You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » يەتتە قىزلىرىم پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

يەتتە قىزلىرىم پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق

كىرىش سۆز

يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە

تۇپراق ئۈچۈن سەن ئەمەس، جاھان ئەھلى پىدايى،

يەتتە قىزغا ئۆكسىمەس خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى.

يەتتە قىزنىڭ شۆھرىتى ئەل ئىچىگە تارالغان،

ئاشۇ ئۇلۇغ يەتتە قىز پىداكار بوپ يارالغان.

* * *

يەتتە دېگەن ساناقنى مىليون بارماق سانايدۇ،

ھەر ساناقتا يەتتە قىز بارماقلاردىن مارايدۇ.

يەتتە قىزنىڭ شۆھرىتى ئۇنتۇلمايدۇ ھېچقاچان،

ھايات تېخى يەتتە قىز قەلبىمىزدە ھەر زامان.

* * *

1. يەتتە قىزلىرىم پاجىئەسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى

يەتتە قىزلىرىم پاجىئەسى يۈز يىللىق قالماق-مانجۇر ئۇرۇشلىرىدا تولۇق غەلىبە قىلغان مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋېلىپ زورلۇق ۋە ئۆكتەملىك قىلىشى بىلەن باغلانغان چوڭ پاجىئەدۇر. بۇ پاجىئەنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەر مۇنۇلار:

مىلادى 1754-يىلى قالماق خائىنى ئامۇرسانا قانخور مەنچىڭ(1644-1912) قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، 1755-يىلى يازدا ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، 1757-يىلى مانجۇرلارغا ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىسيان كۆتۈرگەن. مەنچىڭ خانلىقى ئەشەددىي كاللا كېسەر جاۋۇخۇينى ئەۋەتىپ، ئىلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە موڭغۇلنى قىرىپ تاشلاپ، 1758-يىلى تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ دەككىسىنى يەپ، 1759-يىلى قايتا ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن يەنە تاجاۋۇز قىلىپ، قاراتاغلىق قۇمۇل ۋە تۇرپان خوجىلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان.

1760-يىلى ئېرىخان خوجىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا كەلگەن ئىپارخان مانجۇرلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، خانبالىققا ئەكىتىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە چيەنلۇڭ ئۇچتۇرپان ئامبىلىغا جىگدە ئالۋىڭى بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

مانجۇرلارنىڭ جۇڭغارلاردىن بەتتەر زالىملار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان خەلق 1765-يىلى 14-فېۋرال كەچ قوزغىلىپ، بىر كۈندىلا شۇ جايدىكى مەنچىڭ قوشۇنىنى يوقىتىپ، ئامبال سۇچىڭ بىلەن ھاكىم ئابدۇللانى ئۆلتۈرۈپ، ئۇچتۇرپاننى قولىغا ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرى چاقىرغان «ئىسلام ئىتتىپاقى» *** دەرھال قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. بىراق مانجۇرلار قوقاق ۋە بۇخارا خانلىرىغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىللە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىپ باستۇرغان. گەرچە بۇ جەرياندا قوزغىلاڭچىلار رەھبىرى رەھمىتۇللا بەگ شېھىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باتۇر ئوغلى ئەسمىتۇللابەگ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ، يېڭىلمەس مەنچىڭ ئارمىيىسىنى نەچچە ئون قېتىم ئۇدا مەغلۇپ قىلىپ، خىتايلاشقان مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ ئاسىيالىقلار ئالدىدىكى يېڭىلمەس نامى يەر بىلەن يەكسان بولغاچقا، چىيەنلۇڭ غەزەپلىنىپ، ئۇچتۇرپان خەلقىنى تولۇق قىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

قەيسەر خەلق ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، سۇ ۋە ئاشلىقتىن قىسىلغاندا، ئاياللار ۋە بىرقىسىم چوڭلارنى 15-ئىيۇل شەھەر سېپىلىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئالتە ئايلىق قارشىلىقتىن كېيىن، بىر قىسىمخائىنلار ئەسمىتۇللاھنى باغلاپ، 14-ئاۋغۇست مەنچىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. مانجۇر قوشۇنى شەھەردە قەتلىئام قىلىپ، ئۇيغۇر نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىغان. ئاز ساندىكى ھايات قالغانلارنى ئىلىغا پالىغان. ئەسمىتۇللاھنىڭ سىرتتىكى مۇلجار تاغلىرىنى بازا قىلغان ئايالى ئانارگۈل باشقا ئالتە قىز سەپدىشىدىن تەركىپ تاپقان پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللەپ، مانجۇر قوشۇنلىرىغا توختىماي زەربە بەرگەن. مانجۇرلار شەھەردىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغان. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئاستا-ئاستا شەھەردىن چىقىپ، مۇلجار تاغلىرىنى قاتمۇ-قات مۇھاسىرىگە ئالغان.

