• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » پوپونا دەرياسىدىن ئات سېلىپ ئۆتۈش

پوپونا دەرياسىدىن ئات سېلىپ ئۆتۈش

پوپونا دەرياسىدىن ئات سېلىپ ئۆتۈش

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

6-ئاينىڭ 15 -كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق قوشۇن جەمى 300 گە قەدەر يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ قوشۇن بىلەن مۇستەھكەم بىر قورغان قۇرۇش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان كەنتنىڭ يۇقۇردىكى پوپۇنا دېگەن كەنتتە ھەربىي بازىز قۇرماقچى بولۇپ، شۇ يەرگە يۆتكەلدى. ئۇنىڭ مەخسىدى قايتا كۈچ توپلاپ تۇڭگانلارنى خوتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. ئەمما دۈشمەننىڭ ھەر تەرەپكە سەلدەك يېيىلغان جاسۇسلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ پىلانىنى تۇيۇپ قىلىپ، پوپۇناغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. جەڭ سەھەردىلا قانلىق باشلانغان ئىدى، دۈشمەن چاققانلىق بىلەن بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئالدىدىكى تۆپىلىكنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. شۇڭا دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى ئۆزىنىڭ ئېگىزلىكتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىپ تۆۋەندە تۇرغا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكەرلىرى ئۈستىگە شىددەتلىك ئوق ياغدۇردى.

تۇڭگانلار يۇقۇرىدا، خوتەن ئەسكەرلىرى پەستە تۇرۇپ ئىتىشقان بۇ جەڭ ئۇچ سائەت داۋام قىلدى. ئېگىزدىن يامغۇردەك قۇيۇلىۋاتقان ئوقلارغا قارشى، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرۇپ، قوراللىرىدىن ئوق ئۇزۇۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكەرلىرى شۇنچىلىك چاققان ھەركەت قىلىلاتتى. ئۇلار ئارقىغا چىكىنىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەي، ئېگىزدىكى دۈشمەننى چەللەپ قوراللىرىدن ئوق ئۇزىۋاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىشى ھازىر ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. چۈنكى دۈشمەننىڭ پىلىمۇتلىرىنىڭ ئوت كۈچى بەكمۇ دەخشەت ئىدى. ئۇلار بىر چەتتىن ئېتىپ، بىر چەتتىن تۆۋەنگە ئۇزۇلدۇرمەي قول بومبىلىنى ياغدۇراتتى. ئالدىغا قارىتىپ تاپانچىسىدىن ئوق ئۇزۇۋاتقان قوماندان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، بۇ ئۇرۇشتا تۇڭگانلارنى يېڭىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، يەنە داۋاملىق ئېتىشسا بارلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قېرىلىپ كېتىدىغانلىغىنى پەملەپ، بىرىدىنلا يۇقۇرغا ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوڭ قولىدىكى تاپانچىسىنى پىلاڭلىتىپ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن: «ھۇجۇمنى توختۇتۇپ، چىكىنىڭلار!» دەپ ۋاقىردى، بۇ ئەمىرنى ئاڭلىغان يەر بىغىرلاپ يېتىپ دۈشمەنگە ئوق ئېتىۋاتقان ئەسكەرلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تۆۋەنگە شۇنچىلىك تېز يۇگرەپ چىكىندى، بۇ جەسسۇر ھەركەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېتىلىۋاتقان پىلىمۇت ئوقلىرىدىن، قول بومبىلىرىنىڭ پارتلاشلىرىدىن ئۆزىنىڭ جانلىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتاتتى. ئەمما لېكىن يەنە نۇرغۇن جەڭچىلەر ئورۇنلىرىدىن قوپالماي، ئەزىز ئانا تۇپراقنى مەڭگۈلۈك باغرىغا بېسىپ يېتىپ قالغان ئىدى. توۋەنگە «شاھ!» دەپ ۋاقىراپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ ئوقلىرىدىن يەنە نۇرغان جەڭچىلەر يەرگە يېقىلىپ، ئىككىچى قېتىم ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئالدىدىكى دەرەخلىككە باغلانغان ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرلىرىنى تىزلىكتە يەشكەن جەڭچىلەر، ئالدىراپ – سالدىراپلا ئۈزەڭگىگە پۇتلىرىنى تىقتىدە، ئاندىن ئۆزلىرىنى ئېگەرگە ئاتتى. بىراق، ئاتقا مىنگەندىن كېيىن قاياققا قېچىشنى بىلەلمەي تەپتىرەپ قىلىشتى. چۈنكى، تۇڭگانلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوشۇنىنى ھەر تەرەپتىن مۇئاسىرغا ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چېكىنىش يولىنى دۈشمەن كۈچلىرى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىغان ئىدى. ئاخىرى مۇھەممەد ئىمىننىڭ بۇغرانىڭ قول ئىشارىتى بىلەن، ئەسكەرلەر مۇئاسىرنى بۆسۇپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، دەريا تەرەپكە قاراپ ئات سالدى. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇئاسىرنى بۆسۇپ قۇتۇلۇپ، دەريا بويىغا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، خەتەردىن تېخى تەل-تۆكۇس قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ئىدى.

قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،
ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان.
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،
خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان (خۇيى ئەسكى).

دەپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەيت قىلىنغان ئاشۇ قوشاقلاردىكى «خۇيى ئەسكى» خەلققە ئوخشاپ قالىدىغان، ئاياقنىڭ ئاستىغا چاپلاشقان سېغىزدەك جاھىل خۇيلۇق تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ ۋەھشى نېيەتلىرىدىن ھېچ يانماي، داۋاملىق ئىز بېسىپ قوغلاپ، دەرياغا بويىغىچە كەلگەن ئىدى.

«كويى قاپتىن چىقتى جىنلار شادلاندى،
تەڭرى كۆردى ئەمما كۆرمەسكە سالدى»

دېگەن، نەزمىلەردىكىدەك تۇڭگانلار ئۆز ئەسكىلىكىدىن شۇنچىلىك شادلىناتتىكى، ئۆز قانخورلىقىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ-تاشقان ئىدى. ئەمما شۇنچە ئەسكىلىكنى كۆرۈپ تۇرغان تەڭرىمۇ راستىنلا كۆرمەسكە سالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى بۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان تۇڭگالار نۇرغۇن بىگۇناھ مۇسالمانلارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولىۋاتاتتى. ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشى ھايۋانىي نىيەتلىرىدىن يانماي، داۋاملىق قان تۆكۇپ، زېمىننى قىزىل رەڭگە بويىغان ئىدى. دېمەككى بەزىدە تەڭرىلەرنىڭمۇ زالىملارنىڭ ئالدىدا چارىسىز قالىدىغان چاغلىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ؟ ياكى بۇ بىر سىناقمىدۇر؟ ۋە ياكى سەۋرمىدۇر؟

ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان دەريا بويىغا كېلىپ، سۈزۈك، ئەمما غەزەپ بىلەن ساقىراپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ ئېقىنغا ئات سېلىشقا پىتىنالمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۈگۈنكى غەلبىسىنى تەن-تەنە قىلىپ، يىرتقۇچ قۇشلاردەك ۋاقىرايتتى، ئاتلىرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن قاپچا سېلىپ، گاھ دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا ئاتلىرىنى چاپتۇرسا، گاھ تۆۋەن ئېقىنىغا چاپتۇرۇپ، دەريا بويىدىكى يۇمران چۆپلەرنى، تولۇق ئىچىلغان لالىلەرنى تەل-تۆكۇس چەيلەپ تىلغاۋەتكەندىن كېيىن، ئارقىسىغا يېنىپ قايتىشقان ئىدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئاللاغا تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان پوپۇنا دەرياسىغا ئات سېلىپ، مىڭ بىر مۇشەقەتتە، ئۇ قېتىغا ساق-سالەمەت ئۆتكەندىن كېيىن، ھېچ ئارام ئالماي، تاغدىن ئەسكەن يازنىڭ كەچكى شامىلىدا، شوخ ساما ئويناۋاتقاندەك تولىمۇ چىرايلىق دولقۇنلىنىپ تۇرغان ياپيەشىل دالىدا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كەتتى. ئۇلار شۇ چاپقانچە 42 كىلومېتىرلىق يول ئالغاندىن كېيىن، دۇئا كەنتىگە خۇپتەندىن ئۆتكەندە ئاران يېتىپ كەلدى. ئۇلار كەنتنىڭ ئىچىگە كىرمەي، سىرتىدىكى كەڭ دالىغا كېلىپ توختىدى.
مانا ئەمدى ئىلچى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، مىڭ بىر مۇشەقەتتە ئۆزىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ئەسكەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ قۇرغان پوپۇنا ئەسكىرى بازىسى پۈتۈنلەي تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكىرى كۈچى شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن ئادەملىرى ھېساپلىنىدىغان، ئۆزى بىلەن باشتىن ئاياق بىر پىكىردە بولغان، ھايات-ماماتلىق جەڭلەردە بىرگە جەڭ قىلغان قوماندانلىرىدىن تۇرسۇن باقى خان، ئىسمائىل داموللام ۋە ئەردەمنىڭ قول ئاستىدىدكى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىن تۆت يىگىت بولۇپ جەمى 200 دىن ئوشۇق قومادان ۋە ئەسكەرلەر شېھىت بولغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلۈ شۇنچىلىك يېرىم، شۇنچىلىك چارچىغان ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىلا ئەمەس، ھەتتا روھىمۇ چارچىغانتى. ئۇ ھازىر ئۆزۈنى بەك يالغۇز ھېس قىلدى. ئەمما ھېچ بىر ۋاقىت ئۈمىدىنى يوقۇتۇپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە چۆكۈپ قالمىدى. ئۇنىڭ قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇۋاتقان يۈرىكى«تەغدىرىمىز مانا ماشۇنداق كاج ئوخشادۇ» دېسە، ئۇنىڭ قۇرۇپ شىلىمشىپ كەتكەن تىلى «سەۋر قىل» دەپ خىتاپ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ جىمجىت، پاراغەت بىر ماكاننى ئىزدەيتى. ئۇ ھازىر ھەقىقەتەن غوۋغاسىز، تىۋىشسىز كەڭ بىر دۇنيانى خالاپ قالغان ئىدى. ئۇ يەردىكى جىمجىتچىلىق ئىچىگە چۆكۈپ، ئۆزۈ ۋە مىللەتنىڭ تەغدىرى ئۈستىدە چوڭقۇر بىر تەپەككۇر قىلىشقا ئىھتىياجى بار ئىدى. چۈنكى ئادەم بەزىدە ئۆزۈنىڭ يىقىنلىرىدىن ئايرىلىپ، غېرىپسېرىغاندا، شۇنچىلىك يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەم شۇنداق ئىزتىراپقا چۆمگەن يالغۇزلۇق ئىچىدە، تېرەن تەپەككۇر قىلالايدۇ.تەپەككۈر قانچە تېرەن بولسا كىشى ئۆزۈنى ۋە ئەتراپىنى شۇنچە توغرا تونۇپ يېتىدۇ. ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزگۈنىڭنى تونۇپ يەتسە، ئۆزۈنى كەشىپ قىلىپ ھاياتنى تونۇپ يېتىدۇ. ئاندىن بۇ دۇنياغا زادى نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭنى بىلىدۇ ۋە ئۆزۈگە يۈكلەڭەن ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىغىنى چۈشىنىدۇ. ئۆز ۋەزىپىسىنى چۈشەنگەن چىغىدىلا ھاياتتا يېڭى بىر يولنى كەشىپ قىلغىنى بولىدۇ ۋە بۇ يوللاردا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ يول ئالغىنى بولىدۇ. ئۇ ئازاپقا تولغان، ھارغىن كۆزلىرىنى كەڭ ساماغا تىكتى. سامادا ئاي ۋە يۇلتۇزلار كۆرۈلمەيتتى، قايغۇ ماتەم بۇلۇتلىرى بولسا توپ-توپى بىلەن لەيلەپ يۇرەتتى. يېنىدىكى ئازغىنە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى شېھىت بولغان سەپداشلىرىنى ئويلاپ، نادامەت ئوتىدا يۈرەكلىرى پۇچۇللىنىپ، پىغان چېكىۋاتاتتى. ئەتراپتا تاغ شاماللىرى يەڭگىل ئۇشقىرتاتتى، تۇشمۇ-تۇشتىن قايغۇ – ھەسرەتلىك ھوۋلىغان بۆرىلەرنىڭ ئاۋازى دالانى بىر ئالغان ئىدى.

