۇرالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن تىياتىرخانىدىن ئايرىلدى. ۋاگنېر بۇنى كەچۈرەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن نىچشېنىڭ تىياتىرخانىدىن كېتىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاياغلاشتۇردى .
نىچشېنىڭ سالامەتلىكى راستىنلا بولمىغىلى تۇردى، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايتتى، شوپېنخاۋىر ۋە ۋاگنېرنىڭ مۇزىكا ئارقىلىق ئازابتىن ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇرىدىغان چارىسى نىچشېغا قايتا كار قىلمايتتى.
«ھاياتلىق قىسمىتىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا ــــــ دەل مۇشۇ نۇقتىدا، مەن چۈشكۈنلۈكتىن ئۆزۈمنى تارتىپ ئالدىم. ئۆزۈمنى ساقلاپ قىلىشتەك تۇغما بىئولوگىيىلىك ماھىيىتىم مېنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە نامراتلىق پەلسەپەمنى چەكلىدى. ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەل ھاياتىم دەل مانا مۇشۇنداق نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەندەك ئىدى .
مەن يېڭى بىر ھاياتنى بايقىدىم، يېڭى بىر ئۆزۈمنى بايقىدىم . مەن ئۆز ئىرادەمنى ساغلاملىققا، ھاياتلىققا قاراتتىم؛ شۇنداق بىر پەلسەپىگە ــ كۈچ-قۇۋۋەتكە بولغان ئىرادىگە قاراتتىم.»
نىچشېنىڭ قارىشىچە، خرىستىيانىزمنىڭ ئەڭ چوڭ زىيېنى ئادەم تېنىنى مەدەنىيەتتىن چەكلەش ئىدى. ئۇنىڭ ئويىدا، پۈتكۈل غەب پەلسەپىسى ئىنسان تېنىنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك ئىدى، بىزنىڭ جىسمانىي تەبىئىيتىمىز ۋە روھىي تەبىئىيىتىمىز ئاخىرىغا كىلىپ بىزنىڭ ئۇلارنى قانداق تەپەككۇر قىلىمىزغا قاراشلىق ئىدى . « كۈچ قۇۋۋەت ئىرادىسى » («ھوقۇق ئىرادىسى») دېگەن ئۇقۇم مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشى بىۋاستە ھالدا فرۇئىدنىڭ پىسخىكا تەلىماتىنى شەكىللەندۈردى .
نىچشېنىڭ يېڭى پەلسەپىسى ئۇنىڭ «ئادىمىيلىك ، زىيادە ئادىمىيلىك ـــ ئەركىن روھقا ئاتالغان كىتاب» دەپ ئاتالغان ئەسىرىنى روياپقا چىقاردى. بۇ كىتاب شىۋىتسارىيەنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدا يېزىلغان بولۇپ، پەلسەپىۋى ئەسەر بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە پىسخىكا ئەسىرىمۇ ئىدى. ئۇ نىچشېنىڭ شەخسىيلىك ئىدىيىسى توغرىسىدىكى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك بايانى بولۇپ، ئىنسانلارنى ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرغانىدى. ئۇ بۇ ئەسىرىنى پىيادە سەيلە قىلىش جەريانىدىكى قىسقا ئارام ۋاقىتلىرىدا يېزىپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى پىيادە سەيلە قىلىش ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
«شۇنداق قىلىپ، ئەقىل-پاراسەت يولىنى بويلاپ، يۈرەكتىن بېسىلغان قەدەم، چىن قەلبتىن چىققان ئىشەنچ بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدىم .
قانداقلا بولما ، ئۆزۈڭ ئۆز بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ مەنبەسى بول، ئۆز تەبىئىيىتىڭگە بولغان ئىشەنمەسلىكنى چۆرۈۋەت. ئۆزۈڭنى ــــــــ ئۆزۈڭنىڭ ئۆزىنى كەچۈر. ئۆزۈڭنىڭ تەبىئىيىتىدە شۇنداق بىر كۈچ باركى، سەن بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئىشلارنى ــــــــــ خاتا ئېلىنغان قەدەملەرنى، سەۋەنلىكلەرنى، خام خىياللارنى، ھاياجانلارنى، مۇھەببىتىڭنى، ئۈمىدلىرىڭنى ـــــــ بىرنى قويماي ئۆزۈڭنىڭ ھازىرقى ھايات نىشانىڭغا سىڭدۈرەلەيسەن .»
نىچشې ئۆزىنى قەدىمدىن قىلىپ قالغان ئەنئەنىۋى نىزاملار ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، «ئەركىن روھ» دېمەكلىك « ئىرادە قىلىش، قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇش، جۈرئەت قىلىش، يېڭىچە كۆز قاراش تىكلەش ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى سوراققا تارتىش، ئەركىن ھالدا ئۆز يولىنى ئۆزى تېپىش» دېگەنلەردىن دېرەك بېرەتتى. «ئادىمىيلىك ، زىيادە ئادىمىيلىك» دېگەن ئەسىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، نىچشې ئۆزىنى كەڭ تەبىئەتكە ئاتىۋەتتى. ئۇ ئۆزى يازغان بۇ كىتابنىڭ نۇرغۇن تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. دەرۋەقە، ۋاگنا بۇ كىتابنى نىچشېنىڭ روھىي تۇراقسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراشقىمۇ ئۈلگۈردى. شۇڭا، نىچشې ھەقىقەتەنمۇ يالغۇز قالدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى يىگانە تاغلارنىڭ كۆز يەتكۈسىز ئىگىز چوققىسىغا قاراپ يېڭى يەرلەرگە چىقىپ كېتىۋاتقان مۆجىزىلىك قەھرىماندەك ھېس قىلاتتى.
«ئادىمىيلىك ، زىيادە ئادىمىيلىك» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن، نىچشې سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك باسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلۇقىدىن ئىستىپا بەردى، ئاندىن ئۇ شىۋىتسارىيەدىكى ئالپ تاغلىرىنىڭ باغرىغا كۆچۈپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، ئۇ ھەر يىلى يازنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدى، قىشنى بولسا يا بولمىسا فرانسىيەگە، يا بولمىسا ئىتالىيەگە كۆچۈپ يۈرۈپ دېگۈدەك ئۆتكۈزدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ كۆچۈشى كېرەك ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈردى. ئۇ يازنىڭ سالقىن بولۇشىنى ياقتۇراتتى، كۆڭلى پاكىز، ساپ ھاۋانى خالايتتى، ئۇ مۇشۇنداق بولسا تەپەككۇرۇم ئېنىق ھەم ئۆتكۈر بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئۇ ئىزدىگەننى ـــ ئىنسانلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەھكەملىكنى بايقىدى. ئاشۇ تاغلارنىڭ مەنزىرىسىدە، ئىنسان روھىيىتى ئەرزىمەس بىر نەرسە ئىدى.
«مەن ھازىرغا قەدەر چۈشەنگەن پەلسەپە بولسا مۇزلۇق، ئىگىز تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى خالاپ ياشاشتىن؛ مەۋجۇتلۇقتىكى غەلىتە، سوراققا تارتىلىشى زۆزۈر بولغان، ئەخلاق چەكلىمىسىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىزدەپ تېپىشتىن دىرەك بىرىدۇ .
مۇز يېقىنلا يەردە، يالغۇزلۇق بولسا چەكسىز. نۇر ئاستىدا بارچە مەۋجۇدات شۇ قەدەر خاتىرجەم ياتاتتى، نەپەس شۇ قەدەر ئەركىن ئىدىكى، بىراۋ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكىنى نەقەدەر كۆپ ھېس قىلاتتى.»
