You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » جالالىدىن رۇمى ھېكمەتلىرىدىن (4)

جالالىدىن رۇمى ھېكمەتلىرىدىن (4)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سەن، باشقىلارنىڭ ساڭا قىلىشىنى خالىمىغان نەرسىلەرنى، سەنمۇ باشقىلارغا قىلما. چۈنكى، شۇ خۇي، شۇ تەبىئەت سەندىمۇ بار.

ھەقىقەت ئالەمىدە بولسا كۈفۈرمۇ يوق، دىنمۇ يوق، مەزھەپمۇ يوق. دىنلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئايرىم-ئايرىم. ھەقنىڭ نەزىرىدە  دىنلارنىڭ ھەقىقىتى بىردۇر.

خاتا ۋە ئورۇنسىز خىياللار، ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەنچىلەر بىزنىڭ ئىرادىسىز تەبىئىيتىمىزدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ دوستنىڭ خۇيى ئەمەس.

ئەي بەدەن! ئاتنىڭ ئۇستىدە غادىيىپ ئولتۇرماي. پەسكە چۈش! پىيادە ماڭ! بېرىپ بەدەنگە ئائىت ئارزۇلاردىن قۇتۇل. بەدەن ئاتلىرىغا مىنمىگەنلەرگە، ئاللاھ مەنەۋى قانات ئاتا قىلىدۇ.

دۇنيا ۋە ماددى ئارزۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەر بىلەن بېشىڭنى ئاغرىتما.

كۆڭلۈڭ،  ئىچىدە پانى سۆيۇملىكلەرنىڭ خېيالى ئەكس ئەتمەيدىغان ئەينەكتەك پاك-پاكىز بولسۇن.

كۆزۇڭ بىلەن كۆرۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ ئۇ تەرىپىدە چەكسىز بىر ئالەم بولمىسا ئىدى، يېڭىلەر قەيەردىن كىلىپ، كونىلار قەيەرگە كىتەتتى؟

بۇ كۆرۇۋاتقان ئىنسان، رەسىم، شەكىل كىم؟  بۇ پادىشاھ، بۇ بەگ كىم؟ بۇ ئىختىيار ئەقىل نېمىدۇر؟  مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرىنىڭ، يوشۇرۇن سۆيۇملىكىڭنىڭ يۇز ئۆرتۇسىدۇر.

ئاي يۇزلۇك دىلبەرنىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟  ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان ئادەم ناھايىتى ياخشى خۇيلۇق بولۇشى، ھەققى ئىنسان بولۇشى لازىم. ئەسكى خۇيلۇق گۈزەلنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمەيدۇ.

ھەر روھ سېنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىڭدىن بىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ساڭا باغلانغان. بەدىنىمىزدىكى بىر تال تومۇرمۇ سېنىڭ بۇيرۇقىڭسىز سوقمايدۇ.

دوست قۇدۇقنىڭ تىگىدە بولسا، قۇدۇقنىڭ تىگىمۇ خوشال بولىدۇ. دوست تاغنىڭ چوققىسىدا بولسا، تاغ چوققىلىرىمۇ جىلۋىلىنىپ، گۈزەللىشىدۇ.

ئالتۇن، زەرگەرنىڭ بولقۇسى بىلەن تازا ئۇرۇلگغاندىن كىيىن تىخىمۇ چىرايلىق، تىخىمۇ پاقىراق ھالغا كىلىدۇ.

بىز مەيدانغا چىقساق، ئۇ بىزدىن قىچىپ،يىراقلىشىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن قاچساق، ئۇ مەيدانغا چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇ “مەن” لىك، “بىز”لىك سەۋەبىدىن بىزدىن يىراقلاشقان.

سەن ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ، ئىستىگەن بىلەن ئىستەتكەننى بىر دەپ بىل! ئايرىم كۆرۇنگىنى بىلەن ھەرگىز ئايرى دىمە. ئىككى كۆرمە، ئۇلار بىردۇر.

قۇياشنىڭ نۇرى پاكىز نەرسىلەر ئۇستىگىمۇ چۇشىدۇ، پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ ئۇستىگىمۇ.

قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن گۈلمۇ ئۇنىدۇ، تىكەنمۇ.

ئاشىك، ئەسكىلىك بىلەن تولغان بۇ پاسكىنا دۇنيادىن قۇتۇلۇپ، كۆكلەرگە چىقىش ئۈچۈن لازىم. ئەقىل بولسا بىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگۈنىش ئۈچۈن لازىم.

سەۋەپلەردىن باشقا يەنە نىي سىرلار، ئاجايىپ ھەيران قالارلىق شەئىيلەر بار. بۇ سەۋەپتىن دۇنيادا يۇز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يالغۇز سەۋەپلەردىن كۆرگەن ۋە سەۋەپكىلا بېرىلىپ كەتكەن كىشىنىڭ كۆزىنى پەردە تورىۋالغاندۇر.

ئىتلارنىڭ ھاۋشۇشلىرىغا ھەق يولىنىڭ ئاشىقى بولغان كىشىنىڭ  يۇرىگى قىمىر قىلىپ قويمايدۇ.

ئەي روھ ئالەمىدىن بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانلار. ئەجەل يىتىپ كەلگەندە ئۇركىمەڭ، قورقماڭ. بۇ ئۆلۇم ئەمەس، بەلكى ئىككىنچى قىتىم يىڭىدىن تۇغۇلۇشتۇر.