ئەمما چاتقاللىقلار بىلەن قاپلانغان تاغلاردا زادى قانچىلىك كىشى بارلىقىنى مۆلچەرلەپ بولالماي، توختىماي توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئاچلىقتىن ۋە سوغۇقتىن پايدىلىنىپ قىيناپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. 10-ئاي كىرىشى بىلەنلا سوغۇق چۈشۈپ، تاغلاردىكى دەل-دەرەخلەر غازاڭ تاشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن توخۇ يۈرەك مەنچىڭ چېرىكلىرى شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل ئاتقان زەمبىرەكلەردە ساق قالغانلارنىڭ، ئەسلىدەئۆزلىرىگە قارشى ئۈچ ئايدىن بېرى ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ئادەمدىن تەركىپ تاپقان مۇنتىزىم قوشۇن بولماستىن بەلكى، ئاددىي ئاۋامدىن تەركىپ تاپقان يەتتە ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، تاغنى قاتمۇ-قات قورشاپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋنى تارايتىپ تاغ چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. يەتتە قىز ئوقلىرى تۈگەپكەتكەندە تاغ ئۈستىدىكى قورام تاشلارنى دومىلىتىپ، دۈشمەننىڭ بېشىنى مىجىۋەتكەچ، تاغ چوققىسىغا قاراپ چېكىنگەن. زور چىقىم تارتقان نامەردت مەنچىڭ چېرىكلىرى زەمبىرەكلەر بىلەن قارا قويۇق توپقا تۇتۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

قىزلار چېكىنگەچ، يارىدار بولغان قىيامەتلىك سەپداشلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان. ئاقىۋەت، ئۇلار تاغ چوققىسىغا چىقىپ، ھەر تەرەپتىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان دۈشمەن ۋە چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئارىسىدا قالغان. ئاخىرى ئۇلار ئەركەكلەرنىمۇ تەڭ قىسلىقتا قويغىدەك چوڭ ۋە جۈرئەتلىك قارارنى چىقارغان. ئۇلار ھەممىسى ئېگىز تاغ چوققىسىدىن تۆۋەندىكى تېگى يوق ھاڭغا ئۆزىنى ئاتقان. شۇنداق قىلىپ، 1765-يىلى 17-ئۆكتەبىر، 18-ئەسىر تارىخىمىزنىڭ ئۆچمەس ئابىدىلىرى ۋە تىز پۈكمەس ھۆر قىزلىرى بىز بىلەن خوشلاشقان.

بۇ پەيتلەرنى ھەبىبۇللا ئابلىمىت شۇنداق سۈپەتلەيدۇ: ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ 7 ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛۈﺗۈﺭۈﻟۈﭖ، ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ تىترەتتى، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ سىلىدى، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞەدە ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﮪﺎﯕﻐﺎ ﺷﯘڭغۇدى. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ 7 ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭەك ﭘﺎﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ.

ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪھرﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺭﻭﮪﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗۈﺭﯨﻠﺪﻯ، ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼنغان ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ، ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎ ﺑﯘﮔۈنگە ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺪﻯ، ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻰ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳۈﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍڭغۇﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەش ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ! ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ!

ﺑﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ، ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ قەھرىمان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ. ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ قەھرىمانلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ كېتىشتىن ساقلايدۇ .

2. ئۇچتۇرپان قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى

«ئۇچتۇرپان قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن قوقان خانى ئەردەنى بەگ ۋە مىراسخورى ناربوتا بەگ ئۆزىنى «بوغداخاننىڭ ئوغۇللىرى» دەپ ئاتىغان. چيەنلۇڭمۇ ناربوتانى «ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ مانجۇرلار ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ھېچ كۈچىمەيلا قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىرىنى  قارام قىلىۋالغان. بۇ ھالەت جاھانگىر خوجا مانجۇرلارنى ئاغدۇرغانغا قەدەر( 1826) داۋام قىلغان. ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقلىرى مانجۇرلاردىن قۇتۇلۇپ، بىرلىشىپ كۈچەيمەي، ئەكسىچە ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىپ ئاجىزلىشىپ، 1868-1869-1876-يىللىرى چاررۇسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.