1882-يىلى، ئىتالىيەدە چۆرگىلەپ يۈرگەن چېغىدا، نىچشې ئۆز ھاياتىدا سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان بىردىنبىر قىزنى ئۇچراتتى. بۇ قىزنىڭ ئىسمى لۇ سالېمېي بولۇپ، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىدى. نىچشې بۇ قىزنى «بۈركۈتتەك جەسۇر، شىردەك باتۇر» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى. بۇ قىزنى نىچشېغا پىسخولوگ پاۋل رېي تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئاشۇ يىلى بۇ ئۈچەيلەن ئايرىلماس بىر گەۋدە ھالىتىدە ئىتالىيەنى بىرلىكتە ساياھەت قىلىپ، گوياكى ئەركىن روھلاردەك ياشىدى. نىچشې ئاخىرى سالېمېيغا توي قىلىش تەكلىپى قويدى، بىراق سالېمېينىڭ نىچشې بىلەن توي قىلغۇسى يوق ئىدى، ئەمەلىيەتتە سالېمېينىڭ ھېچكىم بىلەن توي قىلغۇسى يوق ئىدى.
بىرمەزگىلدىن كېيىن، سالېمېي بىلەن پاۋل رېي ئۆزىچىلا غايىب بولدى، شۇندىلا نىچشې ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ قەھرى-غەزىپى ئۇرغۇپ تاشتى، باشقىلارغا يازغان خېتىدە، نىچشې مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ بىر يەرلىرىگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم. مەن ئەمدى قىلىپ قالغان كىچىككىنە ھاياتىمنى چوقۇم بىر-يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن يۇتۇشۇم كېرەك، بەزىدە بۇ ھايات گېلىمغا تۈرۈپمۇ قالىدۇ. بۇ يىل يازدا مەن ھاقارەت ۋە قىيناشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ ساراڭ بولاي دېدىم. گەرچە مەن بارچە كۈچۈمنى چىقىرىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تېرىشقان بولساممۇ، بىراق، ئەگەر بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىپ مەندەك بىر داشقالنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرىۋېتەلمىسە، ئۇنداقتا مەن تۈگەشتىم.»
ھالبۇكى، مۆجىزە يۈز بېرىپ، داشقال ئالتۇنغا ئايلاندى، بۇ ئالتۇن بولسىمۇ «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» دېگەن كىتاب ئىدى. بۇ كىتاب مۇنداق باشلىنىدۇ:
«زورو ئاستېر ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ، يۇرتىدىن ۋە يۇرتىدىكى كۆلدىن ئايرىلىپ، تاغقا كەلدى. بۇ يەردە ئۇ روھ ۋە تەنھالىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچبىر چارچاشتىن مۇستەسنا 10 يىلنى ئۆتكۈزدى. لېكىن، ئۇنىڭ قەلبى ئاخىرى ئۆزگەردى. بىر كۈنى ئەتىگىنى ئۇپۇق ئەمدىلا قىزىرىشقا باشلىغاندا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇياشقا سۆز ئاچتى:
ئەي، ئۇلۇغ يۇلتۇز! ئەگەر سەندىن پارلانغانلار بولمىسا، بەختىڭ نە بولۇر ئىدى !
ئون يىلدىن بىرى ھەر كۈنى غارىمغا كىلىپ تۇردۇڭ، ئەگەر مەن ۋە مېنىڭ بۈركۈت ، يىلانلىرىم بولمىسا ئىدى، نۇرلىرىڭ ۋە يورۇشلىرىڭدىن زېرىكەر ئىدىڭ.
بىراق، ھەر سەھەر ۋۇجۇدۇڭدىكى يامراپ تۇرغان نۇرلىرىڭنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن سېنى كۈتىمىز، تىلاۋەت قىلىپ ئىسىرىق سالىمىز .
قارا! ھەسەلنى زىيادە كۆپ يىغىۋالغان ھەرە كەبى ئۆز پاراسىتىمدىن بىزارمەن، پاراسەتكە تەشنا قوللار ماڭا سوزۇلسىكەن دەيمەن.»
«زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» دېگەن بۇ كىتاب بولسا تەنھا بىر كىشىنىڭ كىتابى. كىتابتىكى زورو ئاستېر دېگەن بۇ پىرسوناژنىڭ ئۆزىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. زورو ئاستېر ئۆزىنىڭ يىگانە تېغىدىن چۈشۈپ، مۇرت توپلىماقچى بولغاندا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغانغا قۇلىقى يوقلۇقىنى بايقايدۇ. ئۇ ھە دېگەندە ئۆزىگە توغرا كىلىدىغان تاماشىبىن تاپالمايدۇ، ئۇ يەنىلا تەنھا بىر ئادەم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ » دېگەن بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى زورو ئاستېرنىڭ، جۈملىدىن نىتچېنىڭ توغرا كىلىدىغان ئاڭلىغۇچى ئىزدەپ تىپىش جەريانىدىن ئىبارەت . مۇشۇ جەرياندا ، زورو ئاستېر يەنە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىزدىنىدۇ.
«زورو ئاستېر ئورمان ياقىسىدىكى كىچىك بىر شەھەرگە كەلدى. بازاردا نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىۋالغانىدى. چۈنكى كىمدۇر بىرى دارۋازلارنىڭ ئويۇن كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. زورو ئاستېر ئاۋامغا شۇنداق دېدى:
سىلەرگە ئەۋلىيا بولۇش ھەققىدە تەبلىغ ئېيتقىلى كەلدىم ، ئادەم ئۆزىدىن ھالقىشى كېرەك، سىلەر ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانمۇ -يوق؟»
نىتچې ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇ بۇنى «ئۈستۈن ئادەم» دەپ ئاتىدى. بۇ «ئۈستۈن ئادەم» نىڭ ئۆز ئۆزىدىن ھالقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سىرتىدىكى مېتافىزىكىلىق دۇنياغا ھالقىشى كەتمەيتتى، بەلكى بۇ خىل ھالقىش ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ مۇمكىنچىلىكى دائىرسىدىكى ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىشى ئىدى. دەرۋەقە، بۇ بىر زىددىيەتلىك ئۇقۇم، بىراق بۇمۇ نىچشېنىڭ بىزدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە چاقىرىدىغىنى: ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۆزىمىزدىن قانداق ھالقىيمىز؟
«ئۈستۈن ئادەم» دېگەن بۇ ئۇقۇم نىچشېنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يېڭىش ئۈستىدىكى كۈرىشى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن. نىچشېنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ھالقىيدىغان مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. «ئۈستۈن ئادەم» دېمەكلىك «ھالقىش» دېگەنلىك بولۇپ، تەڭرى يوق، مۇتلەق ئەركىن بىر جاھاندا خۇداسىز كىشىلەرنىڭ ئۆز يولىنى تېپىۋىلىش جەريانى ئىدى.
«مەن بىر سەيياھ ھەم تاغقا چىققۇچى، ــ دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،ــ تۈزلەڭنى ياخشى كۆرمەيمەن. قارىغاندا ئۇزاق ۋاقىت جىم ئولتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن .
قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچرىماي ، سەرسانلىق ۋە تاغقا چىقىش بەرىبىر زۆرۈر. ئەمما، قانداقلا ئىزدەنمىسۇن، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىتىدىغىنى دەل ئۆزى .
پۇرسەتلىرىم ئۆتۈپ كەتتى. يەنە ئۆزۈمگە تېگىل ئەمەس نېمە ئىشلار يۈز بېرەركىن !
«ئۆزۈم» نۇرغۇن سەرسانلىق ۋە جاھانسازلىقنىڭ سىناقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم.
مەنە يەنە شۇنى بىلىمەن: ھازىر ئەڭ ئاخىرقى چوققىدا، ئەلمىساقتىن بېرى ماڭا ئاتالغان چوققىدا تۇرىۋاتىمەن. ئاھ ، ئۆزۈمگە تەۋە ئەڭ مۈشكۈل تاغ يولىغا يامىشىشىم كېرەك! ئاھ ، ئەڭ تەنھا سەرسانلىقنى باشلىدىم!
