You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى توغرىسىدا

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى توغرىسىدا

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى توغرىسىدا

ئاپتورى: ئەنۋەر ئەھمەد

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى، يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق رەۋىشتە تەنقىد قىلدى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بىردەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايىتىنى جازالاشتىكى 23 ماددىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ماگنىتسكىي قانۇنى»نى (Magnitsky Act) ماقۇللىدى. بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى، ئەركىنلىكنى قوغداشتىكى كەسكىن مەيدانىنى دۇنيا جامائىتىگە نامايان قىلغان بولدى. بۇنىڭدا گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يېتەكچى تەسىرى، رەئىسلىك نوپۇزى كۈچلۈك ئىجابىي رول ئويناپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلاپ، ھەر-بىرىمىزنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ خىل كەيپىياتنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بىز نېمە مەقسەتكە يېتەلمەيمىز؟ بۇ ئارقىلىق كېلىشىمنى بىكار قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ كېلىشىم ھازىر قانۇنىي كۈچكە ئىگىمۇ؟ ئەگەر قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولسا بىز ئۈچۈن قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۆزۈم ئىزدەنگەن ماتېرىياللاردىن بۇ كېلىشىم توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

ئالدى بىلەن بىز بۇ كېلىشىم توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر.

نۆۋەتتە بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىش، تەييارلىنىش باسقۇچىدا. پرىنسىپ بۇيىچە بۇ خىزمەت 2021-يىلىدىكى بىرىنچى 6 ئاي ئىچىدە تاماملىنىشى بەلگىلەنگەن . 2021-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. قانۇن ئورگانلىرى، قانۇن ماددىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان 27 دۆلەتنى كۆرۈپ چىقىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر كېلىشىمنى كۆرۈپ چىقىپ، ھەر بىر ئەزا دۆلەت ئىمزا قويغاندىن كىيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان، 600 دىن ئارتۇق ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلىدۇ. بېرىلگەن ئاۋاز كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن تەقدىردە ئاندىن بۇ كېلىشىم قانۇنىي كۈچىگە ئىگە بولۇپ ئاندىن ئىجرا قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت تەرتىپى، ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي پرىنسىپ بويىچە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى دېيىلسە كېلىشىم 2022-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. دېمەك بۇ كېلىشىم تېخى قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ۋەزىيەتتە بولماستىن بەلكى بىرىنچى قەدىمىنى ئەمدىلا باسقان بىر شارائىتتا.

ئۇنداقتا بۇ كېلىشىم نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى؟

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى 2012-يىلىدىن باشلاپ، بۇ كېلىشىم توغرىسىدا جەمئىي 35 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق، پاتېنت ھوقۇقى، بازار ئىگىلىكى، ھەر ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ سودىدىكى ئەركىن رىقابىتى، خىتاي كارخانىلىرى بىلەن ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئىمتىياز جەھەتتىكى چوڭ پەرقى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپ سەۋەبلىك ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىگەن ئىدى. ئەمما 2020-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن، 6 كۈنلۈك سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مارافونچە بۇنداق تىز پىكىر ئورتاقلىقىغا كېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

1. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇققا قاراپ يۈزلىنىش دولقۇنى.

2. ئامېرىكىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادى كىرىزىسى.

3. ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىدىكى سۈركىلىشلەر.

4. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى.

5. خىتاي دۆلىتىنىڭ يېڭى يىپەك يولىدا ئېلىپ كېلىدىغان پايدا-زىيانلىرى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن دۇنيا تەرتىپى، يېڭىدىن زورايغان خىتاي دۆلىتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى. ئەسلىدە ئامېرىكىنى مەركەز، ياۋروپانى ئاساس قىلغان رۇسىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئورنى ۋە ئىقتىسادىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە كېيىنكى يىللاردىن باشلاپ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دۇنيا بازىرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى غەرب ئەللىرى «خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن راۋاجلانسا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن ئارزۇ بىلەن خىتاينى تېخنىكا، ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي دۆلىتىنى راۋاجلاندۇرغان، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادى كۈچكە ئايلاندۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي دۆلىتى دۇنيا بازىرىدىكى يەنە بىر مەركەز كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىقتى. خىتاي دۆلىتىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىش، نوپۇزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. شۇنداقلا دۇنيا تەرتىپىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