ئوت-چۆپلەرنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان پۇراقلىرى ھەريەرگە يېيىلىپ كەتكەنتى. ئېگەرلىك ئاتلار سەۋر-تاقەت بىلەن ئىگىلىرىنىڭ دەردلىرى جۇر بولۇپ، قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ قىمىرلىتىپ-قىمىرلىتىپ قوياتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپنىڭ شولىلىرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بەزى يىگىتلەر چارچاپ ھەممە يېرىدىن تەر ئېقىپ تۇرغان ئاتلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا گېرە سېلىپ ئېسىلىپ، شېھىت بولغان سەپداشلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز پەرياد چېكىشىۋاتاتتى، چارچاش ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللا ئەنسىزلىك ئىچىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئەتراپنى ھوشيارلىق بىلەن كۇزۇتىپ تۇراتتى. بۈگۈن تاڭ ئاتقاندىن بېرى گاھ جەڭگاھتا جەڭ قىلغان بولسا، گاھ جىلغا يوللىرى ئات چاپتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئېقىنلار بىلەن جان تېكىپ ئېلىشقانلىغى ئۈچۈن تەنلىرى شۇنچىلىك ھېرىپ، يۈزلىرى بۇلۇت توسقان ئايدەك خىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار قوساقلىرى ئىچىپ تارتىشىپ كەتكەنلىكنىمۇ بىلمەي يول ئالغانلىغىنى ئەمدىلەدىن سەزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچلىقتىن ئاشقانزانلىرى ئىچىشىپ، دېماقلىرى قۇرۇپ كەتكەنتى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەتراپقا بۇركۇتتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، 50 قەدەمچە يىراقلىقتا كۆرۈلۈپ تۇرغان تۇزلىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاشۇ يەردە غىزالىنىپ، تۇنەشنى قارار قىلدى. بۇ جايىدا ئېلىنغان قاراردىن ھەممەيلەن مەمنۇن بولۇشۇپ، دەرھال ئاتلىرىنىڭ چۇلۋېرىنى ئاشۇ تەرەپكە تارتىپ مېڭىشتى. بۇ يەر تۇپ-تۇز بولۇپ، ئۈستۈنى قويۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر يېپىپ تۇراتتى ھەم ئارىسىدا جىمىرلاپ ئېقىۋاتقان بىر ئېرىقمۇ بار ئىدى. يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئېگەرلەرگە ئارتىلغان خۇرجۇنلېرىنى ئېلىپ، ئاندىن ئاتلىرىنىڭ ئۇلاڭ تۆشلۈكلىرىنى يېشىپ، ئېگەر-جابدۇق، قۇشقۇن ۋە نۇقتا-ئېغىزدۇرۇقلىرىنى بوشۇتۇپ، ئالدى پۇتلىرىغا چۈشەك سېلىپ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق قىرىدا ئېگىز ئۆسكەن ئوتلارنىڭ يېنىغا سوۋۇتۇش ئۈچۈن قويۋەتتى.