لېكىن ماڭا ئوخشاش ئادەملەر بۇنداق دەقىقىلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ دەقىقە ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ:
ئۇلۇغلۇق يولۇڭغا مانا ئەمدى كىردىڭ! چوققا ۋە جىلغا، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، بۇلار ئارىلىشىپ كەتتى.»
ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن، ئىنسانىيەت ۋاقىتلىق مەشغۇل بولىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن ھالقىغاندىن كېيىن، نىچشې ئۆزىنىڭ ھايات سەزگۈرەشتىلىرىنى پەلسەپىۋى نىشانىغا سىڭدۈرېۋەتتى. بىراق ئۇ مۇتلەق تەنھا ياشىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيا ئۈچۈن بارلىق كىشىلىك ئالاقىنى تەرك ئەتتى. پەلسەپە ئۇنىڭ ئۈمىدسىز ھاياتى ۋە چوڭقۇر يىگانىلىقى ئۈچۈن بىردىنبىر تەسەللىي بولۇپ قالدى .
« مېنىڭ ئەقىدە پرىنسىپىم: بىراۋ پەقەت ئۆزىنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ئىدىيەلىك ۋە پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ئىرادىلىك كىشىلەر ئارىسىدىلا ئاندىن گۈللەپ ياشنايدۇ. مېنىڭ بۇنداق ھەمراھىم يوق . مانا بۇ مېنىڭ كېسىلىم.»
بۇنداق چىكىدىن ئاشقان يالغۇزلۇققا ھەتتا نىچشېمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي قالدى، شۇڭا، 1888-يىلى يازدا، ئۇ شىۋىتسارىيەنىڭ ئالپ تاغلىرىدىن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن شەھرىگە كۆچۈپ كەلدى. ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، نىچشې ئەمدى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تۇتۇندى. ئۇ تەڭرى ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمىغان بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئەخلاق قىممەت قارىشى تىكلەشكە باشلىدى، ئۇ بولسىمۇ خرىستىيان ئەخلاقىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، باشقىلارغا ھېسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش دېگەن تەلىماتلىرىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەن يېڭىچە بىر ئەخلاق ئۆلچىمى ئىدى. نىچشې بۇنى «بارلىق قىممەتلەرنى قايتا باھالاش» دەپ ئاتىدى.
«ياخشىلىق دېگەن نېمە؟ ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە بولغان ھېس تۇيغۇنى كۈچەيتىدىغان ھەر قانداق نەرسە، يەنى ھوقۇق-كۈچ ئىرادىسى، كۈچ قۇۋۋەتنىڭ ئۆزى؛ يامانلىق دېگەن نېمە؟ ئاجىزلىقتىن تۇغۇلغان ھەر قانداق نەرسە؛ ھەر قانداق گۇناھتىنمۇ ئۆتەر زىيانلىق نەرسە نېمە؟ بارلىق مەغلۇبىيەت ۋە بارلىق ئاجىزلىقلار ئۈچۈن قىلىنغان ھېسداشلىق، يەنى خرىستىيانىزم . خرىستىئان دىنى بولسا ھېسداشلىق دىنى ، بىز ھېسداشلىق قىلىۋاتقىنىمىزدا كۈچ قۇۋۋىتىمىزدىن مەھرۇم قىلىنىمىز.»
نىچشېنىڭ پۈتكۈل ۋەزىپىسى يېڭىدىن بىر ئەخلاق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئىدى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ بارغانسىرى ئۆزىنىڭ كېسىلىنى جايلىيالماي قالدى. نىچشې ياشلا ئۆلگەن، شۇنداقلا ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىر كىشى. شۇڭا ئۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە چۆكۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭدا دائىم ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان خرىستىيان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۆزىنى بىرلەشتۈرۈش خاھىشى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئىنتايىن غەلىتە يوسۇندا بىرلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابى «قاراڭلار، بۇ ئادەمگە» دە، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت ھاياتىنى بارلىق قىممەتنى قايتا باھالاپ چىققان بىر سىستېما سۈپىتىدە ئەسلەپ ئۆتتى. بىراق نىچشېدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇنداق بىر سىستىېمىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويمىدى. ئاخىرقى ھېسابتا، كونا سىستېمىلارنى ۋەيران قىلىدىغان يېڭى سىستېما نىچشېدە بارلىققا كەلمىدى.