ئامېرىكا 2018-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى بىلەن ئىقتىسادىي، سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما پىكىر ئورتاقلىقىغا كېلەلمەي، خىتاي دۆلىتىنى يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇپ جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى پەن- تېخنىكا، پۇل- مۇئامىلە سودىسى جەھەتتىمۇ جازالاپ، ھەربىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەر شارى، رايون خاراكتېرلىك مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادى جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىمۇ زور ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر شارائىتتا. ئۆتكەن يىلى خىتاي دۆلىتى، ئوربىتىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قويۇپ بەرگەن 5 راكېتاسى چۈشۈپ كەتتى. يۇمشاق دېتال دىسكىسى ۋە قىسقا دولقۇنلۇق تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشى نۆۋەتتە ئېغىر خىرىستا تۇرماقتا. خىتاي دۆلىتىگە مەبلەغ سالغان كارخانىلار ھىندىستان، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ياپونىيەنىڭ 40% شىركىتى خىتاي دۆلىتىدىن چىكىنىپ بولغان. «دۇنيانىڭ ئەرزان ئەمگەك بازىرى» دېگەن بۇ نام خىتاي دۆلىتىدىن خوشلىشىش ھارپىسىدا تۇرماقتا.

خىتاي دۆلىتى خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكا شۇنىڭدەك خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئەۋزەل ئىمتىيازلارغا خوڭكوڭ ئارقىلىق ئېرىشىشتەك بۇ كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ئايىربۇسقا ئائىت سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل ئىمپورت سودىسىدا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ جازالىدى. گېرمانىيەنىڭ 2006-يىلى باشلىغان، 1230 كىلومېتىرلىق، 7.4 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سالغان رۇسىيەدىن گاز ئىمپورت قىلىش قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ گېرمانىيەنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى 11 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ «تېسلا» ئاپتوموبىل شىركىتى، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، گېرمانىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى سودىسىغا خىرىس پەيدا قىلدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش باھانىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى بىر- بىرلەپ يۈتىۋېتىش نىيىتى بارغانچە روشەنلىشىشكە باشلىدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا قاتارلىق جەھەتتىكى زىددىيەتلەر، خىتاي دۆلىتى بىلەن ياۋروپانى يېقىنلاشتۇرغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادى 2020-يىلى قاباھەتلىك بىر يىلنى بېشىدىن كەچۈردى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى زور چېكىنىشكە دۇچ كەلدى. جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئېغىر كىرىزىستا تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى 447 مىليون 670 مىڭ بولۇپ، يېرىم مىلياردقا يېقىن ئاھالىسىنىڭ نۆۋەتتىكى قاباھەتلىك كورونا دەۋرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نورماللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنداق بىر شارائىتتا ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئېھتىمالدىن كۆپ يىراق. بۇ خىل ئەھۋالدىن پايدىلانغان خىتاي دۆلىتى، نۇرغۇن نوقتىلاردا ئامېرىكا بىلەن كېلىشەلمىگەن شۇنداقلا 7 يىلدىن بۇيان سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلەپلىرىگە تېزلا ماقۇل بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تەرەپ «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى»نىڭ ئىككى تۈرلۈك ئەھدىنامىسى «مەجبۇرى ئەمگەك ئەھدىنامىسى» ۋە «مەجبۇرى ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاپ، ئىجرا قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى خىتاي دۆلىتى تەرەپ، مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى يەنە بىر مەركەزدىن ئىبارەت نوپۇزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرگە كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئۆتكۈنچى قىيىنچىلىق دەۋرىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا قىسمەن دەرىجىدە بولسىمۇ ۋاقىتلىق ياردىمى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ چىشىغا تېگىشنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى شارائىتتا تېخىمۇ شۇنداق.

خىتاي دۆلىتى كېلىشىمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق 3 چوڭ شەھىرىدە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تۈرى ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسى، بانكا، پۇل- مۇئامىلە، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش، ھەتتا باقمىچىلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ساھەلەردە پۇل تېپىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىغان ساھەدۇر. گېرمانىيە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى باقمىچىلىق، يۈرۈشلەشكەن قۇشخانا تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چوشقا باقمىچىلىقى ساھەسىدە دۇنيا بويىچە دانىيە بىرىنچى ئورۇندا، گېرمانىيە ئىككىنچى، گوللاندىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ بۇ ساھە ئىككىلا تەرەپنى جەلپ قىلىدىغان سودا ساھەسىدۇر. ئەگەر كېلىشىم رەسمىي قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولسا خىتاي دۆلىتى ئۆزىگە ئېھتىياجلىق، ئامېرىكا تەمىنلەشتە چەك قويۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلارغا ئېرىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ پۇل تاپىدۇ. گېرمانىيە ئاپتوموبىل ساھەسىدە ھەر 100 ئاپتوموبىلدىن 40نى خىتاي بازىرىدا ساتالايدۇ. خىتاي دۆلىتىدىكى ئوتتۇرھال ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى نوپۇس 400 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ ئىستېمالچىلار ياۋروپا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى خىتاي دۆلىتى بىلەن سودا قىلىشقا ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي دۆلىتىگە 198 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلغان بولسا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مال قىممىتى 362 مىليارد ياۋرو بولغان. ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارى 650 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. دۇنيانىڭ دەۋر چاقى ئىقتىساد بىلەن ئايلىنىدۇ. تىنچلىق ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىساتتۇر.