ئەسكەرلەرنىڭھەممىسىنى كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان مۇزدەك تاغ سۈيىدە يۇز-كۆزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدىن قانغىچە ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك راھەت ھېس قىلىپ، بۇ دۇنيادا قوساقتىن باشقا ھېچ بىر غېمى يوق ئادەملەردەك خۇرجۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە يەيدىغان نېمەتلەرنى چىقىرىپ، دالىدىن قۇرۇق يۇلغۇن شاخلىرى، سۆكسۆك، توغراق پوستى دېگەندەك ئوتۇنلارنى يىغىپ كېلىپ گۈلخان يىقىپ، گۈزەل بىر سورۇن ھازىشلاشتى. ئەتراپتا ئاتلارنىڭ بوشىغاندىن كېيىنكى ھوزۇرلۇق كىشنەشلىرى، تۈن قۇشلىرىنىڭ ئاستا سايراشلىرى، تومۇزغىنىڭ تىنماي ئۇشقىرتىشلىرى، ئېرىق سۈيىنىڭ تىنماي شىلدىرلاشلىرى كىشى قۇلىقىغا شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەبەيدۇللامۇ خۇرجۇنىدىن ئانىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يىقىپ، قولىغا تۇتقۇزغان يەتتە تال قىيامىغا يېتىپ قىزارغان توقىشىنى ئۇشتۇپ ئوتتۇرغا قويدى. قوسىقى ئىچىپ ھېچ ماجالى قالمىغان ئەردەم دەرھال توقاچتىن بىر پارچىنى ئېلىپ، شۇنچىلىك مەززە بىلەن چايناشقا باشلىدى. توقاچ ھەقىقەتەتن شۇنچىلىك لەززەتلىك ئىدى، ئۇ ئۆز ئۆمرۈدە بۇنداق بىر لەززەتلىك ناننى يىگەنلىكىنى ئەسكە ئالالمىدى. ئۇ توقاچنى چاينىغاچ ئۆز خىيال ئاسمىدا لەرزان قانات قېقىشقا باشلىدى:

«مانا بۇ نانلار ئەبەيدۇللانىڭ چېچى غىۋىدەك ئاقارغان ئانىسى سەيدىنىسەخان ئانىنىڭ قورۇق باسقان قوللىرىدا يېقىلغان نان ئىدى. مانا بۇ نانلار ئېتىزلاردا ساپان سۆرەپ يەر ئاغدۇرۇپ، ئوۋسا قىلىپ يەرنى سۇغۇرۇپ، ئۇرۇقلارنى بىر-بىرلەپ جۇجىلەپ تۇپراققا تېرىپ، مىڭ-بىر مۇشەقەتتە بوي تارتىپ مايسا بولغاندا، ئارىسىدكى ياۋا ئوتلارنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ، ئالتۇن باشاق بولغاندا قاداق باسقان قوللىرى بىلەن ئۆزۈ ئورۈپ، خاماندا تۇلۇق پىقىرتىپ ئۆزۈ تەپكەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىزنىڭ ھالال مېھنەت تەرىدىن پۈتۈنكەن نانلار ئىدى.
بۇ مىللەتنىڭ بەختى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە يەر تىرىپ زىرائەت ئۆستىرىدىغان بىر دېھقان بولسا، ۋاختى كەلگەندە ھېچ ئىككىلەنمەي قوللىرىغا قورال ئېلىپ ياۋ بىلەن جەڭگاھتا جەڭ قىلىدىغان بىر ئەسكەر. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا، ھەممىسى ئوخشاش بىر غولدىن پۈتكەن توغراق تاللىرىدەك بىر نەسەپتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئانا زېمىننى ئۆزىگە ماكان قىلىپ ئۇنىڭگغا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتقان. دېھقانلارنىڭ تەغدىرى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەغدىرى ۋە شۇ زېمىننىڭ تەغدىرى بىلەن بىر تۇتاش».

مەنبە: “يول” ناملىق روماننىڭ “ھىجران يولى” ناملىق بابى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top