قىرىنداشلىرىم، مېنىڭ قەبرەمگە ھەرگىز داپسىز كەلمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھنى سۆيگەنلەرنىڭ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا بولغانلارنىڭ دەردلىك، ئازاپلىق يۇرۇشى ياراشمايدۇ.

بىر قىتىم بولسىمۇ نەپسىڭنىڭ ئارزۇلىرىغا قارىماي، ئەقلىڭنىڭ ئىستېگىگە ئۇي! چۈنكى، نەپسىڭنىڭ ئىستېكى سېنى ئۇمىدسىزلىككە باشلايدۇ.

سەن، پادىشاھقا ئوۋ بول. ئوۋچىلىقتىن ۋاز كەچ. چۈنكى، ئوۋلىغان ئوۋنى ئەجەل بۇركىتى سەندىن ئېلىۋالىدۇ.

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، بارلىق ئىنسانلار ئۆلۇم زىندانىدا. زىنداندىكى بىرسى، سېنى زىنداندىن قۇتۇلدىرالمايدۇ.

بارىدىغان يەردە يالغۇز قىلىشنى خالىمىساڭ، ياخشىلىق، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان ئەۋلادىڭ بولسۇن.

چىچىلاڭغۇلۇق، پەرىشانلىق، ئىنسانلارنىڭ ئۆزارا چىقىشالماسلىغى داۋاملىق پىتنە-پاساتتىن، ئىككى يۇزلىمىچىلىگىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. راھات، ھوزۇر، بەختلىك ئىشلار ئىتىپاقلىقتىن كېلىدۇ. بىر دۆلەتتە بىرلىك بولمىسا، ئۇ دۆلەت ۋەيران بولىدۇ.

سەن نازلانساڭ، سۆيۇملىكىڭمۇ نازلىنىدۇ. ماشۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ نازلانسا ئايرىلىش يۇز بېرىدۇ. ئەگەر سەن نازلانماي، يالۋارساڭ، يىقىنلاشساڭ يۇزلەرچە ئۇچرۇشىش، قوچاقلىشىشقا مۇيەسسەر بولىسەن.

ھەر مېۋە ۋاختى كەلگەندە چېچەكلەيدۇ، ۋاختى كەلگەندە پىشىدۇ. قاراپ باق نېمە دېگەن تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغان.

سېنىڭ يۇزۇڭمۇ گۈزەل، خۇيۇڭمۇ گۈزەل. بۇلار گۈزەل بولغاچقا ئەلۋەتتە كۆڭلىڭدىكى سىرلارمۇ گۈزەل.

بىلمىدىمكى ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئىستېمىگەن نەرسىنى، نېمە ئۈچۈن باشقىسىغا سىناپ باققىزىدۇ؟

خەلقنىڭ بۇ سۇرەتلىرى، ھەرتۈرلىك زىرائەتلەر، ھايۋانلار، بېلىقلار، قۇشلار قاتارلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىر نەقىشتىن، خېيالدىن ئىبارەت. بۇلارنى ياشاتقان، ھەركەتكە كەلتۇرگەن جاننى ئەجابا كىم كۆرگەندۇ؟

بىز ئۆزۇمىزنىڭ دۈشمىنى. بىزنى ئۆلتۇرگەننىڭ دوستى بىز.

پاك-پاكىز، داغسىز روھلار كۆكلەرگە قاراپ يۇكسىلىدۇ. دۇغ، كىر بولغانلار يەرنىڭ ئاستىغا كىرىدۇ.

ھەقنىڭ نۇرى بىلەن قارىغان كۆز ھەممە نەرسىنى ئوچۇق كۆرىدۇ.

ئىنسان دۇنيا نېمەتلىرىگە ئەسىر بولسا بەكمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ. ئۇلارنى ئايىغىنىڭ ئاستىغا ئالغاندا كۈچلىنىدۇ.

كۆپۇكنى كەتكۇزۇش، يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشقىن، شۇنداق قىلساڭ دېڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلەيسەن. ھالبۇكى سەن، دېڭىزنىڭ كۆپۇكىگە مەستانە بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپ-كۆك گۈزەل يۇزىنى كۆرسەتمەۋاتقانلىغىنى بىلمەۋاتىسەن.

سەن سىرلارنى بىلمەكچى بولساڭ، مەستلەرنىڭ يېنىغا بار. ئۇلار ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئولتۇرماي، ئىزا تارتماي، ھېچ ئىككىلەنمەي سىرلارنى ئاشكارلايدۇ.

قۇياشقا تەتۇر قارىغان كىشى، ئۆز سايىسىنى ئىمام قىلىدۇ. ئۆز سايىسىگە ئۇيىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نامازى ناماز ئەمەس.

سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى، سۆزنىڭ قۇدرىتىنى بىلگەن كىشىنىڭ يېنىدا ئۇلۇغدۇر. سۆز قىممەتلىك بىر نەرسىدۇر. چۈنكى سۆز، كۆكتىن چۈشكەن.

ئەرشىدىن يەرگىچە ئارلىقتىكى  زەررەچىلىك ھەممە نەرسە سۆزلىمەكتە. يەر يۇزىمۇ، ئاڭلاشتا خۇددى ئەرشىگە ئوخشايدۇ.

يالغۇز ئولتۇرۇپ، بېشىنىڭ ئىگىپ تەپەككۇر قاينىمىغا چۆكسەڭ، ئۆتمۇشتىكى خاتالىقلارنى، خاتا كۆز قاراشلارنى بىلىپ، ئۇلارنى تۇزۇتىشكە ئاتلىنىسەن.

مەنبە: “مەۋلانە دەرگاھىدىن دۇردانىلەر” ناملىق كىتابى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top