ئورۇسلار قازاق دالاسىغا 1747-يىلى غالدان سېرىننىڭ ئۆلۈمىدىن پايدىلىنىپ بېسىپ كىرىپ تاكى 1847-يىلغىچە بويسۇندۇرۇپ، 1854-يىلى ئالمائاتانى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1855-1866-يىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى بارلىق مانجۇر قوشۇنلىرى ۋە مەنچىڭ ھەربىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنى بىتچىت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1867-يىلى 22-ئىيۇن ئاتالمىش «تۈركىستان ھەربىي گېنىرال گونېرناتورلىقى» نى قۇرۇپ، ئون يىل ئىچىدىلا قوقان، خىۋە، بۇخارا ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋالدى. 1869-يىلى مۇزداۋانغا ئەسكەر چىقىرىپ، جەنۇپ-شىمال يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ 150 يىلغا سوزۇلغان دۈشمەنلىكنى باشلىۋەتتى.

3. چاررۇسىيە بىلەن بۈيۈك بېرىتانىيە ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي قۇربانلىق قىلىۋەتكەندىن بۇيانقى يۈز يىللىق قىسمەتلەردىن ئۈزۈندە

1856-يىلى ئاخىرلاشقان قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېڭى چارپادىشاھ قىرىمدا تارتقان زىياننى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كاۋكازىيەگە 150 مىڭ كىشىلىك زامانىۋى ئورۇس ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، كاۋكازغا قايتا تاجاۋۇز قىلغان. كاۋكاز خەلقىنىڭ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش باش قوماندانى ئىمام شامىل ئاددىي قوراللار بىلەن زامانىۋى ۋە مۇنتىزىم زور كۆلەملىك رۇس قوشۇنىنى 4 يىل بىر قەدەممۇ ئالدىغا ماڭغىلى قويماي توسۇۋالغان. رۇسلار 1859-يىلى ھىلە ئىشلىتىپ، ئىمامنى ئەسىر ئالغان. ئىمام مەنسۇردىن ئىمام شامىلغىچە بولغان ئۈچ ئەۋلاد ئىمام چاررۇسىيەنى ساق يۈز يىل كاۋكازدا خورىتىپ، نەچچە ئون تۈمەن تاجاۋۇزچى ئورۇس ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىستىلا قىلىنىشىنى ساق بىر ئەسىر كەينىگە سۈرگەن. ئەمما قوقان، بۇخارا ۋە خىۋەخانلىرى قىرىم ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ ئاچكۆز چاررۇسىيەنى ئۇرالنىڭ غەربىگە قوغلىۋېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىپ كۈچىنى خوراتقان.

قاچار خانلىقى ۋە ئوسمانىلار سۇلتانلىقىمۇ ئىمام شامىلغا دەل ۋاختىدا ياردەم بېرەلمىگەچكە، ئورۇسلار 1864-يىلى پۈتۈن كاۋكازىيەنى تولۇق تىزگىنلەپ «كاۋكازھەربىي ۋالىيلىقى»نى قۇرۇپ چىققان. ئاندىن 1865-يىلدىن 1875-يىلغىچە مەركىزىي ئاسىيادىكى قوقان، خىۋە، بۇخارا ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپلا، 1877-يىلى ئاپرىلدا ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، كاۋكازدىن ھالقىپ شەرقتىكى گرۇزىيە ۋە ئەرمەنىيە تەۋەلىرىنى ھەمدە قارس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئورۇسلار ھەتتا بەدۆلەتنى يوقىتىشتا زوزۇڭتاڭنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى. ئىمام شامىلنى تاشلاپ قويغاننىڭ بەدىلى ئېغىر بولدى. كاۋكازىيەنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۈز يىلدا ئاران بويسۇندۇرغان ئورۇسلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىنى ئون يىلدىلا يۇتۇۋالدى. 1867-يىلى «تۈركىستان ئەسكىرى ۋالىيلىقى قۇرۇلدى». 1870-يىلى «ئىلى سۇلتانلىقى مەسىلىسى ئافغانىستان مەسىلىسى بىلەن باغلىنىپ، ئىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئافغانىستان ساقلىنىپ قالدى».