سۆھبەت جەريانىدا خىتاي دۆلىتى تەرەپ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ 5 گ تۈرىنى ياۋروپا بازىرىدىن چەتكە قېقىلماسلىقنى شەرت قىلىپ كېلىشىمگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تەلەپنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ كەسكىن رەت قىلىپ قوبۇل قىلمىغان.

تۆۋەندە دۇنيا بانكىسى 2019-يىلى ئېلان قىلغان گىرافىكىدىن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە دۇنيا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىگە قارىساق مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.

ئامېرىكا ياۋروپا بىلەن بىرلەشسە خىتاي دۆلىتىگە كۈچلۈك دەرىجىدە قارشى تۇرالايدۇ ياكى خىتاي دۆلىتى ياۋروپا بىلەن ھەمكارلاشسا ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرالايدۇ ۋە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇ خىل تاللاش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ياكى قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. چوڭ دۆلەتلەر سىياسەت بەلگىلىگەندە ئالدى بىلەن ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقايلى، يۇقىرىدىكى سان- سىفىرلارنى سېلىشتۇرايلى، ئەگەر دۇنيا خىتايدەك بىر دىكتاتورنى تاللىغان بولسا بىز ئۇنىڭغا چارىسىز. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز پەقەتلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، ھەرگىزمۇ خىتاي دۆلىتى بىلەن سودا قىلغانلار ئەمەس.

تۆۋەندە كېلىشىمدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كېلىشىمگە قارشى سەلبىي ئىنكاسلارغا قاراپ باقايلى.

كېلىشىم توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىپلا بۇنىڭغا قارىتا دۇنيادا كۈچلۈك قارشى ئىنكاسلار ئارقىمۇ ئارقا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ توغرىسىدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مۇنازىرە بولۇپلا قالماي بەلكى ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قارشى باياناتلىرى، پىكىرلىرىنى توختىماي ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتت پوتتىڭەر شۇنداقلا كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان جو بىدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جاكە سۇللىۋان بىردەك بۇ كېلىشىمدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق بىر ئەقىل ئامبىرى بولغان رھودىۇم گورۇپىسىنىڭ سىياسىي مۇتەخەسسىسى نواھ باركىن: بۇنداق بىر كېلىشىمنى ۋاشىنگتوننىڭ قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە سودا مىنىستىرى فىرانك رىستەر بۇ كېلىشىمگە تېزلا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغىچە، بىز بۇ كېلىشىمگە ھەرگىز قوشۇلمايمىز» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا-خىتاي سودا بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جوەرگ ۋۇتتكە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ بىر مۇكەممەل كېلىشىمدىن تېخى خېلىلا يىراق، تېخى ئەمدىلا تۇنجى قەدەم» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەرند لاڭە ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھىسابىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «سودا سىياسىتى پەقەتلا بوشلۇقنى تولدۇرۇش بىلەنلا مەيدانغا كەلمەيدۇ، بىزنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشمىمىزدە مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىشى كېرەك، بۇ مەسىلە كېلىشىمنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنىڭ ھاياتى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە پولشا تۇنجى بولۇپ بۇ كېلىشىمگە قارشى چىقتى ۋە كېلىشىمدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مۇزاكىرە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گ7 ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، ياپونىيە: سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر گوروھىنىڭ ئەزالىرى تۇنجى قېتىم ئىمزالىق خەت چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلىكتە خىتاي دۆلىتىگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا سىڭىپ كىرىشى، ئۇچۇر، پەن- تېخنىكا ئۆلچىمىنى بۇزۇشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىشىگە قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈپ ئورتاق قارشى تۇرۇش ۋە غەرب ئەللىرىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقان قەبىھ نىيىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى. گ7 سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان تەخمىنەن 70 ئەزاسى بولۇپ، بۇ چاقىرىقنى گېرمانىيە فېدرال پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نوربەرت رۆتتگەن قوزغىغان. چاقىرىق خېتىگە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە گېرمانىيە تەرەپتىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى، گېرمانىيە فېدرال پارلامېنت، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان.