«بارلىق قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاش ـــ مانا بۇ مېنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قايتا قاراپ چىقشىمنىڭ فورمۇلاسى
مەن تۇنجى راۋۇرۇس ئىنسان بولۇشۇم كېرەك. بۇ مېنىڭ تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن .»
نىتچې مۇقەددەس ئىلاھىيلىك بولمىغان بىر زامانغا ئەخلاق پرىنسىپى تىكلەپ بېرىشنى ئۆزنىڭ ۋەزىپىسى دەپ ھېسابلىدى؛ ئۇ تارىختىكى ئىدىيەلەرنى، لوگىكىنى، بارلىق پەرەزلەرنى سوراققا تارتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئىدى. بىراق مەسىلە بۇزۇشتىن ئۆتۈپ تۈزەشكە كەلگەندە، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش مۇمكىن بولماي قالدى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكۈر ئىدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ ئۆتكۈر پىكىرى ئۇنى بارسا كەلمەس بىر يولغا باشلىغانىدى. نىچشې ئىنسانلارنى ھايۋانلار ۋە ئۈستۈن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆتكۈنچى ھالەت دەپ قارىدى. ئۇنىڭ قويغان سوئالى شۇ ئىدىكى: ھايۋانىيلىق سىزنىڭ تەبىئىيىتىڭىزدە شۇنچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىكەن، ئۇنداقتا سىز مۇشۇ تەبىئىيىتىڭىز بىلەن ئۈستۈن ئادەمگە قانچىلىك دەرىجىدە يېقىنلىشالايسىز؟
1889-يىلى 1-ئايدا، نىچشې تۇرىن كوچىسىدا بىر ھارۋىكەشنىڭ ئىغىر يۈكنى سۆرىيەلمەي يىقىلىپ قالغان ئاتنى قاتتىق قامچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاتقا بولغان ئىچ ئاغرىق ۋە ھېسداشلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۇتالماي، ئاتنىڭ بوينىنى قۇچاقلىغان پېتى ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. نىچشېنىڭ نېرۋىسى غۇلاپ چۈشكەنىدى. ئۆزىنىڭ پۈتكۈل پەيلاسوپلۇق ھاياتىدا، نىچشې ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىقنى ئاجىزلىق دەپ قاراپ چىش تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلغان ھالدا قارشى تۇردى؛ ۋاھالەنكى، ئۇ ساق ھالىتىدە دۇنياغا نامايان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە ھەرىكەت – ئىشارىسىدە، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھاياتلىقتىكى ياشاش ھالىتىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ۋە زۇلۇملۇق ئىكەنلىكىگە بولغان ئىچ ئاغرىتىشى ۋە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىيەلىگەنىدى. نىچشېنىڭ نېرۋىسىدىن ئادېشىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىنسانلاردىن ھالقىپ كەتكەن ئەۋلىيا بولماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا خاس ئاجىزلىقلارغا تولغان بىر ئاددىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىگەنىدى.
نىتچې ئادىشىپ قالغاندىن كېيىن، نىچشې دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ئاندىن گېرمانىيەگە، ئانىسىنىڭ قىشىغا يۆتكەلدى. دوختۇرلار رەسمىي دىياگنوز قويۇپ، نىچشېنى «ساراڭ بولغان» دەپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، سىڭلىسى ئېلزابىت نىچشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. نىتچې ساراڭ ھالەتتە يەنە 12 يىل ياشىغاندىن كېيىن ، 1900-يىلى سەكتە بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.