1871-يىلى 4-فېۋرال ئىمام شامىل ۋاپات بولغان. شۇ يىلى 4-ئىيۇل غۇلجا شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ سۇلتان ئوبۇلئەلاخان تەسلىم بولغان. چارپادىشاھ ئەلاخاننىمۇ ئون يىل نەزەربەند قىلىپ، ئاندىن ھەر ھالداۋەتىنىگە قايتىپ ۋاپات بولۇشىغا يول قويغان. ئۇ «تېرەك بۇزرۇكۋار» غا دەپنە قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئىلى سۇلتانلىقى يۇتۇۋېلىنغان. سادىر پالۋان ئاسارەتنىڭ ئەلىمىدىن 1871-يىلى 14-ئاۋغۇست دەرت يۇتۇپ قازا قىلغان. 1881-يىلى فېۋرالدا مەركىزىي ئاسىيانى بۆلۈشىدىغان مەينەت «پېتىربۇرگ كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئىلى تۇپرىقى چاررۇسىيەگە تەۋە دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، ھازىرقى قالدۇق ئىلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قالدۇق ۋەتىنىمىز مانجۇرلارغا قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.

1996-يىلى «چېچېن مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» بىلەن زىچ باغلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ئىككى مەسىلىدە قارشى تەرەپنى شەرتسىز قوللاشقا كېلىشكەن. لېكىن چېچېنلەر باتۇرلۇق بىلەن ئورۇسلارنى ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ قىلىپ بۇ ئويۇننى بۇزۇپ، 1997-يىلى 5-يانۋار ئورۇسلارنى تولۇق ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. چېچىنلەر ھەتتا شۇ يىلى 12-ماي موسكۋادا بورىس يېلىتسىن ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، رۇسىيەگە چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. بۇ ۋەقەدىن چۆچۈپ كەتكەن باندىتلار ئالدىراپ قول سېلىپ، رۇسىيە ئارمىيىسى چېچىنىيەدىن چېكىنىپ چىققىنىغا دەل بىر ئاي توشقاندىن كېيىن، يەنى 5-فېۋرال ئۇلۇغ رامىزاندا غۇلجىنى قانغا بوياپ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا مىللىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بارغان. چېچېنلەر رامىزاندىن بۇرۇن ئورۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، فېۋرالدا «قوش بايرام» (روزا ھېيت بايرىمى ۋە مۇستەقىللىق بايرىمى) قىلغان. ئەمما سۇيقەستلەر تورى ئىچىدىكى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئۇيغۇر خەلقى سوغۇقى جاندىن ئۆتىدىغان فېۋرالنى روزا ھېيت بىلەن ئەمەس، بەلكى «قوش ماتەم» بىلەن كۈتۈۋالغان. تارىخچىلىرىمىز 1996-يىلى 21-ئاپرىل چېچىنىيە رەھبىرى جەۋھەر دودايېۋ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چېچىنىيەنى قايتا بويسۇندۇرۇش ئىشەنچىسى ئاشقان بورىس يېلىتسىننىڭ تۆت كۈندىن كېيىن، يەنى 26-ئاپرىل خىتايغا زىيارەتكە كەلگەندە جياڭ زېمىن بىلەن دېيىشكەن مەخپىي سۆھبىتى ۋە ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ، خەلقىمىزگە سۇنۇشى كېرەك. چۈنكى غۇلجا قەتلىئامى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانلا تاسادىپىي يۈز بەرگەن پاجىئە ئەمەس، ئەكسىچە ئاز دېگەندە يېرىم ئەسىرنى ئالدىن كۆرەلىگەن دۈشمەننىڭ سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق سۇيقەستى بولۇشى مۇمكىن.

قوشۇمچە ئۇلىنىشلار:

يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئېسىل بىر ئەدەبىي ئەسەر: «ئۇنتۇلماس يەتتە قىزلىرىم روھى»  ‏https://www.akademiye.org/ug/?p=6334

خۇلاسە، ئۈلگە ۋە ئىبرەت ئېلىش، شۇنداقلا كېلەچەكتە ھېساپ ئېلىش ھەر بىر ۋىجدانى ئۆلمىگەن ئۇيغۇر نەسلىنىڭ قەرزى بوپقالدى.

بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

1. مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى مەركىزىي ئاسىيا ئىسلام ئىتتىپاقى

مانجۇرلار 1757-يىلى ئامۇرسانانى قوغلاپ تۇتۇش باھانىسىدە قازاق دالىسىغا، ھەتتا قوقان تەۋەسىگە قەدەر بۆسۈپ كىرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلا ئاۋامنى قالماق دەپ قىرىپ تاشلىغان. ئەقىللىق قازاق خانى ئابلايخان (چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى) مانجۇر-خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈپ خەلقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 8-ئىيۇن ئەل بولغان.