چاقىرىق خېتىدە: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارادا بولسا خەلقئارالىق پىرىنسىپ، سىياسەت، ئەھدىنامىلەرنى ئاياق ئاستى قىلىپ، بىزنىڭ دېموكراتىك، ئەركىنلىك ئاساسىدىكى جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلماقتا. بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەھدىتى ئۈچۈن غەربتىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئورتاق تەدبىر ئېلىپ بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

ئامېرىكا 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۆزىنىڭ كېلەر 10 يىللىق دېڭىز ئارمىيە پىلانىدىكى «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭدا خىتاي دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى ئەمەس بەلكى رەقىبى دېيىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت سىياسىتى خىتاينى رەقىب دەپ بېكىتكەن تەقدىردە، ھاكىمىيەت بېشىغا كىم چىقىشتىن قەتئى نەزەر بۇ سىياسەت ئاسان ئۆزگەرمەيلا قالماستىن بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ ناتو-ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ناتونىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتنىڭ بىرى بولسا كوممۇنىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كېلىشىمگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ نۇقتىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئېنىق يېرى شۇكى ھېچقاچان قارغا قارغىنىڭ كۆزىنى چوقۇلىمايدۇ.

ياۋروپانىڭ ئەقىل ئامبىرى بولغان ياۋروپا تاشقى سىياسەت، تەتقىقات كومىتېتىمۇ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى جانكا ئوەرتەل: «خىتاي دۆلىتىنىڭ 2020-يىلىدىكى دۇنياۋى ئەپتى-بەشىرىسىگە شاھىت بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلار بىلەن بۇنداق بىر ئىشنى قىلىش ئۇلارغا خاتا سىگنال بەرگەنلىك، بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

گېرمانىيەنىڭ خەلقئارادىكى خىتاي دۆلىتى مەسىلىلىرى بويىچە نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان «مەرىچس ئىنستىتۇتى»، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى «2021-يىلى خىتاي دۆلىتى توغرىسىدىكى پەرەز»نى ئېلان قىلدى. بۇ «پەرەز» خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا، خىتاي دۆلىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش، قىيىن مەسىلىلەر شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى مۇناسىۋىتى، گېرمانىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى مۇناسىۋىتى قايسى يۆلىنىشكە قاراپ راۋاجلىنىدۇ؟ قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭغا گېرمانىيەنىڭ 170 نەپەر خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان. ئۇنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. ئامېرىكا-خىتاي دۆلىتى رىقابەت ۋەكىللىكىدىكى گىئوپولىتىك سىياسەت، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەلىك ساھەلىرىدىكى تەدبىرلىرىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى داۋاملىق تەكىتلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېخنىكا جەھەتتە ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىساتنىڭ مۇقىملىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

2. شىجىنپىڭنىڭ ھوقۇقىغا خىرىس پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى ئاجىزلاپ ئەكسىچە ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

3. ئاتلانتىك ئوكيان ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ شۇنداقلا خىتاي دۆلىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ پەن- تېخنىكا، تور ئۇچۇرى ساھەسىدىكى رىقابىتى تېخمۇ كەسكىنلىشىش ئېھتىمالى يۇقىرى.

4. ئانگېلا مەركەلدىن كېيىنكى گېرمانىيەھۆكىمىتى دەرھال خىتايغا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشى مۇمكىن.

66% مۇتەخەسسىس، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دۆلىتى سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىش مۇمكىنلىكىنى، 50% مۇتەخەسسىس ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

6. كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە سان-سىفىر ئاساسىي مۇئەسسەسە ساھەسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دۆلىتىدىن قول ئۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

7. تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىلىشىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي دۆلىتىگە كەسكىن تەدبىر قوللۇنىشى، زەنجىرسىمان تەمىنلەش سېستىمىسىدا خىتاي دۆلىتىگە زىيادە تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، دۇنياۋى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە خىتاي دۆلىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى كېرەكلىگىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ر چە پ – يەر شارىدىكى ئۈچتىن بىر نوپۇسىنى شۇنداقلا دۇنيا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ 30% گە يېقىن مىقدارىنى ئىگىلەيدىغان، بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 15 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان رايون خاراكتېرلىك سودا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىدۇر. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز-ئارا سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. خىتاي دۆلىتى بىلەن ئاۋسترالىيە بۇ ئىتتىپاققا ئەزا ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا كېلىشىمگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەردۇر. ئاۋسترالىيەنىڭ خوڭكوڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلاردا خىتاي دۆلىتىنى كەسكىن ئەيىبلىشى سەۋەبلىك، خىتاي دۆلىتى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆز تاموژنىسىغا تىزىملاتقان ئاۋسترالىيەنىڭ 100دىن ئارتۇق پاراخوتتىكى مېلىنى كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا چېگراسىدىن كىرگۈزمەي، ئايلارچە ساقلاتتى ھەمدە ئاۋسترالىيەگە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە زىيان سالدى. بۇ ئىش ھازىر تېۋتون – دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

ھەممىمىزگە سىر بولمىغىنىدەك رۇسىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداش، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى دۆلەتتۇر. 2020-يىلى باشلانغان ۋە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىككە قارىتا، رۇسىيە ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە سېتىپ بەرمىگەن ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرىنى ھىندىستانغا سېخىلەرچە، تېخنىكىسى بىلەن قوشۇپ سېتىپ بەردى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە شىمالدىكى ئۆلكىلىرى نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان سوغۇق ھاۋانىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ رايونلارنى توك بىلەن تەمىنلەشتە رۇسىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى ئۆز-ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئەمما رۇسىيە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ، مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى بايانلاردىن قىسقىغىنا ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن، دۆلەت ئەربابلىرىدىن تارتىپ دۆلەت تاشقى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ بۇ كېلىشىمگە قارىتا سەلبىي تەسىرى توغرىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمى ئۈستىدە توختالدۇق. بۇ خىل قارشىلىق بەلكىم تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى، كېلىشىمنىڭ رەسمىي قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن يىللارچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

دېمەك ئالدىمىزدا خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭلا مەۋجۇت. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق سەبىيلەرچە بۇ كېلىشىمدە خىتاي دۆلىتى بىلەن ئورتاق پىكىرگە كەلگەن ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرغان، ئەمما ئۇنىڭ ۋەدىگە خىلاپ قىلمىشنى جازالاش تەدبىرى يوق، مانا بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دۆلىتىنىڭ كېلىشىمدىكى ماددىلار بويىچە ئۇنى تولۇق ئىجرا قىلىش ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتسە، شۇنداقلا ئىجرا قىلمىغانلىرى توغرىسىدا ئۇنى جازالاشتىكى كونكېرىت تەدبىر، ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ چىقسا بەلكىم بۇ كېلىشىم ئوڭۇشلۇق ھالدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنى، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى بىلىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتى دۇنيا ئۈچۈن سىر ئەمەس.

ئۇيغۇر-شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، چوڭ كۈچلەر بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت كۈنتەرتىپىدە يەر ئالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز. دۇنيا ۋەزىيىتى تىز ھەم كەسكىن ئۆزگىرىۋاتىدۇ. دۇنيامۇ خىتاي دۆلىتىدىن ئىبارەت بۇ دىكتاتور بىلەن تازىمۇ بىر تار كوچىدا دوقۇرۇشتى.  بىز دىققىتىمىزنى خىرىسقا ئەمەس بەلكى پۇرسەتكە، تالاش-تارتىش، ئەيىبلەشكە ئەمەس بەلكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزغا مەركەزلەشتۈرسەك خەلقىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن بولىمىز ئەكسىنچە بولغاندا بۇ ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىدىن ئىبارەتتۇر. دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك دوستلۇق ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىك مەۋجۇت بولمايدۇ پەقەتلا مەڭگۈلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇتتۇر.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، گېرمانىيە

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.dw.com/de/abkommen-mit-fallstricken-und-fragezeichen/a-56082459

https://www.dw.com/de/merkel-fordert-von-china-besseren-zugang-f%C3%BCr-ausl%C3%A4ndische-unternehmen/a-53778323

https://www.dw.com/de/eu-china-politischer-wille-aber-kein-ergebnis/a-54927095

https://www.politico.eu/article/germanys-drive-for-eu-china-deal-draws-criticism-from-other-eu-countries/amp/?-twitter_impression=true&fbclid=IwAR2txTrqHRFATtlqgY9t5RSkiV0pnRmQHTq0Xs4D6FQ-ZVtUq3wUb36N-RI

https://merics.org/de/briefing/investitionsabkommen-eu-china-selektive-fortschritte-viele-herausforderungen

https://www.dw.com/zh/%E5%AE%A2%E5%BA%A7%E8%AF%84%E8%AE%BA%E4%B8%AD%E6%AC%A7%E6%8A%95%E8%B5%84%E5%8D%8F%E5%AE%9A%E8%B0%88%E5%88%A4-%E5%8C%97%E4%BA%AC%E5%8F%AA%E8%B5%B0%E4%BA%86%E4%B8%80%E7%9D%80%E5%85%88%E6%89%8B/a-56123166

https://www.ipg-journal.de/regionen/asien/artikel/deal-der-superlative-4816/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top