ئامۇرسانامۇ 21-سېنتەبىر سىرلىق ھالدا ئۆلگەن. مانجۇرلار 1759-يىلى تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قوقان، خىۋە ۋە بۇخارا خانلىرى دەرھال سېلىق تۆلەيدىغان قارام ئەل بولۇشنى قوبۇل قىلغان. ئەمما يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، سافاۋىلارنى مۇنقەرىز قىلىپ، بابۇرىلارنى سىنىد دەرياسىغىچە سۈرۈۋېتىپ، 1747-يىلى باش كۆتۈرگەن

ئافغان شاھى ئەھمەد دۇررانىغا ئادەم ئەۋەتىپ مەنچىڭغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ياردەم ۋەدىسىگە ئېرىشكەن ئۇچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇدا يەتتە ئاي ئۆزى يالغۇز كۈچلۈك مەنچىڭ ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان. ئاقماس ئىتتىپاق ياردەمگە كەلگىچە ئۇچتۇرپان خەلقى قىرىپ تاشلانغان. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن قوقان ۋە بۇخارا خانلىرى دەرھال ئىسلام ئىتتىپاقى باش قوماندانى ئەھمەد شاھنى كەتكۈزۈۋەتكەن. ئەھمەد شاھ قايتىش يولىدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىنى ئۆلتۈرۈپ، مانجۇرلارنى چىللاپ كەلگەن بەدەخشان ھۆكۈمدارى سۇلتان شاھنى يوقىتىپ، بەدەخشاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.

شۇنداق قىلىپ، خەلقىمىز چوڭ ئۈمۈد كۈتكەن، 1763-يىلى مەنچىڭغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇپ خوجەنتتە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاقماس ئىسلام ئىتتىپاقى ئۇچتۇرپان جىگدە يېغىلىقىدا ئۇيغۇر خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويغان. دەسلەپ ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ بۇ ئىسلام ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان قوقان ۋە بۇخارا خانلىرى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ كېيىن ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بار كۈچى بىلەن بۇ ئىتتىپاقنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىدە ئىتتىپاقنىڭ باش قوماندانى ئافغان شاھى ئەھمەد شاھ قوشۇنلىرىنى ئامۇ دەريا بويىدىكى خوجەنتتىن قايتۇرۇپ كەتكەن. ئۇ يول ئۈستىدە يۇقىرىقى پالاكەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بەدەخشان ھاكىمى سۇلتان شاھنى ئۆلتۈرۈپ، دۆلىتىنى قوشۇۋالغان. مەنچىڭ خانلىقى بۇ خائىننى ئەسلەپمۇ قويمىغان. (قەشقەرىيە-گېنىرال كوروپاتكىن).

2. خوجىلارنىڭ قاتىلى سۇلتان شاھنىڭ ئاقىۋىتى

مىلادى 1759-يىلى 5-ئىيۇل مانجۇرلار يەكەننى ئىشغال قىلىپ، ئۇدا بىر ئاي قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئاۋغۇستتا ئاكا-ئۇكا خوجىلارغا قارشى بەدەخشانغا قوشۇن تارتقان. دەسلەپتە «مەنچىڭغا قارشى ئاتالمىش ئىسلام ئىتتىپاقى» نىڭ قوللىشىدا مانجۇرلارغا قارشى تۇرماقچى بولغان بەدەخشان ھاكىمى سۇلتان شاھ خائىنلىق قىلىپ، ئىككى ئايغا يېقىن يالغان كاپالەت جەريانىدا جاۋخۇيدىن نۇرغۇن پۇل ۋەدە ئېلىپ، 17-ئۆكتەبىر ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى ئالغان. سەزگۈر ئىپارخان دەرھال قېيناكىسى چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ كىچىك ئوغلى سالى (سامساق) خوجىنى ئېلىپ، خوجا بۇرھانىدىننىڭ باشسىز جەسىتىنى قورالكۈچى بىلەن تارتىۋېلىپ، خەتەرلىك تاغ يوللىرى بىلەن پامىرغا كىرىپ كەتكەن. نويابىردا بۇ خائىن تەنسىز باشلارنى جاۋخۇيغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاۋخۇي خان خوجىنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ چيەنلۇڭدىن زور ئىنئام ئالغان. (ئافغانىستان تارىخىدا بۇ ئېچىنىشلىق ۋە زور پاجىئەلىك ۋەقە ئالاھىدە خاتىرىلەپ قويۇلغان).

ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ 256 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىنىپ ئاۋامغا سۇنۇلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top